قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1236|ئىنكاس: 5

ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﺋﻪﻻ : ﺗﺎﺵ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺦ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

1

دوست

4552

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 13:33:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاش ۋە تارىخ

مەڭگۈ تاشلار ھەققىدە پەلسەپىۋى يازما




       تاش دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان جىسىمدۇر. ئۇ ھەممە يەردە تېپىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ھېچكىم دىققەت قىلمايدۇ. ئۇنىڭ قارىماققا قاتتىقلىق، چىڭلىق ۋە چىدامچانلىقتىن باشقا ھېچ قانداق ئالاھىدە خىسلىتى يوقتەك بىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ئالاھىدىلىكى دەل ئۇنىڭ ناھايىتى ئاسانلا ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي: ئۆزىنى تاشقى دۇنيادىن توختاۋسىز يوسۇندا كېلىپ تۇرىدىغان ئەرزىمەس ۋە كېرەكسىز سەزگۈ ئۇچۇرلىرىدىن قوغداش ئىنسان مېڭىسىنىڭ نۇرغۇن فۇنكسىيىلىرى ئىچىدىكى مۇھىم بىرىدۇر. بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارغا — مەسىلەن، تاشقا ئوخشاش ناھايىتى ئادەتتىكى جىسىملارغا ئالاقىدار سەزگۈ ئۇچۇرلىرىغا — دىققىتىنى بەرمەسلىك مېڭىنى ئۇچۇرلارنىڭ چەكسىز زەنجىرىنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ؛ ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، ئىنسان ئېڭىنىڭ يېپىقلىقى تەھلىكىگە ئۇچرايتتى، نەتىجىدە ئۇنىڭ تاشقى دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھالىتى — ئىچكىيلىك بىلەن تاشقىيلىقنىڭ پەرقى — يوقاپ كەتكەن بولاتتى.

        ئاڭنىڭ ئۆزىگە خاس تىرەنلىكى بار ياكى ئۇ ئىنساننىڭ ئىچكىلىكىنىڭ كۆرۈنمەس ۋە ماددىسىز تىرەنلىكىدۇر؛ ئۇ سۇبيېكتىپلىقنىڭ بىر پۈتۈنلۈك، مۇستەقىللىق ۋە يەككىلىك ئارقىلىق پاسىللانغان تىرەنلىكىدۇر. ئاڭ ئىچىدىن بوغنۇققان بولماستىن، تاشقىي دۇنياغىمۇ يۈزلەنگەن بولىدۇ؛ بۇنىڭدا سەزگۈ ئەزالار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان سەزگۈلەر ئىچكىلىك بىلەن تاشقىلىقنى تۇتاشتۇرغۇچى ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ ئىچكىلىك بىلەن تاشقىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى ئاددىيلاشقان چۈشەندۈرۈلىشىدۇر، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ تاشقى دۇنيا، باشقا سۇبيېكىتلار ۋە ئۆزىمىز بىلەن بولغان مۇرەككەپ مۇناسىۋەت جەريانىغا ئاڭ تەرىپىدىن تاللانغان خاتىرىنىڭ (ئەسلىمىنىڭ) قاتنىشىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. ھېنرى بېرگسوننىڭ قارىشىچە، ئاڭ ئىنسان بەدىنى ئارقىلىق ھازىر ئارتقۇرۇلماقچى بولغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان خاتىرە ئوبرازلىرىنى قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدىن تاللايدۇ①. بۇ ئاڭنىڭ ناھايىتى ئۆزگىچە بولغان فۇنكسىيىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاڭ ھەر ۋاقىت رېئاللىقتا بىز ئېھتىياجلىق بولغان تەجرىبىلەرگە ئالاقىدار بولغان بارلىق ئەسلىمىلەرنى شۇ ھامان بىزنىڭ ئىچكى سەزگۈمىزگە يوللاپ تۇرىدۇ. ئادەمنىڭ تەجرىبىسىنىڭ ئىچىدە گەرچە (ھازىر) دا ئېرىشىلگەن تەجرىبە ئەڭ چىن ۋە ئاڭ رېئال تەجرىبە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كۆپ ھاللاردا ئۆتمۈش توغرىسىدىكى ئەسلىمىلەر بىلەن بىز سېزەلمىگۈدەك دەرىجىدە بىرىكىپ كېتىدۇ. ئادەم ھازىردىلا ئەمەس بەلكى ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنىڭ توختاۋسىز مۇناسىۋەتلىشىش نۇقتىسىدا ياشايدۇ (ئەلۋەتتە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادەمنىڭ ھازىر) دىكى تەجرىبىسىگە كەلگۈسىنى قىياس قىلىش ۋە كۈتۈش شەكلىدىكى سەزگۈلەشمۇ ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. يەنى ئادەمنىڭ ھازىرقى مومېتىلىق سەزگۈ-تەجرىبىسىگە ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمە بىلەن كەلگۈسىنى غۇۋا قىياس قىلىپ مېڭىش سەزگۈلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ھەربىر «ھازىر» ۋە ئۇنڭىدىكى سەزگۈرلەر شۇ ھامان ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ ھەمدە يېڭى«ھازىر» سەزگۈمىزگە كىرىدۇ. لېكىن ئۆتمۈشكە ئايلانغان «ھازىر» يوقىلىپ كەتمەستىن، بەلكى ئۆزى مۇناسىۋەتلەشكەن باشقا ئەسلىمە شەكىللىرىگە خۇددى رېئاللىقتىكى ئەسلىدىكى ھالىتى بويىچە باغلىنىپ ۋاقتىنچە يوشۇرۇنلۇققا ئۆتىدۇ. ئەگەر بۇ ئەسلىمىلەر بىزنىڭ ھازىرقى تەجرىبىمىزگە ئالاقىدار بولسا، ئاڭ ئۇنى شۇ ھامان بىزنىڭ دىققىتىمىزگە ئېلىپ كېلىدۇ — ئەسلىمە مۇشۇ شەكىلدە ھازىردىكى تەجرىبىلەرگە تەكرار - تەكرار قاتنىشىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى ئېھتىياجىمىزغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولمىغان باشقا خاتىرە ئوبرازلىرى كۆپ ھاللاردا ياكى ۋاقىتلىق بېسىپ تۇرۇلغان بولىدۇ. تاشنىڭ خاتىرە ئوبرازى، مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، خاتىرىنىڭ ناھايىتى يوشۇرۇن ۋە ھەتتاكى ئۇنتۇلغان بوشلۇقىدا ساقلانغاچقا، ئۇنىڭ ئەسلىنىشى ۋە شۇ ئارقىلىق رېئاللىققا قايتا قاتنىشىشى سىرتقى دۇنيادىن كېلىدىغان مۇۋاپىق ۋە كەلگۈسىگە يۈزلىنىدىغان ئۇچۇرنىڭ غىدىقلىشىغا موھتاج. خۇددى ئانچە مۇھىم بولمىغان باشقا جىسىملارنىڭ خاتىرە ئوبرازلىرىغا ئوخشاش، تاشنىڭمۇ خاتىرە ئوبرازى كۆپ ھاللاردا پراگماتىك مېڭىنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.

         «تاش قوراللار دەۋرى» دىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، تاش ھاياتلىقنىڭ كاپالىتى بولۇپ، ئۇ ھاياتنى پاناھگاھ ۋە ئوت بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئاۋۇندۇراتتى، گۈللەندۈرەتتى ۋە ساقلاپ ماڭاتتى. بۇ يەردە بىز تەبىئەت بىلەن مەدەنىيەتنىڭ بىر - بىرىدىن ئايرىلمايدىغان ناھايىتى مۇرەككەپ مۇناسىۋىتىگە شاھىت بولالايمىز: تەبىئەتتىكى ئەڭ تەبىئىي جىسىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاش ناھايىتى كۈچلۈك مەدەنىيەت مەنىسىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن. كۆپ ھاللاردا ئېيتىلغىنىدەك، مەدەنىيەت ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ تەبىئىيلىكىنى (تەبىئەتكە تەۋە بىر جانلىق بولۇشىنى) ئۆزگەرتىشى، ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشى ۋە ھەتتا ياتلىشىشى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ دەپ قارالسىمۇ، تەبىئىيلىك ياكى تەبىئەت كۇلتۇرغا ئارىلاشقان ھالەتتە بولىدۇ. دېمەك، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى قېلىن پاسىل تارتىش ھېچ بولمىغاندا بىز مۇھاكىمە قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى تېمىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، شۇ نەرسە بىزنى ھەيران قالدۇرمايدىكى، قەدىمدىن بېرى كۆپ خىل كۇلتۇرلارانىڭ ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئىدېئاللاشقان ۋە يۈكسەلگەن شەكىللىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز ئىزناسىنى تاش ئارقىلىق ياكى تاشقا قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بارلىق مەدەنىيەتلەر دېگۈدەك ئۆزلىرىنىڭ سەلتەنىتىنى ئىنسانىڭ خاتىرىسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلىرىغا ئەسلىمە شەكلىدە قالالايدىغان قاتتىق، چىداملىق ۋە ئۇيۇل جىسىم بولغان تاشقا ئويغان. تاشنىڭ ئۆزگەرمەس يۈزى كىملىكنىڭ (سالاھىيەتنىڭ) — ئۆزلۈك ئوخشاشلىقىنىڭ — ۋەدىسى بوپ كەلدى. ئىنسانلار تەرتىپسىز ھالەتتىكى تاشلارغا تەرتىپ ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ گارمونىيىلىك، داۋامىي ۋە تىنچ ھاياتقا بولغان تەلپۈنىشىنى ئىپادىلەپ كەلدى. سەنئەتنىڭ ئەقەللىي قانۇنىيەتلىرىدىن بولغان گارمونىيىلىك ماسلىشىشچانلىق (سىممېترىك قۇرۇلما) تاشتىن قوپۇرۇلغان بىناكارلىق ۋە گۈزەل سەنئەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بۇ تەرتىپ ئارقىلىق ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىپتىخارلىنىشى، ئىشىنىشى، قورقۇنچى ۋە غايىسىنى ھېس قىلدى. بەرجەس قامەتنى يارىتىشقا زۆرۈر بولغان ناھايىتى ئىنچىكە تۇيغۇ، ئۇلغىيىۋاتقان كۈچكە بولغان تەلپۈنۈش، مەڭگۈللۈك ھاياتقا بولغان توختاۋسىز ئىستەك قاتارلىقلار تاش سەنئىتى ئارقىلىق ماددىيلاشتۇرۇلدى — تاشقىيلاشتۇرۇلدى. تاش سەنئىتى ئۆزىنىڭ تۈرگۈن جىسمىدا ئىنساننىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك قوزغىلىشى بولغان ھاياتلىق ئىرادىسىنى ئېلىپ ماڭدى. يىغىپ ئېيتقاندا، تاش قەدىمدىن ھازىرغىچە ھەممە ئەلدە، ھەممە ۋاقىت ئىنسان بىلەن تىنىقداش بولۇپ كەلدى: پىچىرلاپ ئېيتىلغان دۇئالار قەدىمكى ئىبادەتخانىلارنىڭ قالدۇقلىرىدىن ھېلىھەم ئەكس سادا قايتۇرۇپ؛ تاشلىۋېتىلگەن قورغانلار يۈكسەك تەنھالىقنىڭ قىزغىنلىقىغا چۆمگىنىچە جىممىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇردى؛ تاشقا ئايلانغان ئادەم بەدىنى ۋاقىت يوقىتىۋېتەلمىگەن ھارارىتىنى سۇس تارىتىپ كەلدى؛ بۇزۇلغان ھەيكەل ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى گۈزەللىكىگە ئۆزىگە تىكىلگەن ئادەمنىڭ نەزەرى ئارقىلىق قايتىدىن ھاياتلىق ئاتا قىلشىقا تىرىشتى…

            ۋەھالەنكى، تاش ساقلانغىلى بولمايدىغان زىتلىققا ئىگىدەك قىلىدۇ: ئىلگىرى ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئەڭ ئەرزىمەس جىسىم بولۇشىغا قارىماي، تارىخنىڭ ئەڭ تىرىك ۋە ئەڭ مۇھىم قىسمى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلىنغان ۋە ساقلانغان. گەرچە ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كەتكىلى بولسىمۇ، ئەسلىمە بەزىدە ئۇ ئارقىلىق ئۆتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى ئادەمگە ئېغىر، قارشى تۇرغۇسىز ۋە ئۇزاققا سوزۇلغان ماتېرىيال بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن قالدۇرىدۇ. تاشنىڭ سوغۇق كەلگەن كۆرۈمسىز ماتېرىياللىقى ھەم ئۇنتۇلىدۇ ھەم ئۇنتۇلمايدۇ: بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى ئۇنىڭغا ئىمزادەك ئۇرۇلغان قىممەتتۇر. ئۇنىڭغا ئويۇلغان ھەر بىر خەت ۋە شەكىل دەل تارىخنىڭ ئىمزاسىدۇر — ئۇنىڭدا ھەقىقىيلىق ۋە ئەسلىلىك بار. ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يوقالماي داۋاملىشىشى كېرەك بولغان قىممەت بەزىدە تاشقا ھاۋالە قىلىندى، چۈنكى تاش ئەۋلاد بىلەن ئەجداد ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۇلىيالايدۇ. ئۇ سۇلالىلەردىن ھالقىيالايدۇ ۋە تارىخ بىلەن بىللە ئۆرە تۇرالايدۇ. ئۇ ۋاقىتنى «توختىتىپ» قويالايدۇ. ماكاننى بولسا پىرىسلاپ، خۇددى تارىم ئويمانلىقىدىن يېقىندا قېزېۋېلىنغان مومياغا ئوخشاش ئابىدىگە ئايلاندۇرىۋېتەلەيدۇ. تاش قاتتىق ھەم ئۇزاق ياشايدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزىگە ئارتقۇرۇلغان قىممەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يۈكسەلدۈرىدۇ ۋە ئۇزاققا ئېلىپ ماڭىدۇ.

          ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ۋە مىللەتلەرنىڭ تاشنىڭ قىممىتى ۋە مەنىسىنى چۈشىنىشى ئوخشىمايدۇ. دۇنيادىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇرلار تاشقا قارىتا ناھايىتى سېزىمچان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەت قۇرغان. بۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ باي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن، مىمارچىلىقىدىن ۋە باشقا سەنئەتلىرىدىن، كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. تاشنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئالاھىدە فۇنكسىيە ئارتقۇرۇشى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەسلىك قارىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ مۇقەددەسلىك ئالدى بىلەن ئۇلار قوغداپ قالماقچى بولغان ۋە تاكى قىيامەتكىچە داۋاملىشىشىنىنى ئۈمىد قىلغان قىممەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىدىكى مۇقەددەسلىك ئېڭىنىڭ ئىپادىسى بولغان مەڭگۈ تاشلار بىزنىڭ ئۇلارنىڭ روھىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلىرىدىكى بىزگە ھازىرغىچە ئايان بولمىغان ياكى نەزەردىن ساقىت بولۇپ كېلىۋاتقان ئامىللارنى چۈشىنىشمىزدىكى ئالتۇن ئاچقۇچتۇر. مۇھاكىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ھاياتىدا مۇقەددەس دەپ قارالغان تاشلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ھاياتلىق ئېڭىدا تۇتقان ئەھمىيىتىنى تەھلىل قىلىشتىن باشلىنىدۇ.

تارىخ دېگەن نېمە؟ بۇنىڭغا بېرىلگەن، بېرىلىۋاتقان ۋە بېرىلىدىغان جاۋابلارنىڭ خىلمۇ خىللىقى، مۇرەككەپلىكى ۋە بەس - مۇنازىرىگە تولغانلىقىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا نۆۋەتتىكى مۇھاكىمىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبلىك تۆۋەندىكى بايانلار ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ تەھلىلىنى كونترول قىلماقچىمەن. تارىخ ناھايىتى تار دائىرىدىن ۋە ھازىرقى مۇھاكىمىنىڭ لوگىكىلىق تەرەققىياتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھادىسىلەرنىڭ جەريانلىرىنىڭ يۈز بېرىشى، ئەسلىنىشى (ئۇنتۇلۇشىنىمۇ) ئىبارەت مۇرەككەپ بىلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەممىگە ئايان تەبىردۇر. شۇنى تەكىتلىمەكچىمەنكى، ئونتولوگىيىلىك مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارىخ مۇئەييەن ماكان ۋە زاماندا يۈز بەرگەن ئىنسان پائالىيەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بولغان ئەسلىمىنىڭ — ئەسلىمىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنىڭ — سىستېمىلاشتۇرۇلغان شەكلىنىڭ ئۆزىدۇر. خۇددى ئادەمسىز پائالىيەت بولمىغاندەك، ئەسلىمسىز تارىخمۇ بولمايدۇ. بىز ئەسلىمە ئارقىلىقلا ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىشىدىغان سۇبيېكتىمىزنىڭ ئوخشاش كىملىكتە بولالىشىنى ساقلاپ قالىمىز. (خاتىرىسىز ئاڭنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغىنىدەك، ئاڭقىرىلمىغان خاتىرىسىز كىملىكنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى كىملىك ۋە ئۇنىڭ بىردەكلىكى خاتىرىنىڭ بىردەكلىكى، بىر بىرىگە باغلىنىشى ۋە بىر پۈتۈنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ ۋەھالەنكى خاتىرىنىڭ بىردەكلىكى بولسا ئاڭنىڭ، يەنى مۇئەييەن شەخسكە تەۋە بولغان يەككە ئاڭنىڭ، بىردەكلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.) يەنە شۇ ئەسلىمە ئارقىلىق ھادىسىلەرنى ۋاقىتنىڭ ھېچنېمىگە پەرۋاسىز ئېقىنىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇلارنى ۋەقەلىك سۈپىتىدىكى تارىخ سۈپىتىدە بايان قىلىمىز. دېمەك تارىخ تىرىكلەرنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈستىدىن يازىدىغان گۇۋاھلىقدىدۇر. تارىخ ھادىسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ سۇبيېكتنىڭ ئىرادىسىنىڭ ھەم قاتنىشىشى ھەم قاتناشماسلىقى ئارقىلىق بوشلۇقتا — ماكان ۋە زامان بوشلۇقىدا —«ئايان بولۇشى»، «ئاشكارىلىنىشى» ۋە «ئېچىلىشى» دۇر.

        ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، سۇبيېكتىپلىق ھەر زامان ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبكارى ۋە باشلىغۇچىسى ئەمەس؛ دەل ئەكسىچە، ھادىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى سۇبيېكتىپلىققا ئۆزىنىڭ كۈچى، تاسادىپىيلىقى، «ھازىر بولۇشى» ۋە زىلزىلىسى ئارقىلىق يۈز بېرىدۇ. ئادەم ھەر زامان ئۆز بېشىغا كېلىدىغان كەچمىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبكارى بولالمايدۇ، باشقا ھادىسىلەر دۇنيادىكى ھادىسىلەرنىڭ ئىچىدىكى يېگانە ھادىسە سۈپىتىدىكى ئادەم مەۋجۇتلۇقى ئارقىلىق ئۆزىنى مەۋجۇتلايدۇ — ھادىسە ئادەم ئارقىلىق ئەمەس، ئادەمگە يۈز بېرىدۇ.

          ئەمدى ماقالىمىزدىكى مەركىزىي مەسىلىگە قايتىپ كېلەيلى. مەڭگۈ تاشلارنى قوپۇرۇشنىڭ ئونتولوگىيىلىك ئەھمىيەتلىرىنىڭ بىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ ھادىسىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۇيغۇرلاردا روي بېرىشىدىكى ئەڭ تىرىك پۈتۈكتۇر — ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيەت تارىخى ھەققىدىكى تاش پۈتۈكتۇر، چۈنكى ئۇنىڭدا بۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ قانداق «ئايان بولغانلىقى» «ئايان قىلىنغان». ئۇنىڭ بىز تۆۋەندە تەتقىق قىلماقچى بولغان ئۈچ خىل مەنىسى بار. بۇلار ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.

ئۇنىڭ بىرىنچىسى شۇكى، مەڭگۈ تاشلارنىڭ تىكلىنشى دەل ئۇيغۇرلاردىكى ئۆزلۈك - ئېڭىنىڭ مۇستەھكەم تىكلىنىشىدۇر — بۇ ئۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى كۆرسەتسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ئۆزلۈك - ئېڭى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش تەرىزدە ئاڭقىرىلمىغان (ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ بۇ خىل تەكشىسىز ۋە پەرقلىق بولۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تارىخىدىكى سەلبىي، ھەتتاكى قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە توختالمايمەن.) شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى ئۆزلۈك - ئېڭىغا ئىگە بولۇشى كېرەك بولغان خەلققە ئاتاپ تىكلەنگەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. شۇڭلاشقا، مەڭگۈ تاشلار «بىز» — «ئوزىمىز» — نىڭ ھازىر كىم ئىكەنلىكىمىز ۋە كىم بولۇشىمىز كېرەكلىكى بىلەن «ئۇلار» — «ئۆزگىلەر» — نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىشنى مەقسەت قىلغان پاسىلغا ئوخشايدۇ.

پەلسەپىۋى نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۆز بىلەن ئۆزگە ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزلۈك - ئوبرازى ۋە ئۆزلۈك ئويلىنىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. گېرمان پەيلاسوپى خېگېلنىڭ قارىشىچە، روھ ئۆزىگە ئۆزگىدە ۋە ئۆزگە ئارقىلىق قايتىشىنى ئىزدەيدۇ: بۇ دەل ئاڭدىن ئۆزلۈك - ئېڭىغىچە بولغان توختاۋسىز ھەرىكەتتۇر. يەنى، ئاڭ ياكى روھ دەسلىپىدە ئابستراكت، قۇپقۇرۇق ۋە ئۇقۇملۇق بولغاچقا، ئۇ ئۆزگىگە ئارتقۇزۇلغان ھەرىكەت ئارقىلىق كونكرېتلىققا، تولۇقلۇققا ۋە سەزگۈلۈككە ئىگە بولۇشنى ئىستەيدۇ؛ بۇ دىئالېكتىكىلىق جەريان ئۆزلۈكنىڭ تويۇنغان شەكلىگە، يەنى ئۆزلۈك - ئېڭىغا، ئىگە بولۇش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ②. مۇنداقچە ئېيتقاندا، روھ ئالدى بىلەن ئابستراكت ۋە قۇپقۇرۇق بولۇپ، ھېچقانداق مەزمۇنغا ئىگە ئەمەستۇر، ئۇ پەقەت ئۆزىنى دۇنيادىن ئىبارەت بۇ تاشقى شەكىلگە ئىگە يۈزلىنىش ئارقىلىق ئۆز ئىچىدىن بۆلىنىپ، ئۆزىگە ئۆزى ئۆزگە بولىدۇ — ئۆزىنى ئۆزگىلەيدۇ. بۇ ئۆزلۈك يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماكان ۋە زاماندا تاشقىيىلىشىپ ئۆزىنىڭ تارىخىيلىقىنى نامايان قىلىدۇ. ئۆزىدىن ياتلىشىپ ئۆزىنى دۇنيالىقم يەنى تاشقى دۇنيالىق، شەكلىگە ئىگە قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق تارىخىيلىققا ئىگە بولۇش دەل روھنىڭ مەزمۇنلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن روھ ئۆزىنىڭ يەنە بىر خىل ئۆزلۈكى سۈپىتىدىكى ئۆزگە بولغان دۇنيادىن ئۆزىگە مۇنۇ تەكرالانما شەكىلدە قايتىدۇ. روھ←ئۆزگە←ئۆزلۈك ئېڭى. مەسىلەن، روھنىڭ ئۆزىدىن ياتلىشىشى ئارقىلىق تاشقىيلىشىشىنىڭ ھاسىلاتى بولغان دۇنيا ئارقىلىق ئۆزىگە قايتىپ كېلىشى ئۇنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە بولۇشىنىڭ ئاساسلىق جەريانىدۇر. دېمەك، ئاڭنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە بولۇشى مۇقەررەر ھالدا ئۆزگىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى--مەيلى ئۇ ئاڭنىڭ ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنگەن ئۆزلۈك بولسۇن ياكى ئاڭنىڭ سىرتىدىكى ئۆزلۈك بولسۇن-- تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزگە ئۆزى ھەققىدىكى ئاڭغا ئۆزگىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئېرىشىدۇ. مەڭگۈ تاشلار دەل مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئېڭىنىڭ ئۆز بىلەن ئۆزگىنىڭ پەرقىنى ئاڭقىرىشى ئارقىلىق ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى مەڭگۈ تاشلار، ئۇيغۇر ئىدىيە ۋە كۇلتۇر تارىخىدىكى ئاڭ باسقۇچىدىن (ئەكس - ئەتتۈرۈشسىزچان ئاڭدىن) ئۆزلۈك - ئېڭى باسقۇچىغا (ئەكس - ئەتتۈرۈشچان ئاڭغا) كۆچۈشتەك تارىخىي رېئاللىقنى سۆزلەيدۇ.

         ئەكس - ئەتتۈرۈشسىزچان ئاڭ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەكس - ئەتتۈرۈشچان ئاڭدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ: ئۇ ئىنساندىكى فۇندامېنتال ئىقتىدار ۋە سەزگۈلەش قابىلىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭدا ئۆز بىلەن ئۆزگە ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئېنىق بولمايدۇ. ئەكس - ئەتتۈرۈشسىزچان ئاڭ تاشقى دۇنياغا يۈزلەنگەن بولىدۇ، ئۇنىڭدا «مەن» ھەققىدىكى ئاڭقىرىش مەۋجۇت بولمايدۇ — ئۇ دۇنيا ھەققىدىكى سەزگۈ ھەم ئەكس ئەتتۈرۈش، خالاس. ئۆزلۈك - ئېڭى بولسا مېنىڭ دۇنيا ھەققىدىكى سەزگۈ ھەم ئەكس ئەتتۈرىشىم ھەققىدىكى ئەكس ئەتتۈرۈشتۇر: مانا بۇ يەردە «مەن» ھەققىدىكى ئاڭ بار بولغان بولىدۇ. گەرچە بۇ ئىككى خىل ئاڭ شەكلى پەرقلىق بولسىمۇ، بۇيەردە ئۇلار ئورتاق پايدىلىنىدىغان نۇقتا مەۋجۇتتۇر: ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك سۇبيېكتىپلىق پەقەت ئۆزگىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈنلا مەۋجۇتتۇر. ئۆزگىنىڭ ئاللىبۇرۇن بار بولۇشى بىزنى ئۆزىمىزگە قايتۇرىدۇ؛ بىز ئۆزگە بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ئايلىنالايمىز. ياكى ئۆزگە «مەن» نىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ھەم ئايرىلماس ھەمراھ ھەم خىرىستۇر، چۈنكى ئۆزگىمۇ ئۆزىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەندىن ئىبارەت يات ئۆزگە ئارقىلىق ئاڭقىرىدۇ.

          بۇ مۇناسىۋەت مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئاۋامغا قىلغان خىتابلىرىدا ناھايىتى ئېنىق سۆزلەنگەن. مەڭگۈ تاشلارنىڭ كۆپ قىسمىدا «بىز» بىلەن «ئۇلار» ئوتتۇرسىدىكى پەرق ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كۈچىيىشىدىكى ھالقىلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۆزلۈك كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشى ئۆز بىلەن ئۆزگە ئوتتۇرىسىدىكى تاشقىلاشقان مۇناسىۋەت ئۈستىگە قۇرۇلغان پەرقنى ئاڭقىرىشقىلا باغلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆز بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكە يۈزلەنگەن زىددىيەت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. تاشقىي پەرق ئىچكى پەرقنىڭ ۋەزىنىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئىچكى بۆلىنىش ۋە پەرق ئەلۋەتتە كوللېكتىپ سۇبيېكتىپلىقنىڭ ئىچىدە يۈز بېرىدىغان ھازىر كىم بولۇۋاتقانلىق ۋە كىم بولۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرڭسڭدڭكڭ توقۇنۇشقا تۈگەللەنگەن. بۇ ئىچكى بۆلىنىش ماھىيەتتە ئۇيغۇر قاغانلىرى ئۆز خەلقىدىن كۈتكەن تەلەپلەرنىڭ كوللېكتىپنىڭ ئېڭىدا ئىچكىيلىشىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. شۇنىڭدەك بۇ بۆلىنىش ئۆز نۆۋىتىدە قاغانلار تەرىپىدىن خەلقتىن كۈتۈلگەن ئەخلاقىي ۋە كۇلتۇر تەلەرلىرى بىلەن ئۇنىڭ رېئاللىشىشى ئوتتۇرىسىدى زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بۆلىنىشتۇر. ياكى بۇ «ھازىرقى مەۋجۇتلۇق» بىلەن «كېرەك» (كەلگۈسى)، قاغانلارنىڭ ئۈمدى — تىلەكلىرىنىڭ ئىچكىلەشتۈرۈلگەن (قەلبتىكى) چاقىرىقى بىلەن ئىرادە، «مەن» بىلەن يەنە بىر «مەن» ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىچكى بۆلىنىشتۇر.

         بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەڭگۈ تاشلار ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ تارىخىي پۈتۈكىدۇر. كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭى «بىز» نىڭ زادى كىم ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئاڭقىرىش بولۇپ، ئۆزگىچە ۋاقىتچانلىق قۇرۇلمىسىغا ئىگىدۇر. ئۇ پۈتۈلمىشىشىنى، يەنى ئۇنىڭ ئېڭى كوللېكتىپنىڭ ئالىبۇرۇن بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بۇلۇشىدەك مەۋجۇتلۇق پۈتۈلمىشىنى، ئۇنىڭ دۇنيادىكى ھازىرقى مەۋجۇتلۇق ئورنىنى ۋە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن مۇمكىنچىلىكنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىدىن ھالقىشىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ۋاقىتچانلىقنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. مەڭگۈ تاشلاردا ئۆزىنى تونۇش خاراكتېرلىك كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ ئۆزگىچە ۋاقىچانلىق قۇرۇلمىسى ئۇنىڭ ھەقىقىي تارىخىيلىقىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ ۋاقىت قۇرۇلمىسىدا دۇنياغا كېلىش ئارقىلىق مەۋجۇتلۇق پۈتۈلمىشىگە ئىگە بولۇش كوللېكتىپنىڭ ئەسلىمىسى بىلەن زىچ باغلانغان. بۇ ئەسلىمە كوللېكتىپ تەۋە كۇلتۇرنىڭ شەجەرىسىنىڭ ساقلىنىشىدۇر. شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا قانداق كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ئىشىنىش ۋە ئەپسەنىلەردە ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا ئىپادىلەنگەن.

         ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى بىلىش ۋە ئىشىنىش سىستېمىسىدىكى دۇنياغا كېلىش چۈشەنچىسى بولغان «كۆكتىن تېمىش» ۋە «يەردىن ئۈنۈش» دەل «بىز» نىڭ دۇنيادا قانداق ئاپىرىدە بولغانلىقىمىزنى سۆزلەيدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا توغرىسىدىكى ئەڭ قەدىمكى قارىشىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمىي دۇنيا قارىسىغا كۆرە، كۈللى جانلىقلار ئەركەكلىك خاراكتېرىگە ئىگە كۆك بىلەن چىشلىق خاراكتېرىگە ئىگە يەر - زېمىننىڭ بىرلىشىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۇنىڭدا دۇنيا كۆك بىلەن يەر - زېمىن ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بوشلۇق بولۇپ، «بىز» مانا مۇشۇ يەردە ئاپىرىدە بولىدۇ. مانا بۇ كوللېكتىپنىڭ مەۋجۇتلۇق پۈتۈلمىشىدۇر — يەنى بۇ ئۇيغۇرلۇقنىڭ مەلۇم قەۋمنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا پۈتۈلۈپ كېتىشىدۇر؛ ياكى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئېيتقاندا «بىز» نىڭ ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ مەۋجۇتلۇققا «كۆكتىن تېمىشى» ۋە «يەردىن ئۈنۈشى» دۇر.

          ئۇيغۇر تىلىدا «پېشانىسىگە پۈتۈلۈش» دېگەن ناھايىتى قەدىمىي بولغان قاراش بار. مەزكۇر قاراشنى ئېھتىمال ھەممە نەرسىنىڭ تەرەققىيات نىشانى ئاللىبۇرۇن مەلۇم بىر ھالقىما كۈچ (مەسىلەن، بۇ كۈچ خۇدا بولۇشىمۇ مۇمكىن) تەرىپىدىن ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن، شۇڭا ئۇنىڭدا ئەركىن تاللاش بولمايدۇ، دېگەن قاراش ئۈستىگە قۇرۇلغان كەڭ مەنىدىكى تەقدىرچىلىك نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ چۈشىنىش مۇمكىن. لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردە توختىلىۋاتقىنىز كەڭ مەنىدىكى ياكى بىردەر دىنىي مەنىدىكى تەقدىرچىلىك قارشى ئەمەس، بەلكى ئونتولوگىيە نۇقتىسىدىكى تەقدىرچىلىك، تېخىمۇ توغرىراقىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئونتولوگىيىلىك پۈتۈلمىش قارىشىدۇر. ئۇ كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭى ئاڭقىرىدىغان دۇنياغا كېلىشتىن ئىبارەت مەۋجۇتلۇق پۈتۈلمىشىنى — يەنى ئونتولوگىيە نۇقتىسىدىكى مەۋجۇتلۇق پۈتۈلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. دەل مانا مۇشۇ مەۋجۇتلۇق پۈتۈلمىشىنىڭ پۈتكۈل ئۆتمۈشى مەڭگۈ تاشلارغا پۈتۈلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا «بىت» تىن تۈرلىنىپ چىققان ۋە كېيىن فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىغان «پۈت» يەنى «خاتىرىلە» دېگەن بۇ سۆز كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىدا ئاڭقىرىلغان مەۋجۇتلۇق — ئۇيغۇرلۇق پۈتۈلمىشى بىلەن تاش پۈتۈن سۈپىتىدىكى مەڭگۈ تاشلارنىڭ بىر - بىرىگە جىپلىشىش مۇناسىۋىتىنى ئايان قىلىدۇ. بۇ ئىككى ھادىسىنى ئوخشاش بىر تەڭگىنىڭ ئىككى تەرىپى دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. شۇڭلاشقا، تىلشۇناسلىق ۋە ئونتولىگىيىلىك نۇقتىدىن چىقىپ قارىغاندا شۇ نەرسە ئايان بولىدۇكى، مەڭگۈ تاشلارغا پۈتۈلگىنى ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىدا ئايان بولغان مەۋجۇتلۇق — ئۇيغۇرلۇق پۈتۈلمىشىدۇر. ئۇ ئۇيغۇرلۇق كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىدا ئايان بولغان مەۋجۇتلۇق — ئۇيغۇرلۇق پۈتۈلمىشىدۇر. ئۇ ئۇيغۇرلۇق كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ خاتىرىلىنىشى، پۈتۈكى ۋە ئىزناسىدۇر.

        كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ ۋاقىتچانلىقىنىڭ يەنە بىر تەركىبىي قىسمى كوللېكتىپنىڭ ھازىردا ئۆزگە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرىنىڭ قانداقلىقىغا باغلىقتۇر. بۇنىڭدا دوستلۇق بىلەن دۈشمەنلىك ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ھالىتى ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. خۇددى گېرمان سىياسىي پەيلاسوپى كارل شمىدت ئېيتقاندەك، پۈتكۈل سىياسىي دوست بىلەن دۈشمەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىگە قۇرۇلغان. مەڭگۈ تاشلاردا كوللېكتىپنىڭ مەۋجۇدىيىتىدىن ئىبارەت ئەڭ رېئال مەسىلە «مەن» بىلەن «ئۆزگە» نىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىيلاغشتۇرۇلۇشىم يەنى «دوست» ۋە «دۈشمەن» مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ قارىلىشىغا زىچ باشلانغان. بۇ ھەم كوللېكتىپ كىملىكنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ سىياسىي پەلسەپە نۇقتىسىدىكى دەستىكىدۇر.

         كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ ۋاقىتچانلىقىنىڭ يەنە بىر تەركىبىي قىسمى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن مۇمكىنچىلىكىنى ئاڭقىرىش ۋە كەلگۈسىگە ھالقىشتۇر. ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۆزلۈك ئېڭىدا كەلگۈسىگە قاتىنىشىش شەكلى بار بولغان بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئادەم ئۆزىنىڭ پۈتكۈل مۇمكىنچىلىكلىرىنى دەڭسەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزلۈكنىڭ ھالقىشى (ياكى ئۆزلۈك ھالقىمىلىقى سۈپىتىدە) ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ كەلگۈسى چۈشەنچىسى تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋاقىت قۇرۇلمىسىنىڭ يادروسىدۇر. ئۆتمۈش ھازىر مانا مۇشۇ يادرو ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشقان بۇ يادرونىڭ تۈپكى مەۋجۇتلۇق ھالىتى دەل تەشۋىشتۇر. تەشۋىش، خۇددى گېرمان پەيلاسوپى مارتىن ھايدېگگىر ئۆزىنىڭ مەشھۇر پەلسەپە ئەسىرى «مەۋجۇتلۇق ۋە ۋاقىت» تا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، مەۋجۇداتنىڭ بۇ دۇنيادا بولۇشىنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ھالىتىدۇر. تەشۋىشتە كوللېكتىپنىڭ بۇ دۇنيادا بولۇشىدىن ئىبارەت بۇ مەۋجۇتلۇق پۈتۈلمىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزى بولۇشىدىن ئىبارەت يەككىلىكى ئايان بولىدۇ؛ ئۇ ئارقىلىق كوللېكتىپ ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئورنىنى ۋە ئۆزگىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئېنىقراق تونۇيدۇ؛ ئاخىرىدا ئۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى مۇمكىنچىلىكلىرىگە يۈزلىنىدۇ. دەل تەشۋىشتە كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل ۋاقىتچانلىق قۇرۇلمىسى بىرلىشىدۇ، نەتىجىدە كوللېكتىپ ئۆزىنىڭ يەككىلىكى ۋە پەرقلىقلىقىنى تونۇيدۇ: ئۇ ھەقىقىي ئۆزى بولالايدۇ. تەشۋىشتە ئېچىلىدىغان كەلگۈسى ھەققىدىكى مۇمكىنچىلىكلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇمكىنچىلىك، زىتلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەم يۈزلىنىدىغان مۇمكىنسىزلىكتۇر — ئۆلۈم. تەشۋىشتە ئايان بولىدىغان ئۆلۈم ئۆز نۆۋىتىدە ئادەمنىڭ پۈتكۈل مۇمكىنچىلىكلىرىنى ئايان قىلىدۇ، ئۇنى ئۆزى بىلەن ھەقىقىي مۇناسىۋەتتە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۆلۈم — ئادەمنىڭ ئۆز كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىدىكى قۇندامېنتال مۇمكىنچىلىكتۇر.

         مەڭگۈ تاشلاردا ئېيتىلغان «شاھزادە بولىدىغان ئوغۇللىرىڭ قۇل بولدى، خانىش بولىدىغان قىزلىرىنىڭ دېدەك بولدى» دېگەن بۇ بايانلارغا ئۇيغۇر كوللېكتىپ ئۆزلۈك ئېڭىدا ئەكس ئەتكەن چوڭقۇر تەشۋىش يوشۇرۇنغان. يۇقىرىقى باياندا ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى تەشۋىشتە بۇ قوۋمنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى بىرىكىپ كەتكەن ۋە مەۋجۇتلۇقنىڭ ھايات - ماماتلىق مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. بۇ ئۇيغۇرلۇق كىملىكى ھەققىدىكى ئارامسىز ۋە ئازابلىق تەشۋىشتۇر.


قارام سوپى

7

تېما

6

دوست

4413

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14014
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 1225
توردىكى ۋاقتى: 263
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 16:48:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق،ياخشى يېزىلىپتۇ.
بارىكاللا.....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

قارام سوپى

7

تېما

6

دوست

4413

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14014
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 1225
توردىكى ۋاقتى: 263
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 16:56:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ئاپتۇرى مەمتىمىن ئەلا ئىكەنغۇ؟
مەمتىمىن ئەلائاكىمىزنى سېغىندىم.ئاخىرقى كۆرۈشكەن چېغىم ئارمان تاللا بازىرىنىڭ ئالدى ئىدى.تەپەككۇرغا باي كۆزلىرى ھېلىھەم كۆزۈمدە.
سەر خىلللارنى يوقىتىپ قويىۋاتىمىز،بۇ خۇددى ئېسىل تاماقتىن مەھرۇم بولغاندەكلا ئىشكەن.

63

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 2165
تۆھپە : 2638
توردىكى ۋاقتى: 745
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 17:38:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ ۋە پەلسەپە پەنلىرى دوكتۇرى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىنىڭ تەپەككۈرىگە ۋە باغلانما ئانالىز ئۇسۇلى ئارقىلىق ماھىيەتنى تېپىش خارەكتېرلىك ئېسىل ئەمگەك مېۋىلىىرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە تىلەكداشمەن!

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 20:21:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇيغۇر تىلىدا «پېشانىسىگە پۈتۈلۈش» دېگەن ناھايىتى قەدىمىي بولغان قاراش بار. مەزكۇر قاراشنى ئېھتىمال ھەممە نەرسىنىڭ تەرەققىيات نىشانى ئاللىبۇرۇن مەلۇم بىر ھالقىما كۈچ (مەسىلەن، بۇ كۈچ خۇدا بولۇشىمۇ مۇمكىن) تەرىپىدىن ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن، شۇڭا ئۇنىڭدا ئەركىن تاللاش بولمايدۇ، دېگەن قاراش ئۈستىگە قۇرۇلغان
بۇ بالىلارنى ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ ئۇخلىتىش ئۇسۇلىدىن  پايدىلىنىپ ئېتىلغان ھەممىگە ئاللاھقا دوڭگەپ تىرىشماسلىق لەقۋالىق بىلەن دىيىلگەن گەپقۇ بۇ ‹‹.ھەرقانداق بىر قەۋىم ئوزتەغدىرنى ئوزى ئوزگەرتىمىگىچە،ئاللائاللا ئۇلارنىڭ ەغدىرنى ئوزگەرتىپ بەرەمەيدۇ›› دىگەن ئايەتكە زىت ئەمەسمۇ

45

تېما

6

دوست

5945

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1202
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-8 01:07:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى،يۈسۈپجان ياسىن ئەپەندى قاتارلىق خىلۋەت بۇلاقلارنىڭ سۈيىگە تەشنامىز.ھەيھات، ئالتۇن بىلەن تاشنى پەرقلەندۈرەلىگۈدەك بولغىنىمىزدا بولسا، نۇرغۇن بىباھا تەپەككۇر دۇردانىلىرىنى كۆمۈپ قويغان بولىمىز!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )