قەشقەردىكى كونسۇلخانىلار(2)--روسىيە كونسۇلخانىسى
2-ئورۇس كونسۇلى
1851-چارروسىيە زورلۇق بىلەن ئىلى رايونىنى بېسىۋېلىپ، قەشقەرنى سودا پورتى قىلىپ ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.1859-يىلى روسىيە <<جوڭڭو-روسىيە بېيجىڭ شەرتنامىسى>>دىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئالدىغا شەرھىلەپ، قەشقەردە كونسۇلخانا ئېچىشنى تەلەپ قىلدى، 1860-يىلى يىل ئاخىرى <<جوڭڭو-روسىيە بېيجىڭ شەرتنامىسىنىڭ داۋامى>> تۈزۈلگەندە، قەشقەردە كونسۇلخانا ئېچىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
1881-يىلى (گۇاڭشۈنىڭ 7-يىلى) <<جوڭڭو-روسىيە ئىلى شەرتنامىسى>> تۈزۈلۈپ، قەشقەردە كونسۇلخانا ئېچىش قايتا يىلغا ئېلىندى. شۇ يىلى 4-ئايدا چارروسىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى رەسمى قۇرۇلدى، ئۇلار دەسلەپتە شەھەرنىڭ شىمالىدىكى يارباغ دەرۋازىسىغا يېقىن جايدا شەخسىلەرنىڭ تۇرالغۇسىنى ئىجارە ئېلىپ ئىش باشلىدى.
1882-يىلى پىدروۋىسكىي باش كونسۇللۇققا تەيىنلەندى، ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى جوڭڭو-روسىيە سودا ئىشلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، چىگرا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئىدى. ئۇ چاغدا شىنجاڭدىكى روسىيە سودا چەمبىرىكىنىڭ دائىرىسى ئېنىق بېكىتىلمىگەچكە، سودا دائىرسى پۇتكۈل جەنۇبىي شىنجاڭنى قاپلىدى، زور تۈركۈمدىكى روسىيە سودىگەرلىرى كونسۇلخانا يېنىدىكى يارباغ دەرۋازىسىغا يېقىن يەردە(ھازىرقى ئەندجان كوچىسى ۋە ئەندجان رەستە) يەرلىكلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشتى، نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، چارروسىيە كونسۇلخانىسى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا باشلىدى.
1893-يىلى شەھەرنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى سەمەن قورۇقىدا خىش-ياغاچ قۇرۇلمىلىق رەسمىي ئۆلچەمدىكى كونسۇلخانا پۈتتۈرۈلدى، پۈتۈنلەي رۇس ئۇسلۇبىدا سېلىنغان 15مىڭ كۇۋادىرات مېتىرلىق بۇ كونسۇلخانا بىر قەۋەتلىك بەش كورپۇس ئىمارەتتىن تەركىپ تاپقان ئىدى، بۇ قۇرۇلۇش قەشقەرنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا زور تەسىر كورسەتتى، ئەسلىدە ئۇيغۇر، ئىسلام بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئاساس قىلىنغان قەشقەر شەھرىدە رۇس ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشلار سېلىنىشقا باشلىدى.
1900-يىلى پىدروۋىسكىي سەرقۇل(تاشقورغان)دا ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى رەت قىلغان تاشقورغان ئامبىلىنى ئەمىلىدىن ئالغۇزىۋەتتى، شۇ يىلى ئۇ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردىكى ئەمەلدارلىرىنى ئۆز-ئالدىغا ۋەزىپىگە قويدى، ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇردى.
1902-يىلى بىر قېتىملىق زىياپەتتە، كونسۇلخانا يەرلىك ئاياللارنى يالىڭاچ ئۇسۇلغا سالغاچقا، 2000دىن ئارتۇق ھەر ساھە ئامما كونسۇلخانا ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلدى، كونسۇلخانا قوغداش قىسىملىرى بۇ نامايىشنى دەھشەتلىك باستۇرىۋەتتى، تىتەي جاڭ زوڭبىن نامايىشچىلارنى قوللىغاچقا، پىدروۋىسكىي چارروسىيەنىڭ جوڭڭودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا ئەرز سۇنۇپ، ئۇنىڭ ئەمىلىنى تۆۋەنلىتىپ يوتكىۋەتتى.
1906-يىلى كونسۇلخانا چار پادىشاھنىڭ پەرمانى بويىچە، داۋسېن بانكىسىنىڭ قەشقەر شۆبىسىدىن دوتەي يۈەن خوڭيوۇغا 20 مىڭ رۇبلى قەرز ئېلىپ بېرىپ، قەشقەر شەھرى بىلەن تورغات چىگرا ئېغىزىغىچە بولغان يولنى كېڭەيتىپ ياسىتىپ، قەشقەر-ئەندجان سودا يولىنى ئۆز چاڭڭىلىغا كىرگۈزىۋالدى، شۇ يىلى ئۇ يەنە يۈەن خوڭيوۇغا بېسىم ئىشلىتىپ، خوتەندىكى ئالتۇن كاننىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالدى.
1910-يىلى قەشقەر دوتىيى يۈەن خوڭيوۇ روسىيىگە ئاشلىق ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلەش يارلىقىنى چۈشۈردى، پىدروۋىسكىي قوشۇلماي تۇرۇۋالغاچقا، ئامالسىزلىقتىن پەرماننى بىكار قىلدى.
1911-يىلى شىنخەي ئىنقىلابى پارتلىدى، مۇئاۋىن باش كونسۇل بېلۇنىس قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، قەشقەر، يەكەن، قاغىلىق قاتارلىق جايلاردا ئاتالمىش "روسىيە پۇقراسى"نى تىزىملاپ چىقتى، ھەر بىر كىشىدىن 20-25 سەر كۈمۈش يىغىپ، مۇھاجىرلىق كېنىشكىسىنى يۇقۇرى باھادا ساتتى، بۇرۇن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا روسىيە مۇھاجىرلىرى 200 گىمۇ يەتمەيتتى، باش كونسۇل سوكوف بىرلا قېتىمدا 2000 پارچە گۇۋاھنامە تارقاتتى، كېيىن كېنىشكە يېتىشمەي قالدى، روسىيە تەرەپ ئۆز-ئالدىغا بەش سەر كۈمۈشكە بىر پارچە يول خېتى سېتىپ، پاسپورت ئورنىدا ئىشلەتتى.
راست- يالغىنىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان "مۇھاجىر"لار ھەممە يەردە زورلۇق-زومبۇلىق قىلىپ، سۇ ئىنشائاتلىرىنى، باشقىلارنىڭ يەرلىرىنى، مال-مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىغە ئاپەت ئېلىپ كەلدى.
1912-يىلىدىكى دۇنيادا زىل-زىلە قوزغىغان كېرىيە "سىيىت قوروسى ۋەقەسى" (پېقىرنىڭ ۋەقەدىن خەۋىرى يوق، شۇ بويىچە تەرجىمە قىلىندى) بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
1912-يىلى يىل ئاخىرىدا "سىيىت قوروسى ۋەقەسى" نى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن، بېيجىڭدىكى يۈەن شىكەي قورچاق ھۆكۈمىتى چارروسىيىنىڭ "كەچۈرۈم سوراش، قاتىلنى جازالاش، تولەم بېرىش"دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلدى.
1913-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ياڭ زەنشۇ تىتەي، قوشۇمچە دىپلوماتىيە خاس ۋەكىل سۈپىتىدە ئىلىدىن قەشقەرغە يېتىپ كەلدى، 1-ئاينىڭ 30-كۈنى روسىيە گېنېرالى سوندېس 1000 كىشىلىك كازاك ئاتلىق قوشۇنى ۋە 500 كىشىلىك رۇس قوشۇنىنى باشلاپ توپ-زەمبىرەكلەر بىلەن قەشقەرغە يېتىپ كېلىپ قورال كۈچى بىلەن سۆھبەتنى باشلىدى، كۈچلۈك بېسىم ئاستىدا ياڭ زەنشۈ سوكوف ئوتتۇرىغا قويغان <<سىيىت قورۇسى ۋەقەسىنىڭ 10 تۈرلۈك تەھلىلى>>گە ئامالسىز ئىمزا قويدى، بۇنىڭ بىلەن يۈەن شىكەي ھۆكۈمىتى چارروسىيىگە 70000سەر كۈمۈش تۆلەم تۆلىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلمىدى.
1916-يىلى 10-ئايدا چارروسىيە تۆت يىل بۇرۇنقى "سىيىت قوروسى ۋەقەسى"دىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، قوراللىق قىسىم بىلەن قەشقەرغە ھۇجۇم قىلىپ 500 كىشىنى قىرىپ تاشلىدى.
1917-يىلى روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن چارروسىيە كونسۇلخانىسى قەشقەردە داۋاملىق تۇرىۋەردى، ئەمما ئىش بېجىرىشنى توختاتتى، ئوتتۇرا ئاسىيادىن قاچقان 20000 مۇساپىر 200مىڭ تۇياق چارۋىنى ھەيدەپ قەشقەرغە پاناھلىنىشقا كەلدى، قەشقەر دوتىيى جۇ رۇيفېڭ روسىيە باش كونسۇلى مېسكېن بىلەن مەسلەھەتلىشىپ مۇساپىرلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ يۇرتىغا قايتۇرىۋەتتى.
1918-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ باش ۋالىيسى ياڭ زېڭشېڭ روسىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قەشقەردە پاسپورت تارقىتىشىنى چەكلىدى، 8-ئاينىڭ 5-كۈنى چارروسىيىنىڭ جوڭڭودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تاقالغانلىقىنى جاكارلىدى، يىل ئاخىرىدا جوڭڭو-روسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئۈزۈلدى، قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ بەزىسى دۆلىتىگە قايتىپ كەتتى، بەزىلىرى چەتئەللەرگە قېچىپ كەتتى، كونسۇلخانا رەسمىي تاقالدى، بۇنىڭ بىلەن چارروسىيىنىڭ قەشقەردىكى پائالىيەتلىرى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى.
1925-جوڭڭو سوۋېت روسىيىسى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى، چارروسىيە كونسۇلخانىسى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، ھەمدە جوڭڭو-سوۋېت دوستلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەر خەلقىغا نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى.
1956-يىلى سوۋېت كونسۇلخانىسى بىكار قىلىنىپ، يەرلىككە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، نامى سەمەن مىھمانخانىسغا ئۆزگەرتىلىپ، قەشقەر ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا چەتئەللىكلەرنى كۈتىدىغان ئىككى داڭلىق مىھمانخانا(يەنە بىرى چىنىباغ مىھمانخانىسى)نىڭ بىرى بوپ قالدى.
قەشقەر مەركىزى شەھەر تورىدىن ئېلىندى.
|