- تىزىملاتقان
- 2014-7-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 69
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
23%
|
ماۋۇ تېمىنى بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەن ، bing نىڭ ئۇيغۇرچە ئىزدەش ئىقتىدارى ئارقىلىق گېپنوز دەپ ئىزدەتسەم ، مۇشۇ تېمىنى كۆرسىتىپ بەردى ، نەچچە قېتىملاپ تەپسىلىي ئوقۇش ئارقىلىق مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا 2 قېتىم گېپنوز قىلدىم .
تۇنجى ئادەمنى گېپنوز قىلالىش يېرىم غەلىبە دېيىلگەن بولغاچقا ،ئۆزۈمنى ئەڭ مۇۋاپىق كۆردۈم ، چۈنكى ئۆزۈمگە ئۆزۈمدىنمۇ بەكرەك ئىشىنىدىغان ئادەم يوقلىقىغا ئىشەندىم . مەن يېشىللىق بىلەن قاپلانغان چىملىق ئۈستىگە قويۇلغان كارىۋات ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتتىم ، يولدىن ماشىنىلار ئۆتۈپ تۇرغاچقا جىمجىتمۇ ئەمەس ئىدى ، ئەمما كارىم بولمىدى ، يورۇقلۇق مەسىلىسىگە كەلسەك ، كوچا چىراغلىرى نورمال يورۇتۇپ تۇرغان مۇھىت ئىدى . مەن باشلاشقا بەك ئالدىراۋاتاتتىم
ئاۋۋال كۆزۈمنى يۇمدۇم (ئىنتايىن ئەركىن ) ئاندىن ئوڭ قولۇمنىڭ ئالقىنىنى پەسكە قارىتىپ ، قولۇمنىڭ ئاستىدا بىر شارچە بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلدىم ، ۋە ئۇ شارچىغا تېخىمۇ دىققىتىمنى يىغدىم ۋە بىردىنلا ئۇنىڭ گىلوبۇستەك پۈتۈن دۇنيا خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن سۈزۈك كۆكۈش خىروستالدەك نۇر چىقارغانلىقىنى سەزدىم ، شارچە قولۇمنى ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈشكە باشلىدى ، ۋە بىردىنلا ئوڭ تەرەپكە شىددەتلىك تېز سۈرەتتە ئايلاندى ، مەن شۇ ھامان ئۇنى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇپ ئۇنى توختاتتىم ، ۋە سول تەرەپكە بايىقىدەك تېز رەۋىشتە ئايلاندۇرۇۋەتتىم ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىدىكى خەرىتىلەرگە كۆزۈم چۈشۈپ شارچە ئۈستىدىكى توخۇنى ئىزدىدىم ۋە كۈچىمەيلا تاپتىم ، ۋە ئۇنىڭدىن نۇر چىقىپلا نۇر چوڭىيىپ قولۇمدىكى شارچىمۇ يوقاپ قولۇم ئاستا - ئاستا تۆۋەنلەپ يەرگە چۈشتى ، كۆزۈم تېخىچە يۇمۇلغان ھالەتتە ، ئەركىن نەپەس ھالىتىدە ، مەن يەنە ئۆزەمنى قاشتېشى پەلەمپەينىڭ ئۈستىدە كۆردۈم ، پەلەمپەينى سانىماي تۇرۇپلا ئون قەۋۋەت دەپ بىلدىم ، ۋە ئۇ ئۆينى كۆزەتتىم ، ئۆي بىر داچا ئىكەن ، پەلەمپەيمۇ بەكلا ھەشەم بىلەن ياسالغان بولۇپ دەسسىگۈممۇ كەلمەي قالدى ، ئوڭ يەرىپىمدە بىر ئاسما چىراقنى كۆردۈم ، شۇنداق ھەشىمەتلىك ۋە يورۇق بولۇپ ، قاشتېشى پەلەمپەينى جىلۋە قىلدۇرىۋەتكەن شۇ ئاسما چىراقنىڭ نۇرى ئىكەن ، مەن ئۇ چىراقنى ئون قەۋۋەتلىك پەلەمپەينىڭ دەل يېرىمىغا تەڭداش ئىگىزلىكتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ، مۇشۇنى ئويلاپ مەندە ھېچ بولمىسا 5 - قەۋۋەتكىچە بولسىمۇ چۈشۈش ئىدىيىسى پەيدا بولدى ، مەن بىرىنچى قەدەمنى ئالدىم ، تىۋىشىمدىن ئويغىنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن كەشىمنى سېلىۋېتىپ يالاڭ ئاياغ بولۇۋالغانىدىم ، ئاۋۋال سول پۇتۇنى ئالدىم ئاندىن ئوڭ پۇتۇمنى قويدۇم ۋە ئۆزۈمنىڭ گېپنوز بولۇشقا كېتىۋاتقانلىقىمنى ئويلاپ خۇشال بولۇپ سەل تۇرۇۋېلىپ ئاندىن ئىككىنچى ، ئۈچىنچى ، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى قەدەمنى ئېلىپ يەنە توختىدىم ، ھەقىقەتەن چىراق بىلەن تەڭمۇ تەڭ بولغان ئىدىم ۋە چىراقتىن چىققان نۇرلارغا بىردەم قاراپ مەستخۇش بولدۇم ، ئالتىنچى پەلەمپەيگە قەدەم قويدۇم ئۇلاپلا يەتتىنچىسىگە قەدەم قويدۇم ، توساتتىن مەن چۈشمەكچى بولغان جاينىڭ قاراڭغۇلىقىنى ھېس قىلدىم ، ئەمما مېنى قورقۇش ئەمەس خۇشاللىق قاپلىدى ، چۈنكى مەن جىن ئالۋاستى بار قاراڭغۇلۇققا ئەمەس پەقەتلا ناھايىتى سۆيۈملۈك بولغان ئۆزۈمنىڭ سۆيۈملۈك ئېڭىغا كېتىۋاتماقتىمەن ! شۇلارنى ئويلىغىنىمدا تېخىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا سەككىزىنچى ۋە توققۇزىنچى قەۋەتلەرگە قەدەم قويدۇم ۋە توختىدىم ، ئۈستۈمگە قارىسام راستىنلا بايىقى تۇرغان جايىم خېلى ئىگىزدە قاپتۇ ، مەن ئونىنچى قەۋەت بىلەن يەر تۇتاشقان جاي ۋە يەرئاستى ئۆيىنىڭ كرىش ئېغىزىدىكى كۆكۈش تۇمانلارغا دىققەت قىلدىم ، ئويلايدىغىنىم : مەن كىرسەم قانداق ئىشلارنى كۆرەمەن ؟ ئەگەر كىرىپمۇ گېپنوز بولالمىسام ياكى گېپنوزلۇقتا ئويغىنالمىسام قانداق بولا ؟ مەن يا بايدىن يا سايرام دەپلا ئونىنچە پەلەمپەيگە چۈشتۈم ۋە بىر ئاتلاپلا ئوڭ تەرەپتىكى ئۆڭكۈرگە كىرىپ كەتتىم ...
راستىنلا پەيزى بولىدىكەن ، مەن راستىنلا قويۇق ئەسلىمەم ئىچىدە قالدىم ، نەپەس ئېلىشىممۇ شۇنداق رېتىملىق بولۇپ ، ئەسلىمىلىرىمنى قانچە جىددىي ئەسلىسەم ، نەپەسلىنىشىممۇ شۇنچە تېز ۋە كۆز قارىچۇقۇممۇ شۇنچە تېز ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى ، مەن ھېلى ئۈچ ياشتا ئاپامغا ئەركىلىسەم ، ھېلى ساۋاقداشلىرىم بىلەن چاقچاقلىشاتتىم ، ھېلى كۆڭۈللۈكنى ، ھېلى كۆڭۈلسىزنى ئەسلەۋاتاتتىم ، ۋاقىتنىڭ ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن ئېڭىمدا شۇنداق ئەركىن پەرۋاز قىلىپ يۈردۈم ، بەزىدە ئۆزۈمگە يەنە قايتىپ نەپەسلىنىشىم بىلەن كۆز قارىچۇقۇمنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ قويۇپ يەنە ئېڭىمغا قايتتىم ، دەرۋەقە مەن بەك كۆپ نەرسىلەرنى بىراقلا تەسەۋۋۇر قىلىۋالغانىدىم ، ئەسلىمىلىرىم كىنو لېنتىسىدەك ئىنتايىن تېزلىكتە ئالدىمدىن ئۆتىۋاتاتتى ، مەن قانچە كۆپ نەرسىنى كۆرىۋالسام شۇنچە ياخشى دەپ ئويلىغان ئىدىم ، توساتتىن مېنى بىرى چاقىردى ، مەن ئوڭ قولۇمنى يېنىك كۆتۈرۈپ ئۇنى توستۇم ، كۆزۈم يۇمۇلغان بولغاچقا ئۇ مېنى ئويغىتاي دەپ يەنە چاقىردى ، مەن يەنە ئىشارەت قىلدىم ، يەنە چاقىرىۋېدى يەنە ئىشارەت قىلدىم ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقىمنى ئاغزىمغا ئەكىلىپ شۈك دېمەكچى بولغانلىقىمنى ئىشارە قىلدىم . ئۇ قېشىمغا كېلىپ ئولتۇردى ، مەن ئەسلىمىلىرىمنى ئاجىزلىتىپ دىققىتىمنى قولۇمغا يىغدىم ئاستا-ئاستا ئوڭ قولۇمنىڭ مۇشى تۈگۈلدى ، ئاندىن سول قولۇمنىڭ ۋە پۇتلىرىمنىمۇ چىڭىتتىم ، ئاندىن يەنە باشقىلارنىڭ كەيپىياتىمنى بۇزۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ ، مۇشتلىرىمنى ئەركىنلىككە قويۇپ ، 3 قېتىم بارماق چېكىپلا كۆزۈمنى ئاچتىم !
نادان باللا بىلمەيدۇ ! ھەممىدىن گېپنوز يامان ! ئاجايىپ پەيزى بولىدىكەنكى ، سىزنى بەئەينى غايىۋى دۇنياغا باشلايدىكەن ، ئۇ يەردە قۇشلاردەك ئەركىن پەرۋاز قىلالايدىكەنسىز ، ئۇ يەردە سىز ھاۋادەك يەڭگىل ، ئۇ يەردە سىز بىر نى بىر ئىككىنى ئىككى دېيەلەيدىغان ھەققەنىيەتچىگە ئايلىنىدىكەنسىز ، ئادالەت بار يالغانچىلىق يوقكەن ... |
|