قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1331|ئىنكاس: 39

باغداش مۇھىتىنى مۆتىدىللەشتۈرەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

1

دوست

2399

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1692
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 397
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-8 20:28  

      
           باغداش مۇھىتنى مۆتىدىللەشتۈرەيلى

( باغداش مۇنبىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن مۇنبەر قەلەمكەشلىرى ۋە مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ  پىسخىكىسى ۋە پەزىلىتىگە نەزەر )

                                              ئىككى كىشى ئارىسىغا ئوت ياقسا كىمكى،
                                             ئوتتۇرىدا شۇ ناداننىڭ كۆيىدۇ ئۆزى.
                                                                                 - سەئىدىي شىرازى

     ئەسسالام، باغداش مۇنبىرىدىكى ئەزىز مۇنبەرداشلار!  قارايدىغان بولساق، ھەر قانداق بىر مۇنبەردە مۇنبەر قۇرغۇچىلىرى،مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ۋە مۇنبەردىن زارلاش، قاقشاش، رەنجىشلەر خېلىلا  كۆپ. جۈملىدىن، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان، باغداش مۇنبىرىدىمۇ بۇ خىل پىسخىك ھالەت خېلىلا كۆپۈيۈپ قالدى. پېقىرمۇ ھەم شۇنىڭ ئىچىدە.  ئويلاپ باقسام، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، مەن ئەزا بولۇپ كىرىپ ئەسەر ۋە ئىنكاس يوللىمىغان، باشقۇرغۇچى (گەرچە بۇ ئاتاقتىكىلا  قۇرۇق بىر نام بولسىمۇ) بولۇپ ئىشلەپ باقمىغان ئاساسلىق تور بەت-مۇنبەرلەرمۇ قالماپتۇ.  ھەتتا بىرقانچە تور بەتلەرنى ياساپ باشقۇرۇپمۇ بېقىپتىمەن. يەكۈنۈم شۇكى، تور بەت ئېچىپ، ئۇنى نۆۋەتتىكى دەۋرنىڭ تۈرلۈك بوران-چاپقۇن، سىناقلىرىنىڭ قىلدىن ئىنچىكە، قىلىچتىن ئىتتىك توساق- ئۆتكەللىرىدىن ساق-سالامەت ئۆتكۈزۈپ، ئەل ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان، نوپۇزلۇق مۇنبەرلەردىن قىلىپ چىقىش ۋە نورمال باشقۇرۇپ مېڭىش-مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئېغىر مىننەتسىز مېھنەتتۇر. چۈنكى ۋاقتى كەلسە،بۇ «خالىس ئەجىر» لەنەت تاشلىرى بىلەن مۇنبەر قۇرقۇچىلارنىڭ چوققىسىنى يارىدۇ!  دەرۋەقە، باغداش مۇنبىرى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ۋاقىتلىق تاقىلىپ، يەنە قەدىناسلىرى بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشتى. بىلىمىز، بىزمۇ ساق تۇرۇپلا بىر كېچىدە ئاغرىپمۇ قالىمىز ئەمەسمۇ؟! رىسقىمىز تۈگىمىگەنلا بولسا، يەنە ساقىيىپ تىرىكچىلىكنى قايتىدىن باشلايمىز. ئەمما سالامەتلىكىمىز تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغۇچە، بۇرۇنقىغا ئوخشاش تازا روھلىنىپ كېتەلمەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئەيىبلىسەك ياراشمايدۇ. ئەكسىچە مۇشۇنچىلىك بولۇپ قالالىغىنىمىز ئۈچۈن اللاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىمىز. ساق قالغىنىمىزدىن باشقىلارمۇ سۆيۈنىدۇ. ئوخشاشلا گەپ: دەرۋەقە، باغداشمۇ مۇنبەرداشلىرىمىز تەكرار-تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇشقىنىدىكىدەك «بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قالدى». چۈنكى باغداشمۇ ئاز-تولا قىسمەتلەرگە يولۇقۇپ،  تېخى«سالامەتلىكى»  ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ.  گەپنى دېيىش قىيىن ئەمەس، ئامما باغداشنىڭ بۇرۇنقىدەرەك ھالغا كېلىشى ئۈچۈن بەدەل، مەسئۇلىيەت ۋە بەلگىلىك جەريان كېتىدۇ. نىشانغا يېتىش يولىدا تۈز يولدا كېتىۋېتىپ يىقىلىپ چۈشۈش، ھەتتا يارىلىنىشنىڭ بولۇشىمۇ تەبىئىي ئەھۋال. مۇھىمى-يىقىلغان جايدىن قايتا تىك تۇرۇشتۇر. مىڭ ئېغىز ۋەز-نەسىھەتتىن قول سېلىپ كونكىرىت ئىشلەنگەن بىر ئىش كۆپ ئەۋزەلدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىساق ئەڭ ياخشى.  بىپايان جاھاندا كۇللى قىسمەتتىكى ئىنسانلار مەۋجۇت بولغىنىغا ئوخشاش تور ئالىمىدىمۇ ھەر خىل ئادەملەر بار. شۇڭا بۇنداق ۋايساشلاردىن رەنجىپمۇ كەتمەي، ئۇنىڭدىن ئىجادىي پايدىلىنىش ئاقىلانىلىق. گەپكە كەلسەك، بۇ خىل ئورۇنسىز رەنجىشلەرنى يىغىپ كەلگەندە، ئاساسلىقى ئۆز يازما (تېما)لىرىنىڭ تەستىقلانمىغانلىقى، ۋاقتىدا تەستىقلانمىغانلىقى، «سەۋەبسىزلا» ئۆچۈرۈلگەنلىكى، «شۇنچە ياخشى ئەسەر»لەرنى يازالايدىغان خېلى غوللۇق ئەزا تۇرۇپمۇ، «بىكاردىن-بىكار» چەكلەنگەنلىكى، يېڭى يازمىلارنىڭ يوقلۇقى...ھەققىدىكى رەنجىش ۋە قىيداشلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ھەممەيلەن مۇشۇ رېئال جەمئىيەتتە ياشاۋاتىمىز. ھاياتلىق قانۇنىيىتىدىن مەلۇمكى، تۆت كۈنلۈك بۇ تىرىكچىلىك ئالىمىدە ھېچكىممۇ-ھېچكىمنى ھېچقاچان ئەبەدىي خۇش قىلىپمۇ ھەم مەڭگۈ رەنجىتىپمۇ ئۆتۈۋېرەلمەيدۇ! چۈنكى ھايات-ئون كۈلكە بىلەن بىر يىغىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت بولغان خېلىلا مۇشەققەتلىك ھەم ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر جەريان. بىز كەچۈرىۋاتقان تۇرمۇشمۇ «تۇر!!! +مۇش!!! =تۇرمۇش!!!!!!»تىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، تورۇشقا بەلگۈلەنگەن ئورۇندا چىدام، غەيرەت، ئۈمىد بىلەن ئىز بېسىپ، مەھكەم تۇرالمىغانلار مۇش، يەنى جازا( خاپىلىق)بىلەن نەتىجىلىنىدىغان تراگېدىيە!  ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى بىز يولۇقتۇرغان، ئۇچرىتىدىغان قىلمىش-ئەتمىش ۋە كەلمىشلەرنىڭ   ھېچبىرى ھېچكىمنىڭ ئىرادىسى بويىچىلا بولىۋەرمەيدۇ! خۇددى شامال كېمىنىڭ تەلىپى بويىچە چىقمىغاندەكلا! تور(مۇنبەر) دىن ئىبارەت بۇ چەكسىزلىككە سوزۇلغان مەۋھۇم دۇنيادىكى ئىشلار تېخىمۇ شۇنداق، ئەلۋەتتە! بۇ، مۇنبەر ئەھلىگە ناھايىتى ئايان بولغان ئاددىي بىر ھەقىقەت!
مەن يېقىندىن بۇيان، خېلى نوپۇزلۇق بىر قىسىم مۇنبەرلەردە (جۈملىدىن، باغداش مۇنبىرىدە) مۇشۇ خىل ئورۇنسىز رەنجىش، كىملەرگىدۇ قىيداش، ئاللىكىملەرنى مەنسىتمەسلىك، يەنە كىملەرنىڭدۇ تېزىپ كەتكەنلىكى، باغداش مۇنبىرىنىڭ تۈگەشكەنلىكىدىن زارلىنىش، ئېچىنىش، ...قاتارلىق بىر قىسىم ناچار روھىي ئىللەتلەر تالاپىتىدىن كېلىپ چىققان، چىقىۋاتقان، چىقىش ئالدىدىكى كۆڭۈلسىزلىك، رەنجىش، بۇتناش، قۇتۇپلىشىپ كېتىش، «قوللاپ»، دېپىنى چېلىپ كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرۇش، تىللاپ،چۆكۈرۈپ تۇنجۇقتۇرىۋېتىش، تەزدۈرۈپ پالاندى قىلىش، چاقىرىپ ئەزىزلەپ، باشقىلارغا ئۇلارنىڭ ئاللىقانداق «مۆجىزات»لىرىنى نامايەن قىلىپ، داغدۇغا پەيدا قىلىش....تەك ئۆزگىچە «يېڭىلىق»لارنىڭ  «ئىجادىيەتچىلىرى»گە قارىتا ئاينىپ كەتمەسلىك، كەمتەررەك بولۇش ھەققىدە  ئاز-تولا بىشارەت بېرىش(ھالىمغا باقماي)، ئەنە شۇنداقلارنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرىۋاتقان «سوۋغاتى»دىن  تويۇنۇش دەرىجىسىگە بېرىپ قېلىۋاتقان باشقۇرغۇچىلارغا ئاز-تولا بولسىمۇ تەسەللىي بېرىش، مۇنبەرداشلار ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارغا قارىتا ھەممەيلەننىڭ ئەپۇچانلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ، مۇنبەر تەرەققىياتىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇزۇن يىل باشقا مۇنبەرلەردە بىرگە باشقۇرغۇچلىق ۋەزىپىسىنى بىرگە ئىشلىگەن، ھېلىھەم پىكىرلىشىپ ئۆتۈۋاتقان قەلەمكەش بۇرادىرىم بوزقىرنىڭمۇ، جۈملىدىن، ماڭا تونۇشلۇق بولغان قادىر دولاننىڭمۇ بۇ مۇنبەردىن تېزىپ كەتمىگەنلىكىدىن مۇنبەرداشلارغا ئۇچۇر بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئاز-تولا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس، دېگەن  مەقسەتتە  بۇ ئاددىي يازمامنى يېزىپ يوللۇدۇم. ئوتتۇرىغا قويغانلىرىم باغداش مۇنبىرىنىڭ بىرقانچە يىللاردىن بۇيانقى ئەمەلىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغاچقا، بەلكىم، بىر تەرەپلىمىلىك قاراشلاردىن ساقلىنالمىدىم. ئۈمىدىم: باغداشنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇنبەرداشلارنىڭ ئىلمىي، ئىجابىي، ئىجادىي تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشى ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاش.
باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش- ئېسىل بىر خىل ئادەمىيلىك پەزىلەت. ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ھەممە ئادەم باراۋەر، بىلىپ-بىلمەي خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئادەم بولسىمۇ، ئۇنى ئەپۇ قىلىش ئالىيجاناپلىق. كەچۈرۈشنى بىلگەندىلا، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىش چوڭقۇرلۇشۇپ، ئۆز-ئارا دوستلۇق كۈچىيىدۇ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئەڭ گۈزەل قەلب ئارزۇلىرىنى  ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھازىرقىدەك تۇرمۇش رېتىمى كۈنسېرى تېزلىشىپ كېتىۋاتقان پەيىتتە، كىشىلەر ئارا تۈرلۈك زىددىيەتتىن ساقلىنىش بەكلا تەس! شۇڭا بىز ئەڭ ياخشىىسى ئەپۇ قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز كېرەك.
    مېنىڭچە، مۇنبەرلەردە  ھەممىدىن تەڭ رەنجىپ،رەنجىتىپ، ئۆزىچە كۆرەڭلەپ، باشقىلارنى يالاپ-تالاپ جاھانسازلىق قىلىۋاتقان ئىنتايىن ئاز-ساندىكى بىر قىسىم ئادەمىي شەيتانلار مۇنداق پاكىتلىق مۇلاھىزىلەردىن ئۆزلىرىگە تەسەللىي تېپىۋالسا بولىۋېرىدۇ:
1.تېما( توغرىسى-يازما ياكى ئەسەر) سى تەستىقلانماسلىقتىن رەنجىگۈچىلەرگە سۆزۈم شۇكى: ئويلاپ بېقىڭ: ئەجىبا، باشقىلار    يوللىغان تېما، ئىنكاسلار تەستىقلىنىدۇ-يۇ، نېمىشقا سىز يوللىغان تېما، ئىنكاسلار تەستىقلانمايدۇ؟! بۇنىڭ سەۋەبى بار: سىز يوللىغان  شۇ تېما( يازما)، ئىنكاسلار ئەقەللىيسى مەزمۇن، بەدىئيلىك، ھەجىم، ئىملا...قاتارلىق جەھەتلەردىن چوقۇم تەستىقلىنىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك. ئويلاپ بېقىڭ: سىزمۇ بەزىدە ماۋزۇسى  تولىمۇ ھەيۋەت، ئەمما مەزمۇنى بەكلا پۈچەك ، تېتىقسىز تېمىلارنى كۆرىسىز بەلكىم. شۇ چاغدا قانداق ئويلاردا بولارسىز؟! ئۆزىگە يارىغان-خانغا يارايدۇ، دەرۋەقە! ئەمما ھازىر كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىكى تەلەپ-ئېھتىياجى نەقەدەر ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەستىن چىقارماڭ! شۇ تېما سىزگىلا ئەمەس، تور دۇنياسىدىكى شۇنچە كۆپ تورداشلارغىمۇ يارىشى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، شۇ تېمىدا چوڭ ئومۇمىيلىق نەزەردە تۇتۇلغان بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ شۇ تېما ئارقىلىق ئۆزىمىزنىلا، ئۆزىمىزنىڭ نوپۇزى ۋە تالانتىنىلا....نامايەن قىلىۋېلىش، ئاللىقانداق نام-ئەمەل...لىرىمىزنى دەستەك قىلىشتىن بىلىپ-بىلمەي خالىي بولالماي قالساق، ئەڭ ئالدى بىلەن شۇ «ئەتىۋالىق» تېمىڭىز تەستىقلانمايلا، زاكىسىدا تۇنجۇقۇپ قېلىشى، تاسادىپىي تەستىقلانغان تەقدىردىمۇ، سەلبىي ئىنكاسلارغا كۆمۈلۈپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ!!! ئەڭ ئاددىي ساۋات، ئەقەللىي يەكۈن شۇكى، ئەگەر سىزمۇ  بازارلاردىن نەرسە سېتىۋالسىڭىزمۇ بەلگىلىك ئۆلچەم ئاساسىدا سېتىۋالسىڭىزغۇ دەيمەن؟!  ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمىدىن رەنجىيسىز؟!! ئەگەر سىز باشقۇرغۇچى بولسىڭىز ئەنە شۇنداق تېمىلارنى  تەستىقلارسىزمۇ؟! بۇ يەردە ھەممە تەرەپكە تەڭ چېتىلىدىغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەت بارلىقىنى ئەسلا ئۇنتۇماڭ!!!
2.تېما(يازما) سى ئۆچۈرۈلگەنلىكتىن رەنجىگۈچىلەرگە تەسەللىيىمىز شۇكى: ئەڭ ئاۋۋال ئەنە شۇ تېمىنىڭ ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبىنى چۈشىنىش كېرەك. دۇنيادا ئەسلا سەۋەبسىز ئىش بولمايدۇ، بۇنى ياخشى بىلىسىز! مۇنبەرگە يوللانغان تېمىلار تەستىقلىنىش ئۆلچىمىگە يەتمىسە، تەھرىرخانا( ئارقا بەت)نى بىكارلاش(تازىلاش) ئۈچۈنمۇ، شۇنداقلا، تەستىقلىنىپ بولۇپ، سەلىبىي تەسىر پەيدا قىلغانلىق ۋە تەكرار يوللىنىپ قېلىش ...قاتارلىق ئوبيېكتىپ سەۋەبلەردىنمۇ بەزى تېما-ئىنكاسلار ئۆچۈرىلىدۇ، ئەلۋەتتە! شۇنىسى قىزىقكى، بەزى قۇنچاق ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلسىمۇ، بۇنى «تېمام ئۆچۈرۈلدى!!!» دەپ زارلاپ- قاقشاش نەقەدەر ئىپتىدائىيلىق، نەقەدەر كۈلكىلىك ئىش-ھە؟!!!
3.ئۆز ئىنكاسلىرىنىڭ تەستىقلانماسلىقى، ۋاقتىدا تەستىقلانماسلىقى ياكى ئىنكاس تەستىقلاش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىدىن رەنجىگۈچىلەرگە تەسەللىيمىز شۇكى، سىزمۇ بىلىسىز: مۇنبەرنى ئەڭ  ئاۋات ياكى نابۇت قىلىدىغىنىمۇ  دەل سىز دەۋەتقان، بەلكى سىز يېزىۋاتقان ئەنە شۇ ئىنكاس. ئويلاپ بېقىڭ: ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ قولىنى باغلاپ قويغىلى، تەپەككۇرىنى بۇغۇچلاپ قويغىلى بولمايدۇ! ئاللىقانداق ناملاردا كىرگەن بەزى « دانىشمەن»لەرنىڭ تەلۋىلەرچە ( ئەلۋەتتە، چوقۇم مەقسەتلىك )بىرلا جۆيلۈپ قويۇشى بىلەن تور دۇنياسىلا ئەمەس، بەلكى ئالەمنىڭ مالەم بولۇپ كېتىشىمۇ مۇمكىنغۇ!؟ سىز ئارىمىزدىن بۇنداقلار چىقمايدۇ!!! دەپ كېسىپ ئېيتالامسىز!؟ مۇبادا شۇنداق بولۇپ قالسا ( بۇنداق  ئىشتىن اللا ساقلىغاي)، تارتقۇلۇقنى تارتىدىغىنى زادى كىم بولار!؟ . بۇنداق ۋاقىتتا ھېلىقى «ئەرباب» بىر چەتتە يەنىلا تاماشىبىن بولۇپ بېشىنى ئىچىگە تىقىپ يۈرىۋېرىدۇ. ئەمما شۇ تور بەت، شۇ تورنى قۇرغۇچىچۇ؟! ھەممىمىزگە مۇقىملىق، تىنىچلىق، خاتىرجەملىك  ھاۋادەكلا زۆرۈر!؟ شۇڭا ئىنكاس چوقۇم تەستىق ئارقىلىق چىققىنى تۈزۈك!!! بىلىسىز: ئادەم بەك تولا ھاياجانماسلىقى كېرەك! بولمىسا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا كۆزلىرىدىن ھاياجانلىق ياشلىرى تاراملاپ كېتىدۇ!  مۇبادا، ئىنكاسىڭىزنى تېز چىقارماقچى بولسىڭىز، نېمە يوللىسىڭىز شۇ ھامان چىقىدىغان تور بەتتىن سىزمۇ بىرنى قۇرۇڭ! چۈنكى ھازىر دېگەن تور بەت ياساش ھەم ياسىتىش خېلى مودا ئەمەسمۇ؟! بەلكىم، قۇدرەت تېپىپ قالسىڭىز، مۇنبىرىڭىزنى ئاۋاتلاشتۇرغىلى بىزمۇ كىرىمىز.(بەلكىم، بۇ گېپىم ۋاقتىنچە سىزگە ئېغىر كەلسىمۇ، ھامان چۈشىنىپ قالىسىز).
3.چەكلىنىپ قالغانلىقتىن رەنجىگۈچىلەرگە تەسەللىيمىز شۇكى، تور بىكەت قۇرغۇچىلار ئۆز تورىغا كۆپرەك تورداشلارنىڭ چىقىشىنى شۇنچە تەشنالىق بىلەن كۈتىدىغان پىسخىكىدا تۇرىۋاتسا، ئۆز تورىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، توردىكى ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ (تېما-ئىنكاسلارنىڭ) چېكىلىش قېتىم سانىنى، ئۆز تور بېكىتىنىڭ ئىناۋەت-شۆھرىتىنى مىننەتسىز مېھنەتلىرى ئارقىلىق ئاشۇرۇپ بېرىشىۋاتقان ئۆز ئەزالىرىنى سەۋەبسىزلا چەكلەيدىغان ئىش نەدە بار؟! كىممۇ ئۆز ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقان بارماقلىرىنى كېسىپ تاشلىۋېتىدۇ؟! كىممۇ ئۆزىنى مەنزىللەرگە باشلاپ مېڭىۋاتقان پۇتىنى پالتا بىلەن چېپىۋېلىپ ئاقساپ يۈرۈشنى ئۆزىگە راۋا ئىش دەپ تاللىۋالىدۇ؟!!!.... قانۇن-نىزام، ۋە قائىدە- تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلمىساق، كىممۇ بىزنى سەۋەبسىزلا جازالاپ، بىزگە چارە كۆرىدۇ؟! مۇنبەرداشلارغا ئەقەللىي ساۋات شۇكى، تور(مۇنبەر)-خەلقئارالىق مۇنازىرە سەھنىسى! بۇ سەھنىدە رەڭدار خۇشپۇراق گۈللەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغىنىنى كۆرۈشنى ھەممىمىز ئارزۇ قىلىمىزكى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدا ئەجىرسىز ئۆسۈپ قالغانلىقتىن، كۈتۈلمىگەندە كۆز قارچۇقىمىزغا  قادىلىپ قېلىپ، ئۆزىمىزگە زەرەر يەتكۈزىدىغان ياۋا نەشتەرلىك شوخىلارنىڭ، كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان بەدبۇي شۇم بۇيىلارنىڭ  ئۈنۈپ قېلىپ، بىزنى بىئارام قىلىشىنى ھېچقايسىمىز ئەسلا خالىمايمىز! شۇنداقكەن، مۇنبەرداشلارنىڭ مەزمۇنى ساغلام، تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى، بەدئىيلىكى، ئىستېتىك قىممىتى يۇقىرى تېمىلارنى يوللاپ، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بەھىرلىنىشى ئۈچۈن كۆپلەپ تېرىشچانلىق كۆرسىتىشى تولىمۇ مۇھىمكى، ناچار، پۈچەك، سەزگۈر تېمىلارنى يوللاپ، ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىلەرگىمۇ ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىدىغان ۋاقىتلىق ھاياجانلانغۇچىلارنى ھېچقايسى تور بەتلەر قارشى ئالالمايدۇ! جۈملىدىن، باغداش مۇنبىرىمۇ شۇنداق. شۇنىسى مۇنازىرىسىز پاكىتكى، ھېچكىممۇ ئۆزىگە شېرىن مېۋە بەرگەن، بېرىۋاتقان، بېرىدىغان كۆچەتنى سەۋەبسىزلا يۇلۇپ تاشلىمايدۇ! «چەكلەش»- باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن شۇ ئەزاغا ئامالسىزلىقتىن قوللىنىلغان بىر خىل «كۆيىنىش» تىن ئىبارەت!  بۇ قىسمەتكە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز مۇپتىلا قىلغان، خالاس! رەنجىشكە توغرا كەلسە، ئۆزىمىزدىن بىر ئۆمۈر چەكسىز نارازىلىقتا رەنجىۋالساق، ھەتتا ئۆزىمىزدىن شۇ قەدەر سەسكىنىۋالساقمۇ، بۇ  تامامەن ئۆز ئىختىيارىمىزكى ئىمتىياز، خالاس! چۈنكى ئۆزىمىزنى چەكلىگىنى دەل ئۆزىمىز، چەكتىن ئاشقان تۇترۇقسىز، پۈچەك، مەدەنىيەتسىز  سۆزىمىز!
4.ئورۇنسىز تالاش-تارتىشىشلارنى قىلىشىپ، ئارىغا زىددىيەت ئۇرۇقى چاچقۇچى قىسمەن «ساخاۋەتچى»،«دانىشمەن» قەلەمكەشلىرىمىزگە (بۇنداق ھال ئىلگىرى ئاز-تولا كۆرۈلگەن) سەمىمىي تەۋسىيەرىمىز شۇكى،گەرچە زىددىيەتسىز ھالدا شەيئىلەر تەرەققىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تولىمۇ بىمەنلىك بولغىنىغا ئوخشاش، ئورۇنسىز دە-تالاش، قىممىتى يوق بەس-مۇنازىرە، يەنە ئاللىقانداق مەقسەت-غەرەزلەر تۈرتكىسىدە ئېيتىلغان ياپتا گەپ-سۆز، دارتمىلاش، ساماننىڭ تېگىدىن سۇ قويۇپ، يىلاننىڭ كۆشەۋاتقىنىنى بايقاش ئۈچۈن تور بوشلۇقى بىلەن چەكلىك ئۆمرىدىكى ۋاقتىنى زايا قىلىپ، مۇنبەرلەردە تىمىسقىلاپ، تېنەپ-تەمتىرەپ، قېدىرىپ-تەكشۈرۈپ، چارلاپ-مارىلاپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، توپاقنى چىمداپ ئۆلتۈرۈش ئىستىكىدە تىپىرلاۋاتقان ئىچى قوتۇر،دىلى زەھەر، ئىچىدە توڭگۇز قاترايدىغان، ماڭسا-تۇرسا باشقىلارغا شۇملۇقنى تىلەيدىغان، پىتنە-پاسات، غەيۋەت-شىكايەتنى كۈندىلىك ئوزۇقى قىلىپ ياشاشنى ھاياتلىق مىزانى قىلىۋالغان بىر قىسىملىرىمىزلنىڭ ئارىغا تېرىۋاتقان زىددىيەتلىرى ھەرگىزمۇ مۇنبەر تەرەققىياتىنى تېزلىتەلمەيدۇلا ئەمەس، بەلكى ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇنبەرلەرنىڭ تاقىلىشىغا زامىن بولىدۇ، خالاس!  ئالايلى، مۇنبەرنى ئەھمىيەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن ئاۋاتلاشتۇرىۋاتقان، تېخىمۇ مۇھىمى، بىزگە يېڭى ئۇچۇر-يېڭىلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم يازارمەنلىرىمىز، ماھارەتلىك تەرجىمانلىرىمىز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ۋە بەزى ئالاھىدە سەۋەبلەر بىلەن بىر مەزگىل مۇنبەرگە كىرەلمىسە، ئۇلارنى «رەھمەتلىك» ياكى «مەھبۇس» قىلىشلىرىمىز زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ!؟
مۇنبەرگە ئىجادىي تېما يوللىغۇچى ھەرقانداق بىر تورداشنى ئاددىي بولسىمۇ قەلەم ئىگىسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئاساسەن بولىدۇ. مەيلى ئۇ  ھەر دەرىجىلىك يازغۇچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىق كىنىشكىسىگە نائىل بولالىغانلار ياكى قولىغا ئەمدىلەتىن قەلەم ئالغان ھەۋەسكار بولسۇن، ئۇلار نېمىلا بولمىسۇن، قەلەمكەش! بەزىلىرىمىزنىڭ تىلى بويىچە مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «يازغۇچى، شائىر»لار. (بەزىلەر ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچنىڭ چوڭقۇرلۇقى، پات ئارىدا قولغا كەلتۈرەلەيدىغان مەنىۋىي مەھسۇلاتلىرىنىڭ تولىمۇ پەخىرلىنەرلىك بولىدىغانلىقىغا ئۈمىدىنىڭ ئاجايىپ زورلۇقى بىلەنمۇ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى خۇددى روھىي غالىبىيەتچى ئۆلمەس پېرسوناژىمىز  Qئادەك شۇ خىل ناملاردا ئاتاپ يۈرىشىدۇ)! شۇنداق ئىكەن، بۇنداق پىتنە-پاساتلارنى تېرىپ يۈرسەك، بۇ خىل سالاھىتىمىزگە يارىشارمۇ؟! شاتىراقچى بىر موزاي پۈتۈن پادىنى بۇلغىغاندەك مۇنبەرلەر ئارا شاپاشلاپ يۈرۈپ، شالىمىزنى ھەممىگە تەڭ چېچىپ، بىر مۇنبەرگە ئۆزىمىز ھەر خىل ناملاردا كىرىپ، بىر نامىمىزدا ئەسىرىمىزنى يوللاپ، يەنە بىر نامىمىزدا شۇ ئەسىرىمىزنى مەدھىيەلەپ ياكى مەدھىيەلەتكۈزۈپ بىرىنچى ئەخمەقلەردىن بولۇش شەرتىنى تالىشىپ ھازىرلىشىپ يۈرسەك، بۇ سىر ئاشكارىلانغاندا، ئۆزىمىزگە، خېلى ئاتالغان، يىراق-يېقىنغا تارالغان شۇ مۇبارەك نام-ئاتىقىمىز ئۈچۈن نەچچىلىك زىننەت ۋە قەدىر-قىممەت ئاتا قىلىنار؟!!! ياكى بۇنداق چاغلاردا يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى-جېنىمنىڭ راھىتى دەپ چەكسىز «راھەت-پاراغەت»پەيزىگە چۆمۈپ ئولتۇرىۋېرەرمىزمۇ؟! پەخىلىنىشكە تېگىشلىك تۆھپىمىز بولسا، ئەللەر بىلەن بىرگە پەخىرلىنەيلى! بىلىش لازىمكى، ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك! ئالتۇن نىجاسەتتىمۇ يەنە پارقىراۋېرەلەيدۇ! ئەتتىگەندە دەرەخ تىكىپ، چۈشتە سايىداش، كەچتە مېۋىسىنى يېيىش ئىستىكىدە تەنتەكلىشىپ تولا كۆپ تىپىرلىمايلى! سەۋر-ئاڭلىق ئادەمنىڭ مۇستەھكەم  ئىستىھكامى!
     بىلىمىز: يازغۇچىلار- دەۋرنىڭ كۆزى، يازغۇچىلار- خەلقنىڭ غەمگۇزارلىرى. ئەتراپىمىزدىكى تۈرلۈك تۈمەن ۋەقە-ھادىسە، گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەت ۋە بارلىق قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىز ئەنە شۇ مېھنەتكەش يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى، سەزگۈر قۇلاقلىرى، سەگەك تەپەككۇرلىرى ئارقىلىق چاقماق تېزلىكىدە بايقىلىپ، ياخشىلىرى باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشى، كەمچىلىك، ئىللەت، نۇقسانلار بەزىلىرىمىزنىڭ، جۈملىدىن ھەممىمىزنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن تۈرلۈك ژانېردا ماقالە-ئەسەر بولۇپ مەنىۋىي مەھسۇلات سۈپىتىدە ئىشلەپچىقىرىلىپ بىزگە ئادەمىيلىك يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ! شۇڭا ھەقىقىي ۋىجدان-غۇرۇلۇق يازغۇچى-قەلەمكەشلەر  خەلقىمىزنىڭ ئەڭ پەخىرلىنەرلىك كىشىلىرى بولۇشقا ئەزەلدىنلا مۇناسىپ بولۇپ كەلگەن. تەرجىمانلىرىمىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئەلۋەتتە!  ئالايلى، قايسى بىر كلاسسىكلىرىمىز ئۆزى يازغان دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە، ئەسرلەر بويى ئەل ئارا سۆيۈپ ئوقۇلۇپ كېلىۋاتقان، بەلكى مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان بۈيۈك ئەسەرلىرىنى يازغاندا، شۇ ئەسىرىدىن پەخىرلەنگەن؟! ئۇنى كىملەرگە كۆز-كۆز قىلىشقان؟! بەلكى، ئۇلاردىن ئۆز ئەسەرلىرىگە ھەتتا ئۆز نام-شەرىپىنىمۇ يازمىغانلاردىن خېلى بارغۇ؟!!!
     مېھنەت قىلىش-ئېسىل پەزىلەت، مىننەت قىلىش ھايۋانىيلىقتىنمۇ  بەتتەر كالۋالىق، ھاماقەتلىك، تولىمۇ ئىپتىدائىيلىق! يازغۇچىلىق( بۇ يەردە تېما-ئىنكاس يولللىغۇچىلار دەپمۇ چۈشىنىپ تۇرايلى) ئالاھىدە ماھارەت ئارقىلىق باشقىلارغا پەزىلەت تارىتىدىغان مىننەتسىز مېھنەت! بۇنداق مېھنەت ئۇچرىغانلىكى ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە! نەچچە يۈز ئادەمدىن پەقەت بىرەرسى بەلكىم ئۆزى ئۇچراتقان ۋەقە-ھادىسە، ئويلىغان تەپەككۇرلىرى ھەققىدە قولىغا قەلەمنى ئېلىپلا، ۋاراقنى تولا يىرتماي ئۆز مەقسىتىنى بىمالال ھالدا راۋان ۋە ئوبراشلىق، مەزمۇنلۇق ئىپادە قىلالىسا كېرەك. ئاددىيسى بىر پارچە رۇخسەت سوراش خېتى ياكى ئىلتىماس، ئەقەللىيسى بىرەر-ئىككى بەت تەسىرات ماقالىسى يېزىشتا بەزىلىرىمىز زادى نەچچىلىك تېنەپ-تەمتىرەيمىز؟! بۇ تولىمۇ ئېنىق بىر پاكىتقۇ؟! دېمەكچى، يېزىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، يارىغۇدەك يېزىش تېخىمۇ قىيىن! باھا بېرىشچۇ؟!!!
     دەرۋەقە، قەلەم ساھىبىلىرى ھۆرمەتلىنىشكە ئەڭ بەرھەق كىشىلەردۇر. ئەمما بىر قولىمىزدا قەلەم يەنە بىر قولىمىزدا سۈپۈرگىمىز بىللە تۇرسا، يېزىپ تاپقان ھۆرمىتىمىز، ئەل قەلبىدە قالدۇرىۋاتقان «ئىز»لىرىمىزنى «سۈپۈرگە»مىزدە ئۇدۇللۇق ئۆچۈرۈپ-تازىلاپ، سۈپۈرۈپ-ئادالاپ ماڭساق، بەلكى كۆرەڭلىسەك، بىزگە بۇ ھۆرمەت يەنە نېسىپ بولارمۇ؟! شۇنىڭغا كۆز يۇممايمىزكى، قەلەم ساھىبىلىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە ھەقىقەتەن خېلى گەپ-سۆزلەر، غەيۋەت-شىكايەتلەر بار. خۇددى «ئۆلگەنلەرنىڭ كەينىدىمۇ ككپ گەپ بار» دېگەن ناخشىدىكىدەكلا.  بۇنى بىر-بىرلەپ دەپمۇ يۈرمەيلى! ئەمما كىمىكى، ئاق قەغەزگە قارا سىيادا خەت يازىدىغان مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، باشقىلار ئۇلارنى كالۋا، ساراڭ...دەمدۇ، ماختاپ، ئۇچۇرامدۇ بۇلارغا ئانچە بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىكى، ئۆزى توغرا دەپ تاللىغان يولدا، ئەلنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ ياشاشنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەمىيلىك مىزانى قىلىپ ياشىمىقى لازىم! ھازىر دەۋر تەرەققىي قىلدى. كىشىلىرىمىز كەسىپ ئەھلىگە، بىلىم ئەھلىگە ئايلاندى، ئايلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق پەيتتە، بىلىملىكلەر يەنىلا قەدىرلىنىدۇ. ئەمما مەن-مەنچىلىكنى، چوڭچىلىقنى، باشقىلارنىڭ ئورۇنسىز تالاپ-غاجاشلىرىغا سۈكۈت قىلىپ، قول قوشتۇرۇپ«لەببەي»لەپ تۇرىۋېرىدىغانلار نېمىشقىكىن، بارا-بارا بەك كۆپ قالمايۋاتىدۇ! چوڭچىلىق، پوچىلىق، كۆرەڭلەش-ھەتتا يەر شارىغىمۇ بىھۇدە يۈك! بىلىم ئېلىپ تاكامۇللىشىش- تولىمۇ ياخشى ئىش، ئەمما ئۆز بىلىمىنى، «شۆھرەت»لىرىنى ئەل ئارا نامايەن قىلىشقا ئالدىراش، «قىلىچتەك ئۆتكۈر سۆز»لىرى بىلەن باشقىلارغا نەشتەرىنى زورلاپ سانچىۋالالىغانلىقىدىن ۋاقتىنچە كېرىلىپ كېتىش بەكلا  ئالجىپ قالغانلىقتىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس!!!
بىز ھېس-ھاياجانلىرىمىزغا قۇل بولۇپ كەتكەچكە، ئالدىراپ-تېنەپ بىخۇدلۇقتا يېزىلغان بەزىبىر تېما- ئىنكاسلىرىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ پەزىلىتىگە، خېلى چوڭ نام-شەرىپىمىزگە دەخلى يەتكۈزىۋالمايلى! بۇنداق «مەھسۇلات»لىرىمىز كۆڭلىمىزدىكىدەك ئالقىشلىنالماي، باشقىلارنىڭ  سەلبىي ئىنكاس ۋە تاپا-تەنىلىرىدىن يېتىمسىراپ بىر بۇلۇڭدا دۈگدىيىپ قالسا ياكى ئۆچۈرۈلسە بۇنىڭدىنمۇ ئالدىراپ نارازى بولۇپمۇ كەتمەيلى، نارازى بولۇشقا توغرا كەلسە، ئۆزىمىزنىڭ ئالا كۆڭۈللىكىدىن نارازى بولايلى! جاھىل، مەنمەنچى،نادان ئەخمەقلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىشىش خۇددى قارڭغۇ گۆرنى يورۇتۇش ئۈچۈن چىراغ ياققانلىق بىلەن باراۋەر. بىز چىراغنى تۇرىۋاتقان ئۆيىمىزگە، ھەسەت تۇمانلىرى بىلەن خىرەلەشكەن قەلب سارىيىمىزغا ياقايلىكى، تىرىكلىكىمىزنى قاراڭغۇدا شەپەرەڭدەك تىمىسقىلاپ لەنەتگەردە بولۇپ بىھۇدە ئۆتكۈزىۋېتىپ، لەھەتلىرىمىزنى نۇرلاندۇرۇشقا كۈچەيدىغان «ئاقىل»لاردىن بولۇپ قالمايلى!!! بۇ- مانا مۇشۇنداق جاھان! ئۆزىدىن نارازى بولۇپ ياشاش-ئۆز نۆۋىتىدە ھەقىقىي ئىقتىدارلىق، تەلەپچان، ياراملىق كىشىلەرنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىدىن بىرى. چۈنكى ئۇنداقلار ئۆزىدىكى بىلىم-ماھارەتتىن يېتىشسىزلىكلەرنىڭ خېلىلا كۆپلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭدىن خىجىل بولۇپ، ئۆز نەتىجىلىرىدىن پەخىرلىنىش ئەمەس، نارازى بولۇش پىسخىكىسىدا تۇرۇپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ئاڭدا، ھەرىكەتتە، تۇيغۇدا ياشايدۇ! تامچە سۇدىمۇ قۇياش نۇرى ئەكىس ئېتىدۇ.
بىزدە:«ئارىلاشقان ئادىمىڭگە قاراپ پەزىلىتىڭنىڭ يېرىمىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ» دېگەن ئاتىلار سۆزى بار. ئويلاپ باقايلى،  ئىنسان ئۈچۈن ئۆزى ھەققىدە پەخىرلىنىپ سۆزلەشتىنمۇ سەترەك ئىش بولارمۇ؟! بىز، بەزىلىرىمىز 10-20 مىڭ ئادەم ئالدىدا ئويالماستىن ئەنە شۇنداق قىلدۇق گاھىدا! ( بۇنى شۇنچىلىك دەيلى، يېپىقلىق قازان يېپىق ھالىتىدە تۇرۇپ تۇرغاي). ياخشىسى، بىز ئۆزىمىزنى ماختىمايلى، بىزنى خەلق ماختىسۇن! ئىلگىرىكى ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەك، مەسەللەردە يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئەڭ قورقۇنچلۇق، يىرگىنىشلىك مەخلۇق دەپ تەسۋىرلىنەتتى، ئەمدى ئويلىسام، ئىككى يۈزلىمىچى كىشىلەر، كۆرەڭلىگۈچىلەر، ئارىغا زىددىيەت ئۇرۇقى چاچقۇچىلار ئەڭ يىرگىنىشلىك مەخلۇقلار ئىكەن! ئاچچىق سوئال سوراپ، شېرىن جاۋاب كۈتۈش، تېرەك كۆچىتى تىكىپ،ئۇنىڭدىن شېرىن نەشپۈت ئۈزۈش ئىستىكىدە بولۇش بەكمۇ كۈلكىلىك ئىش! بىلىمىز: ئۆزى يۈزسىزنىڭ سۆزى تۇزسىز بولىدۇ، تۇزسىزنىڭ تەمى بولمايدۇ، تەمسىزنىڭ قىممىتى ۋە لەززىتى بولمايدۇ! مۇنبەر دېگەن بەس-مۇنازىرە سورۇنى. شۇنداق ئىكەن، خۇددى بىر ئېغىز ئىچىدىكى قەدىناسلاردىن ھېسابلىنىدىغان تىل بىلەن چىش گاھىدا چىشلىشىپمۇ قالغاندەك مۇنبەردىكى مۇنازىرىلەر جەريانىدا بەزىبىر زىددىيەتلەردىن ساقلانماق ھەقىقەتەن مۈشكۈل. چىش تىلنى چىشلىگىنى بىلەن ئۇلار قەدىناس دوست! بىزمۇ مۇنازىرىلەر ئارقىلىق بەزىدە تاكاللىشىپ، غالجىرلىشىپ كەتسەكمۇ، يەنىلا بەرىبىر مۇنبەرداش! چىلبۆرىدىن قورققان ئادەم ئورمانلىققا كىرەلمىگەندەك، مۇنبەردىكى زىددىيەت-توقۇنۇشتىن قورققان ئادەم مۇنبەرگە ياراملىق بىرەر ئەزا بولۇشقىمۇ يارىمايدۇ! شۇنىسى ئېنىقكى، قاغىلار ھەر قانچە قاققىلدىسىمۇ، دەريالار دېڭىزغا قۇيىلىۋېرىدۇ. ئىتلار ھاۋشىغانغا كارۋانلار توختاپ قالمايدۇ. پاقا كۇكىرىمىسا، ئىت قاۋىمىسا، ئېشەك ھاڭرىمىسا بېشى ئاغرىيمىش! كىشىلەر ئارىسىدا قاننى كۆرسەتمەيلا جاننى ئالىدىغان جاللاتلارمۇ،«راست»گەپلا قىلىپ بىزنى «تەسىر»لەندۈرۈپ، كۈلىمىزنى كۆككە سورۇپ، نامىمىزنى سۈيئىتېمال قىلىپ «يۈز تېپىپ» ياشايدىغان «ماھىر»لارمۇ خېلى بار!  شۇڭا بەلكىم، ئاللىكىملەر ئۈستىمىزدىن نەچچىلىك توقۇم توقۇپ، بىزگە ئەپسۇن ۋە لەنەتلەرنى ئوقۇپ كەتسىمۇ كەتسۇنكى، ئەمما بىز ئۆز ئارا ئورا كولاشمايلى! سەن ئۆل، مەن تىرىلەي دەپ، باشقىلارنىڭ ماتىمىدىن بەھىرلىنىپ ھېيت ئوينىمايلى! بىزدىن ئەل بىزار بولمىسۇن! بىز بەزىلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ تۈلكىدىنمۇ بەتتەر ساختىپەزلىكىمىز بىلەن باشقىلارنى بۇ مەۋھۇم دۇنيادا ھەر خىل ۋاستىلار بىلەن ئالدىمايلى! بىز بەزىلىرىمىز بۆرىدەك يالماۋۇزلىقىمىز بىلەن ھەممىنى تەڭ تالاپ-غاجاپ، سۈر-توقاي قىلشمايلى! بىز بەزىلىرىمىز قۇرۇق تېرە تاراقشىتىپ، باشقىلارغا بۇنچە چوڭ ھەيۋە قىلمايلى! مۇنبەر دېگەن ئىللىق ماكان ئىدى. ئۇ پىكىرداشلارنىڭ قىزغىن بەس-مۇنازىرىلىرى ئارقىلىق قىزىپ كېتەتتى. ئەمدى ئۇ  مۇشۇنداق بىر قىسىملىرىمىزنىڭ «مېھنىتى»ئارقىلىق ئاپىرىدىلەنگەن ئاجايىپ-غارايىپ مۇنازىرىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ قىزىتىشى بىلەن ھېچكىم ئاياغ باسالمىغۇدەك دەرىجىدىكى يۇقىرى ھارارەتلىك ئاتەش-چوغ ماكانغا، زىمىستان تۈسىنى ئالغان تىترەڭگۈ، سوغاق، توڭ، تېتىقسىز سۆزلىرىمىز بەرىكاتىدىن ھاياتلىق چەكلەنگەن ئانتىراكتىداغا، تالاش-غاجاشلىرىمىزدىن كۆتېرىلگەن قارغىش تەگكۈر لەنىتى بورانلار ئۇچۇپ تۇرىدىغان جىن-ئالۋاستىلار ماكانى- كۇھىقاپقا ئايلىنىپ قالمىسۇن!! ئورۇنسىز تۆھمەتلىرىمىزدىن ئاۋات مۇنبەرلەر يەنە بىمەھەل چۆلدەرەپ قالمىسۇن! بىزنىڭ  تۇزلۇق سۆزلىرىمىزنىڭ كاساپىتىدىن مۇنبەرنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى شورلىشىپ گىياھسىراپ كەتمىسۇن! بىزنىڭ رەھىمسىزلەرچە، تەلۋىلەرچە ئوڭ- تەتۈر دەسسەپ- يەنجىشلىرىمىز، تېپىپ- چىچاڭشىشلىرىمىز  كاساپىتىدىن مۇنبەردىكى يۇمران ئۈمىد مايسىلىرى  بىمەھەل چەيلەنمىسۇن! بىزنىڭ قاڭسىق، تېتىقسىز، لاۋزا، بەتتەم سۆز-ئىبارىلىرىمىز  خاسىيىتىدىن مۇنبەرنىڭ  ساغلام مۇھىتى بىۋاق بۇلغانمىسۇن! قەلەمكەشلىك، توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئادەمىيلىك پەزىلىتىمىز بىلەن مۇنبەرلەر مۇھىتىنى بۇنچىۋالا بەك قىزىتىپمۇ كەتمەي، سوۋېتىپمۇ قويماي، قۇرغاق رايونلار مۇھىتىدەك  قۇرغاقلاشتۇرۇپمۇ ئەتمەي، مۇنبەر مۇھىتىنى ھالال ئەجرىمىز بىلەن  مۆتىدىللەشتۈرۈپ، ئۇنى ھەر خىل مىجەز، ھەر خىل خاراكتېر، ھەر خىل تەبىئەتلىكلەرگە ئورتاق ماس كېلىدىغان مۇنبەت، مۆتىدىل ماكانغا ئايلاندۇرايلى!  پاك قەلب، سەمىمىي تىلەك-تەۋسىيەلىرىمىز ئارقىلىق بۇ گۈلىستاندا تېخىمۇ رەڭدار، تېخىمۇ خۇشبۇي، تېخىمۇ كۆپ سەر خىل گۈل-غۇنچىلارنىڭ كۈنسېرى تۈركۈملەپ پورەكلەپ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى!  شۇندىلا، مۇنبەر قۇرغۇچى قېرىنداشلىرىمىزمۇ خاتىرجەم ھالدا بىز ئۈچۈن ياخشى بولغان مۇنازىرە مۇنبىرى راسلاش يولىدا دادىل ئىزدىنىش ئىمكانىيىتىگە، يازما-ئىنكاس يوللىغۇچىلارمۇ ھەر ۋاقىت ئۆز ماھارىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئىجاد بەيگىسى سورۇنىغا، مۇنبەردىن بەھىرلەنگۈچى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئىزدىگىنىنى بىمالال تېپىپ پايدىلىنالايدىغان ئەۋزەل ئىمكانىيەتكە ئىگە بولسۇن!! مانا بۇ پىكىر يەنە كىمگە ياقار؟! كىملەرگە ياقماس؟! قىسقىسى، بەزىدە ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا ئارتۇقچە ھاياجانلىنىپ كېتىپ، قايناق تۇيغۇلىرىمىز ئارقىلىق باغداشنىڭ «قىزىتمىسى»نى ئۆرلىتىۋېتىۋېتىدىغان، بەزىدە ئىنتايىن سۇس كەيپىيات بىلەن مۇنبەرگە شۇنداقلا بىر كىرىپ قويۇپ، ئۈن-تۈنسىز چىقىپ كېتىشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلىۋېلىپ، مۇنبەرنى چۆلدەرىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىپ،  مۇنبەرنىڭ نورمال «تىمپۇراتۇرا»دا بىز ئۈچۈن يېڭى ئۇچۇر-يېڭىلىقلارنى يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان ياخشى بىر  سەھنە بولالىشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىقلىرىمىز ئارقىلىق باغداش مۇنبىرىنىڭ مۇنبەر مۇھىتىنى مۆتىدىللەشتۈرەيلى!!! سۆزۈمنى خىسراۋ دېھلىۋىينىڭ مۇنۇ ئىبارىسى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي:
   
                                  كىمىكى يامان ئىشنى بىلىدۇ راۋا،
                                  ئۇ ئۆز قىلمىشىدىن تارتىدۇ جازا.
                                 
                                        2013 -يىل 7-نۇيابىر

0

تېما

0

دوست

379

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   39.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22599
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      توغرا گەپ بوپتۇ،دېمىسىمۇ مەن بىر تىمام تەستىقلانمىغاچقا ئازراق زارلانغان ئىنكاسلارنىمۇ يازغان،ئەمدى ئويلاپ باقسام ئۆزۈممۇ يىنىكلىك قىلغاندەك تۇرىمەن، باغداشنى سەركە مۈنبەرلەردىن بىرى قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ھەممىمىز ئورتاق تىرىشمىساق بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ،
قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

1

دوست

928

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   85.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11775
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 81
تۆھپە : 249
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amanyol يوللىغان ۋاقتى  2013-11-7 22:31
توغرا گەپ بوپتۇ،دېمىسىمۇ مەن بىر تىمام تەستىقلانمى ...

ناھايتى   ياخشى   تېمدى ن بىرنى   يوللاپسىز   .   باشقلىلارنى   كەچۈرۈش  پەقەت   غالىب   كىشلەرنىڭلا  قۇلدىن   كېلدۇ   ،    ئۇزاق   مەزگللىك   تىرىشچانلىق   ئارقىلق   ئاران   مۇشۇنچىلىك   بىر  مۇنبەرنى   قۇرۇپ   ئۇيغۇر  ئىلم   ساھەسىدىكى   سەرخىللارنى   بۇ   مۇنبەرگە   يىغدۇق  ،  نۇرغۇن   ياش  بۇغۇنلار   ئەمدى   ئاران   بىر  ياخشى   زىيارەت   ماكانغا  ئېرىشكەندە   يەنە  تۇرۇپلا  يۇقلاڭ   ئىشلارغا  زارلاپ   بۇ   مۇنبەرنىمۇ   يوق   قىلۋەتسەك   ،   ئۇ   چاغدا   ئاشۇ   مەنپەتدار  بۇلۋاتقانلار  يەنە  تەمتىرەپ   نەدە   يۈرىدۇ   .   ئاشۇنداق   بىلىم   ساھىبلىرىنى   يەنە  قايسى   مۇنبەرگە   يىغالايمىز  .   بۇنىڭ   ئۇچۇن   تولمۇ   ئۇزۇن   جەريان   كېتىدۇ   .   بۇ    خۇددى   مىللىتمىزنىڭ   تولا  يېزىق   ئالماشتۇرغىندەك   ،تەرەققىيات   ئۈچۈن   زىيانلىق   بىر  ئىش  .
     بىزمۇ   باشقىلاردەك   ئۆزئارا  قوللىشىپ سەرخىل زىيالىيلار   توپلانغان،شۇنداقلا   ئۇيغۇرلارنى   تۇنۇش   ۋە   تۇنتۇشتا بەلگلىك  تەسرى بار    ئۇيغۇرلارنىڭ   نۇپۇزلۇق   مۇنبىرىنى   بارلىققا  كەلتۇرەيلى .شۇنداق   قىلغاندىلا   ئاۋازىمىز   تېخمۇ   يىراققا  ئاڭلىندۇ   .   ئېچىرقاپ   تۇرغان  تېخمۇ   كۆپ   يۈرەكلەر  تېپىشدۇ   ،سىردىشدۇ  .

0

تېما

0

دوست

694

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   38.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3933
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 130
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  پىكىرلەر  ئۇزۇلمىگەي

2

تېما

4

دوست

2306

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 664
توردىكى ۋاقتى: 158
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلمىگەنلەرگە ئامال يوق. بىلگەنلەر يىتەكلەش مەجبورىيتىنى ئۈستىگە ئىلىشى شەرىت. شۇڭا ماركىسنى ئۇلۇغلايمىز.

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

21

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 2568
توردىكى ۋاقتى: 487
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداشنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىگە تىزراق قايتىشىغا  ، يەنى تىما ئىگىسى ئېيىتقىنىدەك  سالامەتلىكىنىڭ سەللىمازا ئەسلىگە كىلىشىگە تىلەكداشمەن .

0

تېما

23

دوست

2729

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1012
تۆھپە : 520
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھىل، مەنمەنچى،نادان ئەخمەقلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىشىش خۇددى قارڭغۇ گۆرنى يورۇتۇش ئۈچۈن چىراغ ياققانلىق بىلەن باراۋەر.

يۇقارقى بۇ پىكىرىڭىزدىن باشقا بارلىق پىكىرلىرىڭىزنى قوللايمەن.قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە قايىلمەن .ئاللاھ ئىگىمىز تىخىمۇ ئۆتكۈر قىلسۇن .
باغداشنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتىگە كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدۇ .يىقىندىن بۇيان سەل مۇنبەر سەل سۇۋۇپ قالغان چىراي .
لىكىن باغداش بۇنىڭلىق بىلەن جىمىپ كىتىدىغان مۇنبەر ئەمەس.بۇ يەردە ھەممەيلەننىڭ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق قالدۇرغان ئىزلىرىمىز بار .مىھرىمىز بار .
يىقىندىن بىرى توك يوللىرىنى رەتلەش ۋە باشقا شەھەر گۈزەللەشتۈرۈش دەمدۇ بىر نىمە سەۋەبلەر بىلەن بىر نەچچە كولىغان يەرلەرنى يەنە قايتا كولاپ ئەتىگەن 8 دىن كەچ 9 گىچە توك يوق.مۇنبەرگە چىقىش سەل بىئەپ .
ئەمما مەن مەيلى تىما ياكى ئىنكاس يازاي ياكى يازماي.يىڭى تىما بولسۇن ياكى بولمىسۇن ھەر دائىم باغداشنى ئاچىمەن ...
باغداشقا كۆنگىلىمۇ بىر يىرىم يىلدىن ئىشىپتۇ.ئەينى ۋاقىتتا ئالتە،يەتتە مىڭ ئادەم بولغان بولسا ھازىر 22 مىڭدىن ئىشىپتۇ.
ئىنشائاللاھ باغداش تىخى يەنە داۋاملىق تەرەققىي قىلىدۇ .
ئەجرىڭلارغا رەھمەت باغداش ئۈچۈن تەر تۆككەنلەر ...

ئەلقانات

0

تېما

10

دوست

4174

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 141
تۆھپە : 1152
توردىكى ۋاقتى: 501
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2013-11-7 23:26
بىلمىگەنلەرگە ئامال يوق. بىلگەنلەر يىتەكلەش مەجبورىيت ...

سىز راستلا ماركىسنى ئۇلۇغلامسىز؟

pakat rabimizla bizga hidayat

12

تېما

10

دوست

5471

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9586
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1066
تۆھپە : 944
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹قىپ ›› نى  ‹‹پىق ›› قىلساڭ  قۇشۇپ  باشىغا  رە،،،
بال  بىرەر   نەشتەر  تۇتۇپ  تۇرغان  ھەرە،،،،
تەسكىرى  قىلساڭ  ئۇنى  باغىڭ  خازان،،،
تەۋرىگەي  ئەژدىھا  بۇپ  ھەتتا  پىلە،،،،

3

تېما

1

دوست

1650

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 514
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش تەس ، بىر ماقالە بىلەن ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ ، شۇڭا ھەممىمىز تەڭ كۈچەشكە توغرا كىلىدۇ . چىدىمىساڭ ئۆزەڭ توربەت ئاچ دىگەن گەپ بولماپتۇ ، بۇ ، مەن ئاچتىم سەن ئاچالامسەن ؟ شۇڭا مېنىڭ دېگىنىم بويىچە بولىدۇ  ، دىگەن بىلەن نىمە پەرق بولىدۇ ؟ ئىنكاس تەستىقتىن ئۆتمىسىمۇ ئۇدۇللاپ چىقىۋەرسە باشلىقلارنى كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسا بىمەنە ئىنكاسلەرنى دەرھال ئۆچۈرسە بولىدىغۇ ؟  ھازىرقى ئەھۋال پەقەت باشلىقلارغىلا خوشياققان بىلەن بىزدەك تەستىقلىنىشىنى كۈتىدىغانلارغىچۇ ؟ مەسىلە دىگەننى كاۋاپمۇ زىخمۇ كۆيمەيدىغان قىلىپ ھەل قىلغاندا ئاندىن ھەل بولغان بولىدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )