جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى تورى 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بىيجىڭدىن بەرگەن مەخسۇس خەۋرى
بۇگۈن چۈشتىن بۇرۇن بىيجىڭدىكى دۇڭسې مەسچىتىگە كەلگەن بىر نەپەر ئۇچسىغا مىللى كىيىم كىيۋالغان -بىشىغا ياغلىق چىگىۋالغان خەنزۇ شاۋ شيۇ روڭ خانىمنى كۈتىۋالدى .
بۇ كۈزنىڭ سالقىن ۋە ساپ ھاۋاسىدا دۇڭسې مەسچىتىنىڭ مىھمان كۈتۈش زالى ئىللىپ كەتكەندى . جۇڭگۇ ئىسلام دىنى جەميىتىنىڭ باشلىقى ، دۇڭسې مەسچىتىنىڭ ئىمامى چىن گۇاڭ يۇەن - شاۋ شيۇ رۇڭ خانىمغا ئىسلام دىننىڭ ئاساسلىرىنى تەشۋىق-تەربىيە قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ئىسلام دىنغا كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى . چىن گۇاڭ يۈەن باشلىق كۈڭۈل قۇيۇپ شاۋ شيۇ روڭ خانىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمالىنى ئۇقۇدى . ھەمدە ئۇنىڭغا ئىلھام بەردى .
زا تۇتۇش ، زاكات بىرىش ، ھەج قىلىش قاتارلىقلارنى تەپسىلى چۈشەندۇردى . ئۇنىڭدىن كىيىن شاۋ شيۇ رۇڭ خانىم مۇنچىغا بىرىپ چوڭ تاھارەت ئىلىپ پاكلىنىپ چىققاندىن كىيىن چىن باشلىق ئۇنىڭ مۇسۇلمانچە گۇۋاھلىق سۆز-شاھادەت ئىيتىشىغا يىتەكچىلىق قىلدى .شاۋ شيۇ روڭ خانىم چىن ئىمامغا ئەگىشىپ شاھادەت ئىيتتى ۋە رەسىمىي بىر مۇسۇلمانغا ئايلاندى.
(شاۋ شيو روڭ خانىم چىن گۇاڭ يۈەن ئىمامغا ئەگىشىپ شاھادەت ئىيتتى)
بىر لاياقەتلىك -مۇنەۋۋەر مۇسۇلمان بۇلۇش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ، لىكىن ئۈزىنى بىلىش -ھەققەت توغرىسىدا ئىزدىنىش -ئاندىن ئىسلام دىنىغا كىرىش بۇ ئاسايىشلىق بولسا بىر مۇنەۋۋەر مۇسۇلمان ئىگە بۇلىدىغان رۇھى ھال .
شاۋ شيۇ رۇڭ خانىم بىيجىڭ شەھرىنىڭ توڭجۇ رايۇنى جىياۋۇ خۇيزۇ يىزىسىدا تۇغۇلغان ...........2003-يىلىدىن باشلاپ شاۋ شىيۇ رۇڭ خانىم بىيجىڭ شەھىرى خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى ، توڭجۇ خۇيزۇ رايۇنى رايۇنلۇق ھۈكىمەت ، رايۇنلۇق خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئۇرۇنلاردا ئىشلىگەن . كىيىن توڭجۇ خۇيزۇ رايۇنى- رايۇنلۇق ھۈكىمەتنىڭ قوللىشىدا ياشانغانلار ساناتورىيەسى قۇرۇپ شۇ يەردە ئىشلىگەن . ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ئىشلىگەن 10 يىلدىن بۇيان خىزمەتتە ئەستايدىللىقى ياشانغانلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن جەميەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ ئىشىنىشگە ۋە قۇللىشىغا ئىرىشكەن . بۇ ئاددى -ساددا خۇيزۇ كەنتىدە شاۋ شىيۇ روڭ خانىم ئاللىبۇرۇن مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىشىپ كەتكەن .
.....................
توغرا يولغا يىتەكلىگەن اللەغا ھەمدە سانالار بولسۇن . ئىسلام ئارقىلىق ئىتتىپاقلاشقانلار بارغانسىرى ئاشماقتا .
مەنبە: http://www.muslimwww.com/html/2013/mzrw_1107/19276.html
|