ئاپتۇرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:
ئېللېرى سىچەمىپ(Ellery Schempp)كۆپ ئىقتىدارلىق فىزىك.ناتىق. پىروفېسور.1967-يىلى دوكتۇرلۇقنى تاماملىغاندىن كىيىن بىروۋىن ئونېۋېرىستىتىدا فىزىكا دەرىسى ئۈتكەن.
ئۇ 1956-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئۇقۇغۇچىلارغاھەر كۈنى ئىنجىلنى 10 قېتىم مەجبۇرى ئوقۇشنى ۋەزىپە قىلىشىغا قارشى چىققان،ئەكسىچە،ئۇزى بىر پارچە قۇرئاننى كۇتىرىپ كىرىپ ئوقۇغىلى تورغان .مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئۇ مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسىغا چاقىرتىلغان. ئېللېرى ئاتىسى ۋە ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ رايوننىڭ ئىنجىلنى مەجبۇرى ئۇقۇتۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىغى ئۈستىدىن سوتقا ئەرىزمۇ قىلغان.
ئېللېرى ئۇزىنى ئاتېسىت ھېساپلايدۇ.شۇنداقتىمۇ بىر ئېلاھلىق دېنى جەمىيەت((Universalist)نى قوللايدۇ.ئۇ 1996-يىلى ئامرىكا دىنى ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
بارلىق فىزىكا دەرىسلىكلىرىگە بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئىنىق يېزىلىشى كىرەك:
بۇ دەرىسلىككە كىرگۆزۆلگەن ئالەملىك تارتىش كۈچى پەقەت بىر نەزەريە بولۇپ،ھەرگىز ئەمىلى پاكىت،تەبىئەتنىڭ قانونىيىتى ئەمەس.ئۇقۇغۇچىلارئېچىۋىتىلگەن پوزىتسىيە بىلەن،ئىنچىكە تەتقىق قىلىشى شۇنداقلا ئويلىنىشى لازىم.
تارتىش كۈچى ھەققىدىكى ئومۇمى نەزەريىلەر دائىم مەكتەپلەردەبىر"ئەمىلى پاكىت"قاتارىدا ئوقۇتۇلۇپ كەلمەكتە.ئەمەليەتتە ئۇ ھەتتا بىر ياخشى نەزەريەمۇ بولالمايدۇ.
ئالدى بىلەن دەيدىغىنىم ،ھازىرغىچە ھەربىر ئاتومنىڭ ،ھەربىر تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئېغىرلىق كۈچىنى ئۈلچەپ باققان بىرمۇ ئادەم يوق.بۇ (تارتىش كۈچى)بىر ئاددى دېنى ئىتىقات تەرىقىسىدە بەكمۇ ئومۇمىلىشىپ كەتتى.
ئۇنىڭدىن باشقا مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىكلىرىدە دائىم دىگىدەك ساختا بايانلار ئۇچرايدۇ.مەسىلەن،"ئاي شارى يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىدۇ".مۇبادا ئېغىرلىق كۈچى نەزەريىسى توغرا بولسا بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، قوياشنىڭ ئاي شارىدىكى تارتىش كۈچى يەرشارىنىڭ ئاي شارىدىكى تارتىش كۈچىدىن خېلىلا چوڭ بولىدۇ.ئۇ ھالدا،ئاي شارى قوياشنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىشى كېرەك.ھەرقانداق كىشى كىچىسى ئاسمانغا قاراپ،تارتىش كۈچى نەزەريىسىنىڭ رۇشەن نۇقسانلارغا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۇرۆپ يىتەلەيدۇ.
نەملىك كۈچى دائىم دىگىدەك تارتىش كۈچىنىڭ مەۋجۆتلىغىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ،لىكىن بۇنىڭدا لوگىكىلىق نۇقسان بار.چۈنكى،ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى يەرشارنىڭ كۇرۇنۆپ تۇرغان كۆپۆنكى تەرىپىگىلا تەسىر قىلىدۇ،ئۇنداقتا يەر شارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى دولقۇن كۇتۇرىلىشىگە نىمە دەيمىز؟.....ئەڭ چوڭ ئېھتىماللىق شۇكى،دولقۇننىڭ كۇتىرىلىشى ناھايتى نۇرغۇن يىللار مۇقەددەم بىر پاراسەتلىك ياراتقۇچى بىزگە ۋە بۇ مەخلۇقلارغا بەخشەندە قىلغان ئىنئامدۇر.ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئىككى يۇقۇرى دولقۇندىن ئېغىرلىق كۈچىنى ئويدۇرۇپ چىقارغىلى بولىدۇ.
تارتىش كۈچى نەزەريىسىدە بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان نۇقسانلار بار.مەسىلەن،ئاستىرۇنوملار تارتىش كۈچىگە مەستانە بولغان ھالدا بىزگە شۇنداق جاكالايدۇ:ئاي ئۇقىدا ئايلىنىشتىن باشقا ،يەرگە پەقەت بىرلا يۈزىنى قىلىپ تۇرىدۇ.مانا بۇ ،ئۇچۇق ئاشكارە بېمەنىلىكتىن ئىبارەت.
بۇنىڭدىن باشقا،ئەگەر تارتىش كۈچى قەدىمقى زامانلاردىكى يەر شارىغىمۇ ئورۇنلۇق دىيىلسە بۇ ھالدا بۇ كۈچ چىللاپ كەلگەن كىچىك پىلانىتلار،ئاستېرويىدلار،ئاقار يۇلتۇزلار،قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارۋە باشقا ئالەم ئەخلەتلىرىنىڭ سوقۇلىشى ۋەجىدىن پارتىلاپ كەتكەن بولار ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ،تارتىش كۈچى نەزەريىسى نەچچە مىليارىت يىللاردىن بېرى پىلانىتلارنى ئوربىتىسىدا تەرتىپلىك ھەركەت قىلىدۇ دەپ قاراپ كەلگەن بولۇپ،بۇ قاراش تېرمۇ دىنامىكىنىڭ ئىككىنجى قانونىغا پۈتۈنلەي خىلاپ.چۈنكى ئالەمدىكى ھەممە تېرمۇ دىنامىكىنىڭ ئىككىنجى قانونىغا بوي سۇنۇپ تەرتىپسىز ھالەتتە تۇرىدۇ دىيىلگەن ئەھۋالدا،تەرتىپلىك ئوربىتىنىڭ بولىشى مۆمكىن ئەمەس.بۇ زىدىيەتنى قوياشتىن قوبۇل قىلىنىدىغان زورمىقداردىكى ئىنىرگىيە ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولمايدۇ.ئاللىقاچان بىلىپ يېتىلگەن ئەمەليەت شۇكى،فۇتون ئېقىمى ۋە "قوياش بورىنى"ئەمەليەتتە يەر شارىغا يۈزلەنگەن بولىدۇ.
نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان نەزەريىلەر بار،ئۇلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلغان ھالدا دەرىس قىلىپ ئۆتىلىشى كېرەك.مەسىلەن،قوياشنى ئايلىنىۋاتقان يەر شارى مەنپى زەرەتلىك،قوياش مۇسبەت زەرەتلىك،ئوخشىمىغان زەرەتلەر ئۇز ئارا تارتىشىدۇ،بۇنداق تارتىشىش كۈچى ئارىلىقنىڭ كىۋادىراتىغا تەتۆر تاناسىپ بولىدۇ،دىگەندەكلەرنى بارغانسىرى گۇمانغا ئۇچراۋاتقان تارتىش كۈچى نەزەريىسى بىلەن بىرگە دەرسلىك قىلىپ ئۈتۈش كېرەك.فىزىكا ۋە خېمىيىنىڭ ئەسلى ھۆججەتلىرى بۇنى ئىلىكتىروننىڭ يادرونى ئايلىنىشىنىڭ چۈشەندۆرىلىشى سۈپىتىدە تەكىتلەيدۇ.بۇ مودىل ئاتومغا ماس كىلىدىكەن،نىمە ئۈچۈن قوياش سېستىمىسىغا ماس كەلمەيدۇ؟،بېرىلىدىغان جاۋاپ بەك ئاددى:بۇ ئىلىم -پەندىكى پەرىز(ئورتۇدۇكال)خارەكتىرلىك ئادەتلەنگەن قاراش.
ئامرىكا پاتېنىت ئىدارىسى ئەزەلدىن ئانتى تارتىش كۈچىنىڭ پاتېنتىنى تارقاتقان ئەمەس،بۇ نىمە ئۈچۈن؟....ئانتى تارتىش كۈچىگە ئائىت ماقالىلار نى ئېلان قىلغان ژورناللار،ئانتى تارتىش كۈچىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئالىملارشۇ ھامان مەبلەغ مەنبەسىدىن ئايرىلىپ ،ئالەملىك تارتىش كۈچى نەزەريىسى پەقەت بىر خىل ئۇسۇلدا مەبلەغ يۆرۈشتۆرۈش ۋاستىسىلا بولۇپ قالدى.
ئېغىرلىق كۈچنى ياش ۋاقىتلىرىدىلا بايقىغۇچى ئېسائاك.نىيوتۇن ئۇز قارىشىنى مۇبادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماتىماتىكلار قوللىمىسا بولمايدىغانلىغىنى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن ئىدى.شۇ ۋەجىدىن ئۇئۆز نەزەريىسىنى"ئىسپاتلاش"ئۈچۈن بىر يىپ يىڭى ماتىماتىكا تارمىقىنى كەشىپ قىلىپ ئۇنى ئاقما سانلار دەپ ئاتىدى.بۇ ،ئىنتىگىرال ۋە دېففرىنسىيالنى شەكىللەندۆردى.ئېغىر نۇقسانغا ئىگە بۇ ماتىماتىكا تارمىغىدىكى "چەكسىز كىچىك"ھېچقاچان كۈزىتىلىپ باققان ئەمەس.
ئېينىشتېيىن بىر خىل يېڭى تارتىش كۈچى نەزەريىسىنى كەشىپ قىلىپ ئۇنىڭغا "تېنزور"دەپ ئاتىلىدىغان بىر ماتىماتىكىلىق مۇجىمەل نۇقتىنى ئىشلەتتى.قارىساق، ھەرقېتىم بىر تارتىش كۈچى نەزەريىسى ئوتتۇرىغا قويۇلسا ئۇ ئۇزىگە چىگرىداش ماتىماتىكا بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى.
ئەڭ قاملاشمىغان يېرى شۇكى،تارتىش كۈچى نەزەريىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى سىرلىق نەرسىلەرنى پەرەز قىلىپ چىقىپ ئۇنى ئېغىرلىق كۈچى ۋە تارتىش كۈچى دولقۇنى دەپ ئاتىشىۋالدى.ئەزەلدىن بايقىلىپ باقمىغان بۇ تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ بەزى ھېساۋاتلىرى بايقالغان ھېساۋاتلار سۈپىتىدە ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا فىزىكلار ئۇلارنى ناھايتى تىزلىكتە يىغىشتۇرۇۋىلىشقا مەجبۇر بولدى.ھەر قېتىملىق ھېساۋاتتىكى ئانىتى ئېغىرلىك كۈچى ۋە ئېغىرلىق كۈچى ،ئاخىرىغا بېرىپ كۈلكە ساداسىغا ئايلىنىپ كەتتى.بۇ ھەتتا بالىلارغىمۇ مۇۋاپىق كەلمەيدىغان نەزەريە ئىكەنلىگىنى بالىلار ئۆزىمۇ كۇرۆپ يېتەلەيدۇ.
ئەسلى نۇسخىنى بۇ يەردىن كۇرۇڭ:
ئەسكەرتىش:
توردىكى ئاپتۇماتىك تەرجىمان ئىنگىلىزچىدىن خەنزۇچە قىلغان تەرجىمە نۇسىخسىغا ئاساسەن بىر ئاز قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى.كەسپى تەرجىمان بولمىغانلىغىم ئۈچۈن سەھۋە -خاتالىقلار دىن ساقلانماق قىيىن.نۇقسان بايقالسا تۇرداشلارنىڭ كۇرسۈتۈپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلمەن.
ھۆرمەت بىلەن:قاسىم سىدىق
2013.11.8
|