قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1357|ئىنكاس: 22

كومپىيوتېر تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ــــ نۇر مېڭە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 6466
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 11:13:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        
       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداشتىكى قېرىنداشلار ، ھەممە ساھەدە كومپىيوتېردىن ئايرىلالمايۋاتقان مۇشۇ دەۋردە كومپىيوتېر قاتتىق دىتالىنىڭ تەرەققىياتى ھەر ھالدا ئېھتىياجىمىزغا يارىشا تېز بولىۋاتىدۇ ! ئەمما كونا ئۇقۇمدىكى توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلى تېخنىكىسى بارا - بارا ئىنسانىيەتنىڭ ئىھتىياجى بىلەن تەڭ قەدەمدە ماڭالماسلىقى مۇمكىن . چۈنكى ئەنئەنىۋىي توك يولى ماتىرىياللىرىدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسى چىكىگە يېتىپ قېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتماقتا ! شۇڭا ئىنسانىيەت يېڭى ئۇقۇم پەن - تېخنىكىسىغا مۇھتاج . بۇ ھەقتە بىز ئاۋال كومپىيوتېر تېخنىكىسىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ــــ نۇر مېڭە  توغرىسىدا بىر قەدەر ئەتراپلىق توختىلىپ ئۆتەيلى .
        نۇرمېڭە ئېنگىلىزچىدا Photon Computer دەپ ئاتىلىدۇ ، بۇ خىل كومپىيوتېر ئېنىقكى كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولۇپ قالىدۇ . نۇر مېڭە نۇرنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئېلىكتىرون سۈرئىتىدىن تېز بولۇش پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ياسىلىشقا باشلىغان . ھازىر ھەربىي ساھەدە ئاللىبۇرۇن فوتون Cpu ياسىلىپ بولدى .
      
        2006 - يىلى ئامرىكا خارۋات ئونۋېرستىتىنىڭ ئالىملىرى تۆۋەن تېمپىراتورىلىق ئاتوم ئارقىلىق نۇر دەستىسىنى توڭلاتقىلى ھەم  كونتىرول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق نۇرمېڭىنىڭ يادروسى ـــــ مەركىزىي بىرتەەپ قىلغۇچ CPU نى ياسىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . نۇرمېڭىنىڭ سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش ئۈنۈمى ئەنئەنىۋىي ئېلىكترونلۇق مېڭە بىلەن سېلىشتۇرغاندا 10 ھەسسە تېز بولۇپ بىراقلا سېسلىتسىي تېخنىكىسىنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىغان .
       بۇ خىل تېخنىكا بولسا ئېلىكتىروننىڭ ئورنىغا فوتوننى دەسسىتىش ئارقىلىق يۇقىرى تېزلىكتە ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىپ ، يېڭى كومپىيوتېر دۇنياسىنىڭ ئىشىكىنى  ئاچىدىغان دەۋر بۆلگۈچ تېخنىكا . پۇتكۈل يەرشارىدىكى << ئاستا نۇر >> تەتقىقات ھۇقوقىغا ئىگە بولغان ئورۇنلارنىڭ بىرى ،خارۋات ئونۋېرستىتىدىكى لېنى خائۇ  پراففىسور باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى نۇرنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتالىغانلىقى ھەتتا توڭلىتىپ قۇيالىغانلىقى ئۈچۈن دۇنياغا داڭقى چىقىپ كەتتى . ئۇلار دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن تىمپىراتورىلىق ناترىي ئاتومى ئىشلىتىلگەن ئەسۋاب ئارقىلىق نۇر دەستىسىنىڭ تېزلىكىنى بىر ۋېلىسپىتنىڭ تېزلىكىگە ، ھەتتا نۆلگە يېقىنلاشتۇرغان . خائۇ پراففىسور بۇ تېخنىكىنىڭ كەلگۈسى نۇر مېڭىنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن .
        خائۇ ئەڭ يېڭى تەتقىقات تۈرىدە بىۋاستە نۇر مېڭىنى تەتقىق قىلغان . ئۇ ھېسابلاش ئارقىلىق بوس - ئېينىشتىيىن يىغىلىشى ( BEC ) دىكى تۆۋەن تېمپىراتورىلىق ئاتوملار توپىنىڭ << نۇر دەستىسىگە بىر قاتار ئۇچۇر كىرگۈزگىلى >> بولىدىغانلىقىنى بايقىغان .  ئادەتتىكى جىسىملارنىڭ تەركىبىدە بولسا نۇرنىڭ ئامپىلوتودىسى ۋە فازىسى داۋاملىق كىچىكلەپ يوقاپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇچۇر يوقاپ قېتىش ئەھۋالى مەۋجۇت . خائۇ پراففىسورنىڭ << ئاستا نار >> تەتقىقاتىدىن ئىسپاتلاشقا بولىدۇكى BEC دىكى نۇرنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ساقلىنىپ قالىدۇ . دىمەك بۇنداق تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ ئاخىرىدا نۇر ئارقىلىق خىزمەت قىلىدىغان CPU نى ھۇجۇتقا چىقىرالايدۇ .
        ئېلىكترون تېخنىكىسنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئېلىكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ ھەجىم ۋە ھېسابلاش سۈرئىتى نەزىرىيە جەھەتتىكى چىكىگە يىتىپ قالىدۇ . << توپلاشتۇرۇلغان توك يولىنىڭ توپلاشتۇرۇش ئۈنۈمى ھەر 18 ئايدا بىر ھەسسىلىنىدۇ >> دەيدىغان مور قانۇنىمۇ داۋاملىق پۇت دەسسەپ تۇرالماسلىقى ئېنىق .ئاز بولمىغان ئالىملار شۇنىڭغا ئىشىنىدىكى يىراق بولمىغان گەلگۈسىدە نۇر مېڭە ئۆزىنىڭ تېخىمۇ كىچىك ، تېخىمۇ تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ يېڭى بىر پەن - تېخنىكا ئىنقىلابىنى يارىتىدۇ .
        تۈزۈلۈشى :
        نۇر مېڭە بولسا ئوپتىك تالا ۋە ئوپتىك زاپچاسلاردىن تۈزۈلىدۇ . ئۇ ئېلىكتىروننىڭ توك يولىدىكى يۆتكىلىشىگە تايىنىپ ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلماستىن بەلكى تۆۋەن قۇۋۋەتلىك لازىر نۇرىنىڭ نۇر قايتۇرغۇچى ۋە سۇندۇرغۇچى ماتىرىياللار ئارىسىدا قايتما ھەرىكەت قىلىشىدىن پايدىلىنىپ << تەپەككۇر >> قىلىدۇ . ئەمما ئوخشاشلا ساقلاش ، ھېسابلاش ۋە كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ .
        ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز كۈچلۈكلىكى ئىككى تەرەپتىن بەلگىلىنىدۇ ،  بىرى ،زاپچاسلىرىنىڭ خىزمەت سۈرئىتى ، يەنە بىرى بولسا زاپچاسلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش زىچلىقى . ئېلىكتىر ماگنىت دۇلقۇنىدا نۇرنىڭ چاستوتىسى ئادەتتىكى ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ خىزمەت چاستوتا دائىرىسىدىن كۆپ چوڭ بولىدۇ . شۇڭا نۇر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ ھەمدە كېرەكلىك قۇۋۋەتمۇ ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ . چوڭ تىپتىكى توپلاشتۇرۇلغان توك يولىدىكى بىرقىسىم ئۆزەكلەرنىڭ پۇتى 300 گە يېتىدىغان بولۇپ ، ئورۇنلاشتۇرۇش زىچلىقى جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ . لېكىن نۇرنىڭ خۇسۇسىيىتى ھەممىمىزگە مەلۇم ، يەنى ، نۇر ئۆزئارا كېسىشكەندە بىر - بىرىگە تەسىر قىلمايدۇ . بۇنىڭ مىسالى بولسا ، بېل تەجرىبىخانىسىدىكى ئوپتىك ئۆزگەرتكۈچ ئىنتايىن كىچىك بولۇپ ، دىئامىتىرى ئىككى مىللىمېتىرغا يەتمەيدىغان سىلىندىرسىمان لىنىيەگە 2000 دىن ئارتۇق سىگنالنى بىرلا ۋاقىتتا كىرگۈزگىلى ۋە يوللىغىلى بولىدۇ .
        نەزىرىيە جەھەتتىن شۇنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى ، نۇر مېڭىنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى ئېلىكتىرونلۇق مېڭىنىڭ سۈرئىتىدىن ئاز دېگەندە 1000 ھەسسە تېز بولىدۇ . يەنە كېلىپ ئۇچۇر مىقدارىمۇ كۆپ بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە . ھازىرقى ئەھۋال بولسا ، نۇرمېڭە تېخنىكىسى تېخى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مۇھتاج ، بېسىلغان بىرىنچى قەدەم بولسا ئېلىكتىرون ئالماشتۇرغۇچ بىلەن ئېلىكتىرون ۋە فوتوننى ئۆزئارا باغلاپ ئۆتكۈنچى دەۋىردىكى ئېلىكتىرون ۋە فوتونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى ياساپ چىقىلدى .
        نۇر مېڭىگە نىسبەتەن ھازىر كۆپلىگەن كىشىلەر ناتۇنۇش . ئەمما بۇ تۈردىكى تەتقىقاتلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىلا باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ . پەقەت 80 - يىللارغا كەلگەندىلا ئاندىن بۆسۈش خاراكتېرلىق نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى ، 90 - يىللارغا كەلگەندە دەسلەپكى قەدەمدىكى نۇر مېڭە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ، بېلگىيە ، گېرمانىيە ، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياسىلىپ چىقتى .

        ئارتۇقچىلىقى :
        1.ئىسسىقلىق تارقىتىش ھاجەتسىز . كۆپ قىسىم كىشىلەر كومپىيوتېرنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىنى چۈشەنمەيدۇ ، ئائىلىدە كومپىيوتېرنى ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە ئىنتايىن قىزىيدۇ ۋە غۇڭۇلدىغان ئاۋازلار كۈچىيىشكە باشلايدۇ . بۇ ئاۋازلار سىزدىنمۇ بەكرەك تەتقىقاتچىلارنى قىيناپ كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ . چۈنكى كومپىيوتېرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى قانچە يۇقىرى بولسا قىزىشمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدۇ . شۇڭلاشقا ئىسسىقلىق تارقىتىش مەسىلىسى ئېلىكتىرونلۇق مېڭە ساھەسىدىكى بېسىپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس بولغان توسالغۇ بولۇپ قالدى . نۇر دەل مۇشۇنداق مەسىلىنى ھەل قىلغۇچى . ئاۋۋال نۇر سوغۇق ( ئالاھىدە چاستوتا دائىرىسىدە ) . ئەگەر كومپىيوتېرنىڭ ئىچىدە ئېلىكتىروننىڭ ئورنىدا فوتون ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزگەندە قىزىش مەسىلىسىنى ئويلىشىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ . ئوخشاش ۋاقىتتا بىرتەرەپ قىلغان ئۇچۇر كۆپ بولىدۇ ، بۇمۇ دەل نۇركابىل بىلەن كەڭ بەلباغ تورى ئىشلەتكەننىڭ باشقا ئۇسۇلدا كەڭ بەلباغ تورى ئىشلەتكەندىن تېز بولىشىنىڭ سەۋەبى . چۈنكى نۇرنىڭ چاستوتىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ئۇچۇر يۈكلەش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى .
        2. نۇرنىڭ يورۇق قاراڭغۇلۇق ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇچۇر ئۇزىتىش . ھازىرقى كومپىيوتېرنىڭ ئىچىدە ئېقىۋاتقىنى بولسا ئېلىكتىرون ، توك يولىدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك زاپچاسلاردىن پايدىلىنىپ ئېلىكتىرون ئېقىمىنىڭ ئۈزۈلۈش ۋە ئېقىشىنى بەلگىلەش ئارقىلىق مۇرەككەپ ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ . نۇر مېڭىنىڭ پايدىلىنىدىغىنى بولسا فوتون ، شۇڭا نۇرنىڭ << يورۇق >> ۋە << قاراڭغۇ >> بولۇش ھالىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىنىدۇ . ئەلۋەتتە ، ئاۋۋال ھەرقايسى ئۆزەكلەر نۇر تارقىتالايدىغان بولىشى كېرەك . ئۆزەكنىك ماتىرىيالى بولسا كىرىمنىي ( سېلىتسىي ) . شۇڭا تەتقىقاتچىلار سېلىتسىيلىق لازىرنۇرىغا ئېرىشىشى كېرەك !
        3. تېخىمۇ كىچىك بولغان كومپىيوتېر . تۇرمۇش تەجرىبىلىرىمىز ئارقىلىقلا شۇنى بىلەلەيمىزكى ، ھەرخىل رەڭلىك نۇرلار ئۆزئارا كېسىشكەندە ھېچقانداق تەسىر قىلىشماي ئۆز يولىغا راۋان بولىدۇ . بۇنداق ئوخشىمايدىغان چاستوتىدىكى نۇرلار ئۆز ئالدىغا ھەرخىل ئۇچۇرلارنى يۈدۈپ بىر تونىلدا بىر - بىرىگە دەخلى قىلماي بىمالال ماڭالايدۇ . بۇنى ئېلىكتىرون قىلالمايدۇ ، شۇڭا بىز نۇر مېڭە ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن پىروگراممىلارنى ئىشلەتسەكمۇ ھېچقانداق قېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ . دىمەك خىزمەت ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ ، كەلگۈسىدە بەلكىم سىزنى ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ چوڭ شەھەردە ئاپتۇماتىك ھالدا راۋان كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ يادروسى شاپىلاقچىلىكمۇ كەلمەيدىغان نۇر مېڭە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
        
        دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىرىمنىي زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى بولغان ئىنتىل شىركىتى ئاللىبۇرۇن نۇر مېڭە تەتقىقاتىنى ئەڭ مۇھىم تەتقىقات تۈرى قىلىپ بېكىتكەن . ھەم پات - پات يېڭى نەتىجىلىرىنى دۇنياغا ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ . 2008 - يىلى ئىنتىل << تەبىئەت >> ژورنىلىدا فوتون - ئېلىكتىرون تەتقىقاتىدا يېڭى بۆسۈش قبولغانلىقىنى  ئېلان قىلىدۇ . نۇر مېڭە قاچان بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا يېتىپ كېلىدۇ ؟ 5 يىل ؟ 10 يىل ؟ ياكى تېخىمۇ ئۇزۇنمۇ ؟ ھازىر بۇنىسى نامەلۇم . ھەر ھالدا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك  ئۆتكۈنچى دەۋردىكى ئېلىكتىرون ۋە فوتونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى ياساپ چىقىلدى ، پۇتۇنلەي فوتونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىنى ياساپ چىقىشمۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالدى .

        سېلىتسىي - فوتون
       سېلىتسىي - فوتون ئىلمى نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئېرىشتى . سېلىتسىي - فوتون ئىلمىي بولسا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەتقىقاتىدىكى يېڭى بىرخىل ئېلىم ھېسابلىنىدۇ . بۇ ئىلىم ئاستا - ئاستا تەرەققىي قىلىپ فىزىكا ئىلمى ، ماتىرىيال ئىلمى ، ھېسابلاش تېخنىكىسى ، ئۇچۇر - ئالاقە تېخنىكىسى بىرگەۋدىلەشكەن بىر مۇرەككەپ ئىلىم بولۇپ شەكىللەندى . بىرتەرەپتىن ھازىرقى ئېلىكتىرون ساھەسىدىكى كىرىمنىيلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى چىكىگە يېتىپ قالدى ، ئېنتىل قاتارلىق شىركەتلەرمۇ داۋاملىق يېڭى ماتىرىيال ئىزدەپ مور قانۇنىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا تىرىشماقتا . يەنە بىرتەرەپتىن ، فوتو ئېلىكتىرون ئىلمىنىڭ كەلگۈسى ئىنتايىن پارلاق ، شۇڭا دۇنيادىكى كۆپ قىسىم تەتقىقاتچىلار نەزىرىنى فوتون بىلەن ئېلىكتىروننىڭ مۇناسىۋىتىنى باغلاشقا قاراتتى ، شۇڭا سېلىتسىي - فوتون ئىلمىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇقۇمدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى . دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق سېلىتسىي - فوتون تەتقىقاتچىسى ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى نۇر ۋە ئېلىكتىرون تەتقىقات تەجرىبىخانىسىدىكى يۈجىنجوڭ مۇنداق دىگەن : << سېلىتسىي - فوتون تېخنىكىسى پىششىپ يېتىلگەندە ئۇچۇر ساھەسىدە ۋە جەمىيەت تۇرمۇشىدا ئىنتايىن چوڭ رولىنى نامايان قىلىدۇ  >> .

        تەرەققىيات ئىستىقبالى :
        نۇر مېڭىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى يۇقىرىدا بايان قىلدۇق ، ھازىرقى مەسىلە تېخنىكا ئامىلى بولۇپمۇ قالماي يەنە تەننەرخى مەسىلىسمۇ بار ، نۇر مېڭى تەتقىقاتىدا كېرەكلىك بولىدىغان ئوپتىك ماتىرىياللارنىڭ كۆپ قىسىمى نازۇك ھەم قىممەتلىك ماتىرىياللار بولغانلىقى ئۈچۈن نۇر مېڭە تەتقىقاتىدا چوڭ توسالغۇلارنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ ،  ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ، نۇر مېڭە تەتقىقاتى گەرچە خېلى بالدۇر باشلانغان بولسىمۇ ئەمما يېقىنقى يىللاردىكى تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولۇش سەۋەبلىك يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە بىز نۇرمېڭىنى ئائىلىمىزگە باشلاپ كىرىشىمىز مۇمكىن . ئۇنىڭ سۈرئىتى ھازىرقىدىن 1000 ھەسسە تېز ، بىر قېتىمدا بىرتەرەپ قىلالايدىغان ئۇچۇر مىقدارى كۆپ . ھازىرقى زامان ئالىملىرى شۇنداق كىسىپ ئېيتىدۇكى ، نۇر مېڭە 21 - ئەسىردىكى ئاساسلىق پېرسۇناژ ، 21 - ئەسىر نۇرمېڭە دەۋرى !

   
          u=3866977234,2904180953&fm=23&gp=0.jpg


       u=1167971105,211042238&fm=23&gp=0.jpg
   

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1545
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4368
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 17:46:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-11 09:29  

<<تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ سېلىتسىي - فوتون تېخنىكىسى پىششىپ يېتىلگەندە نۇر مىڭە ئۇچۇر ساھەسىدە ۋە جەمىيەت تۇرمۇشىدا ئىنتايىن چوڭ رولىنى نامايان قىلىدۇ  >> .

كەلسەك ھازىرقى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچمۇ تىخى تەرەققىيات چىكىگە يەتكىنى يوق، پەقەت ئاساس ياراتتى دىسەك بۇلىدۇ، ئىلىكتىرون دىگەن بۇ نەرسىدە دىتاللارنىڭ ئۇنچە چوڭ قىزىشنىڭ ھاجىتى يوق، نۇرۇنقى ئۇيۇنچۇقلار ئىنتايىن كۆپ دىتاللاردىن تۈزىلەتتى ھەم ئىسسىقلىق تارقىتاتتى، كىيىنچە توك يۇلى تاختىسىغا كىچىككىنە قارا پاتقاق چاپلىنىپلا توك سەرپىياتىمۇ 100ھەسسە تۈۋەنلىدى. كومپىئوتىرمۇ ئوخشاش نەرسە، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ قىلغۇچ بولسۇن ياكى سۈرەت كارتىسى بولسۇن ئىسراپ قىلىدىغان قۇۋۋىتى بىز پايدىلىنىدىغان ئەمىلى سىگنال قۇۋۋىتىدىن نەچچە ئون مىليون ھەسسە كۆپ، ھەممە بۈلەلەر يېرىم ئۈتكۈزگۈچتىن تەركىپ تاپسا ھەم تەرەققى قىلسا 10 ۋاتلىق توك مەنبەسىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ. جۈملىدىن ئىكرانمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 6466
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 18:07:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا ... باغداشتا تېما ئېلان قىلسا قەدرى بولامدۇ بولمامدۇ ؟

13

تېما

3

دوست

1565

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   56.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22887
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 476
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 19:32:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر مېڭە ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ۋە كومپۇتېر تېخنىكىسىنىڭ مىۋىسى .بىز ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىمىلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا توختۇلۇپ باقساق بولىدۇ .
1.باغداشنىڭ تور سۈرئىتى تېزلىشىدۇ . ئەگەر نۇشۇ خىلدىكى يېڭى ئۈزەكلەر ئىشلىتىىلگەن كومپۇتىرلار بازارغا سېلىنسا باغداشمۇ ئۆزىنىڭ بوشلۇقىنى يۆتكەشكە مەجبۇر بولىدۇ ،شۇنداقلا بۇچاغدا نۇر مېڭە ئۆزىنىڭ ھەقىقى رولىنى نامايەن قىلىدۇدە ...
2.ئۇيغۇر دۇنياسى كومپۇتىردىن تېخىچە توغرا پايدىلىنالماي ۋاتىدۇ ،ئەگەر مىللىتىمىز تىرىشىپ ئىلگىرلىمىسە ،كومپۇتېر ۋو ئۇچۇر تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلىمىسە بارغانسىرى دەرىجىدىن تاشقىرى تەرەققى قىلىۋاتقان زاماندىن چۈشۈپ قالىدۇ .
3.بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر كومپۇتىر شىركەتلىرىمىزگە يېڭى تەھدىد ۋوە پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.ياخشى بولغىنى يېڭى تېخنىكا ەلكىم يېڭىر تۈركم ئختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن .
4. شۇ ۋاختى كەلگەندە بىز بۇ تىمىنى يازغۇچىغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز...

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 19:48:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      كومپىيۇتېرنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات سۈرئىتى، تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ تېز بۇلىۋاتىدۇ.

0

تېما

8

دوست

3092

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10872
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 143
تۆھپە : 888
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 19:55:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
borabalisi يوللىغان ۋاقتى  2013-11-10 16:07
توۋا ... باغداشتا تېما ئېلان قىلسا قەدرى بولامدۇ بولمام ...

نىمە بولدى؟

6

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 6466
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 21:17:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hakan1865 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-10 19:55
نىمە بولدى؟

ئېلان قىلىپ 6 سائەتكىچە بىرەرمۇ ئادەم سۆز قالدۇرمىسا ئادەم باشقىچە بولۇپ قالىدىكەن ، ھېچ بولمىسا تىللاپ قويۇپ چىقىپ كەتسىمۇ بۇنىڭدىن ياخشى بولاتتى ئەمەسمۇ ؟  داڭلىقلىرىمىز تېما يازسا قۇرۇق ماختاش ۋە رەھمەتلەر كۆپكەن ، ئەمما خوشياققۇدەك پىكىر قىلىدىغانلار بەك ئاز ....

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

59

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4460
توردىكى ۋاقتى: 810
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 21:47:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
borabalisi يوللىغان ۋاقتى  2013-11-10 21:17
ئېلان قىلىپ 6 سائەتكىچە بىرەرمۇ ئادەم سۆز قالدۇرمىسا  ...

چۇنكى بارلىق مۇنبەرداشلار ( مۇنبەر باشلىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) يازغان ئىنكاسلار تەستىقلانغاندىن كىيىن،  ئاندىن  باغداشقا تەۋەللۇت بولالايدۇ ئەمەسمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )