«دۇنيا كىم؟ جۇڭگۇ كىم؟ بىزكىم؟ »
دوكلات بەرگۈچى: خۇ شىجىن (胡锡进)
خۇ شىجىن: «يەر شارى ۋاقىت گىزىتى»نىڭ باش مۇھەرىرى،جوڭگۇ ئاخبارات ساھەدسىكى تالاش- تارتىش بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان زات. 1989-يىلى بىيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ روس ئەدەبىياتى كەسىپدىن ماگىسىتر ئاسپىرانلىق ئۇنۋانىغا ئىرشكەندىن كىين، خەلىق گىزىتى رىداكسىيەسى خەلىقئار بۆلۈمدە خىزمەتكە چۈشكەن. 1993- يىلىدىن 1996-يىلىغچە سابىق يۈگۈسلاۋىيەدە تۇرۇشلۇق خەلىق گىزىتى مۇخبىرىلىق خىزمىتىنى ئىشلەش جەرياندا بوسىنيە ئۇرۇش مەيدانغا بىرىپ «بوسنىيە جەڭ مەيدان خاتىرىلىرى» دىگەن كىتابنى نەشىر قىلدۇرغان. 1996-يىلىدىن 2005- يىلىغىچە «يەر شارى ۋاقىت گىزىتى»نىڭ مۇئاۋىن باش تەھىرىرى بولغان. 1999- يىلى «جۇڭگۇ مۈنەۋەر ياش دىپلوماتىىيەخىزمەتىچسى» شەرىپىگە ئىرىشكەن. 2003-يىلى پارس قولتۇقىغا ئىراق ئۇرۇشدىن خەۋەر بىرىش ئۈچۈن بارغان. 2005- يىلىدىن ئىتىبارەن«يەر شارى ۋاقىت گىزىتى»نىڭ باش تەھىرىرى بولغان. 2009-يىلى 4-ئايدا «يەر شارى ۋاقىت گىزىتى» ئىنگىلىز تىلىدا چىقىرلىشقا باشلغاندىن بۇيان ئىنگىلىز تىلى نۇسخىسىنىڭ باش مۇھەرىرلىكىنى قوشۇمچە ئىشلەپ كەلمەكتە. 1. جۇڭگۇ مەتبۇئاتلىرنىڭ نۆۋەتتكى ئەھۋالىغا قارىتا باھا سىياسى خاھىش ئاخىبارات ۋاسىتللىرنى باھالاشتىكى ئۆلچەملەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئۆلچەم بويىچە تەنقىدى مەتبۇئات، مەدھىيەچى مەتبۇھات،ۋە نىيترۇئال مەتبۇئات دەپ 3 كە بۆلۈشكە بولىدۇ. «جەنۇپ ھەپتىلىكى» تەنقىدچى مەتبۇئاتلارنىڭ تىپىك مەسئۇلى بولۇپ، قەتئى قارشى مەيداندىكى تەنقىدچىلىك ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، مەتبۇئات ئىقىم يۆلىنىشگە ئايلىنىپ نۇرغۇنلىغان شەھەر گىزتىلىرنىڭ تەقىلىدى قىلىشىنغا تۈرۈتكە بولىدى. بۇ خىل تەقىلىد قىلىش نەتىجىدە «تەنقىد رىقابىتى» گە ئۇلغۇيۇپ، تەنقىدچىلىكىنى رادىكاللىققا يۈزلەندۈردى. تەنقىد قىلىش ئۈچۈنلا تەنقىد قىلىىش ئەۋج ئالدى. ئەنئەنۋى مەتبۇئاتلار مەدھىيەچى مەتبۇئاتلاردىن بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىگە، پائاللىيەتلىرىگە ھەمشىە مەدھىيەلەرنى ياغدۇرۋىتىدۇ. «يەر شارى ۋاقىت گىزىتى» نىيتۇراللىق ئاساسىدا ھەق سۆزلەيدىغان مەتبۇئات بولۇشقا تىرىشماقتا. شۇنى ئېيتىپ ئۈتۈش كىرەككى جۇڭگۇ ئاخىبارات ساھەسى ئۇچراۋاتقان غەرب جامائەت پىكىرى قىممەت قارشىنىڭ تەسىرى چۇڭقۇر بولۇپ، غەربنىڭ نۆۋەتتىكى ئاخبارات ئىكولوگىيەسى غەرب جەمىينىڭ بەدنىگە ئۆلچەپ لاھىيەلەنگەن بولۇپ جۇڭگۇ ئاخبارات ساھەسى غەربىتىن ئۆگىنىش ۋە ئىرادە تىكلەش جەرياندا، تەڭشەش ئىلىپ بىرىشقا، ئۇنى جۇڭگۇ جەمئىيىتى بىلەن تىخمۇ ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ. مەسىلەن، ئامىرىكامەتبۇئاتىلىرى نۆۋەتتكى دىموكىراتچىلار پارتىيەسىنى تەختىتىن چۈشۈش توغىرىسدىكى پىكىرلەرنى تارقىتالايدۇ، بۇ ئامىرىكا ئاساسى قانۇنىدا بەلگۈلەنگەن پارتىيەلار ئالمىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈمىگە تامامەن ئۇيغۇن؛ لىكىن جۇڭگۇدا، ئەگەر كومپارتىيە ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايمەن دىيىش ئاساسي قانۇنغا قارشىيلىق قىلغانلىق بولىدۇ. شۇڭا رىئاللىق شۇكى، جۇڭگۇ مەتبۇئاتلىرى جۇڭگۇ سىياسي تۈزۈلمسىنىڭ چاپىنى، نۆۋەتتكى ئىجتىمائى تۈزۈلمە ئاستىدا جۇڭگۇنىڭ «نىيۇيۇرك ۋاقىت گىزىتى» نى ھۇجۇتقا كەلتۈرۈش رىئالنى ئەمەس، مۈمكىن ئەمەس.
2. دۇنيانىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا:
1) بۇ ھۆكۈمەتسىزلىك ئاساسىدىكى دۇنيا ئالدى بىلەن خەلقىئارا سەھىنىدە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ئۈستۈن تۇردىغان،زوراۋانلىق كۈچىگە ئىگە بولغان ئاپىرات مەۋجۇت ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن ئىيتقاندا، بارلىق دۆلەتلەر ئۆز مەنپەئەتنى يۈكسەلدۈرمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىل مۇھىتتا، دۆلەتلەر ئارسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە شەكىل ئۆزگىرىش بولۇدۇ. دۆلەتلەر ئارسىدا يول قويۇش بوشلۇقى تارىيىپ بارىدۇ، ئۇرۇشقاقلىق، باتۇرانەلىك ھەمشە ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئىپادىلنىش شەكلى ھىسابىلىنىدۇ. 2) بۇ چوڭ دۆلەتلەر يېتەكچىلىكىدىكى دۇنيا: مەيلى سىياسى ساھە بولسۇن ياكى ئىقىتسادي ساھەبولسۇن، بۇ نۇقتا بۇگۈنكى خەلقىئارالىق سەھنىدە ئىنتاين روشەن بولغاچقا بۇ نۇقتىدا ئارتۇقچە سۆزلىمەيمەن. 3) بۇ چوڭ دۆلەتلەر تەرتىۋى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا: جۇڭگۇ ئىزچىل يۇقۇرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ باشقا دۆلەتلەردىن ھالقىپ ئۆتۋاتىدۇ. لىكىن دۇنيانىڭ مۇقۇملۇقى چوڭ دۆلەتلەرتەرتىۋىنىڭ مۇقۇملۇقنى شەرت قىلىدۇ، جۇڭگۇ ئۈزلۈكسىز جەرياندا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەنسىزلىكىدىن كەلگەن نۇرغۇن بىسىملارغا بەرداشلىق بىرىشكە توغرا كىلىشى مۈقەرەردۇر. 4) بۇ يەرشارىلىشۋاتقان دۇنيا بازارلارنىڭ يەرشارىلىشىشى، كاپتالنىڭ يەرشارلىشىشى ۋە شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ يەرشارلىشىشى ئىنتايىن روشەن بولۇپ، قىممەت قارشىنىڭ يەرشارىلىششى ئەڭ مۇھىم ۋە تەسىرى ئەڭ چۇڭقۇر بولغان يەرشارىلىشىتۇر. تىز قەد كۆتۈرلۈۋاتقان دۆلەت: ياپونىيە ۋە كورىيەلەرمۇ ئىقتىسادى تىز تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بولسىمۇ، جوڭگۇنىڭ تەرەققىياتى تىخمۇ تىز. 1993- يىلى ياپونىيەدە، ياپونىيەلىكلەر ياپونىيەنىڭ جۇڭگۇدىن باي، تەرەققىي بولغاندىلىقىدىن مەمنۇن بولۇشاتتى؛ بۈگۈنگە كەلگەندە، ياپونىيەگە بارغاندا ياپونىيەلىكلەرنىڭ جۇڭگۇغابولغان ھۆرمىتىنى ھىس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ. جۇڭگۇ ئىقتىسادي تىز تەرەققى قىلىش بىلەن بىرگە،ئويلىنىشقا تىگىشلىك بولغىنى، جۇڭگۇدا پۇل كۆپ بولغاندا جۇڭگۇ نىمە ئىشلارنى قىلىش مەسىلسىدۇر. گەرچە جۇڭگۇ ئىزچىل تىنچ تەرەققىيات يولىدا مىڭشنى تەكتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، دۇنيا تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيىتى شۇكى: دۆلەتلەر ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەندە، ئىقتىسادي ئەمەلىي كۈچىنى ھەربىي ئەمەلىي كۈچكەئايلاندۇرۇشقا يۈزلىنىدۇ. مانا بۇ چەتئەللەردە «جۇڭگۇ تەھدىدى» مەۋجۇت بۇلۇشنىڭ سەۋەبىدۇر. جۇڭگۇ ئىقتىسادى تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشتىكى كۈچ مەنبەسى توغىرىسدا توختالغاندا، جاۋاپنىڭ دەل خەلىق ئىچىدە ئىكەنلكنى،جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسىنىڭ جۇڭگۇلۇقلارنى ئۈزلۈكسىز بايلىق يارتىشقا تۈرتكە قىلىۋاتقانلىقنى، خەلىق ئشىلەپچىقىرىش ئومۇمي قىممىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۋاتقانلىقنى، بۇنىڭ ئەكسىچە ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققى قىلىيشنى ئۈممۈت قىلدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇ يەنە جۇڭگۇ ئىقىتسادي ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىر قىسىم ئەكس تەسىرلەرنىڭ كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى ، بىيجىڭنىڭ تۇمانلىق ھاۋاسىنىڭ بىز تۆلەۋاتقان بەدەللەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، لىكىن بىزنىڭ توختىيالمايدىغانلىقىمىزنى، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ياخشى تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشنىڭ توختىمايدىغانلىقىنى تەكتلەپ، بىر قىسىم كىشلەرنىڭ چەتئەللەردە گۈزۈل تاغ دەريالار بولسىمۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلىدىغانلىقى، جۇڭگۇدا،قانچە مەينەت، ۋاراڭ چۇرۇڭ بولسىمۇ راھەت ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇشنىڭ سەۋەبىدۇ. جۇڭگۇ دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە؛ ئىككىنچى بولۇپ تۇرماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس، چۈنكى بارلىق تىغ ئۇچچى ئۇنىڭغا قارىتىلدۇ. ئەڭ چوڭى ئۇنى بىسىپ تۇرىدۇ، باشقىلار ئۇنىڭ ئورننى ئىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. مانا بۇ جۇڭگۇنىڭ نۆۋەتتىكى خەلىقىئاردىكى ئەھۋالى،ۋاقىت ئۆتكەنسىرى بىسىم شۇنچە چوڭ بولىدۇ. مانا بۇ بىر نەچچە يىلىدىن بۇيان ياپونىيەنىڭ ساراڭلارچە جۇڭگۇ بىلەن قارشىلىشنىڭ سەۋەبىدۇ، چۈنكى جۇڭگۇ ياپونىيەنىڭ ئىككىنچىلىك ئورننى تارتىۋالدى. مانا مۇشۇنداق مۇھىت ئاسىتدا، دۆلەت ئىچدىكى نۇرغۇن نازازلىقلار چەتئەل كۈچلىرى بىلەن بىرشلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگۇغا تاقابىل تۇردىغان پىشاڭىنى شەكىللەندۈرىدۇ. جۇڭگۇنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆتۈرلۈشى جەرياندا، ئامىرىكا بىلەن بولغان سۈركىلىشتىنمۇ خالى بولغىلى بولمايدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا يالغۇز ئىدىلوگىيە توقۇنۇشى بولۇپلا قالماستىن، جۇغراپىيەلىك سىياسى توقۇنۇشمۇ مەۋجۇت بولۇپ، بۇ خىل توقۇنۇش كەڭ جامائەتچىلىككە نىسپەتەن بىر قەتەر ناتونۇش. 4. ئەركىن سۇئال سوراش باسقۇچىدا تۆۋەندىكى 5جەھەتتىكى مەسىللەرگە جاۋاپ بىرىلىدى. 1) «4-ئىيۇن ۋەقەسى» ۋە بولغان خۇرسىنىش؛ جۇڭگۇ نىمەلەردە چىڭ تۇرۇش كىرەك؟ 2) يىقىنقى مەزگىللەردە قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان «ئاساسي قانۇنلۇق سىياسى توغرىسىدىكى ئىختىلاپلارغا قارىتا«ئاساسي قانۇنلۇق سىياسى»نى قانداق چۈشۈنۈش كىرەك؟ 3) سۆز ئەركىنلىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغىرسىدا؛ 4) خۇ شىجىين ئۆزنىڭ ۋە «يەرشارى ۋاقىت گىزىتى»نىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە بولغان پوزىتسىيەسى. 5) «تىيەنئەنمىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى» ۋە « شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىقى» غا بولغان كۆز قارشى. يۇقارقى لىكىنسىيەنىڭ ئۈن نۇسىخسى لازىم بولغانلار مەن بىلەن چ چ ياكى ئېلكىخەت ئارقىلىق ئالاقىلەشساڭلار بولىدۇ. QQ:327859398 ھۆرمەت بىلەن:ئۇيغۇر قانۇن چىڭخۇائۇنۋىرسىتىتى قانۇن پەنلىرى ئېنستىتۇتى |