قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1046|ئىنكاس: 13

مەن بىلىدىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

0

دوست

1042

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7212
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 252
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
مەن بىلىدىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ
ئەھمەت ئىمىن ئەلنەزەر

16-نويابىر  لۇتپۇللا  مۇتەللىپ تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسىگە  ئاتاپ يوللاندى
2004-يىلى قۇربان ھېيتتا يازغۇچى مۇھەممەت شاھنىياز ئەپەندى دادامنى يۇقلاپ ئۆيىمىزگە كېلىپ دادام بىلەن پاراڭلاشتى ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى سورىدى. دادام گەرچە 86 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، خاتىرىسى ناھايىتى ياخشى ئىدى. دادام 60 يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىشلارنى بىزگە تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى.
1939-يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى پىچان ناھىيىسىدىن مەن، ئابلا پۇلات، ئىمىن قاسىم، ئەنەس سادىق ئالتەيلەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە چىقتۇق. شۇ يىلى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە تۆت سىنىپ يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار 21-، 22-، 23-، 24-سىنىپلارغا تەقسىم قىلىنغانىدى. بىز پىچاندىن كەلگەنلەر لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئەلقەم ئەختەم، تۇرغۇن ئالماس...قاتارلىقلار بىلەن 24-سىنىپتا ئوقۇدۇق. ئۇ ۋاقىتتا ئىبراھىم مۇتىئىي(پىداگوگىكا ئوقۇتقۇچىسى)، مەۋلانجان تۇردىيوف(دۇنيا تارىخى ئوقۇتقۇچىسى)، ئابدۇللا زۇنۇنوف(تىل ئوقۇتقۇچىسى)، ئاخۇنجانوف ۋە ئابلا داۋۇتوف قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى. مەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن شۇ چاغدا تونۇشقان، سىنىپتا ئۇنى «مۇتەللىپ» دەپ چاقىراتتۇق. ئۇنىڭ شېئىرلىرى سىنىپ تام گېزىتى، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىقلاردا دائىم ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. تەنەپپۇستا مۇتەللىپ مۇنبەرگە چىقىپ شەپكىسىنى قولىغا ئېلىپ لېنىننى دوراپ سۆزلەپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرەتتى. ئۇ روسچىغا پىششىق بولۇپ، روسچە، تاتارچە، قازاقچە ماتېرىياللاردىن تولۇق پايدىلىنالايتتى. كېيىن خەنزۇچىنىمۇ ئۆگەندى.
شۇ چاغدا ھەر پەسىلدە بىر قېتىم سىنىپ تام گېزىتى چىقىراتتۇق. بىز ئىشلىگەن تام گېزىتى چىقىراتتۇق. بىز ئىشلىگەن تام گېزىتى مەكتەپ بويىچە باھالاشتىن ئۆتەتتى. مېنىڭ خېتىم ھەممەيلەننىڭكىدىن چىرايلىق بولغاچقا، تام گېزىتىنىڭ خېتىنى مەن يازاتتىم، مۇتەللىپ بىلەن سەئىدىن تالىپ گۈزەل-سەنئەت لايىھىلىگۈچىسى ئىدى. مۇتەللىپ رەسىم سىزىشقا ئۇستا بولۇپ، ماركىس، ئېنگىلىس، لېنىن، سىتالىنلارنىڭ رەسىمىنى شۇنداق ئوخشىتىپ سىزاتتى.
1939-يىلنىڭ ئاخىرى بىز «نۇرلۇق يولغا قەدەم»دېگەن تېمىدا تام گېزىتى چىقىرىشقا تەييارلىق قىلدۇق. تەييارلىغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىنى دوسكىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن دوسكا توشمىدى، مەكتەپتىن تەكشۈرىدىغان ۋاقىت ئاز قالغاچقا، مۇتەللىپنى مۇشۇ يەرگە شېئىر يېزىپ بېرىشكە چاقىردىم. ئۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ مۇنۇ شېئىرنى يازدى:
ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ مىليونلىغان ئەل،
كۈرەش مەيدانىغا چۈشتى باغلاپ مەھكەم بەل.
بۇ يولدا ئاقىدۇ قانلار بولۇپ سەل،
ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىمىز چوقۇم بولىدۇ ھەل.
مەن بۇ شېئىرنى دەرھال قەغەزگە كۆچۈرۈپ چاپلادىم. تام گېزىتىمىز مەكتەپ بويىچە 1-بولۇپ باھالاندى. مۇتەللىپ بۇ شېئىرىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنى مەدھىيلىگەنىدى.
مەن 1940-يىل 8-ئايدا ئۆلكىلىك ساقچى ئەمەلدارلىرى مەكتىپىگە ئىمتىھان بەردىم. ئىمتىھاندا «ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قانداق قارايسىز؟ بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى سىزنىڭچە قانداق بولىدۇ؟» دېگەن سۇئال بار ئىدى. مەن مۇتەللىپنىڭ تام گېزىتىگە يېزىپ بەرگەن شېئىرىنى ئېسىمگە ئالدىم ۋە شۇ نۇقتىنى مەركەز قىلىپ جاۋاب بەردىم. شۇنىڭ بىلەن 1348 ئادەم ئىچىدە 3-بولۇپ ئىمىھاندىن ئۆتتۈم. شۇڭا بۇ بىر كۇبلىت شېئىر ھېلىمۇ ئېسىمدە ئېنىق تۇرۇپتۇ.
1941-يىل5-ئايدا ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە پراكتىكا قىلدىم. بۇ بۆلۈمدە پۈتۈن ئۆلكىدىكى ۋىلايەت، ناھىيە ۋە ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئارخىپلىرى بولۇپ، ئۇلاردا شۇ ئۇرۇنلاردىكى سىياسىي جەھەتتە گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى خاتىرىلەنگەنىدى. مەن ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئارخىپىنى كۆرسەم، ھەر بىر سىنىپنىڭمۇ ئايرىم ئارخىپى بار ئىكەن. مەن سىنىپىمىزدىكى(24-سىنىپ) «گۇمانلىق ئوقۇغۇچى» لارنىڭ ئارخىپىغا كۆز يۈگۈرتتۈم. مېنىڭمۇ بىر پارچە «جىنايەت ئارخىپىم» بار ئىكەن. ئۇنىڭدا «24-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئىمىن ئاقۇپ 1940-يىلى ئاپرىل بايرىمىدا ‹ئاپرىل بايرىمىنى ئەسكى خەي بىلەن قارشى ئالىمىز›دېگەن»دەپ يېزىلىپتۇ. يەنە بىر پارچە قەغەزدە «ئىمىن ئاقۇپنىڭ ئاتا-ئانىسى دېھقان، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ باقمىغان»دەپ يېزىلغان ۋە پىچان ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە لەمجىن ساقچىخانىسىنىڭ تامغىلىرى بېسىلغانىدى.
مەن بۇلارنى كۆرۈپ ھەممىنى چۈشەندىم. ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى شىڭ شىسەينىڭ دۇبەن بولغان كۈنىنى خاتىرىلەپ پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلاتتى، يەنى بۇ كۈن شۇ چاغلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ بايرام كۈنى ئىدى. 1940-يىل 4-ئايدا ئۈرۈمچىدە يامغۇرغا قارىماي بايرامغا تەييارلىق قىلدۇق. مېنىڭ ئاياغلىرىم يىرتىلىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا مەن « ئاپرىل بايرىمىنى ئەسكى خەي بىلەن قارشى ئالىمىز »دېگەنىدىم.
مۇتەللىپنىڭ «گۇمانلىق شەخس» نامىدىكى ئارخىپلىرى ھەممىدىن كۆپ ئىكەن. مەن بۇ ئارخىپلارنى كۆرۈپ ھۆكۈمەت ئىشپىيونلۇق تورىنىڭ ھەقىقەتەن كەڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
خىزمەت تەقسىماتى بىلەن 1941-يىل 6-ئايدا ئاقسۇغا باردىم. 1943-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئىشخانىغا كىرسەم ئۈستەل ئۈستىدە «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئايرىم دېلوسى» دېگەن خەنزۇچە خەت يېزىلىپ، ئۈستىگە ئۆلكىلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان، ئاق خەسە بىلەن مەھكەم ئورىلىپ، يىپ بىلەن تىكىلگەن بىر ئارخىپ خالتىسى تۇرۇپتۇ.
مۇتەللىپ ئاقسۇغا كېلىشتىن بۇرۇنلا ئۇنىڭ ئارخىپى كېلىپ بولغان بولۇپ، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى جاسۇسلۇق بۆلۈمىدە مۇتەللىپنى كۆزىتىدىغان ئادەملەر ئاللىبۇرۇن تەشكىللەنگەنىكەن. شۇ چاغدا ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تەكشۈرىدىغان «ئەپەندى»، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا «ياخشى»، «كاڭجىيەن»، جەمئىيەتتە «گاڭبى» دېگەندەك مەخسۇس ئادەملەر بار ئىدى. مۇتەللىپ قاتارلىقلارنى ئاشكارىلاپ قويغان ھېكىم نۇرنىڭ مەخپىي ئىسمى «گاڭبى»، ياسىن ئېزىزنىڭ مەخپىي ئىسمى «كاڭجىيەن» ئىدى.
ساقچى ئىدارىسى مېنىڭ مۇتەللىپ بىلەن ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە بىللە ئوقۇغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، مۇتەللىپنىڭ «دېلوسى» غا مېنىڭ ئارىلاشماسلىقىمنى ئۇقتۇردى. لېكىن مەن مۇتەللىپكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن يەنىلا خەۋەردار بولۇپ تۇراتتىم.
مۇتەللىپنىڭ «گۇمانلىق» ئىش- ھەرىكەتلىرى ئىشپىيونلار تەرىپىدىن ئىگىلەنگەندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىغا دوكلات قىلاتتى. كېيىن ئۆلكىدىن «سىلەر مۇتەللىپنىڭ كۈندۈزدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنىلا ئىگىلەپسىلەر، لېكىن كېچىدە ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ كېچىدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىپ مەلۇم قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇق كەلدى.
شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاقسۇ قىزلار پىداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان سوفىيە ئىسىملىك بىر قىز تاللانغانىدى. ئىشپىيون ھېكىم نۇر مۇتەللىپ بىلەن يېقىن ئاغىنە بولۇۋالغاچقا، مۇتەللىپكە سوفىيە بىلەن توي قىلىش توغرىسىدا قايتا-قايتا ئېيتقاندىن كېيىن، مۇتەللىپ «توي قىلىشقا پۇلۇم يوق» دەپتۇ. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى بۇ خەۋەرنى بىلگەندىن كېيىن ھېكىم نۇرغا پۇل بېرىپتۇ. ھېكىم نۇر بۇ پۇلنى ئېلىپ «مۇتەللىپ ئاداش، بۇ پۇل سېنىڭ توي ئىشىڭغا ياردىمىم بولسۇن» دەپ مۇتەللىپكە بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇتەللىپ سوفىيە بىلەن توي قىلدى. سوفىيەمۇ مۇتەللىپنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ تۇردى.
مۇتەللىپكە «دىققەت قىلىش» توغرىسىدا گەپ قىلىپ قويۇشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشپىيونلارنىڭ كۆپلۈكىدىن مۇمكىن بولمىدى. بىللە ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلىرىمىز بىر كۈندىلا تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى سوراشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمايتتى. چۈنكى بىزنىڭ ئۈستىمىزدىمۇ پايلاقچىلار بار بولۇپ، دەككە-دۈككىدە خىزمەت قىلاتتۇق.
1944-يىلنىڭ بىر كۈنى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇ دۇڭچۇ مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەرجىمانى زو مىڭ (زۇنۇن)، ساقچىلاردىن مۇھەممەت ئەرشىدىن (تۇرپانلىق)، قاسىم (قەشقەرلىك) قاتارلىقلارمۇ مۇتەللىپ بىلەن ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى.
مۇ دۇڭچۇ مۇتەللىپكە:
-مەن ساڭا بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن. سەن بۇ ھېكايىنى سەھنە ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ كېلىسەن، بۇلامدۇ ؟-دېدى.
مۇتەللىپ ماقۇل بولغاندىن كېيىن مۇ دۇڭچۇ ھېكايىسىنى باشلىدى. زو مىڭ بىر تەرەپتىن تەرجىمە قىلدى. بۇ ھېكايىدە ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر خەنزۇ دېھقاننىڭ پىلە بېقىپ، دەستىگاھ قۇرۇپ، كېيىن چوڭ فابرىكا قۇرۇپ چىققانلىقى سۆزلەندى. ھېكايە ئۇزۇن بولۇپ يېرىم كېچىدە ئاخىرلاشتى. مۇ دۇڭچۇ مۇتەللىپكە «سەن بۇنى بىر ھەپتە ئىچىدە سەھنە ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ ماڭا تاپشۇرىسەن» دېدى.
ئەتىسى مۇ دۇڭچۇ مېنى يەنە چاقىرتتى. ئەسلىدە مۇتەللىپ تۈنۈگۈنكى ھېكايىنى سەھنە ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ ئەكەلگەنىكەن. ئۇ بۇ سەھنە ئەسىرىگە «نۇرلۇق يولغا قەدەم» دەپ ماۋزۇ قويۇپتۇ. مۇتەللىپنىڭ يازغانلىرىنى زو مىڭ تەرجىمە قىلىپ بەردى. بۇنى ئاڭلىغان مۇ دۇڭچۇ چاۋاك چېلىپ كەتتى ۋە بىزگە قاراپ:
-سىلەر ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىسىلەر، ئەرەبلەردىن چىققان مۇھەممەتنى پەيغەمبەر دەيسىلەر. لېكىن ئۆز ئىچىڭلاردىكى پەيغەمبەرنى بىلمەيسىلەر، مېنىڭچە مانا بۇ مۇتەللىپنى پەيغەمبەر دېسە بولىدۇ-دېدى.
مۇ دۇڭچۇ مۇتەللىپكە «بۇنى كۆرۈپ باق» دەپ بىر پارچە خەتنى بەردى. بۇ يۇقىرىدىن كەلگەن «مۇتەللىپ سەككىز يىللىق قاماققا ئېلىنسۇن» دېگەن بۇيرۇق ئىدى.
مۇتەللىپ بۇنى كۆرۇپ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.
مۇ دۇڭچۇ مۇتەللىپكە:
سەن ناھايىتى ئىقتىدارلىق ئىكەنسەن. ھەممىمىز ساڭا قايىل، بۇنىڭدىن كېيىن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى تەشكىللىگەن سانائىي نەفىسەدە تەشكىللەش، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئۆتەيسەن، بۇنىڭغا قوشۇلساڭ بۇيرۇقنى باستۇرۇپ قويىمىز. قوشۇلمىساڭ بۇيرۇق بويىچە ئىش كۆرىمىز»دېدى، مۇتەللىپ بۇنىڭغا قوشۇلدى. «ئىشپىيونلار» مۇتەللىپنىڭ يېقىن دوستى بولۇۋېلىپ، ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك ئىش-ھەرىكەتلىرىنى توختىماي مەلۇم قىلىپ تۇراتتى.
مۇتەللىپ سانائىي نەفىسەدە «غېرىب-سەنەم»، «تاھىر-زۆھرە»، «ئارشىن مال ئالان» قاتارلىق دراما-ئوپېرالارنى يازدى ۋە سەھنىلەشتۈردى. شۇ چاغدا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ چوڭ زالىدا ئويۇن قويۇلاتتى، مەن دائىم ئويۇن كۆرگىلى باراتتىم. شۇ چاغلاردا ماڭا «غېرىب-سەنەم»، «تاھىر-زۆھرە» ئوپېرالىرىنىڭ ناخشىلىرى ياد بولۇپ كەتكەنىدى.
كۈنلەر ئۆتۈپ 1945-يىلنىڭ بىر كۈنىدە خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شۆبىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىش يولىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مېھمانخانىسىغا چۈشتى. مېھمانخانا مەسئۇلى مۇ دۇڭچۇغا ۋۇ شۆبىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قويۇشنى ئېيتتى. مۇ دۇڭچۇ «ئەگەر ئۇنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشكىسى بولسا ئالدىمغا كىرسۇن. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كۆرۈشكىلى بارمايمەن» دەپتۇ. مېھمانخانا مەسئۇلى مۇ دۇڭچۇنىڭ گېپىنى ۋۇ شۆبىڭگە ئاشۇرۇپ يەتكۈزۈپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ۋۇ شۆبىڭ «خەپ سېنى مۇ دۇڭچۇ» دەپ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ خوتەندىن ئېلىپ كەلگەن ئېسىل قاشتېشى، ئالتۇن- كۈمۈشلەرنى ئۈرۈمچىدىكى ئەمەلدارلارغا سوۋغا قىلىپ، ئۆلكىلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى يىڭچىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا:
-سىلىگە ياردەمدە بولۇشقا تېخىمۇ قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئاقسۇغا يۆتكىلىپ كەلگەن بولسام-دېگەن تەلەپنى قويۇپتۇ.
لى يىڭچى:
-بولىدۇ، سىز ئاقسۇغا بېرىڭ، بىز ئاقسۇغا تېلېگرامما ئارقىلىق خەۋەر قىلىمىز. سىز بېرىپلا خىزمەتكە چۈشۈڭ- دەپتۇ. ۋۇ شۆبىڭ:
-جاناپلىرىنى ئاۋارە قىلماي تېلېگراممىنى ئۆزەملا ئېلىپ بارسام- دەپتۇ.
لى يىڭچى ۋۇ شۆبىڭگە ئۇنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىك توغرىسىدىكى تېلېگراممىنى بېرىپتۇ.
بىر كۈنى كەچتە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە باشقا كىشىلەر زالدا مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتۇق. تۇيۇقسىز تاراق-تۇرۇق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ زال ئىچىگە قۇراللىق ساقچىلار كىرىپ كەلدى. ئارىدىن بىرى سەھنىگە چىقىپ:
-بۇ قانداق يەر؟ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدا سانائىي نەفىسە تەشكىللەش، ئويۇن قويۇش مەدەنىيەت-مائارىپ ئويۇشمىسىنىڭ ئىشى ئەمەسمۇ؟ ئويۇن تارقىتىلسۇن. بۇ ئۆلكىلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ بۇيرۇقى- دەپ، ۋۇ شۆبىڭنىڭ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىك بۇيرۇقىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ مۇ دۇڭچۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
شۇنىڭ بىلەن سانائىي نەفىسە تارقىلىپ كېتىپ، مۇتەللىپ ئاقسۇ گېزىتخانىسىغا كەتتى. ۋۇ شۆبىڭ ئۈرۈمچىدىكى چاغدىلا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بىر قىسىم ساقچى كادىرلارنى ئۆزى تەيىنلەپ كەلگەچكە، مېنى ئاقچى ناھىيىسىگە، كېيىن توقسۇ ناھىيىسىگە يۆتكىدى.
1945-يىلى غۇلجا ئارمىيىسى ئاقسۇ شەھىرىنى ئىككىنچى قېتىم قورشايدۇ. مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا باشلىق كىشىلەر تەشكىلات قۇرۇپ غۇلجا ئارمىيىسىگە ئىچى-سىرتىدىن ماسلاشماقچى بولغاندا، ئىنقىلابچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ھېكىم نۇر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. 1945-يىل 18-سىنتەبىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا، ئابلا روزى، مەۋلانجان تۇردىيوف، بىلال ئەزىزى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى تۇقسۇ ناھىيىسىدە ئاڭلىدىم.
1946-يىلى مەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىغا قايتىپ كېلىپ، مۇتەللىپكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇقتۇم. ھېكىم نۇر، ياسىن ئېزىز قاتارلىق ئىشپىيونلار بۇ چاغدا ساقچى ئىدارىسىنىڭ رەسمىي ساقچىسى بولۇپ كەتكەنىدى.
1946-يىلى گومىنداڭنىڭ چوڭ ئىشپىيونلىرىدىن ئابلا داموللا بىلەن جۇ تۇەنجاڭ دېگەنلەر ئاقسۇغا كەلدى. ئۇلار چوڭ يىغىن ئېچىپ:
-بۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولىدىغانلىقى، قانۇن ۋە سىياسەتنىڭ ياخشى ئىجرا قىلىنىپ خەلق خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى ئۈچۈن قانداقلا پىكىر بولسا ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ- دېدى.
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى كىشىلەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى مېھمانخانىسى زالىغا يىغىلىپ، پىكىر-تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇزاكىرە قىلىشتۇق. مەنمۇ كاتىپ بولۇپ يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن پىكىرلەرنى خاتىرىلىدىم. ئەتىسى ئابلا داموللا بىلەن جۇ تۇەنجاڭ پىكىر- تەلەپ ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى. مەن ئالدى بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئالدىنقى كۈنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنى ئوقۇدۇم:
1. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شۆبىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. بۇ جىنايەتچى شۇنداقلا ئىشپىيون ھېكىم نۇر، ياسىن ئېزىزلار خەلق ئالدىدا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ قاتتىق جازالىنىشى كېرەك.
2. غۇلجا ئارمىيىسى ئاقسۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا گومىنداڭ ئارمىيىسى شەھەر سىرتىدىكى نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى تۈزلىۋەتتى ۋە نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدى. ھۆكۈمەت بۇنىڭ ئۈچۈن جاۋابكار بولۇشى كېرەك.
3. غۇلجا ئارمىيىسى ئاقسۇ شەھىرىگە ھۇجۇم باشلىغاندا ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يۈشۈن نۇرغۇن ياشلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇڭا ۋۇ يۈشۈن بۇنىڭغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.
4.    ...، 5.     ...
مېنىڭ كەينىمدىن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ساقچىلىرىدىن ياسىن ئەخمەت قاتارلىق ساقچىلار ۋە باشقىلار بەس-بەستە پىكىر قىلدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامما تەشكىللىنىپ، ئاقسۇ شەھىرىدە ۋە ئونسۇدا ئۈچ كۈن نامايىش قىلدۇق.
ئۈچ كۈندىن كېيىن ئابلا داموللا، جۇ تۇەنجاڭ جىمجىتلا كېتىپ قالدى. ۋەزىيەت بىردىنلا ئۆزگەردى. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى پىكىر- تەلەپ ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان، پىكىر قىلغان ۋە گۇمانلىق دەپ قارالغان باشقا كىشىلەر تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئېلىندى. شۇ قاتاردا مېنىڭمۇ ئۇنۋان ۋە ۋەزىپىلىرىم ئېلىپ تاشلىنىپ خىزمەتتىن بوشىتىلدىم. مەن شۇنىڭدىن كېيىنلا ئابلا داموللا، جۇ تۇەنجاڭ دېگەنلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئىشى بىر قېتىملىق ئالدامچىلىق، قىلتاق ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
مەن 1957-يىلى ئاقسۇدىن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم. كېيىن ئابدۇللا تالىپنىڭ «قاينام ئۆركىشى» ناملىق رومانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بەزى كىشىلەر روماندىكى «يانتاقۇپ» دىگەن ئىشپىيون «ئىمىن ئاقۇپ» دېگەن كىشىمىش دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشىپتۇ.
    بۇ ئەسلىمە «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»دە ، پۇلات ھىمىتنىڭ تەھرىلىكىدە ئېلان قىلىنغان.
قۇشۇمچە: ئىمىن ئاقۇپ، 1917-يىلى پىچان ناھىيەسىنىڭ لەمجىن بازىرى لەمجىنشا مەھەللىسىدە نەزەرقېزى ئوغلى ئاقۇپ يوسول ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇقۇش يشىغا يەتكەندە لەمجىندىكى تەرەقىقپەرۋەر، دىنى زات ئىنقىلاپچى مەتنىياز روزى باقى داموللام(1900-1933) دىن تەربىيەسى ئالغان. 1934-يىلدىن 1939-يىلغىچە لەمجىنشادا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى باشلانغۇچتا ئوقۇغان. 1939-يىلى 8-ئايدا ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىگە ئۇقۇشقا كىرىپ 24-سىنىپتا ئوقۇغان. شىنجاڭ ساقچى كادىرلىرى مەكتىپىدە ئۇقۇغان چىغىدا بىر سىنىپتا ئىمىن ئىسىملىكلەردىن يەتتەيلەن بولغاچقا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى  ئۆزىنىڭ ئىسمى قىلىپ قوللانغان.  1941-يىلدىن 1952-يىلغچە ئاقسۇدا ۋىلايەتلىك تۈرمە، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى،  ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە، ئاقچى، تۇقسۇ، ئاۋات ناھىيەلىرىدىكى ساقچى ئورگانلىرى، ئاۋات ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. ئازاتلىقتىن ئىلگىرى گومىنداڭغا خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 1952-يىلدىن 1957-يىلغىچە ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەنگەن.1957-يىلى ئاقسۇدىن يۇرتى پىچان لەمجىنگە قايتىپ، قېرىنداش تارتىشىپ، لەمجنشادىن چۇۋانقىر يۇتۇققا كۆچۈپ چىققان. كېيىن پىچان كۆكيار كۆمۈركاندا ئىشچى، ئېتىز –ئېرىق قۇرلۇشلىرىدا تېخنىك، تامچىلىقتا ئىش بېشى بولۇپ « ئىمىن ئۇستام» دەپ ئاتالغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە پىچان لەمجىندىن مەخسۇس« ئىمىن ئاقۇپنىڭ مەسلىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى» ئاقسۇغا ئەۋەتىلىپ، ئىمىن ئاقۇپنىڭ ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى ئىشلىرىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسدە «ئىمىن ئاقۇپنىڭ مەسلىسى يوق» دەپ قارىلىپ،«قالپىقى» ئېلۋىتىلگەن. 1978-يىلى مەركىزى كومىتېت 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنكى قايتا ئېنىقلاشتا نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ،  پېينسىيە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان. 2006-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى  89يېشىدا لەمجىن چۇۋاڭقىردا ۋاپات بولغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدىكى بۇ ئەسلىمە  بۇ كىشىنىڭ ئەسلىملىرىدىن  قەلەمگە ئېلىنغانلىرىدىن بىرى ئىدى.

2

تېما

0

دوست

2198

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 652
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-بۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولىدىغانلىقى، قانۇن ۋە سىياسەتنىڭ ياخشى ئىجرا قىلىنىپ خەلق خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى ئۈچۈن قانداقلا پىكىر بولسا ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ- دېدى.
..............................................................
ئۈچ كۈندىن كېيىن ئابلا داموللا، جۇ تۇەنجاڭ جىمجىتلا كېتىپ قالدى. ۋەزىيەت بىردىنلا ئۆزگەردى.
..............................................................
   فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ روسسو « پەۋقۇلئاددە شارائىتتا ئەقلىنى يوقاتمىغان ئادەمنىڭ ھىچنىمىسى يوقالمايدۇ » دىگەن .
    نۇرغۇن تارىخى  سىرلارنى بىلىۋالدۇق . قاراپ باقساق  ئىلىم-پەن يۇكسەك دەرىجىدە  تەرققى  قىلغان  بولسىمۇ ئەمما جەمئىيەت پەقەت ئوزگەرمەپتۇ  .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2586
تۆھپە : 1720
توردىكى ۋاقتى: 667
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرى تالانتىغا پىكرىم يوق ، لېكىن ئۇنىڭ ئىدراكلىق ، مۇھەببەت - نەپرىتى ، مەيدانىغا گۇمانىم بار .
  مەرھۇم ھازىرقى ...بەختىيار ، ئازاد ، گۈزەل زاماندا ياشىغان بولسا ئېنىقكى نۇرغۇن شەرەپلىك ناملارغا ئىرىشكەن بۇلار ئىدى .

1

تېما

6

دوست

3993

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1150
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياخشى ماتېريالكەن....  

0

تېما

0

دوست

263

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   87.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21708
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بىزدىن يەنە مۇشۇنداق شائىر چىقارمۇ ؟ گەرچە مەن شۇ زاماندا ياشىمىغان بولساممۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئىنتايىن ھۆرمىتىم بار

0

تېما

0

دوست

304

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22639
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرنىڭ ئەجىبا غۇلجا ئارمىيسى دىگەنگە كۆزەڭلەر چۈشمىدىما ؟؟

7

تېما

1

دوست

632

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   26.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18913
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 200
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىڭىزگە رەھمەت!  قەلىمىڭىز ھارمىغاي!

0

تېما

0

دوست

105

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23042
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپ دېگەن بەلەن شائىركەن.

0

تېما

0

دوست

1840

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8398
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 291
تۆھپە : 354
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇركەن بىلىۋالدۇق      رەخمەت

ئالىي ئەزا

2

تېما

0

دوست

2476

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  895
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 559
تۆھپە : 389
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
albax يوللىغان ۋاقتى  2013-11-11 15:48
لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرى تالانتىغا پىكرىم يوق ، ل ...

ئىغىر تىنىشتىن باشقا گەپ قىلالمىغۇدەكمەن ،يۈرەكتىكى قاندىن تەپچىپ چىققان ئىنكاسكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )