بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rixatyusup تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-11 18:14
ھازىر كۆرستىلىۋاتان يېڭى ناۋا پىروگىراممىسىغا بىرقاىچە تەكلىپ
يېڭى ناۋا پىروگىرىممىسى يولغا قۇيۇلۇپ كەڭ كۆرەر مەنلەرنىڭ ناھايتى ياقتۇرۇپ كۆرۇشىگە ئېرىشىش بىلەن بىرگە ناھايىتى ياخشى باھالارغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.خەلق كۆڭلۇگە ياقىدىغان بىرەر پىروگىراممىنى رۇياپقا چىقىرىش ھەقىقىتەنمۇ ئاسان ئەمەس.ئۇ شۇ پىروگىراممىنى ئشلەشكە قاتناشقان باھارلىق خادىملارنىڭ جاپالىق ئەجرى سىڭدۇرۇشى،قان-تەرىنىڭ مىھنەتسىز نەتىجىسىدۇر،شۇڭلاشقا ھازىرغىچە ئىشلىنىپ كىلىۋاتقان ھەر بىر سان يېڭى ناۋا پىروگىراممىسى ناھايتىمۇ نادىرلىقى بىلەن خەلق كۆڭلىنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ كۆرۇلۇش نىسبىتى كۇندىن-كۇنگە يۇقۇرلاپ بارماقتا،نومېرلارنىڭ سەرخىللىقى،نادىرلىقى بىلەن شۇسەنئەت سۆيەر خەلق ئىچىدىكى مەھلىيا قىلىنغان بىر كۆرۇرمەن بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن تا ھازىرغىچە بىرەر سانىنىمۇ قالدۇرماي كۆرۇپ مەنىۋى زۇق ئېلىپ كىلىۋاتىمەن شۇ سەۋەپتىن ، ناۋا پىروگىراممىسىنى ئىشلەشكە قاتناشقان باھارلىق خىزمەتچىلەرگە چىن كۆڭلۇمدىن چوڭقۇر تەشەككۇر ئېيتىمەن.سىلەر جاپا چەكتىڭلار...
مەن يېڭى ناۋا پىروگىراممىسىنى كۆرۇش جەريانىدا ئاقساقاللىق بولسىمۇ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە جەھەتتىن تەكىلىپ بىرىشنى توغرا تاپتىم :
1.رىياسەتچىلەر ناھايتى ياخشى رىياسەتچىلىك قىلىپ كىلىۋاتىدۇ . بىراق ، مەيلى يېڭى ناۋاغا قاتناشقان ماھىرلار بولسۇن (مەيلى يېشى چوڭ ياكى كىچىك بۇلۇسۇن ۋە ياكى دوس يا ئاغىنى بۇرادىرلىرى بولسۇن) ياكى نەخ مەيداندىكى كۆرەرمەنلەر بۇلسۇن ئۇلارنى ئاتىغاندا ياكى سۇئال سۇرغاندا چوڭلار بولسا "سىلى" ، ئۆزى بىلەن تەڭ ياكى ئۆزدىن كىچىك بۇلسا "سىز" دىسە ھەرگىزمۇ قۇپاللىق بىلەن ئۆزى بىلەن تەڭ ياكى ئۆزدىن كىچىكلەرنى "سەن" دىمەسلىكى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى يۇرتلار ئۆرۇپ -ئادەتلەرئومۇلىقىغا خاس بۇلۇشى پەقەت ئۈرۈمچىنىڭلام سۆز ئادەتلىرىنىلام قۇللۇنىشتىن ساقلانسا؛
2.باھالىغۇچىلار ماھىرلارنىڭ ھەقىقى تالانت ، ئېقتىدارىنى ، سەۋىيەسىنى كەسىپ جەھەتتىن تولۇق چىقىپ تۇرۇپ باھا بەرگۇچىلەردۇر . شۇڭلاشقا ئاخىردا شۇلارنىڭمۇ ماھىرلارغا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 10-50گىچە نومېر بىرىش ھۇقۇقى بولسا؛ مۇمكىن بولسا ئارىلىقتا باھالىغۇچىلانىڭ بىرەسى نادىر نومېرلاردىن برنى ئورۇنلاپ بەرسە:
3.تاراتقۇلارنڭ بىرىدىغان نومېرى سەل-پەل تەڭشەلسە (مۇمكىن بولسا بەش نومېرغا):
4.ماھىرلار مۇشۇ پىرىگىراممىغا قاتنىشىش ئۈچۇن جاپالىق مەششىق قىلىپ ،تەييارلىق قىلىدۇ شۇڭا ، بىرىنچى ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىگەن ماھىرغا كىيىنكى باسقۇچلاردا ئورۇنلىماقچى بولغان ئەڭ نادىر نومېرىدىن بىرنى ئورۇنلاپ بىرىشكە پۇرسەت بىرىلسە؛
5.مۇمكىن بولسا ئايال رىياسەتچىللىرمىز ئەر رىياسەتچىلەرنىڭمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشغا پۇرسەت بەرسە(ئەر رىياسەتچىلەرنىڭمۇ سۆزلىشگە يول قويسا)؛ |