قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6735|ئىنكاس: 41

1949-يىلى ماۋزېدۇڭ نېمىشقا تەيۋەننى ئىگىلىيەلمىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

10

دوست

4143

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1357
توردىكى ۋاقتى: 1047
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-11 23:11:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1949-يىلى ماۋزېدۇڭ نېمىشقا تەيۋەننى ئىگىلىيەلمىدى - [تارىخ]

ۋېن    جەي

   بۇ مەسىلىگە قارىتا تارىخشۇناسلاردىن ۋېي رۇي مۇنداق قاراشقا كەلگەن :1949-يىلى 10-ئاي ۋە 11-ئايدا ئازادلىق ئارمىيەنىڭ 3-دالا ئارمىيىسى جىمىن ،دېخەيگە ھۇجۇم  قىلىپ مەغلۇپ بولغان پۇرسەتتە ،گومىنداڭ ھاكىمىيىتى دېڭىز ياقىىسىدىكى ئاراللارنى ۋاقتىنچە تىزگىنلەشكە مۇۋەپپەق بولدى 8-ئايدىن كېيىنكى 1950-يىلى 6-ئاي ئامرىكا ،چاۋشىيەن ئۇرۇشى پارتىلاش  پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ 7-فىلوتنى تەيۋەن بۇغۇزىدا تۇرۇشقا ئەۋەتىپ ،ئۇزاق مۇددەت پۆلۈنۈپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلدى .بۇ تەيۋەننى ئىگىلىيەلمەسلىكتىكى ئاساسىي سەۋەپتۇر .

    ئەمىلىيەتتە ،1949-يىلى ماۋزېدۇڭ ۋە مەركەز جاڭ جېشى تەيۋەندە پۇت تېرەپ بولغىچە ھۇجۇم قىلىش تەسەۋۋۇرىدا بولغان ،بىراق ئالدىدىن مۆلچەرلەشكە بولمايدىغان تۈرلۈك ئامىللار تۈپەيلىدىن ،دەرھال ھۇجۇمغا ئۆتەلمىگەن ، كۆپ يىللاردىن كېيىن ماۋزېدۇڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلمىغانلىقىدىن پۇشايمان قىلىپ مۇنداق دېگەن :<<بۇ پارتىيىمىزنىڭ 7-قۇرۇلتايدىن  كېيىن ئۆتكۈزگەن ئەو چوڭ خاتالىقى .>>شۇ چاغدا جىياڭ جېشى تەيۋەندە تېخى مۇقىم  پۇت دەسسەپ كېتەلىمگەن ئىدى ،  ئامرىكىمۇ  تەيۋەندە تۇرۇشلۇق 7-فىلوتنى چېكئىدىن ئىدى، بۇنداق ئىكەن  بۇ ۋاقىت تەيۋەننى ئازاد قىلىدىغان ئەڭ ياخشى  پۇرسەت ئىدى ، بىراق بىز پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدۇق .  ۋەتەن چوڭ قورۇقلىقىدا جىياڭ جېشى ئۇتتۇرۇپ قويدى، تەيۋەندە بىز ئۇتتۇرۇپ قويدۇق ، بۇ چوڭ تارىخىي خاتالىق تۈزىتىۋالغىلى بولمايدىغان خاتالىق ئىدى .

    زور ئىرادىگە ئىگە ھەربىي ئالىم ۋە سىياسىيون بولۇش سۈپىتى بىلەن ماۋزېدۇڭ ،ئۆزىنىڭ بۇرۇن قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان ھەربىر پۇرسىتگە قاتتق ئەپسۇسلاندى ،ئۆزىنى كەچۈرگىسى كەلمىدى 1949-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە  سېۋىت كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتىتنىڭ ۋەكىلى مىكويان ئىنتايىن مەخپى ھالدا ج ك پ مەركىزى كومىتىتىنىڭ خېبىيدا تۇرۇشلۇق ئورنى شى بەيپۇدا پەيدا بولدى ،سېۋىت ئىتىپاقىنى زىيارەت قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ماۋزېدۇڭ  ئۇنىڭ بىلەن توپتوغرا ئۈچ كۈن سۆھبەتەشتى ،سۆھبەتتە ماۋزېدۇڭ مۇنداق دېدى:<<تەيۋەن جۇڭگونىڭ زىمىنى ، بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمىايدىغان ئىش پەرىزىمىزچە ، ھازىر گومىنداڭنىڭ قالدۇق كۈچلىرى ئۇيەرگە ھېكىنىپ بۇنىڭدىن كېيىن بىز بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغنادەك قىلىدۇ ، ئۇ يەردە يەنە ئامرىكا مەسىلىسىمۇ بار ، تەيۋەن ئەمىلىيەتتە ئامرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ ھىمايىسىدە تۇرىۋاتىدۇ ،بۇندق بولغاندا، تەيۋەن مەسىلىسى  شىزاڭ مەسىلىسىدىنمۇ مۇرەككەپلىشىپ ئۇنى ھەل قىىلىش ئۈچۈن خېلى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ .>>

    بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن تەيۋەن مىسىلىسى ج ك پ  مەركىزى كومىتىتىنىڭ  يىغىن كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى .3- ئايدا مەركىزىي كومىتىت يىغىن ئېچىپ ،پات ئارىدا ىۇرۇلماقچى بولغان شەرقىي جۇڭگو بىيروسىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىنى مۇزاكىرە قىلدى . يىغىندا ماۋزېدۇڭ <<يەنە تەيۋەننى قوشۇپ قويۇش كېرەك بۇجايغا ھېھقەت قىلماي  بولمايدۇ ، ئۇجايدا دېڭىز ئارمىيىسى ، ھاۋا ئارمىيىسى ۋە باشقا قىسملار بار، خام ئەشىيا ۋە سودا پۇرسىتىن بار .>>دەپ كۆرسەتتى . شۇ چاغدا شەرقىي جۇڭڭو بىيروسىنىڭ ،ھەربىي ئەمەلىي رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقىنى 3-دالا ئارمىيىسىنىڭ بىرىنجى باش قوماندانى سۇيۈ ئىدى ،ئۇ ماۋزېدۇڭنىڭ نەزىىرىدە جەڭ قىىلىشقا ئەڭ ماھىر بەش چوڭ قومانداننىڭ بىرسى ئىدى،سۇيۈ مۇنداق تەكلىپ بەردى .:<<شاڭخەينى ئازاد قىلغاندىن كېيىن بىزنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىمىز دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە تەيۋەنى ئازاد قىلىش بولۇپ قالدى ، فۇجىيەنگە ئەسكەر كىرگۈزۈش -قالدۇق دۈشمەننى تازىلاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى .>>روشەنكى ماۋزېدۇڭ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتقاندى .

   شۇ چاغلاردا <<ئامرىكا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول تىقەمدۇ يوق شەرقىي درڭىزدىكى ئاراللارنى ۋە تەيۋەننى بىۋاستە ئەسكەر ئەۋەتىپ قوللامدۇ يوق .  >>دېگەن مەسىلە تېخىي نامەلۇم ئىدى ،سىتالىن تېخمۇ ئەنسىرەيىتتى ،ماۋزېدۇڭ ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتىتىمۇ يۈكسەك ھۇھشىيارلىقنى ساقلىمىسا بولمايتتى ،مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتىنىڭ تەتبىرگە ئاساسەن 2-دالا ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان دېڭ شىياۋپىڭ  3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئارمىيىدىكى لىيۇ بوچىڭ ، لىداغا تېلىگىرامما ئەۋەتىپ چاڭجىياڭ دەرياسىدىن ئۆتكەندىن باشلاپ 2يىل ئىچىدە شەرقىي جۇڭگودا تۇرۇپ قېلىشنى يېڭى ھەركەت قوللانماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

    شۇ چاغدا تەيۋەنگە ھۇقۇم قىلىشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلار مۆلچەردىكىدىنمۇ كۆپ بولدى ئوبىكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ماۋزۇدۇڭ مۇھىم نوقتىنى غاربى شىمال قىسىمغا قاراتتى ،مارۋزېدۇڭنىڭ ئىسلىدىكى ئىستىراتىگىيىسىدە پېڭ دېخۇەينى ۋاقتىنچە قايتۇرۇپ كېلىپ ،2-3- دالا ئارمىيىسىگە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا پىلانلىغاندى ،لېكىن سېۋىت ئىتىپاقىنى مەخپى زىيارەت قىلغان لىيۇ شاۋچى ماۋزېدۇڭغا سىتالىنىڭ مۇنداق بىر پىكىرىنى يەتكۈزدى سىتالىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى :<< تەيۋەن ھازىرچە ئەڭ مۇھىم ئەمەس مۇھىمى شىنجاڭنى ئىگەللەش لازىم ، بۇ ئشنى چىڭ تۇتۇش ،ھەرگىز كەينىگە سۈرنەسلىك لازىم ، ئەگەر كەينىگە سۈرۈلسە ،ئەنگىلىيىكلەر شىنجاڭنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋالىدۇ >> دەپ قارىدى شۇنداقلا سېۋىت ئىتىپاقى 40 قىرغۇچى ئايروپىلان ياردەم قىلىپ ج ك پ نىڭ شىنجاڭغا  تېز سۈرئەتتە كىرىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىنىق بىلدۈردى سىتالىننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاساسىي مۇنداق .ئىدى ئەنگىلىيە ئامرىكا ، بولۇپمۇ ئامرىكا <<تۈركىستان جۇمھۇريىتى>>قۇرۇشنى پىلانلاپ يولغا قويماقچى   بولىلۋاتىدۇ ، ئامرىكىنىڭ  قول  تىقىشىدىن بۇرۇن شىنجاڭنى ئېلىش كېرەك>> دەپ  قارايتتى .

   ماۋزىدۇڭ سىتالىننىڭ پىكىرىنى ئاڭلغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئويلاندى ، ھەقىقەتەن سىتالىننىڭ پىكىرىگە سەل قاراشقا بولمايتتى  بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ماۋزېدۇڭ دەرھال لىيۇشاۋچىنى سىتالىنغا :<< بىز پىكىرىڭىزنى ئاڭلىدۇق ،ج ك پ شىنجاڭنى ئېلىشقا  ئالدىرايدۇ .>>دەپ ئوۇقتۇرۇپ قويۇشنى تاپىلىدى .7- ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇ پېڭدېخۇيگە :<<سېۋىت ئىتىپاقى شىنجاڭنى بالدۇرراق ئىگەللەشنى ئۈمۈد  قىلىدۇ >>دەپ تېلىگىرامما يوللىدى ،ۋە پېڭ دېخۇەيگە تەكلىپ  بېرىپ :قىشقىچە دېخۇانى ئىگەللەڭلەر ، كېلەر يىلى ئەتيازغا قالدۇرماڭلار دېدى .

    لىيۇ شاۋچى سېۋىت ئىتىپاقىغا زىيارەتكە بېرىشتىن ئىلگىرى ، مەركىزى كومىتىت سىياسىي بىيروسى سېۋىت ئىتىپاقىغا تەكلىپ بېرىپ ھاۋا دېڭىز ئارمىيىلىرنى ماسلاشتۇرۇپ  تەيۋەننى ئازاد قىلىش مەسىلىسنى مۇزەكىرە قىلىپ ، لىيۇشاچنىڭ سىتالىنغا مۇشۇ تەكلىپنى ئوتتۇرغا  قويۇشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىلدى ،سىتالىن قوشۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ :<مۇنداق قىلساڭلار جەزمەن ئامرىكا ئارىلىشىپ قېلىشى ، ئامرىكا بىلەن سېۋىت ئىتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلاپ قېىشى مۇمكىن.>> دېدى .

   جىمىننى ئازاد قىلىش ئۇرۇشى پارتىلىغان پەيىتتە گومىنداڭنىڭ ئۇ يەردە تۇرىۋاتقان قوشۇنلىرىدىن 12بىڭتۇەننىڭ ئادىمى كۆپىيىپ 40مىڭغا يېتىپ ،ئازادلىق ئارمىيەنىڭ قۇرۇقۇققا چىقىپ جەڭ قىلىدىغان قوشۇنلىرىدىن 8736كىشى ئېشىپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئازادلىق ئارمىيە ئۈچ يىللىق ئازادلىق ئۇرۇش دەۋىردىكى ئەڭ زور مەغلۇبىيەتكە زەربەدار ئارمىيىسى پۈتۈنلەي يوقالدى  ،شۇنىڭدىن كېيىن ماۋزېدۇڭ خەينەندەۋغا ھۇجۇم قىلىشقا ئېھتىيانچان پوزوتسىيە تۇتتى .

   گومىنداڭنىڭ ھاۋا ئارمىيىسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ ،دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەر ۋە بالىلارغا قاتتق ھۇجۇم قىلىپ ، يېڭى قۇرۇلغان ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسىنى ، دېڭىز ئارمىيىسىنى قاتتق زىيانغا ئۇچراتتى ،قارىغاندا ج ك پ ئۆزىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسىگىلا تايانسا ئۇزاق ۋاقىت كېتەتتى ،شۇڭا چەت ئەلنىڭ ياردىمىنى قۇبۇل قىلىش ياخشى چارە ئىدى .

   1949-يىلى 12-ئايدا ماۋزېدۇڭ سېۋىت ئىتىپاقىغا زىيارەتكە بېرىپ ،گومىنداڭنى ھازىر ئۆستۈنلۈككە ئېرىشىپ تەيۋەننى ئازاد قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئازادلىق ئارمىيەنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىز كېلىۋاتقانىقىنى شۇڭا سۋۋىت ئىتىپاقىنىڭ ياردەم بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىپ سىتالىندىن ياردەم تىلىدى بۇ ۋاقىتتابىر قىسىم قوماندانلىرىمىز:<< سېۋىت ئىتىپاقىي ياردەم بەرسە بولىدۇ مىسىلەن سېۋىت  ئىتىپاقىي پىدائىي ئۇچقۇچىلارنى ياكى  مەخپى ئالاھىدە ھەربىي  ئىشلار  فىلوتىنى بىزگە ياردەملىشىپ تەيۋەنگە ئەۋەتكەن بولسا .>>دېدى سىتالىن :<<سىتالىن مۇنداق ياردەم بېرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق ئەمەس ،ئەسلىي مۇشۇنداق قىلىش كېرەك ئىدى ، مەسىلە ئامرىكىغا قول تىقىشقا پۇرسەت بەرمەسلىك . ئەگەر قوماندان ياكى ھەربىي مەشقاۋۇل كېرەك بولسا سىلەرگە قاچان ئەۋەتىپ بەرسەك بولاتتى ،ئەمم باشقا ئىشلارنى ئويلاپ باقمىساق بولمايدۇ .>>دەپ مۇجىمەل جاۋاپ بەردى  شۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى سىتالىن ئامرىكا بىلەن جەڭ قىلىشتىن ئەنسىرەيتتى  ئۇ ماۋزېدۇڭغا :<<تېخمۇ تاكتىكىلىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ تەيۋەننى ئازاد قىلىشقا بولامدۇ يوق ؟  مەسىلەن ،تەيۋەنگە پاراشوتچى ئەسكەر ئەۋەتىپ قوزغىلاڭ تەشكىللىگەندىن كېيىن ،ئاندىن ھۇجۇم قىلىشقا بولامدۇ يوق ؟>>دەپ تەكلىپ بەردى .روشەنكى بۇ بىر چەك باسنايدىغان باھانە ئىدى چۈنكى شۇ چاغدا ئازادلىق ئارمىيىدە پاراشوتچى قىسىملار يوق تۇرسا ،ھاۋا ئارمىيىسى قانداق قىلىپ پاراشوتچىلار قىسىمىلرنى تەيۋەنگە يۆتكەپ چۈشەلىسۇن ؟
   تەيۋەنگە دەرھال ھۇجۇم قىلىش پىلانى شۇنىڭ بىلەن ئىلاجىسىز قېلىپ ، تەيۋەننى ساقلاۋاتقان قوشۇنلار  تازا   پۇت دەسسەپ تۇرالمىغان قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلىشتەك ئەڭ ياخشى پۇرسەتمۇ كېتىپ قالدى .

                 مەنبەسى : شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2009-يىللىق2-سان


2

تېما

0

دوست

3047

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6863
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 478
تۆھپە : 621
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 11:27:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىتالىن دىگەن *وشقىنىڭ كۈچىكى،مەرەز، مۇناپىق.ئويلىساملا پىغانىم ئۆرلەيدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2691

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22639
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 820
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 11:52:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈيۇملۈك باشقۇرغۇچىلار مەن خاتا گەپ قىلدىممۇ ؟؟؟؟؟

0

تېما

1

دوست

2691

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22639
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 820
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 11:55:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسنى راس دىسىمۇ بۇممامدۇ نىمە ...بۇپتىلا .. ..ۋۇ پەسەندى ،ئىپلاس ..جاللات ..xxxدىن بۇلغان سىتالىن ...رۇس چۇچقىلار ...

2

تېما

2

دوست

537

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   7.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9688
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 12:29:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ مۇھىم شەخىسلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىكەن، ئاشۇ مۇھىم شەخىسلەر تارىخنى ئۆز خاھىشى بويىچە يازىدىكەن.

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

12

تېما

5

دوست

6676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1966
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 12:38:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىنمىن ئارىلى ھازىرمۇ تەيۋەننىڭ قۇلىدا.  فۇجيەنگە ئىككى كىلومىتىرلا كىلىدىغان ئارال، ئويلىسا ھەقىقەتەن كۈلكىلىك. شۇنچىلىق يېقىن ئارالنىمۇ بىر تەرەپ قىلالمىغان.
ئالتۇن ئىشىك ئارىلى دەپ ئىزدىسەڭلار ئۇچۇرى چىقىدۇ. ھەيران قالارلىق ئىشتە بۇ

1

تېما

1

دوست

1070

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22135
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 318
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 12:40:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇ  سىتالىن دىگەن روس چوشقىسى

0

تېما

0

دوست

302

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17423
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-12 12:53:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاختىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )