قارامايدىكى ھەقسىز مۇلازىمەتلەر.
قاراماي ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر يەنى ئۈرۈمچىگە ئوخشاش بىر نەچچە رايونى بار بىر شەھەر،بۇ بىر زامانىۋى سانائەت شەھرى بولۇش سۈپىتى بىلەن،شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ھەمدە قاراماي شەھرىدىن ئىبارەت بىر كارخانا بىر شەھەرنى گەۋدە قىلغان ،نېفىت بايلىقىنى ئېچىشنى مەخسەت قىلغان شەھەر،بۇ شەھەردە بۇرۇنقىنى دېسەك بەك كۆپ ھەقسىز مۇلازىمەتلەر بار ئىدى ھازىر بازار ئىگىلىكىنىڭ تەسىرىدە بۇلار سەل تارايدى لېكىن يەنىلا ھەقسىز مۇلازىمەتلەر ئاساسى سالماقنى ئىگەللەپ قارامايلىقلارنىڭ تۇرمۇشى،ساغلاملىقى،شۇنداقلا باشقا جەھەتلەردە قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە،مەن تۆۋەندە بىر نەچچە ھەقسىز مۇلازىمەتنى تونۇشتۇراي،
1.ئاممىۋى ھاجەتخانىلار،قاراماينىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا دېگۈدەك ئامىمىۋى ھاجەتخانىلار ياسالغان بولۇپ بۇ ھاجەتخانىلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ھاجەتخانلار، ھاجەتخانا ئىچىنىڭ پاكىزلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ،تازىلىق قەغىزى،قول يۇيۇشتا ئىشلىتىدىغان سوپۇن بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان قول سۈرىتكۈچ ھەممىسى تۇلۇق،بىر كۈندە ئىككى ئىسمىنا بويىچە تازىلىق قىلىدىغان ئادەم سەپلەنگەن،ئۈرۈمچىدە بىر يىۋەنلىك ھاجەتخانلار بار بەزىلىرىنىڭ تازىلىقىنىڭ ناچارلىقىدىن ھاجەت قىلمايلاچىقىپ كەتكۈڭىز كىلىدۇ،
2.ئاممىۋى ئاپتۇبۇس. 80-يىللاردا بارلىق ئاممىۋى ئاپتۇبۇسلار ھەقسىز قاتنايتتى،ھازىر بۇ ئۆزگەردى،ياشانغانلار بىلەن ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى ھەقسىز ئولتۇرىدۇ،توردىشىمىز توخوتۇر ئەپەندىم 7-يول ئاپتۇبۇسىدا ھامىلدارلارغا ئورۇن يوق دېگەن تىمىنى يوللىۋىدى بۇنىڭ راسلىقىنى قۇمۇلدا بىر نەچچە قېتىم ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرغاندا ھىس قىلدىم راستىنلا ھامىلدارلارغا،ياشانغانلارغا ئۇرۇن بىرىش ئىدىيىسى بەك كامكەن،لېكىن قاراماي دەل بۇنىڭ ئەكسىچە،ھەر قانداق ياشانغان،ھامىلدار،بالا كۈتۈرگەن،ياكى مىيىپ،ئاجىز كىشىلەر ئاپتۇبۇسقا چىقسا ئۇلارغا ئۇرۇن بىرىش بىر ئادەتكە ئايلانغان،،ئاپتۇبۇستا لىققىدە ئادەم ئولتۇرغان تەقدىردىمۇ بۇ ئادەت قەتئىي بۇزۇلمايدۇ ،ئىشەنمىسىڭىز قارامايغا كىلىپ ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ بېقىڭ،شۇڭلاشقا قاراماي شەھرى بۇلتۇر مەملىكەت دەرىجىلىك مەدەنى شەھەر بولۇپ باھالاندى.
3.چېنىقىش ئورۇنلىرى.قارامايدا ھەر قايسى شىركەت ۋە ئىدارىلەرنىڭ مەخسۇس ياسالغان چېنىقىش ئورۇنلىرى بار،بۇ ئورۇنلار ئىشچى خىزمەتچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋىتىلگەن بولۇپ خالىغان ۋاقىتتا بىرىپ ئۇ جايدىكى ئەشۇ ھەقسىز چېنىقىشتىن بەھرىمەن بولسىڭىز بولىدۇ.
4.پىنسىنىرلار پونكىتلىرى،بۇ شەھەردە پىنسىيىگە ئۆتكەن ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ رەسمى تىزىمغا ئالدۇرۇپ پائالىيەت قىلىدىغان سورۇنلىرى بار بولۇپ پۈتۈن شەھەرنىڭ ھەممىلا جايىدا ھەر بىر مەھەللىدە مۇشۇنداق پونكىتلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن پىنسىيىگە ئۆتكەن كىشى چوقۇم ئۆز مەھەللىسىگە ياكى بولمىسا ئۆز ئىدارىسى تەرپىدىن قۇرۇلغان پىنسىنىرلار پونكىتلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرۇرىدۇ،ئۇنىڭ داۋالىنىش،ساقلىقنى ساقلاش شۇنداقلا باشقا پائالىيەتلىرىگە ئەشۇ پونكىت مەسئول بولىدۇ،ھەر بىر پىنسىيىنىر بايراملاردا بۇ پونكىت تارقاتقان بايراملىق مەھسۇلاتلارنى تاپشۇرىۋالىدۇ،ھەر بىر پىمسيىىنىرنىڭ يىللىق خىراجىتى بار بولۇپ بۇلار ئۇلارغاكىتاپ گېزىتكە مۇشتىرى قىلىپ تارقىتىپ بىرىدۇ بۇ پونكىتلاردىمۇ چېنىقىش ئەسلىھەلىرى ياخشى سەپلەنگەن،قارت،بىليارت ئۆيلىرىدەئۆزىڭىز خالىغانچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
|