- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 17285
- نادىر
- 9
- يازما
- 455
ئۆسۈش
18.21%
|
رۇسىيە بىلەن ياپونىيە جۇڭگوغا قارشى بىر سەپتە تۇرالمايدۇ
ياپونىيە " يوميورى گېزىتى" نىڭ 3 - نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ياپونىيە بىلەن رۇسىيە 2 - نويابىر توكيودا تۈنجى نۆۋەتلىك "2 + 2 " سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن . ئىككى تەرەپ دېڭىز قوغدىنىش ئەتىرىتى بىلەن رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزگەن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە مانېۋىرىنى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ، دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيتىپ ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە بىردەك قوشۇلغان .
ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى سۆھبەتتە : ياپونىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ قېتىملىق سۆھبىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياراتتى . ئىككى دۆلەتنىڭ رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق ، دېگەن . ئۇ يەنە ياپونىيەنىڭ كوللىكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش تەلىپىدە تېنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق مەزمۇنلارنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرگەن .
سۆھبەتتە يەنە تور ھۇجۇمىغا قارىتا يېڭى ھەمكارلىق ئاپپاراتى قۇرۇشنى پىلانلىغان ، ئۇنىڭدىن باشقا ، چاۋشيەننى يادروسىزلاشتۇرۇش ھەققىدە كېڭەشكەن . سۆھبەت ئاخىرىدا روسىيە كېلەر يىلى موسكۋادا يەنە " 2 + 2 " سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
ياپونىيە " كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى"نىڭ 3 - نۇيابىردىكى خەۋىرىدە : بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئىككى دۆلەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي ، ئامانلىق قوغداش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . رۇسىيە تەرەپ سۆھبەت داۋامىدا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدتىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسىنى ئورتاق تەرەققى قىلدۇرۇپ ، روسىيەنىڭ يادرو تەھدىت كۈچىگە خىرس شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ ، ياپونىيە تەرەپتىن بۇ ھەقتە قەرەللىك سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلدى . بۇ ياپونىيەنى ئوسال ئەھۋالدا قالدۇردى ، دېيىلگەن .
رۇسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ " 2 + 2 " سۆھبىتى توغرىسىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، خەلقارا جەمئىيەت ياپونىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ جۇڭگونى چەكلەش سېپىدە بىرلەشكەنلىكىنى پەرەز قىلغان . بىراق خوككايدو ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسورى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن : تاراتقۇلار ياپونىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتىنى ئىككى دۆلەت مەنپەئەتى بىردەك بولغان ئەھۋالدا ئۆتكۈزۈلگەن ، دەپ قارىسىمۇ ، مەن ئىككى دۆلەت سۆھبىتىنى دەل ئەكسىچە چۈشەندىم . ياپونىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوي _ خىيالى باشقا - باشقا . ئېنىق قىلىپ ئېيىتقاندا ، مەن ياپونىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى مەقسىتىدىن ئەنسىرەيمەن .، چۈنكى ئىككى دۆلەت ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى ھەل بولمىغان ئەھۋالدا ئامانلىق قوغداش ھەمكارلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى ، ' 2 - 2 ' سۆھبىتى روسىيەنىڭ زېمىن دەتالاش مەسىلىسىنى ئارقىغا سۆرەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ پايدىلىنش قۇرالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ . ياپونىيە جۇڭگونى چەكلەش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن رۇسىيەگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ ، بىراق ئۇلار جۇڭگونى چەكلەش سېپىدە بىللە تۇرالمايدۇ .
" شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى" دىن ئېلىندى |
|