- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3207
- نادىر
- 2
- يازما
- 154
ئۆسۈش
40.23%
|
مەدەنىيەت ھەققىدە قىسقا ئويلۇنۇش
مەدەنىيەت مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ سىپىلى.مەدەنىيەت ئۇقىمىنى مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر دەپ ئىككىگە بۆلۈپ تەتقىت قىلىش ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىگە يىقىندا كىرگەن بولسا كىرەك.بۇرۇن ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا بۇ خىل كەلىمىلەرنى ئۇچراتمىغان ئىدىم.ياكى بەك ئومۇملىشىپ كەتمىدىمۇ ئا.جالالدىننىڭ كىرىش سۆزى ۋە بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات ماقالىسىدىن باشقا ئۇيغۇر كۈلتۈرى توغرىسىدا يىتەرلىك تەتقىقات كىتابلىرى يوق.كۈلتۈر (ھەزارات)مەدەنىيەتنىڭ بىرقىسمى.مەدەنىيەت كۈلتۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ماددىي مەدەنىيەت نۆۋىتىدە مىللەتنىڭ مەدەنىيەت يۆلىنىشىگە چوڭ تەسر كۆرسىتەلمەيدۇ.ئەمما كۈلتۈر مىللەتنىڭ مەنىۋىي بۆلىكىنى كونتورۇل قىلغاچقا مىللەتنىڭ سىياسىي،ئىدولوگىيىلىك ئىستىراتىگىيە يۆنىلىشىن بەلگىلەيدۇ.
ئۇيغۇرلاردا مەدەنىي تەتقىقاتى كۆپلەپ ئىلىپ بىرىلغان بولسىمۇ تەرەققىي قىلغۇزۇش،زامانغا لايىقلاشتۇرۇش توغۇرسىدىكى پىكىرلەر ئاز بولدى.ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىت قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدىنيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت سەھنىسىدىكى ئورنىنى بىلىش بىلەن بىرگەجۇغراپىيلىك جەھەتتىكى مەدەنىيەت جايلىشىشىنى ئەتراپلىق تەتقىت قىلىش كىرەك.ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جۇغراپىيلىك جايلىشىشىغا قارايدىغان بولساق ھەيران قالارلىق بىر نۇقتىنى بايقايمىز.شەرىق تەرەپتە جوڭخۇا مەدەنىيىتى شىمال تەرەپتە روس مەدەنىيىتى،غەرىپتە ئەرەپ مەدىنيىتى،جەنۇپتا بۇددا مەدەنىيىتى ۋە غەربى جەنۇپتا ئەرەپ-پارىس مەدەنىيىتى،ۋە ھىندى مەدىنيىتى(تۈرۈكىي مىللەت بولغانلىقىمىز ئۈچۈن غەربى تۈرك مەدەنىيىتىنى تىلغا ئالمىدىم.)دىن ئىبارەت تارىخى بىرقەدەر ئۇزۇن بولغان ھاياتى كۈچى ۋە ئاسمىلاتسىيە كۈچى يۇقرى قەدىمكى ئاسىيا مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۈرۈك مەدەنىيىتىنى قورشىغانلىقىنى بايقايمىز.ئۇيغۇر تۈرۈكلىرىدەك بىر-بىرىگە چورىتلا ئوخشىمايدىغان كۈچلۈك مەدەنىيەتلىلەرنىڭ قورشاۋىدا مۇستەقىل مەدەنىيەت ياراتقان مىللەتتىن يەنە بىرى بولمىسا كىرەك.ئۇيغۇر دىيارىدەك مۇرەككەپ مەدەنىيەتلەرنىڭ قورشاۋىدا قالغان رايوندىن يەنە بىرى بولمىسا كىرەك.بۇ خىل كۈچلۈك مەدەنىيەتلەرگە سىڭىپ كەتمىگەن مەدەنىيەت تەبىئىي شۇ مەدەنىيەتلەرگە ئوخشاش بۈيۈك ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت بولىشى لازىم.
ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخى جەريانغا ئىگە. تاڭ سۇلالىسىدىكى شۇنزاڭنىڭ بىر خاتىرىسىدىكى جۈملىسىنى مىسالغا ئالساق(ئۇلار ئۆيلىرىنى ئاپئاق تاش بىلەن ئاقارتىدىكەن)ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىش جەريانى جانلىق ئىپادىلەپ بىرىدۇ.بىر مىللەتنىڭ شەھەرلىشىش ئۆتكىلىنى بىسىپ ئۆي ياساپ ئۆيلىرىنى ئاقارتىپ زىننەتلەشنى بىلگەنگە قەدەر ئۆتكەن جەريان قىسقا جەريان ئەمەس.3600 يىللىق تارىخقا ئىگە كىرورەن گۈزىلىنىڭ دەپنە بويۇملىرى تارىم ۋادىسى خەلىقلىرىنىڭ مۇكەممەل مەدەنىيەت بايلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىڭ ھاياتى كۈچى ئىنتايىن يۇقرى سىستىمىلىق ئىلىپ بىرىلغان ئاسمىلاتسىيە ھەركەتلىرى بولسىمۇ ئۇيغۇر مەدىنيىتىنى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ يوقاتماق ئىنتايىن تەس.مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاش ئۈچۈن مىللىي مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش،مەدەنىيەتتە يىڭىلىق يارىتىش كىرەك.مەسەلەن ماددىي مەدەنىيەتنى مىسالغا ئالساق بىرلا خىل ئەتلەس كۆينەك بىرلا خىل كانۋاي كۆينەك بولۇشتەك قاتمال مەدەنىيەت چەكلىمىلىكىنى بۇزۇش كىرەك. مەخسۇس ئۇيغۇر كىيىم كىچەكلىرىنى تەتقىت قىلىش ئۇيغۇر تائاملىرىنى تەتقىت قىلىش كىرەك.ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى ھازىرقى بالىلار كىيەمدۇ دىگەن ئەندىشىگە ئۇيغۇر ياشلىرى ئاللاقاچان جاۋاپ بىرىپ بولدى. يىقىندا چىققان بىر خىل كانىۋاي كۆينەك ھەرقانداق ئۇيغۇر بالىسىدا بىردىن بار دىسەم مۇبالىغە بولماس.ھەتتا ساختىسى چىقىپ ئاقسۇدىن جىڭ ماتا رەختىن تىكىلگىنىنى ئەكەلگۈزۇپ كىيگەنلەر بولدى.مىللىي كەيپىياتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ كوچىدا ماڭسىڭىز ئەتلەس كىيگەن مودا خىنىملارنى چوقۇم ئۇچۇرتالايسىز.دىمەك مىللىي كىيىم كىچەك ئۇيغۇر دىيارىدا پۇتمەس بايلىق ۋە بازار مەنبەسىگە ئىگە.مۇستەقىل ماركا يارتىپ ئۇيغۇر كىيىم كىچەكلىرىنى ياش بالىلارغا،ياش قىزلارغا تەدبىقلاپ مال سالسا پارلىق ئىستىقباللىق كارخانا بولىدىغانلىقىدا گەپ يوق.ئۆزبەكىستان ،قازاقىستان قاتارلىق مىللىي مەدەنىيەت ئوخشاش رايونلار قوشۇلۇپ چوڭ بازارغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش،ياشلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كىرەك.ئۇيغۇر ئاشخانا مەدەنىيىتى بۇ ساھادە كۆرىنەرلىك نەتىجە ياراتتى.تۈركىيەدىن ئىبارەت تۈركىي مۇستەقىل دۆلەتتە ساپ تۈرۈك مەدەنىيىتى بىلەن بىزەلگەن ئاشخانىنى تاپماق تەس،ئاساسەن غەرەپ مەدەنىيىتى تۈسىنى ئىلىپ كەتكەن.بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە تۈرۈكلىردىن ئىشىپ كەتكەن دىسەم خاتالاشمايمەن.ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تىخنىكا قوشۇلۇپ ئىلغار ئاشخانا مەدەنىيىتى ياراتقان.ھەرقىتىم ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا كىرگىنىمدە ئىختىيارسىز ئۇيغۇر ئاشخانا مەدەنىيەتچىللىرىگە غايىۋىي ئىھتىرام بۈلدۈرىمەن.
ئۇيغۇر تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ئاساسەن ئەتراپىدىكى مەدەنىيەتلەرگە نىسپەتەن مۇستەقىل ۋە پەرىقلىقى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇنيادىكى ئىلغار مەدەنىيەت دىيىشكە تامامەن ھەقلىقمەن.بىزنىڭ تىيەن ئەنمىن، سەددىچىنگە ئوخشاش بۈيۈك ماددىي قۇرلۇشلىرىمىز بولمىسىمۇ ئەممە مۇستەقىل ۋە جەلىپ قىلىش كۈچى زور مەنىۋىي ئەخلاق قۇرلۇشلىرىمىز بار.ئۇيغۇر ئەخلاق مەدەنىيتى بىلەن تەربىيلەنگەن بىر بالىنى نەگىلا ئاپىرىڭ ئۇ ئەنئەنىۋىي ئەخلاق قارىشى بىلەن باشقىلار ئەمدى يىتىلدۇرۋاتقان ئەخلاق ئەندىزىللىرىنىڭ ئالدىدا ئۈستۈن تۇرىدۇ.. بەزەن ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت بويىچە تەرىبيلەنمىگەنلىكى ئۇلارنىڭ ئەخلاقسىز ،مەدەنىيەتسىز ھەركەتلىرىنىڭ تۈپكى سەۋەبىدۇر.ھىلىمۇ ئىسىمدە بىر كۇنى ئاپام دەرىستە بەك ئۇستا دەپ ئەتىدىن كەچكىچە ماڭا تەنە قىلىدىغان خوشنىمىزنىڭ بالىسىنى ئەيىپلەپ قالدى.ئاپامنىڭ دىيىشچە خوشنىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتىكەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بالىسى ئاپىسنىڭ يىنىغا چىقىپ ئاپا قارا قولتۇقۇمغا تۈك ئۆسۇپتۇ دەپ ئاپىسىغا كۆرسىتىپ قويۇپتۇ.شۇ كۈندىن كىيى ئاپام ماڭا خوشنىمىزنىڭ بالىسىدەك بول دەپ تەربىيە قىلمايدىغان بولغان.كىچىكىدىن باشلاپ خەنزۇ سىنىپتا دەرىس ئىلىپ ئىككى مەدەنىيەت ئوتتۇرسىدا گاڭگىراپ قالغان (ئۇستا بالا)دىن قاقشاشمۇ ئارتۇقچە.بالىلارنى ئەيىپلەشتىن بۇرۇن ئاتا ئانىلار ئۆزلىرىنى تەنقىتلىشى كىرەك.غەرىپلىكلەر بالىللىرىنى نوبىل ساھىبى قىلىپ تەربىيلەۋاتىدۇ بىزچۇ؟بالىلارغا نىمە ئۈگىتىۋاتىمىز؟بالىڭىزنىڭ بەش خىل تىلغا ئىگە بولىشى ياكى ئون خىل سازنى مۇكەممەل بىلىشى بالىڭىزنىڭ موزىكا ئىجادىيەتچىسى ياكى تىلشۇناس ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇرۇپ بەرمەيدۇ.بالىڭىزغا قارغۇلارچە نەرسە ئۈگۈتۈش بىلەنلا بولماي ،بالىڭىزنى تەپەككۇر ئىگىسى بولۇشقا يىتەكلەڭ.ئون خىل تىلنى بىلىدىغان ئادەم بىلەن بىرخىل تىلنى ئۈگۈنۈپ دۇنياۋىي نەتىجە قازانغان ئادەمنىڭ مۇۋاپىقيەت دەرىجىسى ئاسمان زىمىن پەرىقلىنىدۇ.ياپۇنچە،ئىنگىلىزجە،نىمىسچە بىلىدىغان بىر بالىنىڭ مۇستەقىل پىكرى،كۈرەش نىشانى،ئۆزلۈك بىلىمى بولمىسا ئۇنۇڭ بىرمۇنچە تىل ئۈگۈنىشىنىڭ نىمە پايدىسى؟ۋاقتى كەگەندە تەرجىمانلىقتىن باشقا نەرسىگە يارىمايدىغان لوغەت بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.تىل ئۈگەنگەن بىلەن شۇ تىلدا سۆزلەيدىغان بىلىم بولىشى كىرەك.گەپ شاخلاپ كەتتى،گىپىمىزگە كەلسەك ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مۇستەقىل ۋە پەرىقلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە،ئۇزۇن تارخى جەريانغا،ئىلغار مەدەنىي تىرمىنلارغا ئىگە شۇنۇڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئاسمىلاتسىيە بىسىمىغا مۇتلەق بەرداشلىق بىرەلەيدۇ.بەرداشلىق بىرەلمەيدىغىنى ئائىلە ۋە مائارىپ تەربىيىمىزدىكى ئۈزۈكچىلىكتىن شەكىللەنگەن مەدەنىيەت يوقۇلۇش بوھرىنىدۇر.ئۇيغۇر مەدەنىيەتنىڭ يوقىلىشى مەدەنىيەتنىڭ قالاقلىقىدىن ئەمەس مەدەنىيەتنىڭ ئۈزۈكچىلىكىدىن شەكىللىنىشى مومكىن.ئۇيغۇر مائارىپى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىرقىسمى،بالىلارنى قىززىقتۇۇش،مىللىي خارەكتىرگە ئىگە مائارىپ قۇرۇپ چىقىش مىللىي مەدەنىيەتنىڭ راۋاجلىنىشىنىڭ تۈپكى ئاساسىدۇر.
تارىخ نۇقتا ئەمەس ئۇ تۈز سىزىق.كىلەچىكى پارلاق كۆرىنىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ يەر بىلەن يەكسان بولۇش ئىھتىماللىقى بار.ھەرقانداق ۋاقىت ھەرقانداق زاماندا شەيئىلەر ئۆزگۈرۇپ تۇرىدۇ.بۈگۈن باشقا دەسسىگەنلەر ئەتىسى سىزنى كۆتۈرىشى مومكىن.مەڭگۈ تۇرۇپ قالىدىغان نەرسە بولمايدۇ ھەرقانداق نەرسىنىڭ گۇمران بولىدىغان ۋاقتى بولىدۇ.پۇرسەتنىڭ ۋاقىتچانلىقى بىلەن مەۋجۇتلۇق ھەرقانداق مىللەتكە چىقىش پۇرسىتى بىرىدۇ.دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ھەرقانداق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن مەۋجۇتلۇق بولىشى كىرەك.ھىچ نەرسە قولىمىزدىن كەلمىسە مەدەنىيەتنى ساقلاپ قىلىشقا كۈچ چىقىرايلى چۈنكى مەدىنيىتىمىز كەلگۈسى تارىخىمىزنىڭ ئاساسى.گۈللىنىشىمىزنىڭ دەسمايىسى.ئۇيغۇر دىيارىنى مەركەز قىلغان ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنى قايتىدىن باغلايدىغان يىڭى يىپەك يولى ئىچىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.ئىلغار سودا قارىشىمىز ،ئەنئەنىۋىي تىجارەت ئەقلاقىمىز،يىپەك يولى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دىننىي بىردەكلىكىمىز، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان قان قىرىنداشلىقىمىز،ئۇيغۇرلارنى ئەڭ پايدىلىق شارائىتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.بۈيۈك يىپەك يولىنىڭ قەھرىمانلىق بىتىگە يەنە ئىسمىمىزنىڭ يىزىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.خىرىسنى يىڭىپ ،چوڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىشىمىز كىرەك.كەلگۈسى 50يىلدا ئۈرۈمچىنىڭدۇنيانىڭ سودا مەركىزى بولۇش ئىھتىماللىقى ئەڭ كۈچلۈك.مەدەنىيىتىمىز ۋە ئەنئەنىمىز بىلەن بۇ بايلىقنىڭ ئىشتىراكچىسىغا ئايلىنىشىمىز كىرەك.پايدا ياكى بايلىق سىزگە تاشاپ بىرىلمەيدۇ.ئۆزىڭىز يۇلۇپ ئالىسىز،ئەۋزەل پۇرسەتتىن پايدىلنىشىمىز كىرەك.ماۋزۇنى قويۇپ قويۇپ ھەر تەرەپتىن سۆزلەپ كىتىپتىمەن.ئۇمۇننىڭ ئەبجەش پاراڭلىرى دەپ بىلگەيسىلە!!!!
|
|