- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7546
- نادىر
- 12
- يازما
- 376
ئۆسۈش
100%
|
بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى كالىفورنىيە ئۇنىۋىرستىتى-دەيۋىس مىدىتسىنا ئېنىستىتۇتىنىڭ پىرافىسورى، غول ھۆجەيرە ئالىمى ۋە داڭلىق بىلوگىر دوكتۇر پول نوپفىلېر ئىكەن. Paul Knoepfler نىڭ تەرجىمھالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرگىلى بولىدۇ:
http://en.wikipedia.org/wiki/Paul_Knoepfler
دوكتۇر نوپفىلېر 3 يىل ئاۋۋال 42 يېشىدا مەزى بېزى راكىغا گېرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ بىلوگ قۇرۇپ غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە جەمئىيەتتىن قوللاشقا ئېرىشىسنى كۆزلەپ نۇرغۇنلىغان يازمىلارنى بىلوگىدا ئېلان قىلغان ۋە نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرى بار بولغان. ئۇ غول ھۆجەيرە ساھەسىدىكى 50 تۆھپىكار ئالىمنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنگەن ۋە بىلوگ يېزىپ تۇرۇپمۇ ئامرىكىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋىرستىتى-دەيۋىس قا ئوخشاش داڭلىق تەتقىقات ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ مەڭگۈلۇق خىزمەتچىسى (tenure) بولۇش شەرىپىگە ئېرىشەلىگەن. ئۇ بۇ پائالىيەتنى ئۆزىنىڭ بىلوگىدا ئۆتكۈزۇپتۇ ۋە ئاخىرىدا بىر كىشىنى تاللاپ 1000 دوللار بىلەن مۇكاپاتلىماقچى ئىكەن. ئۇنىڭ بىلوگىنى ئوقۇيدىغانلار غول ھۆجەيرىگە قىزىقىدىغان ۋە مەلۇم تونۇشقا ئىگە كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلار ھەر ھالدا غول ھۆجەيرە ساھەسى بىلەن مەلۇم تونۇشلۇققا ئىگە. لىكىن بۇ بىر ئاكادىمىك ئورگاننىڭ باھالىشى بولمىغاچقا يەنىلا كىشىلەر ۋاتىكاندىكى كاتولىك پوپى فىرانسىس قاتارلىق غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىنى قوللىغۇچىلار ۋە شۇ قاتاردىكى تەربىيەچىلەر، تەشۋىق قىلغۇچىلار دىگەندەك كىشىلەر كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن. بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان روبېرت لەنزا مۇ غول ھۆجەيرە تەتقىقاتچىسى، ئەڭ مۇھىمى داڭلىق بىلوگىر ۋە تېلىۋىزوردا دائىملىق تەكلىپ قىلىنىدىغان غول ھۆجەيرە ئالىمى بولغاچقا، جەمئىيەتتىكى ئاكادىمىيە سىرتىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا تونۇشلۇق دەرىجىسى ئەڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكى تۇرغانلا گەپ. ئۇنىڭ مىڭلىغان ئەگەشكۈچىلىرى بار ئىكەن. ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان كىشىمۇ شۇنداقراق ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. دىمەكچىمەنكى، بۇنىڭغا قاراپ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ كۆپ بېلەتكە ئېرىشمەپتۇ دەپ كۆڭۈلنى يىرىم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغىنىمدا (دوستۇم جېكتىن ئاڭلىغان) بېلەت تاشلاشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى بولۇپ بىر بېلەت تاشلىغان ئىدىم، بۇنى ئۇيغۇر تورلىرىغا ئاشكارىلىساق نۇرغۇن بېلەتلەرنىڭ چۈشىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ھەر ھالدا پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىنىڭ مۇددىئاسىغا يات ئىش بولۇپ قالمىسۇن دەپ بۇنى ئاشكارىلىمىغان ئىدۇق. ئالىمىمىز ئەمەليەتتە ئاكادىمىيە ساھەسىدىكى بىئولوگىيە ئالىملىرى، جۈملىدىن غول ھۆجەيرە ئالىملىرى ئىچىدە بېلەت تاشلاشقا توغرا كەلسە ئۇنىڭدىن كۆپ بېلەتكە ئېرىشدىغانلىقىغا كۆزۈم يىتىدۇ.
بۇنى بۇ يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىلىم-پەندىكى بۆسۈشلەر تىزىملىكى ئېلان قىلىنغاندا گىپىمنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلىنىدىغىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى ئالىمىمىز بۇ يىل 5-ئايدا ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنى تۇنجى قېتىم مۇۋاپىقىيەتلىك كلونلاپ چىققان، بۇ ئېنىقكى بىئولوگىيە ساھەسىدىكى ۋە پۈتۈن ئىنسان ئىلىم-پەن تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بايقاشلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. |
|