قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2142|ئىنكاس: 6

ئەرنىڭ ئىپپىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

33

تېما

3

دوست

3677

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  390
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 806
تۆھپە : 579
توردىكى ۋاقتى: 866
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 17:31:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرنىڭ ئىپپىتى


ئارمان-تاشقىن



       ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ! ئاللا ھەممىڭلارنىڭ قەلبىڭلارنى سەگەك ، ئەقىل كۈزۈڭلارنى روشەن قىلسۇن!... مەن  مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىن << ئىپپەت >> دېگەن ئاتالغۇنى ۋە بۇ ئاتالغۇ ھەققىدىكى كەسكىن بەس - مۇنازىرىنى كۆردۈم . مەن بۇ مۇنازىرىلەرگە بەزىدە ئاكتىپ قاتناشتىم . بەزىدە ، كۆرۈپ قويۇپلا بولدى قىلدىم . " ئىپپەت " دېگەن بۇ ئاتالغۇ قارىماققا تىلىمىزدىن ناھايىتى ئوڭايلا چىققان بىلەن ، ماھىيەتتە ئۇنىڭ ۋەزنىگە ، ئۇنىڭ تېرەن مەنىسىگە يىتىش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس . ئۇنداقتا " ئىپپەت " دىگەن زادى نىمە ؟! ... ئۇ نىمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم ؟! ... بۇ توغرىلىق ئۈزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقاي دىگەن ئۈمىدتە بۇ ئەرزىمەس ماقالىنى يازدىم . ئەلۋەتتە , ياراتقۇچى بۈيۈك زات ئاللاھلا نۇقسانسىزدۇر . بەندىلەرنىڭ مۇكەممەل بولمىقى مۈشكۈلدۇر . شۇ سەۋەبلىك يازغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا بۇلۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن . تورداشلارنىڭ تەنقىدى نەزەرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن . ئىپپەت دىگەن نىمە ؟! ... مېنىڭ قارىشىمچە ئىپپەت -- پاكلىق ، گۈزەللىك ، غۇرۇر ۋە بىر پۈتۈنلۈكنىڭ يىغىنچاقلاشقان ئاتالغۇسى . دىمەك ، ئىپپەت ئاتالغۇسى بارچە شەيئىلەرگە ماس كىلىدۇ . مېنىڭ سۆزلەيدىغىنىم ئىنسان ئىپپىتى بولغاچقا ، قۇرۇق سۆزۈمنى قۇيۇپ مۇشۇ ھەقتىلا سۆزلەي . ئاياللىق ئىپپەت -- مەزكۇر ئايالنىڭ جەمئىيەتكە ۋە ئېرىگە ساقلايدىغان ئىپپىتى بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئىپادىسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت !
       (1) جەمئىيەتكە نىسبەتەن ; ياتلىق بولغانغا قەدەر ئۆزىنى نامەھرەمدىن ۋە ناشايان قىلمىشلاردىن پاك تۇتۇش . ئەخلاقلىق ، ( ئەلۋەتتە ، ئسلامى ئەخلاق كۆزدە تۇتۇلىدۇ ) غايىلىك ، بىلىملىك ، مۇلايىم بۇلۇش ئاياللىق ئىپپەتنىڭ دەسلەپكى نىسبەتلىرىدىن ئىبارەتتۇر .
       (2) تىلىنى غەيۋەتتىن، تەنە - خۇسۇمەتتىن ساقلاش . كىشىلەرنى ئۆچەكەشتۈرۈش مەقسىتىدە سۆز - چۆچەك قىلماسلىق .  
       (3) ئەرلىرىنىڭ ئۆزىدىكى ھەقلىرىگە نىسبەتەن: ياتلىق بولغاندىن كىيىن ، ئەرنىڭ ئۆزىدىكى ھەققىنى ( يەنى ، ئامانەتنى ) مۇكەممەل ساقلاش ۋە تاپشۇرۇش . ئاياللىق بۇرچىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئادا قىلىش . پەرزەنتلەرنى بىلىملىك ، ئەخلاقلىق ، دۇرۇس ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش . مانا بۇلار ئاياللارنىڭ ئۈستىدىكى -- ئىپپەت -- مەجبۇرىيەتلىرىدۇر .
       ئەرلەرنىڭ ئىپپەت مەجبۇرىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپ ، كۆپ قاتلاملىققا ئىگە بۇلۇپ ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا مۇنداق تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن . ئاتا - ئانىنىڭ ۋە ئەھلى ئايال - پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىدىكى بالىلىق ، ئەرلىك ھەم ئاتىلىق بۇرچىنى تۇلۇق ئادا قىلغاندىن سىرت ، ۋەتەن - مىللەتنىڭ ئار - نومۇسىنى قوغداش، دىنىنىڭ بۈيۈكلىكى ۋە پۈتۈنلىكىنى جېنىنى قۇربان قىلىپ بولسىمۇ قوغداش . مانا بۇلار ئەر كىشىنىڭ ئىپپىتىدۇر .
ھېكايەت

       ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، ئوتتۇرا ئاسىيادا موسا جارۇللا ئىسىملىك پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا داڭقى بار بىر مۇسۇلمان ئالىم ياشىغان بۇلۇپ ، بۇ كىشى قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن زىيارەتكە قەشقەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىپتۇ . بۇ كىشى قەشقەرگە كېلىشى بىلەن ، قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرى ناھايىتى ھەشەم - دەرەم بىلەن بۇ كىشىنى كۈتۈۋاپتۇ . بۇ كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆي - ئۆيلەردە ناھايىتى مول داستىخان ھازىرلاپ مېھمان قىلىش باشلىنىپ كېتىپتۇ . بىرىنىڭ زىياپىتى تۈگىسە بىرىنىڭ ... بىرىنىڭ زىياپىتى تۈگىسە بىرىنىڭ باشلىنىپ بۇ ئالىمنىڭ << ئۇھ ... !!! >> دېگۈدەك ھالىنى قويماپتۇ . شۇ تەرىقىدە ساق بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن ، قەشقەردە زىيارەت ۋە ئالىملار بىلەن زىكرى - سۆھبەتلەردە بولارمەنمىكىن دەپ كەلگەن بۇ ئالىمنىڭ ئايىقى تۈگىمەس زىياپەتلەردىن ئىچى پۇشۇپ قەشقەردىكى ئاتالمىش كاتتىلارغا : -- كەمىنە قەشقەرگە كەلگەندىن بىرى ھەر قايسىلىرى پېقىرنى ناھايىتى ئىززەت - ئىكرام ۋە مول زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار ... بۇ جەرياندا سىلەرگە ئوخشاش يۇرت ئاتىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بۇلۇپ تار نەزەرىمنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋالدىم . كەمىنىنىڭ يەنە بىر ئارزۇسى شۇكى ، سانى بۇخارا ئاتالغان ( يەنى ، ئىككىنچى بۇخارا ) ئەزىزانە قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى پىيادە بىر ئايلىنىپ چىققۇم بار ئىدى . بىلمىدىم ، بۇ ئارزۇيۇمغا يېتىشكە ئىمكان بىرىشەرلىمىكىن ؟! ... -- دەپ تۆۋەنچىلىك بىلەن سوراپتۇ كاتتىلاردىن . كاتتىلار بولسا : -- ۋاي ، بولىدۇ ... قەشقەر سىلىدىن ئايلانسۇن !!! ... -- دېيىشىپ ، موسا جارۇللانى باشلاپ قەشقەرنى ئايلىنىش ئۈچۈن پىيادە يول ئاپتۇ . موسا جارۇللا قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىش جەريانىدا قارىغۇدەك بولسا ، قەشقەرنىڭ ئىگىلىرى بولمىش بىچارە مىللەت ناھايىتىمۇ بىقۇۋۇل ، ئاجىز ... نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئېنگىلىز ، رۇس ، شىۋىت ... يەنە ئامبال ، لويى ، دوتەي ، تەيتەي ... دىگەن نىمىلەر ناھايىتى كۆرەڭ ، تەكەببۇر ۋە ئۇششۇق تۇرغىدەك . ھەتتا , بۇ تائىپىلەرنىڭ ئالدىدا قەشقەرنىڭ يۇرت كاتتىلىرى بولمىش ھېلىقى نىمىلەرمۇ مۈشۈكنى ئالدىدىكى ساچقاندەك لاغ - لاغ تىترەپ تۇرغىدەك . بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىم قەلبىدىكى ئېچىنىش ۋە غەزەپنى تەستە بېسىۋېلىپ قەشقەر كوچىلىرىنى ئايلىنشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ .ئۇلار ئايلىنا - ئايلىنا ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان بىر خالتا كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قاپتۇ . بۇ كىشى بۇ خالتا كوچىغا قاراپ قەدەم ئالغانىكەن ، ھېلىقى << كاتتىلار >> : -- يا تەقسىر ، بۇ كوچىغا زىنھار كىرمىگەيلا ! -- دەپ ئىلتىجا قىلىپتۇ . ئالىم ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇ كوچىغا كىرىشنى توسىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ : -- نىمە سەۋەبتىن بۇ كوچىغا كىرمەيمىز ؟! ... -- دەپ سوراپتۇ . << كاتتىلار >> : -- بۇ كوچىغا پاھىشەخانىلار ۋە ئەپيۇنخانىلار ، شۇنىڭدەك قىمارخانىلار جايلاشقان . بۇ يەر سىلى - بىزنىڭ كېلىدىغان يېرىمىز ئەمەس . شۇڭا سىلىنىڭمۇ كىرمىگەنلىكلىرى تۈزۈك دەپ توسۇپتۇ . ئالىم بولسا گېپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن << كاتتىلار>> مۇ ئامالسىز ئالىمنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بۇ كوچىغا كىرىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ . ئالىم قارىغۇدەك بولسا ھەقىقەتەن بۇ كوچا پاھىشىخانا ، ئەپيۇنخانا ، قىمارخانا بىلەن توشۇپ كەتكەنىكەن . ( ئەلۋەتتە ، بۇ يەردىكى پاھىشىخانا ، ئەپيۇنخانا ۋە قىمارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى خەنزۇلار ئىكەن . )بىچارە ئۇيغۇر قىز - جۇۋانلىرى بۇ يەردە ئىتنىڭ كۈنىدە ياشاۋاتقان ئىكەن . بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىمنىڭ ئىچى سىيرىلىپ ، كۆزلىرىگە يىغا ئولىشىپ كېتىپتۇ . ئۇ بىر چەتتە ، چېھرىدىن چەكسىز خورلۇق ۋە مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ ، يالغان ناز قىلىپ خېرىدار چاقىرىۋاتقان بىر دىلى سۇنۇق جۇۋاننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ . << كاتتىلار >> نىمە ئىش بولىدىكىن دەپ قىزىقسىنىپ قاراپ تۇرسا ، ئالىم ھېلىقى جۇۋاندىن سوراپتۇ : -- ئى بىچارە قىزىم . نىمە سەۋەبتىن بۇ يولغا كىرىپ قالدىڭىز ؟! ... -- دەپ سوراپتۇ . مۇشۇ كەمگىچە ھېچكىمدىن مۇنچىلىك ئىللىقلىق كۆرۈپ باقمىغان بىچارە جۇۋان كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي سەرگۈزەشتىسىنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ . -- مەن *** يېزىسىدىكى *** دىگەن ئادەمنىڭ ئىككىنچى قىزى *** بولىمەن . مەن 14 ياشقا كىرگەن كۈنى ئانام سىل كېسىلى بىلەن قازا قىلدى . بىز چۈإچۈرىدەك تۆت بالا قاراپ تۇرۇپ يېتىم قالدۇق . دادام بىچارە بىزگە ھەم دادا ، ھەم ئانا بۇلۇپ ، ھەم ئېتىز - ئېرىقنىڭ ئىشىنى قىلىپ ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدى . ئۈچىنچى يىلى ئاچامنى يېزىمىزدىكى بەگنىڭ كەنجى ئوغلى ئاياغ ئاستى قىلىپ ، نومۇسىنى بۇلغاپتۇ . بۇ خورلۇققا چىدىمىغان ئاچام ئۆزىنى سىرتماققا ئېسىپ ئۆلۈۋالدى . دادام بەگ ئوغلىنىڭ ئۈستىدىن يامۇلغا ئەرز قىلسا ، يامۇلدىكى لويىلار دادامنىڭ ئەرزىنى بەگكە يەتكۈزۈپ قويۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بەگ مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامۇلغا ئەرز قىلامدىغان دەپ دادامنى غالچىلىرىغا قاتتىق ئۇردۇرۇپ ، چالا ئۆلۈك ھېسابىدا قىلىپ قۇيۇپ ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ تاشلاپ قويدى . بىز دادىمىزنى مىڭبىر - مۇشەققەتتە يۆلەشتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدۇق . ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك بىساتىمىزنى سېتىپ ، يەتمىسە جازانىخورلاردىن قەرز ئېلىپ يۈرۈپ دادامنى تېۋىپقا كۆرسەتتۇق . داداممۇ ئاخىرى نىمجان بۇلۇپ ساقايدى . ئۇرۇق - تۇغقانلاردىن قەرز ئالمىدىڭلارمۇ دىدىلىما ؟! ... ئۇرۇق - تۇققانلاردىمۇ نەدىكى پۇل دەيدىلا ؟! ... يۇرت كاتتىلىرى ؟!!! ھىھ ! ... بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇ يۇرت كاتتىلىرى دىگەن نىمىلەرنىڭ كاساپىتى بىلەن بۇلۇۋاتمامدۇ ؟! ... دادام جازانىخوردىن ئالغان قەرزنى تۆلەپ بولالماي تەڭقىسلىقتا مېنى جازانىخورغا توقاللىققا ياتلىق قىلدى . ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپ دادام رەھمىتىمۇ ئاچچىق يۈتۈپ يۈرۈپ ۋاپات بولدى . ئىككى قېرىندىشىمنىڭ بىرى بىر بەگنىڭ مېلىنى باقىمەن دەپ يۈرۈپ جاڭگالدا ئىز - تىزى يوق يوقاپ كەتتى . ئون - يىگىرمە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بىچارىنىڭ ئۆلۈكىنى بىر توختام سۇنىڭ بۇيىدىن تېپىپ ئەپكېلىپ بەردى . يەنە بىرى ھازىر قەيەردە ئۇنى ئۇقمايمەن . جازانىخور مېنى قويۇۋەتكەندىن كىيىن يېزىمىزغا بارسام مەھەللىدىكىلەر مېنى تىللاپ پاتقۇزمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز بۇ يەردە تېنىمنى سېتىش يولى بىلەن جان ساقلاۋاتىمەن . -- دەپتۇ ئېسەدەپ يىغلىغانچە . ئالىم بولسا كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي جۇۋانغا بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ سوراپتۇ : -- ئى ناتىۋان قىزىم ، سىز ھەر قېتىم تىنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن بويىڭىزنى سۇغا سالالامسىز ؟! -- دەپ سوراپتۇ . جۇۋان : -- بەزىدە سالالايمەن . بەزىدە سالالمايمەن . -- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . ئالىم : -- مەيلى قانداقلا بولمىسۇن سىز ھەر قېتىم تىنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن چوقۇم بىر قېتىم بويىڭىزنى سۇغا سېلىڭ . شۇنداق قىلسىڭىز ئاللا سىزنىڭ بۇ گۇناھىڭىزنى كەچۈرىدۇ . -- دەپتۇ . ئالىمنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان << كاتتىلار >> غۇلغۇلا قىلىشىپ : -- يا تەقسىر ! بىر جالاپ خوتۇن زىنا قىلىپ، ئارقىدىن غۇسلى - تاھارەت قىلسا ئۇنىڭغا گۇناھ يىزىلمايدۇ دەپ قايسى كىتابتا بار ؟! ... ئۇنداقتا ئۇنىڭ گۇناھى كىمنىڭ گەردىنىگە يۈكلىنىدۇ ؟!!! -- دەپ سورىشىپتۇ ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا . -- ئەلۋەتتە ھەر قايسىلىرىدەك يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ، ۋە ئۆزىنى ھەقىقىي ئوغۇلبالا ئەركەك ھېسابلايدىغان مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ گەردىنىگە يۈكلىنىدۇ . -- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئالىم بۇلارنىڭ شۇنچىۋالا غەرەز ئۇقمايدىغان ھاماقەتلىكىگە ئېچىنىپ . -- نىمە سەۋەبتىن بىزگە يۈكلەنگۈدەك بۇنىڭ گۇناھى ؟! ... -- بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ، ئاللا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مەزلۇملارنى بىزدەك ۋە سىلەردەك يۇرت << ئاتا >> لىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا قىلدى . سىلەر بۇلارغا جايىدا ئىگىدارچىلىقى قىلالماي مۇشۇنداق خورلىنىشىغا قاراپ تۇرغاندىن ئەلۋەتتە سىلىگە يۈكلىنىدۇ . ... سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىپپىتىنى جايىدا ساقلىيالمايسىلەرۇ ، ئەجىبا مۇشۇ ناتىۋان ئايالنى جالاپ خوتۇن دەپ ئىپپەتسىزلىكتە ئەيىبلەمسىلەر ؟! ... شۇنى بىلشىڭلار كېرەككى ، ئىپپەتنى ساقلاش يالغۇز ئاياللارنىڭلار مەجبۇرىيىتى ئەمەس ، بىزدەك ئەركەكلەرنىڭمۇ مەجبۇرىيىتى ... بەلكىم ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك دەپ دەۋا قىلارسىلەر . ناھايىتى ئەپسۇس ،  سىلەرنىڭ مۇشۇ ھالىڭلار جالاپ خوتۇندىن قىلچە پەرق ئەتمەيدىكەن . مەن قەشقەرگە كەلگەننىڭياغى بەزمە - زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار . زىياپەتلىرىڭلارغا قارىسام بىر - بىرىڭلاردىن مەنمەنلىك تالىشىپ ، ناھايىتى ئىسراپچىلىق بىلەن داستىخان قىلدىڭلار ... تەييارلانغان نازۇ - نېمەتلەر يېگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى تۈكۈۋېتىلدى . دەسلەپتە ئەل - يۇرتمۇ مۇشۇنداق پاراۋان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم . لېكىن بۈگۈنكى ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ، ئەھۋال ھەرگىز ئۇنداق ئەمەسكەن . خەلق نامرات ، ئاچ - يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۈرىۋېتىپتۇ . ئىلاجسىز ئۈلۈۋېلىشقا ، ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇر بولۇۋېتىپتۇ . سىلەر بولسا سېسىق كېكىرىپ يۈرۇيسىلەر . ئامبارلىرىڭلاردا نازۇ - نېمەتلەر يېگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى سېسىپ تۈگەۋېتىپتۇ . بۇ ۋەتەننىڭ ھەقداسى بولمىش ناتىۋان خەلق قۇلنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قاپتۇ . تائىپىلەر بولسا خۇددى تۇغما مۇشۇ يەرنىڭ خوجايىنلىرىدەك خەلقنىڭ شىللىسىگە دەسسەپ يۈرۈپتۇ . مانا بۇ خورلۇق ئەمەسما ؟!!! ... خىيال قىلىپ بېقىڭلار ... سىلەرنىڭ جالاپ خوتۇندىن پەرقىڭلار بارمىكەن ؟! ... سىلەر مۇشۇنداق غۇرۇرسىز ۋە ئارسىز بولغاچقا ، خەلق مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان . شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى ، ئەرنىڭ ئىپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە . كىمدەكىم ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ جالاپ !!!...
       قەدىرلىك تورداشلار، ھېكايەت مۇشۇ يەردە تۈگىدى؛ سوغۇققانلىق بىلەن راۋۇرۇس ئويلاپ باقايلى: << ئىپپەت >> دىگەن زادى نېمىكەن؟! ... ئۇ نېمە ئۈچۈن بىزگە شۇنچىلىك مۇھىم ؟! ... بۇنىڭ جاۋابى ھەركىمنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىگە ئايدىڭ...

مەنبە: ئاغىينىلەر بىلوگى
http://www.nurlukislam.com

5

تېما

0

دوست

6701

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1515
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1545
تۆھپە : 1006
توردىكى ۋاقتى: 699
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 18:47:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرنىڭ ئىپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە . كىمدەكىم ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ جا*** !!!...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

1296

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1811
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 348
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2012-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 18:55:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نايىتى ياخشى يىزىلغان سۆزلەركەن ، بولۇپمۇ ئاۋۇ ھىكايەت بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا توغرا
كىلىدۇ !بىز ئەرلەر ھەقىيقىي ئىپپىتىمىزنى ساقلاپ قالالىدۇقمۇ ! جاھان يىلدىن يىلغا ئۆزگۈرۋاتىدۇ،
بۇندىن كىيىنكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تۇرمىشى ئىپپىتى ئىتقادى قانداق بوپ كىتەر . بۇ ئىشلار مىنى ئازاپلاۋاتقان ،يۈركۈمنى ئىزىۋاتقان ئىشلار .  لىكىن بەزىلەر ئاۋال ئىپپىتىنى ساقلاشنىڭ ئەۋلاتلارنىڭ غىمىنى قىلماي تۇرۇپ ، توردا قۇرۇق گەپ قىلىش بىلەن ، جەننەتكە كىردىغاندەك
تۇيغۇدا بولىۋاتىدۇ . باشقىلارنىڭ قانداق تەرەققىي قىلدۇرىشى بىلەن كارى يوق ، ئۆز ئەركىنلىكىمىز بىلەن تەرەققىي قىلىشىمىزنى توسىۋاتىدۇ . شۇنداقلا  مۇناپىق ئاپپاق غوجىدىن
داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ، توختىماي دېننى تەرغىپ قىلىشتەك كونا مۇقامنى تولاپ كىلىۋاتىدۇ .
ئەلۋەتتە بۇ خاتا ئەمەس ، بىراق بىز ئۆزىمىزنىڭ ئائىلە ۋە ئۇرۇق تۇققانلارنى مۇسۇلمانلىقتىن چەتنەپ كەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرگە ، ئۇلارغا بۇ دۇنيادىكى باشقىلار بەھرىمان بولىۋاتقان ئىنسانى نىسىۋىسىدىن مەھرۇم قىلماسلىقىمىز كىرەكتە. بەزى قىرىنداشلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىسلامىي سۆزلىرى ، مەن كىچىكىمدىن ئاڭلاپ كىلىۋاتقان ، ۋە يادا بولۇپ كەتكەن ، ناماز ئوقۇمىسا يامان بولىدۇ ، ھاراق ئىچسە يامان بولىدۇ ، يەنە بىرنىمە قىلساڭ يامان بولىدۇ دىگەندەك گەپلەر بىلەن چەكلىنىپ قىلىۋاتىدۇ . بۇنداق گەپلەرنى كىم بىلمەيدۇ  قانچە ئۇيغۇرلار قىلالمايدۇ دەيسىز .خەلقارا ۋەزىيەتكە دىقەت قىلىدىغان بولساق  تاجاۋۇزچىلار يىقىنلىشىپ قىلىۋاتىدۇ ، كەلگۈسىمىز ئەۋلاتلىرىمىز
ھەتتا دېنىمىزمۇ ئىغىر تەھدىتكە ئۇچىراش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ ، نىمە ئۈچۈن بۇ توغۇرلۇق سۆزلەر قىلىنمايدۇ . قانداق ۋاقىتتا جىھات قىلىش ، كىملەر بىلەن ئىتىپاق تۈزۈش ، بىز نىمىشقا باشقىلارنىڭ ئاغزىدا غەيرى مۇسۇلمان دەپ چىقىپ قالىمىز بۇنىڭ سەۋەبى قايسى؟ قانداق قىلغاندا ھەقىيقى مۇسۇلمان بولالايمىز . قانداق ۋاقىتتا ھاياتىمىزنى قۇربان قىلىمىز .دىگەندەك
دېننىڭ مۇرەككەپ مەزمۇنلىرى ئىلىم ئەھلىنىڭ قوسىغىدا تۇنجۇقۇپ قىلىۋاتىدۇ ؟ بىز ئاشۇنداق
بىر-بىرىمىز بىلىدىغان سۆزلەرنى تەكرار  داۋاملاشتۇرۇمىز ، بەلكىم شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ
ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى تەقۋادار ئىكەنلىكىنى بىلدىرۈپ  قويماقچىدۇرمىز ياكى قاتادىن قەپ قىلىشنى خالىمايدىغاندۇق  ۋە ياكى بۇ بىزگە سىڭىپ كەتكەن مەدىنىيەتتۇر ؟
مىنىڭچە بىز بەزى مەسىلىلەردە ئىلىم-پەننى زىيادە يەكلىدۇقكى ھەتتا بەزەن بىر  تەپەككۇرنى
قىلىشتىنمۇ  قورقىدىغان ھالەتكە كەپ قالدۇق ، ھەي ئادەمنى ھەقىيقەتە ئىچىندۇرۇدۇ

1

تېما

0

دوست

60

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   20%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1860
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 21:36:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ . ھەقىقەتەن بىلىشكە تېگىشلىك ئىكەن.

1

تېما

0

دوست

2164

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1771
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 523
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 20:31:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ كۆپ ﺋﻪجىر ﺑﻪرﮔﻪي! امىن(ئىجابـﻪت قىلغايسـﻪن)...

33

تېما

3

دوست

3677

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  390
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 806
تۆھپە : 579
توردىكى ۋاقتى: 866
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 19:07:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى hon~oghliدە2011-05-20 18:55يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
نايىتى ياخشى يىزىلغان سۆزلەركەن ، بولۇپمۇ ئاۋۇ ھىكايەت بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا توغرا
كىلىدۇ !بىز ئەرلەر ھەقىيقىي ئىپپىتىمىزنى ساقلاپ قالالىدۇقمۇ ! جاھان يىلدىن يىلغا ئۆزگۈرۋاتىدۇ،
بۇندىن كىيىنكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تۇرمىشى ئىپپىتى ئىتقادى قانداق بوپ كىتەر . بۇ ئىشلار مىنى ئازاپلاۋاتقان ،يۈركۈمنى ئىزىۋاتقان ئىشلار .  لىكىن بەزىلەر ئاۋال ئىپپىتىنى ساقلاشنىڭ ئەۋلاتلارنىڭ غىمىنى قىلماي تۇرۇپ ، توردا قۇرۇق گەپ قىلىش بىلەن ، جەننەتكە كىردىغاندەك
تۇيغۇدا بولىۋاتىدۇ . باشقىلارنىڭ قانداق تەرەققىي قىلدۇرىشى بىلەن كارى يوق ، ئۆز ئەركىنلىكىمىز بىلەن تەرەققىي قىلىشىمىزنى توسىۋاتىدۇ . شۇنداقلا  مۇناپىق ئاپپاق غوجىدىن
داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ، توختىماي دېننى تەرغىپ قىلىشتەك كونا مۇقامنى تولاپ كىلىۋاتىدۇ .
.......  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    تېمىغا بەرگۈسىز ئىنكاس بوپتۇ قېرىندىشىم. اللە قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئىلمىڭىز ۋە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، امين!...
http://www.nurlukislam.com

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   20.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  383
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4095
تۆھپە : 2771
توردىكى ۋاقتى: 904
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 13:31:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھدىن بارلىق ئىنسانلارنى ئۆز ئىپپىتىنى ساقلىغىدەك ئەقىل - ئىدراكىدىن ئايرىماسلىقىنى تىلەيمەن !! ...
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )