قومۇل رايونىنىڭ نوپۇسى ھەققىدە
قومۇل شەرق بىلەن غەربنىڭ ئالاقىسىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن شەھەر. شەرق-غەرب ئارىسىدىكى تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي بورانلار بۇ كىچىككىنەرايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىغا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. تۆۋەندە قومۇل رايونىنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋلەرلەردىكى نوپۇس ئۆزگىرىش ئەھۋالى ئىپادىلەنگەن جەدۋەلنى نەزىرىڭىزلارغاسۇنىمىز.
ماتېرىيال مەنبەسى | | | | | | | | | | غەربىي يۇرتتا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم | | | | | چىڭ دەۋرىدىكى قومۇل تەزكىرىسى | | | | | ماننېرھىمنىڭ ئىكسپدىتسىيە خاتىرىسى | | | | | | | | | | قومۇل نوپۇس ئەھۋالى ھەققىدە ئارخىپ | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | | مەملىكەتلىك 6-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش قومۇل ۋىلايەتلىك 2010-يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈش ماتېرىيالى | | | | | | | | | | | | | | |
بۇلارنىڭ ئىچىدە 1950-يىلىدىكى تەپسىلىي نوپۇس ئەھۋالى بىلەن 2010-يىلىدىكى نوپۇس ئەھۋالى بىر قەدەر ئېنىق. 1950-يىلىدىكى نوپۇس ئەھۋالى ھەققىدىكى ماتېرىيال تۆۋەندىكىچە: «شەرقى غەربى تاغ ئايرىم بىر رايون بولماقچى ئىدى، تېخى تەشكىل قىلىنمىدى. يەر مەيدانى 121250 كۇۋادىرات كىلومېتىر. خەلق نۇپۇسى49437 نەپەر. ئازاتلىقدىن كېيىن ناھىيەمىزدە 50-يىلى4-ئايدىن باشلاپ ھاكىمىيەتنى قۇرۇشنى باشلاپ، كۆھنە ھاكىميەت ئۆزگەرتىلدى. بىر يېرىم يىلقى خىزمەتدە كومپارتىيە يۇقۇرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يىتەكچىلىگى ئاستىدا ۋە ھەر دەرىجىلىك خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشىشى ئارقاسىدا ھەم ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇف، چاۋشەنگەياردەم قىلىش، تەتۈر ئىنقىلابچىلارنى بېسىق تۇرۇش، ئىجارە ئازايتىپ، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش، ئاممىۋى ھەركەتلەر ئۆتكۈزۈلۈشى بىلەن ھەربىر ئاساسى قاتلام يېزا، كەنت ھاكىمىيىتى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئورنى بار بولغان بولدى.ئاساسى جەھەتدىن ساغلاملاشتى ۋە مۇستەھكەملەندى. ھازىر ھەربىر رايوننىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە دوكلاتى تۆۋەندىكىچە: بازار رايونى(چېڭ گۈەن چۈي)، يەئنى شەھەردە جايلاشقان بولۇپ، 4 بازار(4 يېزانىڭ تەشكىلى بىلەن باراۋەر) 3 تىجارەت بازىرى، 1 دېھقانچىلىق بازاردۇر.(شەرقى، غەربى كۆكتاتلىق بىر دېھقانچىلىق يېزىسى ھېسابلىنىدۇ). 50-يىلى4-ئاي ئاخىرىدا 8 كۆھنە بو 12 جا تامامەن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ،جەمئى 25 مەمۇرى كەنت، 115 كىچىك گۇرۇپىغا بۆلدى. جەمئى 2676ئائىلە بولۇپ، 6439 نەپەرئەر، 6351 نەپەرئايال جەمئى 11790 نەپەر كىشى بار. مىللەت تەركىبى خەنزۇ 7424، خۇيزۇ 2523، ئۇيغۇر 1215، مانجۇ 7 (ئىدارەلەردە ئولتۇرۇقلۇق609 نەپەر كىشىنىڭ مىللەت تەركىبى تېخى ئايرىلمىدى.)جەمئى 11790 كىشىدۇر. شەھەر رايونى(خۇيچېڭچۈ)دېھقانچىلىق رايونىدۇر.50-يىلى 6-ئايدا 32 كۆھنەباۋ، 112 جا تامامەن ئاغدۇرۇلۇپ،4 يېزىلىق ھۆكۈمەت،11 مەمۇرى كەنت، 29 تەبىئى كەنت، 88 كىچىك گۇرۇپپاتەشكىل قىلىندى. جەمئى1929 ئائىلە، 5337 نەپەرئەر، 4969 نەپەرئايال،جەمئى 10306 نەپەر كىشى بار. ئۇيغۇر 9794 كىشى، خۇيزۇ 186 كىشى، قازاق 2 كىشى، خەنزۇ 324 كىشى بولۇپ جەمئى 10306 كىشىدۇر. توغۇچى رايونى ئەڭ مۇھىم دېھقانچىلىق رايونىدۇر. 50-يىلى 6-ئايدا12 كۆھنە باۋ، 91جانى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 4 يېزىلىق ھۆكۈمەت، ئايرىم يەنە بىر قازاق چارۋاچىلىق يېزىسى(51-يىلى تاغ رايونى دەپ ئايرىلغان). 19 مەمۇرى كەنت، 30 تەبئى كەنت، 98 كىچىك گۇرۇپپا تەشكىل قىلىندى. جەمئى 1949 ئائىلە بولۇپ، 5862 نەپەر ئەر، 5118 نەپەر ئايال، جەمئى10980 كىشى بار. مىللەت تەركىبى ئۇيغۇر 8612 كىشى، خۇيزۇ 499 كىشى، قازاق 1238 كىشى، خەنزۇ 631 كىشى، جەمئى10980 كىشىدۇر. ئاقيەر رايونى دېھقانچىلىق يەر شارائىتىگە قاراپ 3 يېزا 8 مەمۇرى كەنت، 16 تەبىئى كەنت، 73 كىچىك گۇرۇپپا تەشكىل قىلىندى. جەمئى 1606 ئائىلە بولۇپ، 4413 ئەر، 3849ئايال بار. ئۇيغۇر 4574 نەپەر، خۇيزۇ 729 نەپەر، قازاق 262 نەپەر، خەنزۇ 2941 نەپەر. تاش بىلىق رايونى 50-يىلى 6-ئايدا ئىچىدە 5 كۆھنە باۋ، 30 جانى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،شارائىتىگە قاراپ 2 يېزا تەشكىل قىلىندى. بىرىنچى يېزا دېھقانچىلىق يېزىسىدۇر. ئىككىنچى يېزا تال تېغى ۋە خوتۇن تام بولۇپ، دېھقانچىلىق چارۋاچىلىق يېزىسىدۇر.باندىتلارنىڭ قالايمىققانچىلىق تۇغدۇرۇش تەسىرىدىن سىياسىي ھاكىميەتنىڭ تەشكىل بولۇشى 51 بىلەن باشلاپ تەشكىل قىلىندى. جەمئى4 مەمۇرى كەنت، 10 تەبىئى كەنت، 35 كىچىك گۇرۇپپا تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، 613 ئائىلە، 1747 نەپەرئەر، 1514 نەپەرئايال، جەمئى 3216 نەپەر كىشى بار. خەنزۇ 1574 كىشى، ئۇيغۇر 1378 كىشى، خۇيزۇ 16 كىشى، قازاق 343 كىشىدۇر. تاغ رايونى(تەنسەن)دائىرسىدە تاغ تولا بولۇپ، تاغ يەر بولغانلىقدىن دېھقانچىلىق ۋە چارۋاچىلىق رايونىدۇر.شەرقدىن غەربغىچە ئارىلىقى 500 يولدىن ئارتۇق كېلىدۇ.(ئەسلىدە 3 يېزا تەشكىل قىلماقچى). 50- يىلى بۇ جاي باندىتلارنىڭ قالايماقانچىلىقىغا ئۇچراپ جەمئىيەتنىڭ تەرتىپى قالايمىقان بولغانلىقدىن رايون مەھكىمەسى 7-ئاي ئىچىدىن باشلاپ تەشكىل قىلىندى. ئاۋال جەمئىيەت تەرتىپىنى خاتىرجەم قىلىپ خاترجەملىكنى مۇستەھكەملەپ يېڭى ھاكىميەتنىڭ ئاساسىنى ھازىرلاش ئۈچۈن دېھقانچىلىق باجى ئېلىش، ئەسكەر سەپلەش، ئەتىيازلىق ئىشلەپ چىقىرىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى يۈرگۈزگەندىن كېيىن 7 كۆھنە باۋنى (جا سانىتىزىمغا ئېلىنمىدى) ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 51 يىل 5 ئاي ئىچىدە 4 يېزىلىق ھۆكۈمەت 8 مەمۇرى كەنت، 32 تەبئى كەنت، 46 كىچىك گۇرۇپقا رەسمى تەشكىل قىلىندى. جەمئى 898 ئائىلە، 2543 نەپەرئەر، 2295 نەپەرئايال بار بولۇپ، مىللەت تەركىبى خەنزۇ 12 كىشى، ئۇيغۇر 4165 كىشى، قازاق مىللىتى 661 كىشىدۇر. غەربى تاغنىڭ ---- بولۇپ كۆپ قىسمى بىر مىللەتدۇر(ئونانباينىڭ ئاۋۇلى) توغۇچى رايونىغا يېقىن بولغانلىقدىن توغۇچى رايونى قوشۇمچە ئىدارە قىلىپ كېتىۋاتماقدا. بۇ جاي قازاق مىللىتىنىڭ چارۋاچىلىق يېزىسى بولۇپ، 51- يىل قورال تاپشۇرۇپ خاتىرجەملىك خىزمىتى، ھاكىميەت قۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق باشلانغۇچ قەدەمدە ئىچكى ئەھۋاللارنى بىلىپ چىقىپ كومپارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شۆھرىتىنى تىكلەپ چىققان بولۇپ غەربى تاغنىڭ ئەھۋالاتى 1. 196 ئۆيلۈك قازاق مىللىتى بار، 554 نەپەرئەر، 568 نەپەرئايال، جەمئى 1114 كىشى بار. 596 ئات، 302 كالا، 466 تۆگە، 9896 دانە قوي، بىر ئىشەك. ئۇيغۇر مىللەتى19 ئۆيلۈك بولۇپ 40 نەپەرئەر، 44 نەپەر ئايال جەمئى 84 كىشى بولۇپ، بار بولغان چارۋىسى 23ئات، 49 كالا، تۆگە 7، قوي 363 دانە ئىشەك 46. يۇقارىقىغا قاراغاندا جەمئى 1 كىشىگە بىردىن ئات، بىردىن تۆگە، 3 ئادەمگەبىردىن كالا، ھەربىر كىشىگە 8 دىن قوي توغرى كېلىدۇ. يەنە قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىشنى قوشقاندا قازاق مىللىتىنىڭ تۇرمۇشى بايدۇر. قورال يىغىش خىزمىتىدە بىر ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھەيئىتى تەشكىل قىلىندى. يەنى7 ھەيئەتدىن تەشكىل بولدى، جەمئى18 كىچىك گۇرۇپپا تەشكىل قىلىندى ھازىرقى ھەيئەت 2. قورال يىغىش خىزمىتى جەريانىدا 7 ھەيئەتدىن ئىبارەت بىر ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھەيئىتى تەشكىل قىلىندى. جەمئى 18 كىچىك گۇرۇپپا تەشكىل قىلىندى، ھازىرقى ھەيئەت ھىدايى كۆپەس. 3. 51- يىل ئەرتىياز پەسلىدە توغۇچى رايون كارىزلاردىن چارۋا رايونغا بېرىپ قازاق مىللەتلەرىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىشغا كىرىش ئۈچۈن ھەركەتلەندۈرۈپ،تەشۋىق ۋە تەرغىپ قىلىپ ئۇيغۇر مىللەتلىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن 200 مودىن ئارتۇق يەر ئېلىپ بېرىپ ئۇرۇق مەسىنى ھەل قىلىش رەھبەرلىك قىلىپ جەمئى 14 تاغار 3 كۈرى ئۇرۇق ئۆتنە بېرىلدى. ئوت ئوتاش، ئورۇش ۋاقىتلىرىدا ئەر ئاياللارنى تەشكىللەندۈرۈش ھەمكارلىقىغا كەلتۈرۈلدى.ئالغان مەسۇلاتى 185 تاغار 3 كۈرى 5 شىڭ بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق خەلقلىرى بولۇپ، ھەربىر كىشىگە ئورتتۇرا ھېساپ بىلەن بىر يېرىم كۈرىلىكدىن ئارتۇق ئاشلىق توغرا كەلدى. ئەڭ جىق ھوسۇل ئالغانلاردىن ھەيدەرخان. 20 تاغار ئاشلىق ئالغان، ھازىر ھەممەسى خام يەر ئېچىپ يەر تېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. رەقىم غازى 3 مو خام يەرنى ئاچقان، يەنە 5 مو يەر ئېچىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتىدۇ. دېمەك قازاق مىللەتلەرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىشلەپچىقىرىش قىزغىنلىقى زور تەسىر بەردى. كەنتلىك، يېزىلىق،رايونلۇق ھاكىمىيەت ئۆزگۈرۈشىنىڭ ئامماۋى ھەرىكىتى 50 يىل 4 -ئايدىن تارتىپ 51- يىلغە قەدەر بىر يېرىم يىل ۋاقىت ئۆتۈش بىلەن باندىتلارنى تازىلاش، ئىشپىيونلارنى سۈپۈرۈش،جەمئىيەت تەرتىبىنى خاتىرجەم قىلىش، دېھقانچىلىق باجى ئېلىش، ئىشلەپچىقىرىش تەتۈر ئىنقىلاپچىلارنى بېسىقتۇرۇش، ئىجارە ئازايتىپ زومىگەرلەرغە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئامماۋى خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، گومىنداڭنىڭ بوجا تۈزۈمى تامامەن ئاغدۇرۇلۇپ تاشلاندى. پۈتۈن ناھىيەدە جەمئى كۆھنە 4 شاڭ، بىر جىڭ 53 بو 253 جا تارمار كەلتۈرۈلۈپ، 6 رايون مەھكىمىسى، 22 يېزىلىق ھۆكۈمەت، 75 مەمۇرى كەنت، 117 تەبىئى كەنت، 455 كىچىك گۇرۇپپا تەشكىل قىلىندى. ناھىيەدە جەمئى 9671 ئائىلە بولۇپ، 26341 نەپەر ئەر، 23096 نەپەر ئايال، جەمئى49437 نەپەر كىشىدۇر.(بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر 29822، قازاق 2830، خەنزۇ 12890، تۇڭگان 3953 نەپەر)» بۇ يەردىكى بازار رايونى لوچىڭ مەھەللىسى، جۇڭسەن مەھەللىسى، جېپاڭ مەھەللىسى، جۇڭخا مەھەللىسىدىن ئىبارەت تۆت مەھەللىدىن، شەھەر رايونى يالاڭكارىز يېزىسى، شەھەرئىچى يېزىسى،راھەتباغ يېزىسى، بوغاز يېزىسىدىن، توغۇچى رايونى ئاستانا يېزىسى، توغۇچى يېزىسى، لاپچۇق يېزىسى، قارا دۆۋە يېزىسىدىن، ئاقيەر رايونى يۇقىرى ئاقيەر يېزىسى، پالۋانتۇر يېزىسى، ساقا يېزىسىدىن تەركىب تاپقان. بۇندىن باشقا يەنە تاشبالىق رايونى تاشبالىق يېزىسى، خوتۇنتام، شوپۇل يېزىسىدىن، تەنسەن رايونى نېرناسى، قوراي، ئېدىر، قۇرلۇقيېزىلىرىدىن تەركىب تاپقان. 1950-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە قومۇل ناھىيەسىدە « 6 رايون مەھكىمەسى، 22 يېزالىق ھۆكۈمەت، 75 مەمۇرى كەنت، 117 تەبىئى كەنت، 455 كىچىك گۇرۇپپا تەشكىل قىلىندى. ناھىيەدە جەمئى 9671 ئائىلە بولۇپ، 26341 نەپەرئەر، 23096 نەپەرئايال، جەمئى 49437 نەپەر كىشىدۇر(بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر 29822،قازاق 2830، خەنزۇ 12890، تۇڭگان 3953 نەپەر)» دېيىلگەن. قومۇل ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسى ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تۈزگەن «مەملىكەتلىك 6-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش قومۇل ۋىلايەتلىك 2010-يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈش ماتېرىيالى»دا قومۇل ۋىلايىتىنىڭ نوپۇس ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە: «قومۇل ۋىلايىتىدە ئومۇمىي نوپۇس 2572400، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 396955، موڭغۇللار 2028،تۇڭگانلار 17117، تىبەتلەر 576، ئۇيغۇرلار 101713 نەپەر كىشى. قومۇل شەھىرىدە ئومۇمىي نوپۇس 472175، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 347526، موڭغۇللار 919، تۇڭگانلار 15881، تىبەتلەر 548، ئۇيغۇرلار 91719 نەپەركىشى. بارىكۆل ناھىيەسىدە ئومۇمىي نوپۇس 75442، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 35404، موڭغۇللار1102، تۇڭگانلار 306، ئۇيغۇرلار 100 نەپەر كىشى. ئاراتۈرك ناھىيەسىدە ئومۇمىي نوپۇس 24786، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 9330،تۇڭگانلار 930، ئۇيغۇرلار 9894 نەپەركىشى. شەھەر ئىچى يېزىسىدا ئومۇمىي نوپۇس 10302، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 3267،تۇڭگانلار 1475، ئۇيغۇرلار 6545 نەپەركىشى. پالۋانتۇر يېزىسىدا ئومۇمىي نوپۇس 18718، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 10155،تۇڭگانلار 1045، ئۇيغۇرلار 7019 نەپەركىشى. تاشبالىق يېزىسىدا ئومۇمىي نوپۇس 10287، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار5708، تۇڭگانلار 48، ئۇيغۇرلار 3163 نەپەركىشى. ئاستانا يېزىسىدا ئومۇمىي نوپۇس 11972، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 6460،تۇڭگانلار 1260، ئۇيغۇرلار 4199 نەپەركىشى. راھەتباغ يېزىسىدا ئومۇمىي نوپۇس 10330، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 2416،ئۇيغۇرلار 7474 نەپەر كىشى. بوغاز يېزىسىدا ئومۇمىي نوپۇس 2803، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 2138، ئۇيغۇرلار615 نەپەر كىشى. قارادۆە يېزىسىدا ئومۇمىي نوپۇس 12530، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار1523، ئۇيغۇرلار 10956 نەپەر كىشى. شارلار تېغى يېزىسىدا ئومۇمىي نوپۇس 3301، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 474،ئۇيغۇرلار 1583 نەپەر كىشى. تەڭرىتاغ يېزىسىدا ئومۇمىي نوپۇس 7442، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 174، ئۇيغۇرلار7152 نەپەر كىشى. ئاقتاش يېزىسىدا ئومۇمىي نوپۇس 1569، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 362، ئۇيغۇرلار806 نەپەر كىشى. تارانچى كان رايونىدا ئومۇمىي نوپۇس 30513، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 24814،ئۇيغۇرلار 3896 نەپەر كىشى. ماچاڭ ئات فېرمىسىدا ئومۇمىي نوپۇس 2533، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 1265،ئۇيغۇرلار 872 نەپەر كىشى. ساقا دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئومۇمىي نوپۇس 9257، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 5461،ئۇيغۇرلار 3446 نەپەر كىشى. يالاڭكارىز دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئومۇمىي نوپۇس 25439، بۇنىڭ ئىچىدەخەنزۇلار 22348، ئۇيغۇرلار 1999 نەپەر كىشى. دۆربەجىن دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئومۇمىي نوپۇس 10523، بۇنىڭ ئىچىدەخەنزۇلار 5195، ئۇيغۇرلار 4495 نەپەر كىشى.»
|