ئېرىمگە يىزىلغان بىر پارچە خەت
قەدىرلىكىم،سىز بىلەن ئولتۇرۇپ پاراڭلاشسام سىزگە دىمەكچى بولغان سۆزۇمنى توغرا يول بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەي رەنجىتىپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرەپ،مۇنۇ خەتنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.قەغەز يۈزىدە بولسىمۇ سىزگە يۈرەك سۆزۈمنى دەپ پاراڭلىشاي دىدىم.بىردەم مۇڭدىشايلى بولامدۇ؟!.. سىز ئىرادىلىك بولۇڭ، ھورۇن بولماڭ،تىرىشىپ ھالال پۇل تىپىڭ،ۋاقىتنى بىھۇدە بىكارئۆتكۈزمەڭ،سىزمۇ تىرىشىڭ مەنمۇ تىرىشاي،ئازراق بولسىمۇ ئىقتىساد يىغىپ،ئۆزىمىزپەرزەتلىرىمىز ۋەكىيىنكىلىرىمىز ئۈچۈن ئىقتىساد يىغىلى،ئىقتىسادسىمىزنىڭئاجىزلىقىدىن كۈن بويى غەمدە يۈرمەيلى،كۆپلىكىدىن سىزمۇ ھەم باشقا ئاياللار تەڭ خەجلىشىپبىرىدىغان دەرجىدە بولۇپ قالمىسۇن.ئككىمىزگە يەتكۈدەك غىمىمىز تۈگىگىدەك ئىقتىساد توپلىساقلابولدى. ئائىلەمدىكىلەرگە خۇددى ئۆزئۆيىڭىزدىكىلەرگەكۆيۈنگەندەك كۆيۈنۈڭ،ئائىلەمدىكىلەرنى مېنى سۆيگەندەك سۆيۈڭ،چۈنكى مىنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن باشقا ھىچ كىمىم يوق؟ مەن سىزنىڭ ئاز دىگەندە كۈنىگە ئۈچ قېتىميەنى ئەتىگەندە ئويغانغاندا،ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندا،كەچتە ياتقاندا سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ئىللىق باغرىىڭىزغا بىسىشىڭىزنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن –ھە؟!مىنىڭ سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغان چاغلاردا سىز دوختۇر بولۇپ پىشانەمنى تۇتۇپ قىزىتمامنى ئۆلچەڭ، قىززىق بىر پىيالە چاي قۇيۇپ بىرىڭ،ماڭا مىھرىبانلىق يەتكۈزۈڭ،پەقەت بولالمىغىنىمدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئەرلىك مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئاداقىلىڭ.تۇغۇلغان كۈنۈمدە،ئاياللار بايرىمىدا خىزمەت ئورنۇمغا سوۋغا ئەۋەتىپ باشقىلارغا سىزنىڭ مىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلدۇرۇڭ.بەزىدەكەيپىم تازا ياخشى بولماي چىچىلىپ قالغان ۋاقىتلاردا مىنى باغرىڭىزغا بىسىڭ، مەن بىلەن تاكاللاشماڭ،مىنى تىللاپ مەندىن بەكرەك ئۆرلىمەڭ،ئاتىلىق مىھرىنى ئاتا قىلىپ ئوتلۇق سۆيگۇڭىز ئارقىلىق مىنى خىجىل قىلىڭ،باغرىڭىزغا چىڭ بىسىپ بىرنىسۆيۇڭ.چىچىلغىنىمغا مىنى خىجىللىق ھىس قىلدۇرۇڭ،خىجالەتچىلىكتىن مەن بىشىمنى كۆتۇرەلمەي قالاي،سۆيگۈڭىز ئارقىلىق يۈرۈگۈمنىڭ تەشنالىقى قانسۇن.مىنى ھەرگىز سەت گەپ بىلەن تىللىماڭ،چۇنكى سىز ماڭا «مەن سىنىڭ ساڭا ئەڭ كۆيۇدىغان،كۆيۇنىدىغان ئادىمىڭ»دىگەن ئىدىڭىز،ھەقىقەتەن سىز مىنىڭ تاغدەك يۆلەنچۇكۇم،بىرەر ئېغىز يامان گەپئارقىلىق ئۆزەمنىڭ يۆلەنچۇكۇمدىن ئايرىلىپ قىلىشىنى خالىمايمەن،«ياخشى گەپ ئىسسىتقۇ،يامان گەپ سويۇتقۇ»دىگەن ماقال بار .يامان گەپ ئارقىلىق مىھرى-مۇھەببىتىمىزنىڭ سۇسلاپ كىتىشىنى خالىمايمەن،مىنىڭ تاغدەك يۆلەنچۇكۇم، ياخشى گەپ-سۆزلىرىڭىز ئارقىلىق مىنى ئۆزىڭىزگە تارتىڭ.ھەر كۇنى مەن ئىشتىن چۇشكەندە سىزمۇ سىرىتتىن ئىشلىرىڭىزنى يۇغۇشتۇرۇپ ئائىلىگە قايتىڭ،مەن سىزنىڭ سىرىتلاردايۇرۇشىڭىزگە ھەرگىز قارشى ئەمەس،سىرىت ۋە سىرتتىكى ئىشلارمۇ موھىم،لىكىن ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن ئائىلە ئەڭ موھىم،ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىغا،ئائىلىنىڭ مىھرىگە،ئائىلىدىكى ئەزالارنىڭ ئىتتىپاقلىقى،مىھرى-مۇھەببىتىگە ھىچ نىمە يەتمەيدۇ،بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ۋە سىز كۇندۇزى خىزمەتنىڭ،تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىنىڭ ئاۋارىچىلىقىدا سىرىتتا يۇرۇيمىز،بالىمىز بولسا بالىلار باغچىسىدا بولىدۇ،پەقەت ئىشتىن چۇشكەندىلا ئاندىنھەممىمىز ئائىلىگە جەم بولىمىز،بۇ چاغدا سىزمۇ چوقۇم ئائىلىگە قايتىڭ،چۇنكى بىزدىگەن بىر ئائىلە كىشلىرى،سىز بۇ ئائىلىنىڭ تۈۋرىگى، بىز بىرلىشىپ بىر داستىخانىدا ئولتۇرۇپ تاماقلىنىپ بىر-بىرىمىزدىن ھوزۇرلۇنۇپ ئائىلىنى مىھرى-مۇھەببەت ئوتى بىلەن يالقۇنجىتايلى،يەنە بىر گەپ سىز مەيلى قايسى جايدا بولۇڭ،چوقۇم ئائىلىىز ۋە ئائىلەئەزالىرىڭىزنى ئاۋال ئويلاڭ ،سىغىنىڭ.سىرىتقا چىققىنىڭىزدا چوقۇم يانفۇنلىرىڭىزئوچۇق بولسۇن،توكى يوق بولۇپ ئىتىلىپ قالمىسا ئىكەن ۋەياكى سىرىتتا نىمە ئىش قىلىڭ ئائىلىدىكىلەرنى خەۋەردار قىلىپ تۇرۇڭ،مەن سىزنىڭ يوليۇرقىڭىزسىز بىر قەدەمنى ئالالمايمەن .شۇڭا سىزمۇ ماڭا سىزنى چۈشەنگىدەك سورۇن پۇرسەت يارىتىڭ ،بۇ ئارقىلىق بىر-بىرىمىزنى چۇشۈنەيلى،ئىشىنەيلى،بىر-بىرىمىزگە سادىق بولۇپ ياشايلى. ھەپتە ئاخىرى مەن بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىڭ ،ئائىلىگە بىرىلىڭ.ئائىلىدە نىمە بار ،نىمە يوق بىلىڭ،كەم نەرسىلەرنى تەڭ دىيىشىپ،تەڭ تولوقلايلى.سىز سىرتنىڭ ئالدىراش ئىشلىرىنى باھانە قىلىپ،سىرتقا قاچماڭ.ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغاچ مۇڭدىشايلى،سىردىشايلى.بىرىمىز بولمىساق يەنە بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنىڭ يىرىم بولىدىغانلىقىنى بىر-بىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم كىشىلەردىن ئىكەنلىكىمىزنى ھىس قىلايلى ۋە قەدرىمىزگە يىتەيلى.مەن ھەر ۋاقىت سىزنىڭ ھەر بىر ئىشىڭىز ،چىرايىڭىزنىڭ ئۆزگۈرىشى،ئاۋازىڭىزنىڭ ئۇرغۇلۇق چىقىشلىرىغىمۇ بەك ئالاھىدە ئىتىبار بىرىمەن .خاپا بولۇپ قىلىشىڭىزنى،ئاچ-توق قىلىشىڭىزنى ،ئىسسىق-سوغۇقتا قىلىشىڭىزنى پەقەت خالىمايمەن.سىزگە خۇددى پەرۋىش قىلىپ ئەجىر قىلىپ ھەر بىر ئىشنى بىردىن قىلىشنى ئاستا-ئاستا ئۈگۈنۈۋاتقان،پەپىلەۋاتقان پەرزەنتىمگە ئوخشاش ئەجىرقىلىمەن. سىزنى يوغان ئادەمغۇ،ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىدىغۇ دەپ قارايمەن .ئىرىم ئۈچۈن مەن بولمىسام پەقەت بولمايدۇ،كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ چوڭ ئىشلارغىچە ھەربىرئىشنى مەن ئورۇنلاشتۇرمىسام بولمايدۇ دەپ قارايمەن.شۇڭا سىزمۇ ماڭا مۇناسىۋەتلىك بەش چوڭ خاتىرە كۈننى ئىسىڭىزدە ساقلاپ قويسىڭىز؟،بۇ سەمىمىي ئۆتۈنۈش،مەجبۇرىيەت ئەمەس،ئۆتۈنۈشۈمنى قۇبۇل قىلسىڭىز،ئۆزۈمنى ئەڭ بەختلىك ھىس قىلاتتىم.«تۇغۇلغان كۈنۈم»،«ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»،«ئاياللار بايرىمى»،«تۇنجى تونۇشقان كۈنۈمىز»،«توي خاتىرە كۈنۈمىز»قاتارلىق مەن ئۈچۈن مۇھىم بولغان بۇ بەش چوڭ كۈننى ئىسىڭىزدەساقلاڭ.مىنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان يىمەكلىكىم،مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان رەڭ،مىنىڭ تۇرمۇشتىكى قىزىقىشىم، ھەر كۈنى ئاخشىمى مەن ئۈچۈن قۇلۇقۇمغا قىلىدىغان تاتلىق سۆيگۈ پاراڭلىرى،مىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىم قاتارلىقلار،يەنە بىر كىچىك ئىش،كوچىلاردا چىرايلىق قىزلار ئۇچراپ قالغاندا قاراپ قويسىڭىز بولىدۇ،چۈنكى گۈزەللىككە قاراش سۈننەت،ئەمما ۋاقتى بەش سىكۇنتتىن ئىشىپ كەتمىسۇن. ئاخىرىدا يەنىلا ئۇ قىزنىڭ گۈزەللىكىنىڭ ئايالىڭىزغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئويلاڭ.بىر ئەرگە نىسبەتەن ئۆز ئايالىدىنمۇ گۈزەل ھىچكىم بولمايدۇ.ئەلۋەتتە!!! مىنىڭ خىلى كۆپ ئارتۇقچىلىقىم بار،ھەم ئازبولسىمۇ كەمچىلىكىم بار .سىز ھەر ۋاقىت قوپال تەلەپپۇزدا ئەمەس،يۇقۇرى ئاۋازدا مىھرىڭىز بىلەن ماڭا ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ. ھىچكىم ئۆز يىتەرسىزلىكىنى ئۆزى كۆرەلمەيدۇ.مىنىڭ تىزلا قىلغان قوپال گەپلىرىم ھەرگىزمۇ تەربىيە كۆرمىگەنلىكتىن ئەمەس،بەلكى مىنىڭ تۈزلۈكۈم ، ئوماقلىقىمدىندۇر.مىنىڭ يولسىزلىقىم،ھەرگىزمۇ زەھەرخەندىلىك بىلەن سىزگە نەشتەر سانجىغىنىم ئەمەس بەلكى سىزگەچىدىمىغىنىم ، ئەركىلىگىنىم،مەن نىمە قىلسام كۆتۈرىدۇ،بۇ مىنىڭ ئەڭ يىقىن ئادىمىم دەپ قارىغىنىم،بۇ نازىمغا كەڭ قورساق بولۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.مىنىڭ ئىقتىسادنى ھىسابلىغىنىم ئىقتىسادنى كونتىرول قىلاي دىگىنىم ئەمەس كەلگۈسىدە ، ئىقتىسادتا،ئالدى-ئارقىمىزغا قاراپ قالمىساق دىگىنىم،بۇ كۆزى كىچىكلىككە ياكى پىخسىقلىققا ياتمايدۇ،بەلكى ئىقتىسادباشقۇرۇشقا ماھىر بولايلى دىگىنىمدۇر. سۆيۈملۈكۈم كۆپ پاراڭ سىلىپ شەرتلەرنى قويۇپ بىشىڭىزنى ئاغرىتتىممۇ؟ كونىلارنىڭ بىر گىپى بار:«خاپىلىق كىسەل بولىدۇ،كىسەل ئاخىرى بىرىپ ئەجەل بولىدۇ.»بۇ گەپ بەك توغرا.بىز بۇ دۇنياغا نىمىنى دەپ كەلدۇق؟نىمىنى دەپ ياشايمىز؟ ھازىرقى جەمىيەتنىڭ بىسىمى،تۇرمۇشنىڭ بىسىمى،ئۇنىڭدىن باشقا بىزگە قاراپ بىزگە بىقىنىپ تۇرۇۋاتقان،ئاتا-ئانا ، پەرزەنت ۋە ئۇرۇق-تۇققانلار ھەم ئەتراپىمىزدىكى يۆلەشكە تىگىشلىك يىقىلغان كۆپ تاملار مانا مۇشۇلارنىڭ ھۆددىسىدىنرەنجىسەكمۇ،قاقشىساقمۇ،خاپا بولساقمۇ،خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلساقمۇ بىز چىقىپ كىلىۋاتىمىز.ھازىرقى جەمئىيەتتە ياشىماق بەك تەس،30ياشتىن ئۆتتۇق،تۆت كۈندىن كىيىن40ياشقا،50ياشقابارالىساق ھەم باشقا ياشلارغا بارىمىز. تۇغۇلدۇق ، ئەمدى ئۆلۈمگە قاراپ مىڭىۋاتىمىز،ئۆلۈپ كىتىمىز ئېرىم،قايتا تۇغۇلۇشىمىز يوق.شۇڭا ياخشى ياشايلى،كۆڭۈل ئىزدەيلى ، كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن،مەنسىز سىز ياشىماڭ، مەنمۇ سىزسىز ياشىماي،جىمى بەختنى،سائادەتنى،مىھىر-مۇھەببەتنى ، خۇشاللىقنى ئۆيىمىزگە ئەكىرىۋالايلى.بىرتال سوۋغات ئارقىلىق مىنى خۇشال قىلىڭ.ئۆمۈر بويى مىھرىمنى ، روھىمنى ، جىسمىمنى،تۇرقۇمنى،ئەمگىكىمنى،كۆيۈشۈمنى، سۆيۈشۈمنى سىزگەبىرەي،بەختنى كىشىلەر ئىشىكىمىزنى قىقىپ بىزدىن تىلەپ ئىلىپ چىقىپ كەتسۇن.قىلالامدۇق جانىم؟؟؟ ئاللاھ تىلىگىمىزگە يەتكۈزسۇن.
يازغۇچى : زۇلپىيە ئابدىشۈكۈر
|