- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 509
- نادىر
- 0
- يازما
- 38
ئۆسۈش
1.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-28 00:11
يۇقارقى 5 ئىش ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاھاسىي ئېھتىياجى بولۇپ، ھەر قانداق ھۆكۈمەت ئۆز خەلقىنىڭ بۇ ئېھتىياجىلىرىنى قاندۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى مەجبۇريىتى دەپ بىلىشى،ھەمدە دۆلەتنىڭ باج كېرىمىنى ئالدى بىلەن مۇشۇ سالالەرگە خەجلىشى،ئاشقان قىسمىنى ئاندىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، ھەممە خىراجەتنى دۆلەتنىڭ ئۈستىگە ئېلىۋېلىشمۇ مۈمكىن ئەمەس،مۈمكىن بولغان تەقدىردىمۇ ئىنتايىن خاتا ! چۈنكى باج ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا دۆلەتنىڭ باي كەمبەغەللەر ئارىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىپ،ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان ۋاستىسى.شۈبھىسىزكى، دۆلەتنىڭ باج سىياسىتىدىن بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئوخشاش مەنپەئەتلەنسە بۇ تولىمىۇ ئادالەتسىزلىك بولىدۇ،ھەقىقى بايلار دۆلەتكە ھەسسىلەپ باج تاپشۇرغۇچى تۆھپىكارلار ھېسابلىنىدۇ،ئۇنداق بولغان ئىكەن،تۆۋەن قاتلامدىكى ئامما ،دۆلەتنىڭ باج سىياسىتىدىن ئەڭ كۆپ مەنپەئەتلەنگۈچىلەر بولۇشى كېرەك.
يۇقارقى 5 ئىشنىڭ روياپقا چىقىشى،دۆلەتنىڭ مالىيە سېلىنمىسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا دۆلەت بايلار بىلەن ھورۇنلارنىڭ بۇنىڭدىن ئوخشاش دەرىجىدە مەنپەئەتلىنىشىدىن ساقلىنىپ،تېخىمۇ كۆپ ھەقىقى ئېھتىياجى بار پۇقرالارنى مەنپەئەتلەندۈرۈشى كېرەك،ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ خەلىقنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىنى «قاندۇرۇرۇش»'يولى بىلەن ھايىنىغا بېيىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىگى كېرەك. مەسىلەن،تولۇقلىما خاراكتىرلىق ئۆيلەرنى ھايىنىغا سېتىش؛ دوختۇرخانا ئېچىپ كېسەللەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى بېيىش ۋاستىسى قىلىش(پايدا ئېلىشنى نىشان قىلمىغان دۆختۇرخانىلارنى ئاچقانلارغا ئاللاھ شاپائەت ياغدۇرغاي) دېگەندەك.
|
|