- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 62657
- نادىر
- 6
- يازما
- 2724
ئۆسۈش
0%
|
1. ئوبۇرنى ئىنسانلار ئۇچۇن ئەڭ كېرەكلىك ئەڭ زورۇر ئەڭ ئەدەپ ساقلاشتىكى مۇھىم بىر ئەسلىھە ،ئۇ تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا پەقەتلا بولمايدۇ ، بۇدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كورىيەلىك پەن بىرنىمە دىگەن ئادەم خەلىقئارا ئوبۇرنى كۇنى دەپ بىر ئۇقۇمنى ئوتتۇرغا قويدى ، ھە دىمەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى تىلغا ئالغان يەردە كەمىنە توخوتۇر خىجىل بولمايلا ئۆزەمنىڭ موشۇ قومۇل شەھرىدىكى ئوبۇرنىلار ھەقىدە بىرەر قۇر ھىس قىلغانلىرىمىنى دەپ باقاي دەيمەنغۇ ئەمدى .
2. ھەر قېتىم ياخىشى يۇرت تاللا بازىرىغا كىرگىنىمدە ھەر خىل ئويلارنى سۇرىمەن ، گاھىدا تاللا بازارنىڭ كىتاپخانىسىدا ئۇيغۇرچە كىتاپ يوقلىقىنى كۆرۇپ ئىچىم ئاچچىق بولسا ، گاھىدا ئۇلارنىڭ ئسىتىمالچىلار ھوقۇق مەنپەئەت تۇزۇملىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسى يوق چاپلانغانلىقىنى كۆرۇپ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىپ كىتىمەن ، بۇدا مۇنداق قاراپ باقسام ياخشى يۇرت تاللا بازىرىنىڭ ئوبۇرنىسى ھەقىقەتەن ئىستمالچىلار ئۇچۇن ھەقىسز ھەم ئەلا مۇلازىمەت قىلدىكەن ،
3. كىيىن مەندە بىر سېلىشتۇرۇش پەيدا بولدى ، ياخىشى يۇرت تاللا بازىرىغا بىر قەدەر ھاللىق ئائىللەر كىرىدىكەن ، بولۇپمۇ قومۇلنىڭ ئەتراپىدىكى ئاشۇ زەھەرلىك زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغان ئىشچىلار كۆپرەك كىرىدىكەن ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى قومۇلنىڭ ئوتتۇرا يوقۇرى قاتلىمىغا تەۋە دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ ، خوش ئۇنداقتا بۇ ياخشى يۇرت تاللا بازىرىغا سېلىشتۇرما بولغىنى دەل مىللى بازار ، مىللى بازاردا ئىككى ئوبۇرنى بار ئۇلار ھەر بىر ئادەمدىن بەش مو ئالدىكەن ، ئەمدى مىللى بازارغا كىملەر كىرىدۇ ، مىللى بازارغا ھەر مىللەت ئاممىسى كىرىدۇ ، گەپنى ئوچۇقىنى دىگەندە مىللى بازارغا جەميەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن قاتلىمى كۆپرەك كىرىدىكەن ، قومۇلنىڭ بەش شەھەر ئون ئىككى تاغدىن كەلگەنلەر ئېتىزلىقلاردىن قىرلادىن كەلگەنلەر دەل موشۇ مىللى بازاردا سودىلىقلىرىنى پۇتتۇرىدىكەن .
4. ئەپسۇس ، يوقۇرى قاتلام ئاق ياقىلىقلار تولا كىرىدىغان ياخشى يۇرت تاللا بازىرىدا ئىستىمالچىلار ئۇچۇن ئوبۇرنى بىكارلىق ، ئەمما مىللى بازارنىڭ ئاق ياقىلىق بولمىغان ئىستمالچىلىرىغا ئوبۇرنى ھەقلىق ، ئىھتىمال بەزىڭلار ماڭا بۇ دىگەن بازار ئىگىلىكى دەرسىلەر ، شۇنداق بازار ئىگىلىكى لېكىن مەن ھۆكۆمەتكە باج تۆلەپ كىلۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بولدى ، ھازىرغا قەدەر ھېچكىم مەندىن سەن باج تۆلەۋاتقان پۇقرا ئىكەنسەن ، سېنىڭچە بۇ باجلارنى قانداق ئىشلەتسەك سەن تۆلىگەن بېجىڭغا رازى بولىسەن دەپ سوراپ باقمىدى .
5،ناۋادا شۇنداق بىر پۇرسەت بولۇپ مەندىن شۇنداق سوراپ قالسا ، ئىككىلەنمەي مىللى بازاردىكى ئوبۇرنىلارنى ياخشى يۇرت تاللا بازىرىغا ئوخشاش بىكارلىق قىلۋاتسەڭلار ئاندىن كۆڭلۇمدىكدەك ئىش بولغان بولاتتى دىگەن بولاتتىم ، قومۇلدا باشقا ئىشتا باراۋەرلىك ئاستا ئاستا ئەمەلگە ئاشسىمۇ مەيلى ، بۇنىڭغا ۋاقىت كېرەك ئەمما ھىېچ بولمسىا پۇقرالارنىڭ ئوبۇرنىغا ئولتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىنتايىن تەبئى ھاجىتىدە باراۋەرلىك ئىشقا ئاشسىمۇ ئادەملەرگە خېلى تەسەللى بولالايدۇ دەپ ئويلايمەن .
6. بۇنداق بىكارلىق ئوبۇرنىلار قارىماققا كىچىك ئىشتەك قىلسىمۇ ئەمما بۇ دىگەن بىر شەھەرنىڭ نوچىلىقىنى كۆرسىتىدۇ ، ھەممە تەڭ بەھرىمان بولىدۇ ، مەن باج تۆلەۋاتقان بىر پۇقرا بولۇش سۇپۇتۇم بىلەن قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەتنىڭ شەھرىمىزدە بىر قاتار بىكارلىق ، پاكىز ئازادە (بولسا موزىكىلىق )ئوبۇرنا قۇرلۇشلىرىىنى بارلىققا كەلتۇرۇشىنى تەكلىپ بىرىمەن .
7.مانا بۇنى خەلىقنىڭ ئەقەللى ئىھتىياجىدىن چىقىش دەيمىز ، قۇرۇق شۇئار بىلەن شەھەر ئالغاندىن بۇ ئاڭلماققا سەل قوپال ئاڭلانسىمۇ ئەمەلى ئىش دەپ قارايمەن ، |
|