قېرىنداشلار
تەغدىر شۇنداق رەھىمسىز بولىدىكەن،گاسنى كۆزىدىن قارغۇنى ھاسسىسىدىن ئايرىمىغان بىلەن، بەزىدە ئىنساننى يېقىن ئادىمىدىن ئايرىۋېتىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن.ئاكا-سىڭىل ئىككىسى تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلېرىدا بىربىرىگە يار يۆلەك بولۇپ،جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرەتتى.سىڭلىسى ئۇنىڭ بىردىنبىر قېرىندىشى بولغاچقىمۇ،ئۇنى جېنىدىنمۇ ئارتۇق كۆرەتتى. ئەمما،تەقدىر بۇ ئىككى بەختىسىز بالىلارغا يەنە بىر ئېغىر چاقچاق قىلدى.ئۇنىڭ سىڭلىسى ئېغىر كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى.دوختۇرلارنىڭ دىيىشىچە،بۇ كىسەلنى داۋالاش ئۈچۈن سىڭلىسىغا كۆپ مىقداردا قان بېرىش كېرەك،ئەپسۇس،دوختۇرخانىدىكى قان بەك قىممەت،ئاكىسى پۇلنىڭ ئامالىنى قىلالمىدى.گەرچە دوختۇرخانا ئوپىراتسىيە ھەققىنى بىكار قىلىۋاتقان بولسىمۇ،قان بەرمىسە سىڭلىسى ئۆلۈپ كېتەتتى. ئۇ سىڭلىسىنىڭ بىردىنبىر قېرىندىشى ، قېنى سىڭلىسىغا ماس كېلىدۇ.دوختۇر ئۇنىڭدىن قان بەرگەندىكى ئاغرىققا چىدىيالامسەن،غەيرىتىڭ بارمۇ دەپ سورىدى.ئون ياشلىق بالا ئىككىلىنىشكە باشلىدى،بىر پەس ئويلىغاندىن كېيىن قان بېرىش قارارىغا كەلدى.قان بېرىۋاتقاندا،ئۇ ئازراقمۇ ۋايسىمىدى، پەقەت كارىۋاتتا ياتقان سىڭلىسىغا قاراپ كۈلۈپ قوياتتى.ئوپىراتسىيە ئاخىرلاشتى.بالا تىترەك ئاۋازى بىلەن دوختۇردىن:«دوختۇر،مەن يەنە قانچىلىك ياشىيالايمەن؟»دەپ سورىدى.چۈنكى ئۇنىڭ كاللىسىدا،ئادەم قان بەرسىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ دەپ بىلەتتى.ئەمما ئۇ يەنىلا سىڭلىسىغا قان بەرگەنىدى. دوختۇر ئۇنىڭ ساددىلىقىغا كۈلگۈسى كەلدىيۇ،بىراق ئۇنىڭ غەيرىتىدىن تەسىرلەندى.دوختۇر ئىسسىق قوللېرى بىلەن بالىنىڭ قۇلىنى چىڭ سىقىپ:« خاتىرجەم بول، سەن ئۆلمەيسەن،ئادەم قان بەرگەنگە ئۆلۈپ قالمايدۇ.»دېدى. بالىنىڭ كۆزلېرىدە ئۈمىد ئۇچقۇنلېرى چاقنىدى.:«راسما؟مەن يەنە قانچىلىك ياشىيالايمەن دوختۇر؟» دوختۇر كۈلۈپ تۇرۇپ ،ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن:«يۈز ياش ياشايسەن،بالام ،سەن بەك ساغلام!»دېدى.بالا خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ راستىنلا ھېچ ئىش بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ،يېڭىنى تۈرۈپ،قايتا قان بەرمەكچى بولدى.ئۇ دوختۇرغا كەسكىنلىك بىلەن:«دوختۇر،مېنىڭ قىنىمنىڭ يېرىمىنى سىڭلىمغا بېرىڭ،بىرىمىز ئەللىك يىلدىن ياشايلى!»دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن ھاڭ-تاڭ قالدى.بۇ بالىنىڭ ساددىلىقىدىن بەرگەن ۋەدىسى ئەمەس،بەلكى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ ساپ.ئەڭ سەمىمىي ۋەدىدۇر.باشقىلار بىلەن بىللە ياشاپ،ئاتا بالىدەك،يېقىن ئەر-ئايالدەك بولغان تەقدىردىمۇ ،بۇنىڭ ئىچىدە يەنە قانچىسى شۇ بالىدەك دىيەلەيدۇ؟
|