- تىزىملاتقان
- 2012-1-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4146
- نادىر
- 0
- يازما
- 174
ئۆسۈش
71.53%
|
تېمىغا ئىلاۋە :شەرىئەتتە توي قىلىپ تۇرۇپمۇ باشقا جىنىس بىلەن زىنا قىلغان كىشىنى چالما كىسەك بىلەن ئۆلتۈرۈلۈش جازاسى بىرىلىدۇ .لېكىن چوقۇم ئىشەنچىلىك گۇاھچى بولىشى،زىنا قىلغىنىنى ئىخرا قىلدۇرۇلىشى كىرەك .
ئۇنىڭ تىنىقلىرى ئىتتىكلىشىپ، پۈتۈن بەدەنلىرى ئوتتەك قىززىپ يۈرىكى تىز-تىز سۇققىلى تۇردى. بۇنداق ۋاقىتتا كۆزگە ئۇيقا كىلىش مۇمكىنمۇ؟ ئۇ ياتقان يىرىدىن دەس تۇرۇپ كارۋات ئەتىراپىنى ئىككى ئۈچ ئايلاندى-دە، سۇخانىغا چىقىپ مۇزدەك سۇ بىلەن يۈز- كۆزلىرىنى يۇيۇپ كىردى. تامدىكى سائەت بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن قېرشىقاندەك ناھايىتى ئاستا مېڭىۋاتاتتى. ئۇ دەرىزىدىن ئايغا قاراپ ئۆز-ئۆزىگە:
نەچچە كېچە پىراقىدا قىيناپ ئۇيقۇسىز قويۇپ يۈرەك باغرىمنى پارە-پارە قىلغان جانان بىلەن ئاخىرى ۋېسال شارابىنى ئىچىدىغان بولدۇم دېدى ۋە ئۇ چوكاننىڭ چۈشتە دېگەن سۆزلىرىنى قايتا ئەسلىدى
- ئەمىسە ئىشىكنى تاقىماي ياتىمەن، سائەت ئونئىككى بولغاندا كىلىڭ، دىققەت قىلارسىز.
ئۇنىڭ يۈرىكى بۇرۇنقىدىنمۇ قاتتىقراق سوقۇپ كەتتى، پۈتۈن بەدىنىگە تارقاپ نېرۋىلىرىنى غېدىقلاۋاتقان شەھۋانىي ھېسسايات تەسىرىدىن تىتىرەپ تۇرغان پوتلىرىنى سۆرىگەن پېتى كارۋىتىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ ئۈستەل چىرىقىغا قاراپ خىيالغا پاتتى: ئەجەپ قىينالدىميا... بۇ سەۋدالىق دەردىدە تاماقلىرىم ئازلاپ ئۇيقۇممۇ كەملەپ كەتتى. مانا، ئەقل-ھۇشى جايىدا ئەمەس ئادەمگە ئوخشاپ قېلىۋاتىمەن. نىمە قىلىۋاتقىنىمنىمۇ بىلمەي قالىمەن تېخى! ھەي ئايال !! ھەي ئايال!! «ئايال دېگەن بىر شەيتان، ھەردائىم ئۇنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەپ تۇرۇش كىرەك» دېگەن گەپ راس ئىكەن جۇمۇ. بىر ئىككى ھەپتە بولدى قايسى چىشى جىن چاپلاشتىكى بىلمىدىم تۇرۇپ-تۇرۇپ شەھۋانى خىياللارغا چۈمۈپ قالىدىغان، كۇچىدىكى ھەرخىل ياشتىكى قىز-چوكانلارغا قاراپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم دېسە. نىمە تىلىسەڭ شۇنى تاپىسەن دېگەندەك ئۆيۈمگە يېقىن جايدىكى بىر تېجارەتچىنىڭ ئايالى بىلەن بىر-ئىككى قېتىم سالاملىشىپ قويىۋىدىم ئۇمۇ ئاران تۇرغاندەك ماڭا يېقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى، نەتىجىدە بۈگۈن كىچە ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇچۇرشىشدىغانغا كىلىشتىم... ئۇچۇرشىدىغان ۋاقىت يېقىنلاپ كەلگەنسىرى ئىددىيەمدە توقۇنۇش بولۇشقا باشلاۋاتقىننى كۆرمەمدىغان... قانداق قىلسام بۇ نىيتىمدىن يانارمەن. ئايالىمغا يۈز كىلەلەمەنمۇ؟ ئۇ مىڭ بىر جاپادا قۇرساق كۈتۈرۈپ يۈرەك پارەمنى ساق-سالامەت يەڭگىپ ئاپىسىنىڭكىدە دەم ئېلىۋاتىدۇ.. يەنە ئىككى ھەپتە بەرداشلىق بىرەلىسەم بۇنداق پەسكەشلىكتىن ساقلىنىپ قالالايتتىم. ياق، ياق...ئۇغۇل بالا بولغاندىكىن بىرەر قېتىم ئۇنداق ئىش قىلىپ قويسام ھېچ ئىش بولماس.
مۇشۇنداق خىياللار بىلەن پۈتۈشكەن ۋاقىتمۇ كىلىپ قالاي دېدى. ئاخىرى ئۇنىڭ شەيتىنى غالىب كىلىپ ئۇنى ئايالنىڭ ئۆيى تەرەپكە سۆرەپ ماڭدى.
ئۇ ئالدى كەينىگە قارىغاچ ھۇدۇقۇش ئارىلاش ئەنسىزلىك بىلەن تىز-تىز مېڭىۋاتاتتى دەل شۇچاغدا يىراقتىن يىغلىغاندەك بىر خىل ئاۋاز كىلىشكە باشلىدى، ئۇ، ئايالنىڭ ئۆيى تەرەپكە ماڭغانسېرى ھېلىقى ئاۋازمۇ تەڭ كۈچىيىشكە باشلىدى، ئۇ ئەمدى پەرق قىلدىكى بۇ بىرسىنىڭ قۇرئان ئۇقۇۋاتقان ئاۋازى ئىدى. ئۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ ئاۋازنى ئاڭلىماسلىققا سېلىپ ئۆتۈپ كىتەلمدى، بۇ ئاۋاز ئاڭلانغان ئۆيدىن ئۆتۈپ كەتسىلا ھېلىقى چوكاننىڭ ئۆيىگە كىرەتتى. ئۇ مېڭىشىنى ئاستىلاتقاچ قۇرئانغا قۇلاق سالدى.
- غەيرىل مەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلەدداللىن. (غەزىپىڭگە يۇلۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلانىڭ يولىغا ئەمەس....).
ئامىن....
بۇ سۈرە فاتىھەغۇ دېدى ئۇ ئىچىدە.
- يەۋمە تەرەل مۇئمىنىينە............... (ئۇ كۈندە، مۇئمىن ئەرلەرنى، مۇئمىن ئاياللارنى كۆرىسەنكى، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ماڭىدۇ، (ئۇلارغا) بۈگۈن سىلەرگە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇش خەۋەر بىرىلىدۇ، ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپىقىيەتتۇر دېيلىدۇ).
نېمە دېگەن يېقىملىق ئاۋاز بۇ !!!
بۇ مۇڭلۇق قىرائەت ئاۋازى ئۇنىڭغا تەسىر قىلماقتا ئىدى، ئۇ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن زەن سېلىپ تېڭشاشقا باشلىدى.. ئايەت: ئەلەم يەئنى لىللەزىينە..... (مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىيقەتكە يەنى ( قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ .... ).
ئۇ خۇددى بۇ خىتابلار دەل ئۆزىگە قارىتىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلدى-دە، ئىختىيارسىز قاتتىق سىلكىنىپ كەتتى.
دەل شۇ چاغدا شەيتان ئۇنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىشقا باشلىدى:
- ئۇنچىۋالا بۇپ كەتمە.. قۇرئان دېگەننى تېخى نۇرغۇن قېتىم ئاڭلىۋالىسەن.. ئۇ جانانىڭ تازا ياسىنىپ سېنى كۈتۈپ تۇرۋاتىدۇ، سەن پەقەت ئۇنىڭ يېنىغا كىرسەڭلا ئىش پۈتىدۇ... ئۇنداق ئەھمەقلىق قىلما.. تىز بول! خۇدا بەندىلىرنىڭ تۆبىلىرنى قۇبۇل قىلىپ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدىغان تۇرسا يەنە نېمىدىن قورقاتتىڭ...
ئۇ يەنە بىر ئاز ئىككىلەنگەندەك بولدى-دە، سەۋر قاچىسى تولۇپ:
ئاھ خۇدا ... مەن قانداق بەندە!! خۇدا ئۈزەڭ بار... دەپ ۋارقىراپ كەتتى. ئاخىرى ئۇنىڭ ئەقلى، شەھۋىتى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنىدى. ` :
ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئۇنىڭغا خېلى قىيىنغا توختىدى ئۇ:
خۇدا ئۆزەڭ بار.. خۇدا ئۆزەڭ بار،،، ئۆزەڭ ساقلا دېگىنىچە كەينىگە يېنىپ ئۆيى تەرەپ كە يول ئالدى.
ئۇ پاكىز يۇيۇنۇپ چىقىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئۇقۇدى... سەجدىگە بارغاندا كۆزلىرىدىكى ياشنى تۇتىۋالالماي ئاللاھقا دۇئالار قىلدى.
بىر سەجدە بىلەنلا ئىماننىڭ تەمىنى ھەقىيقى تېتىغاندەك بولۇپ كۆڭلىدىكى بىئاراملىقلاردىن ئەسەرمۇ قالمىدى....
|
|