قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1521|ئىنكاس: 15

ئامانەت پۇل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

2

دوست

2376

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15570
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 728
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 18:50:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئامانەت پۇل

  ھەر شەنبە كۈنى كەچتە ئائىلە بويىچە ھەممىمىز تاماق شىرەسى ئەتراپىغا يىغىلىپ، بۇ ھەپتە دادامنىڭ  ئەكەلگەن ئازغىنا مائاشنى ئاپامنىڭ قانداق تەقسىم قىلىدىغىنىغا قاراپ تۇراتتۇق .
  پۇل نەچچە بۆلەككە بۆلۈنۈپ ئۈستەلگە قويۇلدى. "  بۇ ئۆي ئىجارىسى "  بۇ يىمەكلىك دۇككىننىڭ ..."  ئاپام تەقسىم قىلىۋاتاتتى .
" مىنىڭ ئايغىم يىرتىلىپ كەتتى ،نەچچە قېتىم ياماپ ئەمدى قايتا يامىغىىلىمۇ بولمايدىغان بولۇپ كەتتى ،ماڭا  يېڭى ئاياقتىن بىرنى ئالساق  بولارمۇ ؟"دىدى  بالىلاردىن بىرى . ئاپام بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن  3 تەڭگىنى ئايرىدى.
" بۇ ھەپەت مىنىڭ قېرىنداش سېتىۋېلىشىم كىرەك" دىدى بالىلاردىن بىرى. ئاپام قوشۇمىسىنى  تۈرۈپ  قويۇپ  5 پۇڭلۇق تەڭگىدىن بىرنى ئايرىدى.
پۇل داۋاملىق ئازلاۋاتاتتى. ئاخىردا دادام " باشقا ئىش قالمىغاندۇ؟" دەپ سورىدى. ئاپام بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى، ھەمدە  قالغان پۇلنى تارتمىغا سېلىپ قويغاچ " مىنىڭچە  بۇ پۇل كىلەر ھەپتىلىك تۇرمۇشۇمىزغا يېتىدۇ .بانكىدىكى ئامانەت پۇلىمىزغا ئېيتىشمىساقمۇ بولغۇدەك" دىدى. كۆپچىلىك ئىختىيارسىز ھالدا ئەركىن نەپەس ئالدۇق.
  ھەر قېتىم ئاپىمىزنىڭ بانكىدا ئامانەت پۇلى بارلىغىنى ئويلىغىنىمىزدا خۇشاللىناتتۇق، پەخىرلەنگەن ھالدا  ئىللىق ۋە بىخەتەرلىك ھىسسىياتلىرىغا چۆمەتتۇق.ئائىلمىز قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئۇ بىزنىڭ تىرىشىپ كۆرەش قىلىشىمىزغا جاسارەت بېغىشلايتتى.
  لىيلېس سودا مەكتىۋىدە ئوقۇماقچى بولىۋىدى، ھەممىمىز قوشۇلدۇق. دەرھال شىرە ئەتراپىغا يىغىلدۇق.ئاپام قىزىل رەڭلىك كىچىك ياغاچ قۇتىنى شىرە ئۈستىگە قويدى .ئۇنىڭ ئىچىدە ئائىلىمىزنىڭ يىققان  ئازراق پۇلى بار ئىدى. ھەر قېتىم ئائىلىدە جىددى ئىش چىققاندا ئاپام  ئۇنى ئاچاتتى . ئىسىمدە قېلىشىچە ئىلگىرى دادام ئاغرىپ قېلىپ  دورا ئالماقچى بولغاندا ۋە يوھان جىگەر كىسىلى بولۇپ قېلىپ دوختۇر چاقىرغاندا ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى پۇلنى ئىشلەتكەن ئىدۇق.گەرچە بىزنىڭ بانكىدا يەنە ئازراق ئامانەت پۇلىمىز بولسىمۇ لىكىن ئۇنى ھەرگىز ئىشلىتىپ باقمىغان ئىدۇق.
  لىيلېس سودا مەكتەپكە كىتەرلىك بولغان بارلىق چىقىملارنى ئوتتۇرغا قويغاندىن كىيىن ،ئاپام ياغاچ قۇتىدىكى پۇللارنى  شىرەگە تۆكۈپ ،بىر بىرلەپ ساناپ چىقتى ،  يەتمەيدىكەن .  ئاپام قوشۇمىسىنى تۈرۈپ " ئەجىبا بىز ئەمدى بانكىدىكى ئامانەت پۇلىمىزنى ئىشلىتىۋىتەرمىزمۇ؟" دىدى.
ھەممىمىز جىددى چارە تەدبىر ئويلاشقا باشلىدۇق.
  " مەن  ئەيدى ھامماملارنىڭكىگە بېرىپ ئۆي ئىشلىرىغا قارىشىپ بوۋىقىنى بېقىشىپ بەرسەم ،ئاز تولا پۇل تاپالىشىم مۇمكىن " دىدى كارلى تۇنجى بولۇپ ئېغىز ئېچىپ.
   " مەن دېرىننىڭ دۇككىنىغا بېرىپ ئىشلەي " دىدى خاررىي ئالدىراپ.
ئاپام ئۇلارغا رازىمەنلىك بىلەن قاراپ قويۇپ  تىزلىكتە ھىساپلاپ چىقىپ" يەنە ئازراق كەملەيدىكەن " دىدى.
كۆپچىلىك سۈكۈتكە چۆمدۇق.   ئىلگىرى  سىمىت ئەپەندىنىڭ ماي قاچىلاش پونكىتىدا ماشىنا سۈرتكەنلىگىىم تۇيۇقسىز ئىسىمگە كەلدى، ئۇ  تېخى مىنى ماختىغان ئىدى.  شۇڭا ئالدىراپ " مەن سىمىت ئەپەندىنىڭ قېشىغا بېرىپ سوراپ باقاي ،ئەگەر ئۇنىڭ يېنىدا ماشىنا سۈرتىدىغانغا ئوخشاش ئىشلاربولۇپ قالسا ،بىراز پۇل تاپالىشىمىز مۇمكىن " دىدىم .
  ئاپام  بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۇپ  بىراز ھىساپلىغاندىن كىيىن ،چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى. ۋە " مىنىڭچە ئەمدى يىتىدۇ" دىدى.
قالتىس بولدى ! يەنە بىر قېتىم بانكىدىكى ئامانەت پۇلىمىزنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىپ قالدۇق. ھەممىمىز شاتلىققا چۆمدۇق.
كۈنلىرىمىز موشۇنداق ئۆتۈپ،قاچانلاردىدۇ  ھەممىمىز بىر بىرلەپ خىزمەتكە چىقتۇق، توي قىلدۇق . دادام  ئىلگىكىدىن  ۋىجىكلەپ ،ئاپامنىڭ چاچلىرىمۇ  ئاپپاق ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى.
  بىز ھازىر تۇرىۋاتقان بۇ ئۆيىمىزنى سېتىۋالدۇق.تۇرمۇشىمىزمۇ خېلى  ياخشىلىنىپ قالدى. بىراق بىز ئەزەلدىن ئاپىمىزنىڭ  ئامانەت پۇلىغا چېقىلمىغان ئىدۇق . ئالدىنقى كۈنلەردە مەن بىرىنچى قېتىملىق قەلەم ھەققىمنى ئېلىپ ،ئۇنى ئاپامغا بەردىم ۋە بۇنىمۇ ھېلىقى ئامانەت پۇلىغا قېتىپ قويۇشنى ئېيتتىم.  ئاپام قولىدىكى ئىشنى توختۇتۇپ ،كۈلۈپ تۇرۇپ" قايسى ئامانەتنى دەيسەن؟ مەن بۇ ئۆمرۈمدە بانكىنىڭ ئىشىگىدىن كىرىپ باققىنىم يوق " دىدى.
  "بالىلارغا ئادەم بولۇشنى ئۆگۈتىدىغان 102 ھەقىقى ھىكايە " ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى

2

تېما

0

دوست

612

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   22.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22308
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 20:18:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ئەسەر ياخشىكەن.  مەن ياقتۇردۇم ،  مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرساڭلار
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

17

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4406
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 20:46:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ كۈڭۈل پۈتۈنلىكى، روھلۇق بۇلىشىدا بۇ يالغاننىڭ رولى خېلى چوڭ بۇپتۇ...

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3826
توردىكى ۋاقتى: 741
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 21:15:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانەت دىگەننى بانكىغا ئەمەس مۇقۇم مۈۈلۈككە سالغۇلۇق ھازىر ...

جەننەت قېلىچنىڭ سايىسى ئاستىدا

12

تېما

5

دوست

6676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16309
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1966
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 22:19:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ھىكايە ئىكەن. ئادەمدە ئۈمىدۋار بۇلۇشنى ئۆگىتىدىغان

0

تېما

2

دوست

4146

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1278
توردىكى ۋاقتى: 503
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 22:31:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ھېكايىكەن.....قېرىنداشلىرمىزنىڭ ئارىسىدا بانكىغا پۇل قويغانلار بولسا ، پۇلۇڭلارنى مۇقۇم مۈلۈككە ئايلاندۇرۋېلىڭلار،،،

0

تېما

0

دوست

1932

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   93.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22971
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 604
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 09:20:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنىت تەربىيسى نۆۋەتتە ئاتا ئانىلار ئۈچۈن تولىمۇ باش قاتۇردىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.ئاللاھنىڭ ئامانىتى بولغان پەرزەنىتىمىزنى ياراملىق،ئىمان ئىقتادلىق ،مىللەتسۆيەر قىلىپ تەربىيلەشتە ھەقىقەتەن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتىمىز!

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8843

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2606
توردىكى ۋاقتى: 1185
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 12:13:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ROCK يوللىغان ۋاقتى  2013-12-1 22:31
ناھايىتى ياخشى ھېكايىكەن.....قېرىنداشلىرمىزنىڭ ئارىسىد ...

مۇمكىن بولسا ئىنكاسىڭىزنىڭ ئاخىرىدىكى گەپنى تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ قويالارسىزمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )