بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baburshah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-3 10:57
كىچىك كەنتنىڭ بىر چىتىدە ئولتۇرۇشلۇق قىزچاق بىلەن ئانىسىنىڭ ئۆيىدە گەرچە پۇلغا يارىغۇدەك مەۋقۇلات بولمىسىمۇ، ئانىسى دائىم ئىھتىيات قىلىپ ئىشىكنى تاقاپ قوياتتى . قىزچاق ئاستا –ئاستا چوڭ بولدى. ئۇ خۇددى مەنزىرە سۈرەتلىرىدەك چىرايلىق ئەمما تىنچ، بىر خىل رەۋىشتىكى، مەزىسىز سەھرا ھاياتىدىن زىرىكىپ،شەھەرگە بارغۇسى كىلەتتى.ئۇنىڭ قەلبى رادىئودىن ئاڭلىغان ،تەسەۋۋۇرىدىكى رەڭگارەڭ دۇنياغا تەلپۈنەتتى.شۇنداق قىلىپ ،ئۇ بىر كۈنى سەھەردە ئانىسىنىڭ قاتتىق ئۇخلاۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئاستا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ۋە ھەرگىز قايتىپ كەلمەسلىك قارارىغا كەلدى . ئۇ مېڭىش ئالدىدا ،ئۇخلاۋاتقان ئانىسىغا قاراپ بوش ئاۋازدا: " ئانا ، مەن بۇ سەھرايى قىيامەتكە تەۋە ئەمەس ، مەن ئەمدى قايناق شەھەر ھاياتىدىن ئۆز بەختىمنى تاپىمەن. مەندەك قىزىڭنى يوققا چىقىرۋەتكىن " دىدى ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ ئاستا چىقىپ كەتتى. ئەپسۇس! ، بۇ دۇنيا ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇنچە گۈزەل ئەمەس ئىدى. ئۇ بىلىپ بىلمەي چۈشكۈنلۈك يولىغا ماڭدى .پاتقاققا چوڭقۇر پېتىپ ئۆزىنى تارتىۋالالمايدىغان ھالەتكە كەلگەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ نىمىنى خاتا قىلغىنىنى ھىس قىلدى . ئون يىلدىن كىيىن ،چوپ چوڭ ئادەم بولغان قىز زەخمىلەنگەن قەلبى ۋە چارچىغان تىنىنى سۆرەپ، كەلمىگىنىگە ئۇزاق بولغان يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۆيىگە كەلگەندە ئاللىقاچان يېرىم كىچە بولغان ئىدى. غۇۋا چىراق يورۇقى ئىشىك يانلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئىشىكنى بوش چىكىشىگىلا ئۇنى ھەيران قالدۇرۇپ ئىشىك ئېچىلىپ كەتتى. چۈنكى ئانىسى ئەزەلدىن ئىشىكنى تاقاشنى ئۈنتۈپ قالمايتتى. ئۇ بىر خىل ئالاھىدە سىزىمنىڭ تۈرتكىسىدە ئىتتىك ئۆيگە كىردى. ئورۇقلاپ بىر تەن بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئاپىسىى ، كونا كارۋىتىدا تۈگۈلۈپ يېتىپ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقۇدەك بىچارە ھالەتتە ئۇخلاۋاتاتتى. –ئانا!!! قىزىنىڭ يىغا ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتكەن ئانا ،گەپ سۆز قىلماستىن ئۇنى باغرىغا باستى. ئانىسىنىڭ باغرىدا خېلى ئۇزۇن ئىسەدىگەندىن كىيىن ،تۇيۇقسىز ئاپىسىدىن: – ئانا ، ئەجىبا بۆگۈن ئىشىكنى تاقىماي يېتىپسەنغۇ؟ بىرەرسىنىڭ ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ قېلىشىدىن قورقمىدىڭمۇ؟ دەپ سورىدى. ئانىسى: – بۆگۈنلا ئەمەس بەلكى سەن كەتكەن كۈندىن باشلاپ ئون يېلدىن بېرى بۇ ئىشىك تاقالمدى قىزىم. چۈنكى سىنىڭ كىچىدە قايتىپ كىلىپ ئۆيگە كىرەلمەسلىگىڭدىن ئەنسىرىدىم ئانىسى قىزىنىڭ قايتىپ كىلىشىگە ئىنتىزار بولۇپ، بۇ ئون يىلنى تەقەززالىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ئىدى. قىزىنىڭ ھوجرىسىمۇ خۇددى ئىلگىرىكىدەكلا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۆگۈن كەچتە، ئانا بالا ئىككىسى ئىلگىركىدەك ئىشىكنى چىڭ تاقاپ ئۇخلاپ قېلىشتى .
"بالىلارغا ئادەم بولۇشنى ئۆگۈتىدىغان 102 ھەقىقى ھىكايە " ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى |