ئەھمىيەتلىك ئۆگىنىش ۋە ئۈچ چوڭ مۇكاپات
2013-يىلى11-ئاينىڭ26-كۈنىدىن29-كۈنىگىچە داۋاملاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى <<شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت يىغىنى >> ئۈرۈمچى قۇرۇم مېھمانخانىسى(سەككىز قەۋەت)داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ئوبلاسىت ، ناھىيىلىرىدىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق ھەر مىللەت يازغۇچى، شائىرلار كېلىپ قاتناشتى. پېقىرمۇ ئاشۇ يىغىننىڭ ئاددى قاتناشقۇچىسى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن 36 نەپەر ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرىنىڭ بىرىمەن. بۇ بىرقانچە كۈنلۈك قىسقا ئۆگىنىش جەريانىدا مەن ئۆزەمدىكى نۇرغۇن كەمچىلىكلەرنى ھېس قىلىپ يېتىش بىلەن بىللە يېزىقچىلىق ھاياتىمدا مەتبۇئات يۈزلىرىدىلا دىدارلىشىپ كەلگەن، مەن چىن دىلىمدىن ھۆرمەتلەيدىغان، ئەزىز دىدارىنى كۆرۈشكە ئىنتىلىدىغان نۇرغۇنلىغان قەلەم ساھىبىلىرى بىلەن تونۇشۇش ۋە سىردىشىش شەرىپىگەئېرىشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. بۇ قېتىملىق ئۆگىنىشنىڭ ۋە خاسىيەتلىك سەپەرنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى شۇ بولدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچى قۇرۇم مېھمانخانىسىدا 2013-يىللىق ئۇيغۇر «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، قازاق، قىرغىز «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، موڭغۇل « ئالتۇن ئۈزەڭگە ئەدەبىيات مۇكاپاتى» مۇكاپاتلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز تىلىدىن ئىبارەت تۆت خىل يېزىقتا يېزىلغان يالقۇن روزى، پەرھات تۇرسۇن، مەخموت يولۋاس، مۇرال، جۈمەباي قاتارلىق يازغۇچى شائىرنىڭ 20نەچچە مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسىرى تەقدىرلەندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لىشۆجۈن، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان قاتارلىقلار مۇكاپاتلاش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىدى، رەھبەرلەر، ھەر مىللەت يازغۇچىلىرى توغرا بولغان ئەدەبىيات سەنئەت ئىجادىيىتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، دەۋرگەئەگىشىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەدەنىيەتكەۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشتەك تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى يېڭى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىملىق ئەھمىيەتلىك سەپەردىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىر يازغۇچى، شائىر چوقۇم ئۆز مىللىتىنىڭ ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋىرنىڭ ۋىجدانى بولىشى كېرەككەن. ئۆزى تەۋە بولغان دەۋىرنى،جەمئىيەتنى ۋە مەدەنىيەتنى قەلىمىگە ئالالمىغان قەلەم ساھىبى لاياقەتلىك ئەدىب بولالمايلا قالماستىن، يېزىقچىلىق ھاياتىدا بىرەر پارچە ئەل سۆيگەن ئەسەرنى يورۇقلۇققا چىقىرالمايدىكەن. يازغۇچى يازغان ئەسەرلىرىدە چوقۇم ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيتىنى، ئىچكى دۇنياسىنى،ھېس-تۇيغۇلىرىنى دۇنياغا، جاھان خەلقىگە ئۆزى سۆيگەن گۈزەل تىل-ئىبارىلەر بىلەن تەقدىم قىلىشى كېرەككەن. چۈنكى ئۇ ياشاۋاتقان دەۋىر، ئۇياشاۋاتقان زىمىن ۋە ئۇ تىنىۋاتقان تىنىق، يېزىۋاتقان يېزىق، تېرىقچىلىك ھېس-تۇيغۇمۇ بۇ دۇنيانىڭ رەڭگارەڭ مۇھىتىدىن، دەۋىرنىڭ توختاۋىسىز كۈچىيىۋاتقان تەققەزاسىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلالمايدۇ.
ئەلۋەتتە،دۇنيا تارىخىدا بولسۇن ۋە مەيلى جۇڭگو تارىخىدا بولسۇن نامى قالغان بارلىق ئەدەبىيات پىشىۋالىرى ھەرگىزمۇ ئۆزى ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتمىگەن. شۇڭا ئۇلار تا بۈگۈنگىچە ھۆرمەت تەختىدە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.
|