ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا سىنودېننىڭ « ئاخىر زامان» نى چىللاپ كېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە
رۇتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 25 - نۇيابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن ئاخبارات ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق جاسوسى ئېدۋارد سىنودېننىڭ قولىدىكى مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ دۇنيانىڭ مەھشەر كۈنىگە سەۋەب بولىشىدىن ئەنسىرىمەكتە .
ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپىدىكى ۋە سابىق يەتتە ئەمەلدارى مۇنداق قارىغان : سىنودېننىڭ قولىدىكىسى مۇھىم ئورۇنلارنىڭمەخپى ھۆججەتلىرى بولۇپ ، ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، بۇ مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ مەخپىي نومۇرى پەقەت ئۈچلا ئادەمدە بولىدۇ ، ھەتتا مەخپىي نومۇرى ھەر كۈنى پەقەت قىسقىغىنە ۋاقىتتىلا ئىشلىنىدۇ ، مەخپىي نومۇرنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى ئىنتايىن مەخپىي تۇتۇلىدۇ . بۇ مەخپىي ھۆججەتلەر سىنودېننىڭ قولغا ئېلىنىش ۋە قەستكە ئۇچىراشتىن ساقلىنىدىغان " ئەنگۈشتەرى" .
" روسىيە ئاۋازى" رادىيوسىنىڭ 25 - نۇيابىردىكى خەۋىرىدە : سىنودېن سىنگاپور بىلەن كورېيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھېندونىزىيە بىلەن جۇڭگونىڭ تېلېفون ۋە تور ئۇچۇرىنى يوشۇرۇن ئاڭلاپ نازارەت قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى ، دېيىلگەن .
ئامېرىكىنىڭ قىسمەن ئەمەلدارلىرى : سىنودېن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە قولغا چۈشۈرگەن مەخپىي ماتېرىياللارنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا ئاشكارىلاندى ، ئۇنىڭ قولىدىكى بارلىق ماتېرىياللارنى ئاشكارىلاشقا ئىككى يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن . سىنۇدېن ئامېرىكا خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۆمىتىنىڭ 50 مىڭدىن 200 مىڭ پارچىغىچە بولغان مەخپىي ھۆججىتىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇشى مۇمكىن ، دەپ قارىغان .
مەخسۇس مەخپىي ھۆججەت ئاشكارىلايدىغان مەلۇم تورنىڭ مۆلچەرىچە ، سىنودېن ھازىرغىچە ئاران 500 پارچە مەخپىي ھۆججەتنى ئاشكارىلىغان . ئانالىزچىلار : سىنودېن ھازىر موسكۋادا تۇرىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ يېقىندا ئامېرىكىغا قايتىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى مەخپىي ھۆججەتلەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتكە قارىتىپ ، ئۇنى قولغا ئېلىشقا ئانچە باش قاتۇرۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ، دەپ قارىغان .
نۆۋەتتە ئامېرىكا ياكى ئىتتىپاقداش دۆلەت ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ياكى روسىيە بىلەن جۇڭگو قاتارلىق رىقابەتچىلىرىنىڭ بۇ مەخپىي ماتېرىياللارنىڭ قەيەردە ساقلانغانلىقىنى بىلىدىغان - بىلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس . ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى : روسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ شىفىر يېشىش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تېخنىكىسى ئىنتايىن ئىلغار ، ناۋادا ئۇلار بۇ مەخپىي ھۆججەتلەرنى بايقىسا ، مەخپىي نومۇرنى چوقۇم يېشىۋېتىشى مۇمكىن ، دېگەن .
" شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى " دىن ئېلىندى
|