«ئوچۇق خەتكە يېزىلغان جاۋاپ » كۆرگەندىنى كىيىن ئويلىغانلىرىم
ھۆرمەتلىك تورداش ياخشىمۇ سىز،سىزنىڭ پالۋانتۇربازىرىمىزنىڭ خىزمەتلىرىدە ساقلانغان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئوتتۇرغا قويغان ئوچۇق خېتىڭىزنىڭ مەزمونىدىن تولۇق خەۋەردار بولدۇم.شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىز ئوتتۇرغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىش ئەھۋالىدىنمۇخەۋىرىم بار.مەنمۇ پالۋانتۇر بازارلىق ھۆكۆمەتنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇمەسىلىلەرگە جاۋاپ قايتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
1 . قاتناش مەسىلىسگە قارىتا:
بۇ يىل شەھەرنىڭبىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاممىنىڭ قاتناش مەسىلىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەسلىدىكى ئاپتۇبۇسلار چوڭ ھەم ئازادە ئاپتۇبۇسلارغا ئالماشتۇرۇلدى.ئاپتۇبۇسلارچوڭ،كەنت يوللىرى تار بولغاچقا بۇ يېڭى ئاپتۇبۇسلار بازارلىق ھۆكۆمەتكىچەقاتنىدى.دۆۋەجىن ۋە قىزىل بايراق كەنتلىرىدىكى ئاممىنىڭ قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن602-يول ئاپتۇبۇسىدىن بىرى سەپلەندى.بۇ ھەقىقەتەن ئاممىغا زورقولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بازارلىق ھۆكۆمەت نەچچەۋاقىتتىن بېرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا كۆپ قېتىم ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ،نەتىجىدە602-يول ئاپتۇبۇسىدىن يەنە بىرنى كۆپەيتىدىغانغا،دۆۋەجىن مەھەلىسىنى ئاساس قىلىپ قاتنايدىغانغا كېلىشتى.بۇنداق بولغاندا دۆۋەجىنگە قاتناش قېتىم سانى ئىلگىركىدىن خېلى يوقۇرى كۆتۈرىلىدۇ.مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن قاتناش شارائىتىنى تېخىمۇ ياخشىلايدىغانلىقىغا ئىپادە بىلدۈردى.
2.بالىلارباغچىسى مەسىلىسىگە قارىتا:
دۆۋەجىن مەكتەپ بۇ مەسىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ،يەسلىدىكى بالىلارنى ئېلىش ۋاقتىنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 4كە ئۇزارتقان.بالىلارنىڭ يېشى ئوقۇۋاتقان سىنىپىغا ماس كەلمىگەن بولسا،ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ يېشى ماس كېلىدىغان سىنىپقا يۆتكىسە بولىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.يېزا-كەنتلەردىكى يەسلىلەر يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ يىلدىن-يىلغا ھەر قايسى جەھەتلەردىن ياخشىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ.ئىشىنىمەنكى دۆۋەجىن يەسلىسىمۇ چوقۇم ئوقۇتقۇچىلىرى سەر خىللىشىپ،ئىقتىسادى شارائىتلىرى تېخىمۇياخشىلىنىپ، قوبۇل قىلىش ياش چەكلىمىسى تۆۋەنلەپ،سەبىيلەر ئۈچۈن سېستىمىلىق بىلىم ئالىدىغان ئۆلچەملىك يەسلىلەردىن بولۇپ قالغۇسى.
3.ئەمىن ئۆي مەسىلىسىگە قارىتا:
بۇ يىل پالۋانتۇربازىرىمىز جەمئىي 2366 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سالدى.بۇلارنىڭ ھەممىسى بىنا ئۆي بولۇپ ،بەش كەنتكەجايلاشتى.بۇ دىگەنلىك دېھقانلارنىڭ ھەممىسىنى بىنا ئۆيگە كۆچۈرىمىز ،ئەسلىدىكى مەھەلىلەر بىلەن كارىمىز يوق دىگەنلىك ئەمەس.
بىنا ئۆي سېلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە سەۋەبلىرى ۋە ئەۋزەللىكلىرى بار:
1)نەچچە يىلدىن بېرى پالۋانتۇر بازىرىمىزدا ئۆي ئورنى بېرىلمىدى.شۇڭا ئەزالىرىمىزدىن بىر ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق توي قىلىپ بولغان بالىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئوغۇللىرىنى ئۆيلەيدىغانغا ئۆي يوق ھەم سالىدىغان جاي يوق بولۇش ئەھۋالى خېلى ئېغىر.
2) بازىرىمىز شەھەر بىلەن يېقىن،2-3-كەسپ بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئەزالىرىمىز بارغانسېرى كۆپىيۋاتىدۇ.ئۇلار ئۈچۈن بىنا ئۆيلەردەئولتۇرۇش زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
3)پالۋانتۇر بازىرىمىزدا كىشى بېشىغا كىلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز،يەرگە تايىنىپ ھاللىق سەۋىيىگە يېتىش مۇمكىن ئەمەس.بازىرىمىزئاستا-ئاستا شەھەرلىشىشكە قاراپ ماڭىدۇ،ھاللىق سەۋىيىگە يېتىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم يېزا ئىگىلىكىدە كەسىپلىشىش،كۆلەملىشىش يولىغا مېڭىپ،بىر قىسىم ئەزالىرىمىز يەرلىرىنى،مال-چارۋىلىرىنى ھەقلىق كوپىراتىپ ياكى ئائىلىلەرگە بېرىپ،ئۆزلىرى بىنائۆيلەردە ئولتۇرۇپ،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىجارەت قىلىشى ياكى سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگەتوغرا كېلىدۇ.
4)بىر قىسىم شارائىتى يار بەرگەن چوڭ ياشلىق ئەزالىرىمىز،ئەسلىدىكى ئۆيلىرىنى بالىلىرىغا قالدۇرۇپ،ئۆزلىرى بىنا ئۆيدەئولتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
5)ئەگەر ئەزالىرىمىز ھازىر بازىرىمىزسېلىۋاتقان بىنا ئۆيلەر ئەتراپىدىكى تاۋار بىنا ئۆيلەرنى سېتىۋالماقچى بولسائورنىنىڭ چوڭ –كىچىكلىكىنىڭ،قەۋەت سانىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تەخمىنەن بىريۈرۈش ئۆي ئۈچۈن 8تۆمەندىن 30تۆمەنگىچە ئارتۇق پۇل خەجلەپ سېتىۋالىدۇ.
6)بۇ بەش يۈرۈش ئائىلىلىكلەر قوراسىنىڭ ھەممىسى تاۋار ئۆي ئائىلىلىكلەر قوراسىغا قارىغاندا زىچلىقى تۆۋەن،يېشىللىق مەيدانى كەڭ،ماشىنا قويۇش ئورنى كۆپ قىلىپ لايھىلەنگەن.
7)بىنا ئۆي باھاسىنى بېكىتىشتە ئەڭ كۆپ ئاممىنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن 5-6-قەۋەتلەرنىڭ باھاسى ئايرىم بېكىتىلگەن.ئەڭ ئەرزان ئۆي 6-قەۋەتتىكى ئۆي ئەڭ ئەرزانلىرى دېھقانلارنىڭ نەق تۆلەيدىغان قىسمى2تۆمەن5مىڭ يۈئەنگە توختايدۇ.
8)يەر ئېلىش يىلدىن-يىلغا تەسلىشۋاتىدۇ،ئەگەركەينىگە سۈرۈلسە بۇنداق ياخشى جايلارنى ئالماق تەس ھەم بۇ جايلار قالماسلىقى مۇمكىن.
بىنا ئۆي سېلىشنىڭ ئاۋارىچىلىق تەرەپلىرى:
1) بىر بازارلىق ھۆكۆمەتنىڭ بەش ئولتىراق رايون ئۈچۈن مىڭ مو ئەتراپىدىكى يەرنى يۈزلىگەن ئائىلىنى تامامەن رازى قىلىپ قىسقىغىنە بىرنەچچە ئاي ئىچىدە ئېلىپ بولۇش ھەقىقەتەن مۈشكۈل ۋەزىپە.بۇ خىزمەتكە قاتناشمىغان ئادەم بەلكىم ھىس قىلالمايدۇ.
2)بىنا ئۆي سېلىشىنىڭ رەسمىيىتى ئادەتتىكى ئۆينى سېلىشتىن نەچچە ھەسسە كۆپ ھەم تەس،يەرنى ئېلىپ بولۇپ ھەممە قۇرۇلۇش قىلىش رەسمىيەتلىرىنى تاماملاپ,قۇرۇلۇشنى موشۇ ھالەتكە ئېلىپ كېلىش ھەقىقەتەن مۈشكۈل جەريان. قىسقىسى شەھرىمىز بارغانچەشەرىققە قاراپ كېڭەيمەكتە،كەلگۈسىدە بىنا سېلىنغان ئورۇنلىرىمىز بارا-بار شەھەربولۇپ كەتكۈسى.ئۇ چاغقا بارغاندا ئەزالىرىمىزنىڭ ھازىر ئالغان ئۆيلىرىنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئېشىپ بېرىشى تۇرغان گەپ.بۇ ئۆيلەرمۇ پالۋانتۇر خەلقىمىزنىڭ ھاللىق جەمىيەتكە يېتىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقۇسى. ئەمدى ھازىرقى مەھەلىلىرىمىزگە ئۆي سېلىش مەسىلىسىگە كەلسەك،ئەمىن ئۆي قۇرلىشى بۇ يىل تۈگىگىنى يوق.يەنە بىر نەچچە يىل داۋاملاشقۇسى.ھازىر دەۋاتقان ئەمىن ئۆي قۇرۇلىشى پەقەت ئۆينىلا يېڭىلاش دىگەنلىك ئەمەس بەلكى ئۆينىڭ يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (پار،سۇ،يول،كوچاچىرىقى،يول ياقسىدىكى يېشىللىق) قاتارلىقلار.ھەممە ئىشنى بىراق قىلغىلى بولمايدۇ،ھازىر دېھقانلارغا قارتىلغان ئېتبار سىياسەتلەر بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.شۇڭا ئىشىنىمەنكى بۇندىن كېيىن كونا مەھەلىلىرىمىزنىڭ قىياپىتى چوقۇم ياخشىلىنىپ كەتكۇسى. مانا بۇ پالۋانتۇر بازارلىق ھۆكومەتنىڭ بەرگەن جاۋابى.مەن ئالدى بىلەن بازار باشلىقىنىڭ بىزنىڭ تەكلىپ -پىكرىمىزنى ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ،مۇشۇ خەلىقنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلدىغان مەسىللەر توغۇرلۇق ،ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن كۆرۇشۇپ ،ئامال بار ھەل قىلىش ئۇچۇن تىرىشقانلىقغا رەھمىتىمنى بىلدۇرمەن. مەن تۆنۈگۈن 6-يول ئاپتۇبۇس شوپۇرىدىن، بازار باشلىقىنىڭ ئاممىۋىي قاتناش شېركىتىدىكى رەھبەرلەر بىلەن كۆرۇشكەنلىكىنى،شوپۇرلاردىنمۇ پىكىر ئالغانلىقىنى،ئۇلارنىڭ يول تار،ماشىنا چوڭ،ۋاقىت قىس....دىگەندەك تۈك باسماس سەۋەپلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى ......ئاڭلىغان ئىدىم.مەكتەپتىكى مۇئەللىملەردىن بازار باشلىقىنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۇشۇپ بالىلار باغچىسى توغۇرلۇق يوقۇرقىدەك بىرلىككە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم....رەھمەت سىزگە باشلىق ! خەلىقنىڭ مەسەلسىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن مەيلى ھەل بولسۇن بولمىسۇن شۇنچىلىك كۇچىگەنلىكىىڭىزنى ئاڭلاپ"ياشاپ كەت پالۋانتۇرنىڭ پالۋاندەك باشلىقى..!"دەپ ۋاقىرغۇم كەلگەن ئىدى.
پالۋانتۇر كادىر...ئەپەندىم سىزدىن سوراپ باقاي.كىم دەيدۇ دوۋەجىننىڭ يولىنى تار دەپ ،كەڭلىكى بازارلىق ھۆكومەت ئالدىدىكى يولدىن قېلىشمايدىغۇ؟ئۇنى باھانە قىلىپ بارمايمىز دىسە قانداق بولىدۇ؟بىزيە پۇل بەرمەيمىز دىمىدۇققۇ ..بىرىمىز خەق بىر سوم بەرسە بىز ئىككى سوم بىرەيلى دىدۇققۇ..بۇمۇ بولمامدا؟كەنىتنىڭ ماشىنا توختايدىغانغا ئىككى مو يەر بىرەيلىدەپتۇغۇ يەنە نىمىشقا...؟؟؟ سىزنىڭ ماشىنىڭىز تەييار ،نەگە بارمەن دىسىڭىز بارالايسىز،لېكىن يوقلارچۇ؟سىزمۇ بىرەر قېتىم شەھەردىن دوۋەجىنگە ئاپتۇبۇس بېرىپ بېقىڭ..ئاغرىپ قېلىپ ،ياكى ئالدىراش بىر ئىشلار بىلەن قاتناش ساقلاپ بېقىڭ .......ئاندىن بىلسىز يولنىڭ جاپاسىنى..ئاندىن بىلسىز خەلىقنىڭ ھال-دەردىنى...ئۆي توغۇرلۇق ئىنكاس شەكلىدە يازىمەن...
./forum.php?mod=viewthread&tid=21319&extra=&highlight=%D9%BE%D8%A7%D9%84%DB%8B%D8%A7%D9%86%D8%AA%DB%87%D8%B1&page=1 |