- تىزىملاتقان
- 2013-11-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1565
- نادىر
- 1
- يازما
- 116
ئۆسۈش
56.5%
|
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم باغداشدىكى قېرىنداشلار :
ئالدى بىلەن كەمىنە ئەلچۈندىن ھەربىرىڭلارغا ئوتلۇق سالام!!
مۇشۇ جۈمە كۈنى كەچتە مەكتىۋىمىزدە 12-ئايلىق قېرىنداشلار سۆھبەت يىغىنى ئاچقان ئىدۇق ،يىغىنىمىزغا مەكتىۋىمىزدىكى ھەرقايسى يىللىقلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەييارلىغان نۇتۇقلىرىنى ياكى ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ،ئىسلام دىنىمىز ،ئانا تىل ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئەلا ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى . بولۇپمۇ ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئانا تىل مەسلىسى ھەممەيلەن قىزغىن مۇلاھىزە قىلغان قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. مەنمۇ چەتئەل تىلى ئۈگۈنۈش شۇنداقلا ئانا تىل مەسلىسى توغرىسىدا ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى تەرمىلىرىم بىلەن ئۆز قارىشىمنى سۆزلەپ ئۆتتۈم .
يىغىندا يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ياخشى كىتابلىرى ئۈستىدە مۇلائىزە ئېلىب بېرىلدى، نۇرغۇن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىگە ئوقۇغانلار ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئوقۇغاندن كېيىنكى تەسىراتىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
يىغىندا مەكتىۋىمىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىگىمىزدىن بىر تەرەققىيات فوندى قۇرۇش ۋە يىغىلغان پۇللار ئارقىلىق ئانا يۇرتىمىزدىن ئانا تىلدا يېزىلغان ياخشى كىتابلارنى سېتىۋېلىب مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا سوۋغا قىلىش شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى ياخشى مەزمۇنلۇق ئۇيغۇرچە ژۇرنالدىن بىر ئىككىسىگە مۇشتەرى بۇلۇش لاھىيەسى قاراب چىقىلدى.
ئەمما بىز بىر نەچچە يىل ئىچكىرىدە خەنزۇتىلى مۇھىتىدە ئوقۇغان بولغاچقا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرچە باسمىلار ئۈستىدە تازا ياخشى چۈشەنچە ھاسىل قىلالمىدۇق،قىسقىسى بىز ھازىرغىچە بىزنىڭ قايسى ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇشنى قانداق مۇشتەرى بولۇشنى ئانچە بىلىپ كېتەلمىدۇق .
بۈگۈن باغداشدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ تەكلىب پىكىر بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن !! تاما تاما كۆل بولار دەپتىكەن ،ئەڭ ئاخىرىدا باغداشتىكى قېرىنداشلارنىڭ پىكرىگە ئاساسەن بىر نەچچە ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن .
سىلەرگە ئەلچۈندىن كۆپ تەشەككۈر!!
|
|