- تىزىملاتقان
- 2011-1-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
3.33%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت :
مەن ئاكامنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن .ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھۆرمىتىم بەك چوڭقۇر .چۇنكى ئۇ كىچىك ۋاقتىمدىن
باشلاپ قانداق ئۆگىنىشنى قانداق ئادەم بولۇشنى،قانداق قىلىپ ئۆز -ئىززىتىنى ساقلاشنى ۋە جەمىيەتتە قەدىر -قىممەتنى قانداق ساقلاشنى ئۆگەتكەن ئىدى .
مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە بالدۇر مۇھەببەتلىشىش باشلاش ئالدىدا يەنى زىناغا يېرىم قەدەم قالغان چاغدا ئاكام ماڭا نىمىنىڭ توغرا يول ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن .مەن ئىچ مىجەز ،ساۋاقداشلار بىلەن چىقىشالمايدىغان ۋاقىتلاردا ماڭا سودا قىلىش ئارقىلىق خارەكتىرنى ئۆگەرتكىلى بولدىغانلىقىنى دەپ، بىر تەتىل سودا قىلىش ئارقىلىق چىقىشقاق ،خۇش چاخچاق ،خەنزۇچىنى ئوبدانلا سۆزلەيدىغان بالىغا ئايلاندۇرغان .مەن ئىتىقادئىزدەپ ئاللاھدىن گۇمانلىنىپ يۈرگەنلەردە ئۇ ماڭا توغرا يولنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرمىگەن بولسىمۇ لېكىن دىنىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكى
پىكىرلىشى ئارقىلىق ئىشارەت قىلغان .كېيىن مەن جەمىيەتكە چىقىپ ،مۇھەببەت قايناملىرىغا غەرىق بولاي دىگەندە ئۇ ماڭا ھەقىقى پاك مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى قانداق مۇھەببەتنىڭ ھالال بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن .ئاللاھ ئاكامنىڭ بۇ ئەجىرلىرىگە مېنىڭ ئەمىلىي ھەركەتلىرىم ئارقىلىق جاۋاپ بىرىش پۇرسىتىگە نائىل قىلىۋاتىدۇ .مەن ھازىر خىزمەتلىرىمدىن تولۇق چىقىۋاتقان ، ناماز بىلەن خىزمەتنى تولۇق ئېلىپ كېتىۋاتقان ھەمدە بىر بىرىگە مۇداخىلە قىلمايدىغان يولنى تاپقان ، ئىللىق ئائىلىسى ،مۇلاھىم ۋە سۆيۈملۈك ئايالى بار ئاقكۆڭۈل بىر ئادەم بولۇش ئارقىلىق ئاكامنىڭ ئەجىرىگە جاۋاپ بىرىۋاتىمەن .نەچچە يىل ئىلگىرى ئاكام مېنىڭ ئىتىقات يولىدا چىڭ تورۇشقا باشلىغانلىقىمنى كۆرۈپ خىجىل بولدى بولغاي ئۇمۇ نامازنى باشلىغان ئىدى .شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ بىلەن دائىم ئىتقات توغرىسىدا ھەمسۆھبەت بولىدىغان بولدى .ئاتىمىز بىزگە ئەسلا ئىتقات تەربىيەسى قىلمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز بىلەن نامازنى بىمالال ئۆتەيدىغان ھالەتكە كەلگەن ئىدۇق .لېكىن يېقىنقى يېرىم يىلدىن بېرى ئاكامدا مەسىلە كۆرىلىشكە باشلىدى .
نامازلار دائىم قازا بولىۋاتىدۇ .نەسىھەت قىلسام سەن مېنىڭ ئاكاممىتىڭ دەپ نەچچە نۆۋەت دەككەمنى يىدىم .نامازنى بەزىدە ئۆتەيدۇ بەزىدە ئۆتىمەيدۇ . ئىتىقاتىدا مەسىلە كۆرۈلدىمىكىن دىسەم ئۇنداقمۇئەمەستەك .بولۇپمۇ يېقىندا پايچېكى بىلەن شۇغۇللانغاندىن بېرى مىجەزى تېخىمۇ تەرسالىشىپ كەتتى .پايچېكى ئەھۋالىنى سوراپ قويساق دەرھال ھۆرپىيدىغان بولىۋالدى <چاتىقىڭ نىمە ،ئوغاۋالىنىڭ ئوغاۋالىسى ئوينايدۇ پاي چېكىنى .ئازراق زىيان چىقىپ قالسا نىمە بولماقچىدى > دەپ -ئاكام بىلەن ئىلگىرى مۇشۇ دۆلەت ئىچىدىكى پايچىكې توغرىسىدا ئازراق توقۇنۇشۇپ قالغان ئىدىم .
مەنغۇ بەزىلىرىڭلەرنىڭ نەزىرىدە مۇتەسسپ ،رادىكال چاغلىنىدىغاندىمەن .چۇنكى مەن مۇشۇ دۆلەت ئىچىدىكى پاي چېكىنىڭ ھالال كەسىپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا گۇمانىم بار .
بۇ ھەقتە مەن ئايرىم بىر تېما يازىمەن ئاللاھ خالىسا .
ئاكام پايچېكى بىلەن شۇغۇللانغاندىن تارتىپ ،نامازلار بەك جىق قازا بولىدىغان بولۇپ قالدى . بەزىدە نەچچە ھەپتىلەپ شۇنداق تەقۋا بولۇپ كىتىدۇ .بەزىدە نەچچە ھەپتىلەپ چالا ناماز ئۆتەيدۇ .يەنى بامداتنى ئۆتىسە پىشىم يوق ،پىشىمنى ئۆتىسە شام يوق دىگەندەك . شۇنى بىلدىمكى ئۇ پايچېكى ئۆسسە كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ شۇنداق تەقۋالىشىپ كېتىدۇ . پايچېكى چۈشسە تەرسالىشىپ چالا ناماز ئۆتەيدۇ .ئۇنىڭ ئىدارىسى ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا ئىدى .
يېقىندا جۈمە نامىزى ۋاقىتلاردىمۇ ئۇنىڭ ماشىنسىنىڭ ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكىنى كۆرىمەن . كەچ-كەچلەپ ئىشخانىسىغا كىرىۋالىدىغان ،بۇ يەتمەي يەنە ئۆيگە بارغاندا ئۆيىدىكى كومپيوتۇر ئالدىغا ئولتۇرۋالىدىغان بولىۋالدى .ئاڭلىسام ئۇ مەلۇم بىر پايچېكى تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇپ قاپتۇمىش .ئۇنىڭ قانچىلىك پۇلنى ئۇتتۇرۋەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن .لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ ئۇتتۇرۋەتكىنى قىممەتلىك ۋە تولۇقلۇغىلى بولمايدىغان نامازلىرى ئىدى .ھازىر ناماز ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ ماشىنسىنىڭ يەنە ئىدارىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسەم ئىچىم شۇنداق ئېچىشىدۇ . كۆپچىلىك قانداق قىلسام بولار ئاكامنى قانداق قۇتقازسام بولار ؟
ماڭا مەسلىھەت كۆرسەتسەڭلار .
قەلىمىم .
http://bbs.12tagh.com |
|