قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ئەمىن

بايدىكى ئىككى ئۇستارنىڭ قەبرىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

yengilikka intilima

0

تېما

0

دوست

230

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   76.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3177
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 14:48:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئورنى ئېنىق بولگان بولسا چوقۇم بېرىشقا تىگشلك جايكەندۇق ، بىلىدىگانلار بولسا يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن

14

تېما

0

دوست

2092

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7212
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 104
تۆھپە : 586
توردىكى ۋاقتى: 115
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 16:18:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alkanat يوللىغان ۋاقتى  2013-12-9 23:00
ئۈستىدىكىسى  موللا مۇسا سايرامىنىڭ قەبرىسىمۇ؟ ئۈچ يىل ...

ئۈستىدىكىسى  ئۇستازىمىز  موللا مۇسا سايرامىنىڭ قەبرىسىى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

4

دوست

2204

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10177
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 298
تۆھپە : 488
توردىكى ۋاقتى: 156
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 21:17:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موللا مۇسا سايرامنىڭ قەبرىسى باي ناھىيە توخسۇن يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇدۇلىدا،
نېمشىھىت نىڭ قەبرىسى باي بازىر بۇلۇڭ يېزسىدا، تاپماق ئاسان يولمۇ قولايلىق ھەم ياخشى.
موللا مۇسا سايرامنىڭ مەقبەرسىگىمۇ بىر ئىشلەپ قويغان بولسا بەلەن بولاتتى.

1

تېما

0

دوست

2543

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21702
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 760
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 23:21:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما يۇللاپسىز قېرىندىشىم.

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

3438

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1054
توردىكى ۋاقتى: 247
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 00:05:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىدىغانلار بۇ 2 ئالىمنىڭ تارىخىنى تەپسىلىرەك يىزىپ يوللىۋىتىڭلار.   

0

تېما

0

دوست

60

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   20%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23814
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 05:45:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرى

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، داڭلىق شائىر ۋە جامائەت ئەربابى ئەرمىيە ئېلى سايرامى 1906-يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىدا ئېلى ئاخۇن ( ئاقھۇن ) ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1922 – يىلدىن 1930 – يىلغىچە باي ۋە كۇچا ناھىيىلىرىدىكى مەدرىسىلەردە ئوقۇغان. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرى شەكلى بىلەن يازغان « بازار ۋە مازار » ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى قوليازما ھالىتىدە خەلق ئىچىدە تارقالغان. 1930 – يىلى شۇ زاماننىڭ داڭلىق ئىلىم مەركىزى – قەشقەر « خانلىق مەدرىس » كە كىرىپ ئوقۇغان. ئۇ بۇمەكتەپتە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، ئەرەپ، پارىس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن ھەم « مادارا ئەئىزەم » ( چوڭ ياراشتۇرۇش ) ناملىق شېئىرلار تپلىمى بىلەن مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان « ئەنۋارۇلھادا » (ھەقىقەت نۇرلىرى) ناملىق قەسىدىسىنى ئىلان قىلىپ، جامائەتچىلىككە تالانتلىق شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان.
1933 – يىلى قەشقەردە جىن شۇرېننىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندا ئارمىيە ئېلىمۇ بۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، بىر قېتىملىق جەڭدە ئېغىر يارىلانغان. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن يازغان شېئىرلىرىنى « نىمشېھىت » ( يېرىم جان ) دىگەن ئەدەبىي تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلدۇرغان.
نىمشېھىت ئۆزىنىڭ 43 يىللىق ئىجادىي ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى، باللادا، داستان، ئوپېرالارنى يازدى.
شائىر ئازادلىقتىن بۇرۇن يازغان « بىلىم ئىشقىدا »، « بۈيۈك جۇڭگۇ »، « قىزىم يېغلىماڭ »، « ئۇنۇتما »، « گېزىت » قاتارلىق شېئىرلىرىدا جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ۋە فاشىستىك مۇستەبىتچىلىككە قارشى كۆرەش قىلىش روھىنى ھەم ۋەتەننى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش، ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش ھېسياتىنى مەركەزلىك ھالدا ئىپادىلەپ خەلقنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن بولغان كۆرەشلىرىگە ئىلھام بەردى.
ئۇ يەنە ئەسىرلەردىن بويان ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئېغىزدىن – ئېغىزغا ئۆتۈپ، قەلبدىن – قەلبكە كۆچۈپ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان « مىڭ ئۆي ۋە پەرھات – شېرىن » داستانىنى يازدى. بۇ داستان 1945 – يىلى « شىنجاڭ گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغاندا خەلق ئىچىدە خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانىدى. شائىر داستاننى قايتا -قايتا ئىشلەپ ۋە تولۇقلاپ 1948 – يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن كىتاپ قىلىپ باستۇرغان.
« مىڭ ئۆي ۋە پەرھات- شېرىن » داستانى مەزمۇنىنىڭ يېڭى ۋە موللىغى، قۇرۇلمىسىنىڭ ئىخچام ۋە مۇكەممەللىگى، بەدىئىي سەۋىيەسىنىڭ يۈكسەكلىكى، شەكلى ۋە ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىگى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.
نىمشېھىت ئازادلىقتىن بۇرۇن ئاقسۇدا ئىشلەپ يۈرگەن مەزگىلدە « لەيلى – مەجنۇن » داستانىنىڭ خەلق ئىچىدىكى بىرنەچچە خىل ۋارىيانتلىرىنى توپلاپ، شۇ ئاساستا « لەيلى-مەجنۇن » ئوپىراسىنى يېزىپ چىققان ۋە بۇ ئوپىرا سەھنىلەردە ئوينىلىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانىدى. ئەپسۇسكى، بۇ ئوپىرانىڭ تولۇق نۇسخىسى « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە يوقىلىپ كەتكەن. ئوپىرانىڭ پەقەت ئۈچ پەردىسىلا ساقلىنىپ قالغان.
ئازادلىقتىن كېيىن شائىر نىمشېھىت شېئىرىيەتتە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ يارىتىپ، قايناق ھىسياتقا، باي پەلسەپىۋىي پىكىرگە، ئۆتتەك قىزغىنلىق ۋە ئۈمىدۋارلىققا تولغان شېئىرلىرى بىلەن كىتاپخانلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ « ئالدىدا »، « سېغىندىم »، « يۈرەك سۆزى »، « ئۇسسۇل »، « تارىم قىزى» قاتارلىق شېئىرلىرى خەلقىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن جەڭ دۇمبىقىنى چالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىدا ئازاد يېڭى دەۋرنى، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، ئەمگەكچى خەلقنى كۈيلىدى. 
ئازادلىقتىن كىيىن نىمشېھىتنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدىئىيلىك جەھەتلەردە يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى.
ئۇنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، « شېئىرىيەت »، « يەنخې » ، « شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى » قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. 1981– يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇچە « نىمشېھىت شېئىرلىرىدىن تاللانما » نى نەشىر قىلدى.
نىمشېھىت ئۇيغۇر خەلق ئېغىزئەدەبىياتىنى قىزغىن سۆيەتتى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىجادىيىتىگەمەنبە قىلاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادى ھاياتىدا كۆپلىگەن خەلق قوشاقلىرىنى،خەلق چۆچەكلىرىنى توپلاپ رەتلىگەنىدى.
تالانتلىق شائىر نىمشىھىت 1972 – يىلى ۋاپات بولدى.

پېقىرنىڭ ئىقرارى

(مۇسەددەس)

نىمشىھىت

پاتتى كۆكسۈمگە زەھەر تىرناقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئۇردى قانلىق قامچىسىن ئالچاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك،
قاقشىتىپ يۇتتى مېنى پاتقاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ئالدى گۈل ئورنى تىكەن – يانتاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قان شوراپ چاقتى – زۈلۈك چاققاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
ھەر قەدەمدە مىڭ تۇزاق – قىلتاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

قايسى بىر نەس كۈنىكىم مەن تۆرەلدىم زېمىنغا ؟!
قايسى بىر دۇنيا جەھەننەم ئوخشىغاي بۇ تۈرمىگە ؟!
قان يۇتۇپ ھەر دەم زەھەر – زەقۇم يېدىم مەن كۈنىگە ،
مىڭ ئۆلۈپ ، مىڭ يول تىرىلدىم چەرخى بىدات زۇلمىگە .
باستى بېشىمنى بۇ زۇلمەت تاغلىرىڭ ، ئەي شۇم پەلەك ،
بارمىكىن دۇنيادا ئادىل چاغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ؟!

ئۇچتى شەمئى كۆزلىرىمدىن ئۇچتى ئۈمىدنىڭ نۇرلىرى ،
كەتتى سەۋرى ئىلكىمىزدە ئۆتتى ھۆرلۈك كۈنلىرى ،
قايدا بارسام زۇلۇمى بىداد نالە – پەرياد ئۈنلىرى ،
كۆزىمىزنى باستى زۇلمەت قاپقاراڭغۇ تۈنلىرى .
قان بىلەن ئالۇدە قول – بارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بەلكى قول – پۇتتۇر ساڭا قورچاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

كىمگىدۇر روزى – ساپا ، كىملەرگىدۇر زۇلۇمى – سىتەم ،
كىمگىدۇر بايراملىرىڭ ، كىملەرگىدۇر چەكسىز ئەلەم ،
بىز نىچۈن تەڭلىك سۈيىدىن بەھرى ئالماي قەترە ھەم ،
سۈرسە شۇملەر ئەيشى -ئىشرەت بىز نىچۈن تەشنا شۇ دەم ؟!…..
يوق ئىكەن ئەدلىڭ بىلەن ئىنساپلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بوغۇزىمىزغا سۈردى تىغ قاسساپلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

بولدى زۇلمىڭدىن جۇدا گۈلزارىدىن بۇلبۇللىرى ،
بىگۇناھ چۈشتى قەپەسكە قىرىلىپ نۇرغۇنلىرى ،
ۋەتەنسىز بولدى قېچىپ يۇرتىدىن ئوغۇللىرى ، 
بولدى خار بويۇن قىسىپ يېتىم -يېتىمە تۇللىرى .
چىقمىدى دەردىڭ بىلەن ئارمانلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قايدىدۇر ئەخلاق يەنە ۋىجدانلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ؟

قانمىدۇر ، مارجانمىدۇر ، يا قەترە شەبنەم ياشىمىز ،
تاشمىدۇر ، يا تاغمىدۇر ، قايغۇدا ياتقان باشىمىز ،
يوقمىدۇر دۇنيادا بىزنىڭ ئىچ كۆيەر يولداشىمىز ، 
دائىما قايغۇ – ئەلەم ، ھەسرەتمىدۇر قۇرداشىمىز .
سورۇلۇپ باش ئۈستىگە تۇپراقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
بولدىغۇ زىندان كەبى ھەرياقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

ۋاھ …ئەجەب قۇش ئۇۋىسىغا شۇم يىلان « مېھمانىكەن »،
بىلمىدۇق ئاۋۋال دىلىدا بىر غەزەل پىنھانىكەن ،
ئالدىنىپ قىلتاققا چۈشتۇق ھېلىگەر دەۋرانىكەن ،
ياكى قىسمەتنى ئەزەلدە موللىسى يازغانمىكەن ؟!…
زەپمۇ پاتتى بوغۇزىمىزغا قارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ، 
بىگۇناھلار كۆكسىنى يارماقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

نە گۇناھلىق بەندە بىز زۇلمەتتە قالدۇق ناگىھان ،
جايىمىز پۇرقەتكە تولدى ، داغ بىلەن قىينالدى جان ،
يوق ئاداۋەت – گىنە بىرلە بىزگە بولدۇڭ بەدگۇمان ،
كۆرمىگەندۇر شۇڭغىچە ھېچكىم بۇ ئىشنى ھېچقاچان .
كۆزۈڭ كىچىك، تار سېنىڭ قورساقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،
قان – يىرىڭ ، زەرداپقا تولغان دوۋساقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك .

بولدى قويلار پاسىبانى ، بۆرىلەر ئاغزىدا خۇن ،
كىم ھەقىقەتنى دېسە بولدى ھەم ھالى زەبۇن .
ئايلىنىپ تەتۈر ھەمىشە چەرخىڭ سېنىڭ كاج -ۋاجىگۇن ،
باستى تۆھمەت – پىتنىلەر ئالەمنى مانەندى قۇيۇن .
بولدى ھاكىم ئۈستىمىزدە زاغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ، >>
ئۆچمىگەي مەھشەرگىچە بۇ داغلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك …

ھېچ بۇلۇت كۈننى توسالماس ، پەردە زۇلمەت چاك بولۇر ،
نېمشېھىت قايغۇرمىغىن كۆپ ، كەلگۈسىڭ پارلاق بولۇر ،
نىسپى ئاي بولسا قاراڭغۇ ، نىسپى روشەن ئاق بولۇر ،
تا ئەزەلدىن بېرى بۇ قانۇن ئىرۇر ، شۇنداق بولۇر …
ئاقىۋەت گۈم بولغۇسى راۋاقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك ،

ئۆرتىنىپ كۈل بولغۇسى تاياقلىرىڭ ئەي شۇم پەلەك …

بىلىم ئىشقىدا

نىم شېھىت

جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتقان بولۇر ئۇ گاھىدا بار يوق.

قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش،
ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ شۇئان تاشلايدۇ ھېچ ھار يوق.

كىرىپ كەينىڭگە نەپسىڭنىڭ بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر،ئۇ چاغ سەن كەبى خار يوق.

قۇلاق سالغىن مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادىغا،
يۇتۇپ زەرداپ،پىراقتىن داد دىمەكتىن باشقىچە زار يوق.

تەپەككۇر ئەيلىسەڭ ئوقۇپ ئىشقى ئەسەرلەرنى ھەردەم،
قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى ھەم ئالەم كەبى تار يوق.

يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزدەپ جاھالەتكە ئەسىر بولغان،
خالايىق ئالدىدا يۈرسەم ،مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق.

پاراغەت ئىزلىسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما،
سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق.

ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا،
قەيەرگە بارسا باش قاتماس بىلىمدەك ئاڭا غەمخار يوق.

بىلىمسىز ساق تىنىڭ مەجرۇھ ھەمىشە نالە پەريادتا،
جاھان ئىچرە بىلىمسىزنىڭ دىلىدەك ئەسكى بىمار يوق.

بىلىمگە ئاشنا بول ھەم ئوقۇش ئىشقىدا بۇلبۇل بول،
ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىدەك ياخشى گۈلزار يوق.

جاھاننىڭ قايسى يوچۇق_پۇچقىقىغا باش تىقىپ ياتساڭ،
بىلىم تارتىپ چىقار مەيدانغا ھېچ بىر كىمگە ئەغبار يوق.

بىلىم روھى ئوزۇق ئىنسان ھاياتىغا ئەگەر بىلسەڭ،
بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگۈچى ئۆلمەس ،بۇنىڭغا ئىنكار يوق.

چاپان ھۆرمەتلىرى چېھقاچان چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس،
كېتەر پۇل بىلەن يېقىلغان ھۆرمىتىڭ پۇل بىرلە ئەسرا  يوق.

چاپان بىلەن ئۆزۈڭنى پارقىراتساڭ بىر بوياقچى سەن،
بىلىم ئەسىرى بۈگۈن ،سىرلىق چاپانلارغا خېرىدار يوق.

بۇلاردىن بولغا كەلگەن ئامەت جىننىڭ چۈشى ئوخشاش،
خىيالى بۇ تىلەكتە سەن كەبى باخشىغا جىندار يوق.

تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرى

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، داڭلىق شائىر ۋە جامائەت ئەربابى ئارمىيە ئېلى سايرامى 1906-يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىدا ئېلى ئاخۇن ( ئاقھۇن ) ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1922 – يىلدىن 1930 – يىلغىچە باي ۋە كۇچا ناھىيىلىرىدىكى مەدرىسىلەردە ئوقۇغان. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرى شەكلى بىلەن يازغان « بازار ۋە مازار » ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى قوليازما ھالىتىدە خەلق ئىچىدە تارقالغان. 1930 – يىلى شۇ زاماننىڭ داڭلىق ئىلىم مەركىزى – قەشقەر « خانلىق مەدرىس » كە كىرىپ ئوقۇغان. ئۇ بۇمەكتەپتە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، ئەرەپ، پارىس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن ھەم « مادارا ئەئىزەم » ( چوڭ ياراشتۇرۇش ) ناملىق شېئىرلار تپلىمى بىلەن مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان « ئەنۋارۇلھادا » (ھەقىقەت نۇرلىرى) ناملىق قەسىدىسىنى ئىلان قىلىپ، جامائەتچىلىككە تالانتلىق شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان.

ئۈمۈد قىلما پەلەك ھەرگىز سېنىڭ بەختىڭگە چۆرگىلىمەس،
بۈگۈن باي،ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق قەرزدار يوق.

بىلىمدىن پەتتە كۆرگەن دۆلىتىڭ جاھاننىڭ جاپاسىدۇر،
جېنىڭغا جەبرى قىلماققا بىلىمسىزدەك ھەمكار يوق.

بىلىمدىن ھەممە ئىش روياپقا چىققان بىر ئەسىردۇر بۇ،
بىلىش لازىمكى بۇ كۈندە بىلىمسىزلەرگە خۇشتار يوق.

بىلىمدىن باتنىڭ نۇرلانمىسا كۆڭلۈڭ گويا قاراڭغۇ تۈن،
قۇياش نۇرىغا مۇنشىركە پەرەڭلەرگە مەدەتكار يوق.

زىمىننى توپ قىلىپ ئويناشنى سەن چاقچاق گۇمان قىلما،
ھەقىقەتتۇر بۈگۈن ھەر ئىش كەمىكتەك جادۇ-ھەييار يوق.

ئەجەبلەنمە بىلىم نۇرىدا نۇرلانسا كىشى كۆڭلى،
ئۇنىڭغا كۆكتە،سۇ،تاغ دېڭىزدا يۈرسە دىشۋار يوق.

بىلىملىك تاغنى باغ ئەيلەشتە ھېچقانداق جاپا كۆرمەس،
بىلىمسىز قان يۇتار نادان كىشىلەردەك جاپاكار يوق.

ئۆزۈڭنى نىم شېھىت ئۇشبۇ پىكىرگە تەلكىن قۇربان .......

0

تېما

0

دوست

2243

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 12:32:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان جايلىرى جەننەتتە بولغاي!

0

تېما

0

دوست

60

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   20%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23814
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-11 23:38:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موللا مۇسا سايرامى ۋە «تارىخى ئەمىنيە»

موللا مۇسا سايرامى ۋە ئۇنىڭ «تارىخى ئەمىنيە»سى موللا مۇسا سايرامى(موللا مۇسا بىنىنى موللا ئە يسا خوجا سايرامى)1836- يىلى 8-ئا ينىڭ 23-كۈ نى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى باي ناھىيسىگە تەۋە سايرام رايوننىڭ ئانىقىز كەنتى تو غايلا مەھەللىسىدە (ھازىرقى توخسۇن يېزىسى ئانىقىز كەنتى توغايلا مەھەللىسى) بىردىنى ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .
ئۇ يېقىنقى زاماندىكى يۇرتىمىز دىن چىققان ئۇلۇغ ئالىم ۋە دىنى ئۆلىما ، موللا مۇسا سايرامى 1847-يىلى 9-ئايدا ، دادسنىڭ تەشەببۇسى بىلەن كۇچادىكى ساقساق مەدىرسىدە ئۇقۇيدۇ . ئۇ يەردە ئۇيغۇر ئالىمى موللا ئوسمان ئاخۇننىڭ تەربىيسىدە ئەدەبىيات ، تارىخ ، كالىندارچىلىق ، ئاگرو بىئولوگىيە ،جوغراپىيە ، ئاسترونومىيە ، گىرامماتىكا ، ماتىماتىكا ، ۋە ئىسلامىيەت پەنلىرىنى ئۇقۇيدۇ . ئەرەب ، فارىس ، ئوردو تىللىرنى ئۆگىنىپ ، ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا زور ئۇتۇق قازىندۇ . 1854-يىلى موللا مۇسا سايرامى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،بايغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە سايرام مەدىرسىدە مۇدەرىسلىك قىلىدۇ .
موللا مۇسا سايرامى XIXئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ بىر قاتار ئىلمى ئىجادىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ ، بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىدۇ . ئۇ يازغان ئەسەرلەر ئىچىدە<<تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا>>(ئەۋلىيالار تەزكىرسى)، <<دەر بايان ئەسھەبۇلكەف>>(ئەسھەبۇلكەف ھەققىدە بايان)، <<تارىخى ئەمىنيە>>، <<تارىخى ھەمىدىيە>>، <<قەسسىدە ئىي سىدىق>> ، <<غەزەليات>>، <<سالامنامە>>قاتارلىق تارىخ ، ئەدەبىياتقا ئائىت ئەسەر لەر بار .
<<تارىخى ئەمىنيە>>1903-يىلى يېزىلغان،1904-يىلى روسىيىنىڭ تاتارىستان(داغىستان) ئاپتۇنۇم جۇمھۇريىتىنىڭ قازان شەھىردىكى<<مەدىرسەئىي ئۇلۇم>>مەتبەسىدە بېسىلغان. كېيىن بۇ نادىر ئەسەر قازان شەھىردە بېسىلغان نۇسخىسقا ئاساسەن 1988-يىلى11-ئايدا ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا نەشىرقىلىندى.
بۇ ئەسەر دە يەتتە شەھەر ھەقىقدە شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى تەپسىلى سۆزلەنگەن بولۇپ ، زىمىنىمىز دا بۇلۇپ ئۆتكەن چوڭ-كىچىك تارىخى ۋە قەلەر ، چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كىيىنكى ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۈكۈمرانلىق قىلغان چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ھەققىدىكى شىنجاڭ تارىخى،تۇغلۇق تۈمۈرخان ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاشقان ئەۋلاتلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى ھاكىميەت يۈرگۈزۈش تارىخى، بۇتەرەپلەرگەئۆتكەن نەمەنگانلىق خوجىلىلارنىڭ سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇش يولىدىكى سۈيقەستلىك ھەركەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ھاكىميەتنى قولغا كىرگۈزۋالغانلىقى توغىرسىدا، ھىدايتۇللا ئشان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ئوتتۇرسىدا يۈزبەرگەن يىغلىقلار، ئشان-سوپىلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى جاھالەتتە قالدۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان ئستېلاچىلىق ئۇرۇشلىرى، مانجۇ ئىستىبدا-تىغا قارشى قوزغالغان ، رەھمىتۇللا بەگ، ئەسمىتۇللا بەگ باشچىلىقىدىكى ئۈچتۇرپان <<جىىگدە يېغلىقى>>قاتارلىقلار توغىرسىدا مەلۇمات بېرىدۇ .
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئالىمى موللا مۇسا سايرامى بىزگە قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ ھىجىريە1335-يىلى ماھى جامادى ئاخىردا(1917-يىلى4-ئايدا) ، 81يېشىدامەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا سەپەر قىلىدۇ. شۇيىلى ماھى شەۋۋالدا(6-ئاي)،ئۇنىڭ تۇققانلىرى ۋە يۇرىتداشلىرى قەشقەرلىك مەشھۇر نەققاش ۋە تامچى يۈسۈپ ئۇستام دىگەن كىشنى تەكلىپ قىلىپ،ھازىرقى ئاناقىز ئۆستىڭى بويىدا موللا مۇساسايرامىنىڭ ئىگىز گۈمبىزنى تىكلەپ،ئۇنىڭ يېنىغايۈزكىشلىك بىر مەسچىت بىنا قىلىدۇ،بۇگۈمبەز بىلەن مەسچىت ئاتالمىش<<مەدەنىيەت زورئنقىلابى>> دەۋىردە تامامەن بۇزۇلۇپ تۈزلىندۇ ۋە بىرقىسىم نادان كىشلەر ئۇنىڭ ئورنىغا چوشقا قوتىنى سېلىپ چوشقا باقىدۇ!! <<مەدەنىيەت زورئنقىلابى>>دىن كېيىن بۇمەسچىت بىلەن گۈمبەز قايتاسېلنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدۇ .

مەنبەسى:بىلىم - كۈچ   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )