- تىزىملاتقان
- 2011-4-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2021
- نادىر
- 0
- يازما
- 92
ئۆسۈش
0.7%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يېقىندا مەلۇم بىر كەنتتە مۇنداق ئىش بولغان .شەھەر ئاتراپىدا كەنىت ئەزالىرىغا ئورتاق تەقسىم قىلىنغان بوز يەر بار بولۇپ ،بۇ يەرلەرنى بىر يەر سودىگىرى ئەزالارنىڭ رازىلىقى بىلەن پارچىلاپ ،ئىشلىتىش ھوقوقىنى باشقا ئون نەچچەيلەنگە 30يىللىق ئىجارىگە بەرگەن .ئەزالارمۇ ئېلىش سېتىش كېلىشىمىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن قول قويغان .يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقوقىنى ئىجارىگە بىرىش دېھقانلارنىڭ قانوندا بەلگۈلەنگەن ھوقىقى .لېكىن يېقىندا بۇ يەرلەر شەھەر قۇرۇلۇش پىلانىغا كېلىپ قېلىش خەۋپى بولغان .شۇنىڭ بىلەن نىمە سەۋەپتىنكىن ساقچىلار بۇ سودىنى قىلغان يەر سودىگەرلىرىنى سولاپ قويغان ۋە قان ئەۋرىشكىسى ،بىر مۇنچە جەدۋەللەرنى توشقۇزغۇزۇپ قويۇپ بەرگەن .
مەن دائىم قانونسىز ئۆي سالدىڭ ،قانونسىز بوز يەر ساتتىڭ دىگەندەك ناملار بىلەن پۇخرالارنى ساقچىنىڭ ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن .تۇتۇش بۇيرىقى چۈشۈرۈلمىگەن شارائىتتا ساقچىلارنىڭ قالايمىقان ئادەم تۇتىشى توغرىمۇ ؟شەھەر قۇرۇلىشىغا كېلىپ قالغان رايونلاردا ئۆي ۋە يەر ئېلىش ئىشلىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىنمايدىغان ئىشلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ .بوز يەرلەرگە ئۆي سېلىش ھەقىقەتەن قانون تەرىپىدىن توسىلىدۇ .لېكىن شىنجاڭنىڭ بەزى يەرلىدە بوز يەرلەرگە تۈمەن كۇۋادىرات مىتىر ئۆي سېلىپ كۆچۈرۈپ چىقىشقا ئۆتكۈزىلىدىغان ئىشلار كۆرىلىۋاتىدۇ .بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار يوقىرى تۆۋەن مۇناسىۋىتى قويۇق كىشىلەر ئەلۋەتتە .لېكىن شۇ يەرلەر ئەتراپىدىكى دېھقانلار ئۆي سالسا دەرھال ساقچىلار ئىزدەپ كېلىدىغان ئەھۋال ئۇچىراۋاتىدۇ .پەرىقلىق مۇئامىلە ،كۆچۈرۈپ چېقىش خىزمىتىدىكى يىتەرسىزلىكلەر ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىنى چۈشۈنمەسلىك ئامىللىرىنى پايدا قىلىپ ،تەرەقىياتىمىزغا تېخىمۇ چوڭ توساق بولىۋاتىدۇ .
شۇڭا مەن سورايدىغىنىم مەيلى قانونسىز ئۆي سالسۇن ياكى ئۆي ساتسۇن يەر ساتسۇن ،ھېچقانداق رەسمىيەتسىزلا ساقچىلارنىڭ ئەزالارنى سولاپ قويۇپ ،كۆچۈرۈپ چېقىش خىزمەتلىرىگە ‹ماسلاش› قىنى توغرىمۇ ؟
ئەسكەرتىش:بۇ تېمىغا ئادۋۇكاتلارنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىشىنى ۋە زىيانغا ئۇچىرىغۇچىلارغا مەسلىھەت بىرىشىنى سورايمىز .ھۆكۈمەتتىن ،پارتىيەدىن ئاغرىنىدىغان ،قانوندىن زارلىنىدىغان ئىنكاسلارنى يوللىمىساق .پەقەت تېمىغا نىسبەتەن قارىشىمىزنىلا ئوتتىرىغا قويۇپ تېمىدىن چەتنەپ كېتىدىغان ئىش قىلمىساق . |
|