- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35336
- نادىر
- 19
- يازما
- 1764
ئۆسۈش
63.34%
|
پالۋان ئەكرەم ئىسھاقنىڭ بوكسىيۇرلۇق ھاياتى
ئەكرەم ئىسھاق 1978-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ قۇمۇل شەھىرىدە بىر زىيالى سەنئەتكار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەكرەمنىڭ دادىسى ئىسھاق سوپى ئاكا قۇمۇل ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىگىدە مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى، كومپوزىتور بولۇپ، ئاپىسى ئايشەم سەمەت ھەدە قۇمۇل شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىدى.
ئەكرەم ئىسھاق 1985-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە قۇمۇل شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقىغان. 1992-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە قۇمۇل شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىغان.
بۇ جەرياندا بوكس تەنھەركىتىگە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان ئەكرەم قۇمۇل ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىبىدە بوكس مەشقى قىلىدۇ. 1993 -يىلى8-ئايدا غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ بوكس مۇسابىقىسىدە 51 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا ئۆزىدىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ماھىرلارنى يېڭىپ، ئۆز ھاياتىدىكى تۇنجى بوكس چىمپىيونلۇغىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
1993-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ يەر شارى مېھمانخانىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ‹‹ تەيخې لوڭقىسى بوكس مۇسابىقىسى››نىڭ 54 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا يەنە بىر قېتىم چىمپىيون بولغان.
شۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۇ تۇنجى قېتىم ئابدۈشكۈر مىجىت بىلەن تونۇشقان. شۇ ۋاقىتتىكى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى، شىنجاڭ بوكس ھەركىتىنىڭ پىشۋاسى مەرھۇم ئابلىكىم ئابدۇرىشىت ئەكرەم ئىسھاقنى شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىۋىگە ئېلىپ كېلىپ، ئەكرەمنىڭ شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا كېلىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان. شۇنىڭ بىلەن ئەكرەم ئىسھاق تېخىمۇ سېستىمىلىق، كەسپىي بوكس ھاياتىنى باشلىغان.
ئۇ 1995-يىلى 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق تەنھەركەت يىغىنىنىڭ 60 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولغان.
1996-يىلى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 60 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولۇپ، شىنجاڭ بوكسچىلىغىدىكى تۇنجى ياش-ئۆسمۈرلەر ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن.
1997-يىلى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنى ››بوكس مۇسابىقىسىنىڭ 1-تاللاش مۇسابىقىسىدا 1-بولغان. شۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئەكرەم ئىسھاقنىڭ ئوڭ قول مۈرىدىن چىقىپ كېتىپ، يارىلىنىش سەۋەبىدىن مۇسابىقىدىن چېكىنگەن.
شۇنىڭدىن تارتىپ، ئەكرەمنىڭ ئوڭ قولى مۈرىسىدىن چىقىپ كېتىش ئادەت خاراكتىرلىق بولۇپ قالغان، گەرچە بۇ ئەكرەمنىڭ كېيىنكى مۇسابىقە ھاياتىغا ناھايىتى زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەكرەم ئىسھاق ئۆزىنىڭ قەيسەرلىگى بىلەن داۋاملىق مۇسابىقە ئوينىغان ۋە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
1998-يىلى شاڭخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنى››نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدا 3-بولغان.
1998-يىلى 5-ئايدا روسىيەنىڭ ئېركۇتىسك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئازاتلىق لوڭقىسى بوكس مۇسابىقىسى›دە جوڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئويناپ 3- بولغان.
1998-يىلى 7-ئايدا شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى›› نىڭ 60 كىلوگىرام گۇرۇپپىسىدا بىرىنچى بولغان.
1998-يىلى 8-ئايدا سىچۇەننىڭ چوڭچىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن‹‹ 8-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى بوكس مۇسابىقىسى››دا 3- بولغان.
1998-يىلى 10-ئايدا شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن‹‹ مەملىكەتلىك بوكس چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسى››نىڭ 60 كىلوگىرام گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولغان.
1998-يىلى 12-ئايدا جوڭگو دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ، تايلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. گەرچە بۇ قېتىم نەتىجە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ مۇسابىقە ئەكرەم ئۈچۈن بىر ياخشى چېنىقىش پۇرسىتى بولغان.
2000-يىلى 11-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹مەملىكەتلىك بوكس چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسى››دە چىمپىيون بولغان.
2001-يىلى 5-ئايدا ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹شەرقىي ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنى›› غا قاتنىشىپ، 3-بولغان.
2001-يىلى جاڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹مەملىكەتلىك 9-نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىن››ىدا 3- بولغان.
2005-يىلى مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ 1-تاللاش مۇسابىقىسىدە 2-بولغان.
2005-يىلى مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 2-بولغان.
2002-يىلى 9-ئايدىن 2006-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىنىڭ تەنتەربىيە مائارىپى فاكۇلتىتىدا ئوقۇپ، تەنتەربىيە مائارىپى كەسپىي بويىچە باكلاۋۇر ئۇنۋانى ئالغان.
2005-يىلىدىن باشلاپ ئەكرەم ئىسھاق ئۆزىنىڭ كەسپىي تەنھەركەتچىلىك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ كەسپىي تېرنېرلىق خىزمىتىنى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەكرەم ئىسھاق ئۆزىنىڭ ماھىرلىق ھاياتىدا نۇرغۇن شان-شەرەپلەرنى قازىنىش بىلەن بىرگە كەسپىي تېرنېرلىق خىزمىتىنىمۇ ياخشى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇ تەربىيىلىگەن ماھىرلاردىن سېرىك تۆلۆۋتاي 2013-يىللىق دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، زۇلپىقار مەمەت ئېلى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارالىق ياش-ئۆسمۈرلەر تەكلىپ مۇسابىقىسىدە كۇبا ماھىرىنى يېڭىپ چىمپىيون بولغان.
بىز ئەكرەم ئىسھاقنىڭ بۇندىن كېيىنكى كەسپىي خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا ئۇتۇق، ئامەت تىلەيمىز.
(ئۇيغۇر تەنتەربىيىسى تورى مەخسۇس زىيارىتى)
|
|