ئاجىزلىقتىمۇ كۈچ بار
قەيسەر مىجىت
ئىلاۋە: بۈگۈن ئۆيدە ئولتۇرۇپ مۇشۇ ئىدىيە، چاقماقتەكلا كاللامغا كىلىپ قالدى، ئۆتكۈنچى يامغۇردەك قىسقا بولسىمۇ شاپپىدە تۆكۈلۈپ قوياي دىدىمغۇ، جامائەت!
****************************************************************************************************************
بىر كۈنى ئايالىم ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندە مۇنداق بىر ئىشنى ئىيتىپ كەلدى. ئۇ داۋالاۋاتقان 96 ياشقا كىرگەن بىر بوۋاي بار ئىكەن،سالامەتلىكى چوڭ جەھەتتىن يەنىلا ياخشى، ئەس- ھۇشى تىخىچە جايىدا ئىكەن. بۇنداق ئەھۋال مېدىتسىنادا كۆپ ئۇچرىمايدىغىنى ئۈچۈن ئايالىم قىزىقىپ بۇ بوۋايدىن قانداق قىلىپ خىلى ساغلام ھالەتتە بۇنچە ئۇزۇن ياشاپ كەلگىنىنى سوراپتۇ.
-دوختۇر دەپتۇ بوۋاي، بۇنىڭ سەۋەبىنى مەن پەقەتلا مىنىڭ ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەمدىن دەپ قارايمەن، يەنى مەن ئىشلىرىم ئىنتايىن ياخشى چاغلاردا ئىنتايىن كەمتەر، كىچىك پىئىل ياشىدىم، ئىشلىرىم ناچار بولغاندا ئۈمىتۋار بولۇپ ئىشچانلىق بىلەن ياشىدىم.
مەن بۇ بوۋاينىڭ سۆزىنى خىلى كۆپ ئويلۇدۇم. ئۇنىڭغا كۆپ ھىكمەتلەر يوشۇرۇنغان، ئەلۋەتتە.
ئالدى بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش كىرەك ئىكەنكى، ھاياتقا، ئىشلارغا تۇتقان پوزىتسىيەرىمىز- بىزنىڭ قانداق ھاياتنى بەرپا قىلىشىمىزغا زور تەسر كۆرسىتىدىكەن. ئەتراپىمىزىدىكى نۇرغۇن ئىشلار نىسبى بولىدۇ، نىسبىلىكمۇ سىلىشتۇرۇشتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئەگەر بىز جەمىيەتنى بىر شاھمات تاختىسىغا ئوخشاتساق، ئۆزىمىزنىڭ ئورنىنى پىچكىنىڭ ئورنىكەن دەپ مەيۈسلەنگەندە، ئىككى ئىشنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كىرەك، بىرىنچىسى، شاھمات تاختىسىدىكى ئورۇنلار دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، خۇددى دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلاردەك. بىر چاغدا "شاھ" ئورنىدا بولغانلار، "پىچكى" گە ئايلىنىپ قالىدۇ، ھەتتا يىيىلىپ كىتىدۇ. "پىچكا" بولغانلار "شاھ" بولىدۇ. مۇبادا سىز ھازىر "شاھ" ئورنىدا بولسىڭىز، كەمتەر بولۇڭ، ئالچاڭلاپ كەتمەڭ. ئىككىنچىسى، "پىچكا" بولۇپ قالغانلىغىڭىزنىڭ ئۆزىلا سىزنىڭ سەگەك تۇرۇپ ئىشچان بولۇشىڭىزنىڭ زۆزۈرلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق چاغدا "ئۈمىتۋار" بولۇڭ، كەم دىگەندە سىزنىڭ "شاھ" بولۇشتىن ئىبارەت كۆرىدىغان چۈشۈڭىز ۋە كۈرۈشىدىغان مەقسىىتىڭىز بار. جانابى ئاللاھ - ئىنساننى غايىسىزلىك، غۇرۇرسىزلىق، مەقسەتسىزلىك ۋە لايغەزەللىكتىن ساقلىسۇن. مەن ئۆسمۈر چاغلىرىمدا تاغلىق رايۇندا ياتاقلىق مەكتەپتە يىتىپ جاپادا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا شەھەردە ئۆيى بار تەڭتۈشلىرىم بىلەن ئۆزۈمنى سىلشتۇرۇپ، كۆڭلۈم مەيۇس بولاتتى. چۈنكى مەن دادامنىڭ مىھر بىلەن قۇچاقلاشلىرى، ئانامنىڭ باغرىغا بىسىشلىرى ۋە ئىنى -سىڭىللىرىمنىڭ تاتلىق بالىلىق قىلىقلىرىنى كۆرۈشتىن، ۋە ئىسسىق، مەزىلىك ئۆي تاماقلىرىنى يىيىشتىن مەھرۇم ئىدىم. ئاشۇلارنى ئويلاپ نەچچە كىچىلەر يوتقانغا بىشىمنى تىقىۋىلىپ ئۆيدىكىلەرنى سىغىنىپ يىغلاپ چىققىنىم ئىسىمدە. 12-13 ياش چاغلىرىمدا نىمىلا دىگەن بىلەن مەن تازا ئۆي مىھرىگە تەشنە ئۆسمۈر بالا-دە! مەن شۇنداق چاغلاردا ھەپتىيەكتىن ئۈگۈنىۋالغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىنى بىلگىنىمچە ئوقۇپ ئاللاھقا سىغىنىپ، مىنى ئائىلەم بىلەن جەم قىلىپ ئۇلار بىلەن شەھەردە بىللە ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشىنى تىلەپ ئۇزۇن دۇا قىلىپ ئەتراپىمغا "سۈف-سۈف" لەپ ئۇخلاپ قالاتتىم. لىكىن مەن نىمىشقىدۇر تىرىشسام، ياخشى ئوقۇساملا ئاللاھنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىمنى ئىجاۋەت قىلىدىغىنىغا چەكسىز ئىشنىەتتىم. دىمەك بىر قارىماققا مەن ئاجىز ئىدىم، شۇنداق بولغانلىقتىن كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلەتتىم. ئەگەر ھەممە نەرسەم تەييار بولغان بولسا بەلكىم مەندە ئۆز ئەھۋالىمنى ئۆزگەرتىدىغان ئىستەك بولمىغان بولار ئىدى. شۇڭا مەن دەيمەن، ئاجىزلىقتىمۇ كۈچ بار. مۇبادا سىز ئۆزىڭىزنى ئىزىلىۋاتقان ھىس قىلسىڭىز، ئۈمىدىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ مىھر-مۇھەببىتىنى پەرزەنتلىرىڭىزگە بىرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئىلىم-مەرىپەتكە دەۋەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارغا روھ ۋە غۇرۇر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق روھى ئەركىنلىككە چىقالايسىز، ئەزگۈچىلەرنى تىترىتەلەيسىز. بۇ ھەقتە مەن سىزگە مۇشۇ توردا ئىلان قىلىنغان "خىيالىمدىن كەتمايدىغان بىر ھىكايە" دىگەن قىسقا ئەسىرىمنى ئوقۇپ كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر سىز ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردە ئىشەنچ ۋە ساداقەت غايىپ بوپ كەتكەندەك ھىس قىلسىڭىز، مەيۈسلەنمەڭ، بۇ پەقەت سىزنىڭ ئىشەنچ ۋە ساداقەتكە تويۇنغان ھەقىقى مەنىدىكى ئادەملەر بىلەن تىخى تونۇشمىغانلىغىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىڭ، چۈنكى دۇنيادا گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك تەڭ مەۋجۈت بولغاندەك، يامانلارغا تىتىيدىغان ياخشىلارمۇ بار. ئەگەر سىز سۆيۈملۈك كىشىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىڭىز، سەبر قىلىڭ، چۈنكى پەرزەنتلىرىڭىز سىزنىڭ مىھرىڭىزگە، تەربىيىڭىزگە مۇھتاج، سىزنىڭ گۈزەل قەلبىڭىزنى كىلەچەكتە سىز تەربىيىلىگەن ياراملىق، پەخىرلىك پەرزەنتلىرىڭىز ئىللىتىدۇ. ئەگەر سىز نامرات بولسىڭىز، شۇنى بىلىڭكى بۇمۇ بىر نىسبى ئەھۋال، تىرىشسىڭىزلا ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ. باشقىلار سىزنى "ئارقىدا قالغان"دىسە ھەرگىز ئىشەنمەڭ، ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئىشچانلىغى ۋە ياكى پەرزەنتلىرىڭىزىنىڭ تىرىشچانلىغى بىلەن كىلەچەكنىڭ گۈزەل بولىدىغىنىغا ئىشىنىڭ. ئەگەر ئاز-تولا ھوقۇقى بار بىرسى ئالدىڭىزدا ئالچاڭلاپ كەتسە، پىسەنتىڭىزگە ئالماڭ. "ئۇچقاننىڭ چۈشىدىغان" چاغلىرى بولىدۇ، ھاكاۋۇرلۇق ۋە مەن-مەنچىلىك ئادەمنى تىز يوقۇتۇدۇ. ئەگەر بىرسى سىزنى "ھوقۇقسىز" دەپ قاراپ بوزەك قىلسا، ھەرگىز مەيۈسلەنمەڭ، بۇ سىزنىڭ ئۆز ھوقۇقىڭىز ئۈچۈن ئەقىل-ئىدرەك، ئىشەنچ-غۇرۇر بىلەن ۋە تىز پۈكمەس ئىنسانى ۋە مىللى روھ بىلەن كۈرەش قىلىشىڭىز لازىملىغىنى بىلدۈرىدۇ، دىمەك مەلۇم مەنادىن ئىيتقاندا سىزنىڭ "ئاجىزلىقلىرىڭىزغا" "كۈچلۈك بولۇشنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرى يوشۇرۇپ ياتقان بولىدۇ. ئاخىرقى گەپ: بۇ ئاخىرىدىكى «ھىكمەتلىك» سۆزلىرىم ئۈچۈن بىر يېشىك چىنە-قاچامنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۈ، پەقەت سۆزلىرىم تاققا-تۇققا بولسىمۇ ئەمما ياخشى كۆڭلۈمنى چۈشۈنۈپ يازغانلىرىمنى ئوقۇپ، مۇشۇ قۇردىكى چاقچاقلىرىمنى چۈشۈنۈپ كۈلۈپ قويسڭىزلا بولىدۇ، خالاس. |