قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1177|ئىنكاس: 13

ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەقدىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

4

دوست

5440

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 470
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 13:51:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەقدىرى
ماشىياڭبىن

      
     
         ناۋادا ئاخبارات ۋاستلىرى خەۋەر قىلمىغاندا ئىدى،چىېڭشڭگۇيمۇ باشقا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش جەمىيەت تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بۇلاتتى.چېنشىڭگۇي،بۇيىل 58ياشتا بۇلۇپ،يۈننەن يەنجىن ناھىيىسىدىكى بىر يېزىدا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىسى بولغان. 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى بىر يامغۇرلۇق كېچىگدە ئۇ كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ ئىسىدىن چىقماس بىر ھىكايىنى قالدۇرۇپ كەتتى.بۇندىن بۇرۇن ئۇ 8 يىللىق ئۇقۇتقۇچىلىق سىتاژىنى بىكىتىشتە خىزمەتچى خادىملار بىلەن ئازارلىشىپ قالىدۇ.تەكشۈرۈپ بىكىتكۈچى:سىنىڭ ماتىريالىڭ بولسا بىر ۋاراق كېرەكسىز قەغەز،دەيدۇ.ئۈزىنى ئىسپاتلاشقا ئامال قىلالمىغان چىېڭشڭگۇي ئۈزىنى ئۆلتۈرۋېلىش بەدلىگە ئۈزىنىڭ 25يىللىق ئۇقۇتقۇچىلىق سىتاژىنى بىكىتىشنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئېيىغا 850 يۈەنلىك تۇلۇقلىمىغا ئېرىشىدۇ.
      چىېڭشڭگۇينىڭ ئۈزىنى ئۆلتۈرۋېلىشى جەمىيەتنىڭ ھىسداشلىغىنى قوزغىدى.ئەمما چىېڭشڭگۇيغا ئوخشاش يۈننەندىكى 10مىڭدىن ئارتۇق ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلار يەنىلا ئوخشاش بىر مەسلىگە دۈچ كەلدى.چۈنكى ئۇلار قايتۇرۇلغاندا ،2011-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىگى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار بىرلىشىپ تارقاتقان«ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مەسلىسىنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكىرى» ۋە 2013-يىلى 3-ئايدا يۈننەن ئۆلكىسى ئوتتۇرغا چىقارغان شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يولغا قۇيۇش پىرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا،ئۇلار ھەر قانداق ۋاقىتتكى كىرىمدىن يۇقىرى تۇلۇقلىما ياردەمگە ئېرىشەلەيدىغان بۇلۇپ،لېكىن ئۇلار ئېرىشىشقا تىگىشلىك نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىر ئىسپاتنى ھازىرلىشى شەرت ئىدى:ئۈزىنىڭ ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلىق تارىخىنى ئىسپاتلاپ بېرىش.ۋاھالەنكى يېزا ئۇقۇتقۇچىلىرىدا ئۇمۇميۈزلۈك ماددى ئىسپات كەمچىل بۇلۇپ،ئىسپات بولغۇچى ياشىنىپ قالغان ۋە ياكى ئۈلۈپ كەتكەن بۇلۇپ چىقاتتى.
     كىشىلەر چۈشەنمەيدىغان يىرى شۇكى،ھۈكۈمەت ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرىدىغان ئىشلارنى نىمىشقا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارغا ئورۇنداشقا بۇيرۇيدۇ؟ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر سىياسەت قانداق قىلىپ بۇ توپقا يېڭى بىر جاراھەت قالدۇرىدۇ؟ بۇلار قارىماققا ئاددى ئەمما جاۋاپ بېرىش قىيىن بولغان سوئاللار.ئۇنى ئاددى دىسەك ھەممە كىشىگە چۈشىنىشلىك بولغاندەك،بىر سىياسەت بىر قىسىم يەرلىك ھۈكۈمەت خادىملىرىنىڭ ھاكاۋۇرلىغى ۋە ھۇرۇنلىغى تۈپەيلى، ئەمىلىلىش جەريانىدا ھەقىقى تۈردە ئەمىلىلەشمەي قالىدىغان يەرلىرىمۇ بۇلىدۇ؛ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمەك قىيىن دىسەك، چۈنكى ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلار ئىسپاتلاشقا تىگىشلىك بولغىنى پەقەت ئۇلارنىڭ ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكەن سىتاژىلا بۇلۇپ قالماستىن، تېخىمۇ كۆپ بولغىنى ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ئېلىپ كەلگەن ھەم قۇتۇلغىلى بولمايدىغان سىياسەت بەلگىلىگەن تەغدىردۇر.
    1985 -يىلدىن باشلاپ،نەچچە يۈزمىڭلىگەن ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلار مائارىپ سىېپىگە قۇشۇلدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن «ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرى» دىگەن دىگەن ئۇلۇغ ئوبرازى بىلەن  بالىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىپ ئۇقۇتقۇچىلار سېپىدا مەۋجۇت بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن «قانۇنغا خىلاپ، بەلگۈلىمىگە خىلاپ،ئىسمى يوق،ئۈلۈشى يوق»دىگەن شەكىلدە مەكتەپتە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇپ،ئازغىنە مائاش بىلەن ھاردىم-تالدىم دىمەي ئۈن-تىنسىز تۆھپە قۇشۇپ كەلدى.ھۈكۈمەت ئۇلارغا قەرزدار،مەيلى ئۇلارنىڭ نامرات تۇرمۇشىغا بولسۇن،ياكى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمايدىغان ياشلىق باھارىغا بولسۇن.
     ناۋادا بىز بۇنى تارىخى شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان دىسەك،دىمىسىمۇ ئەينى چاغدا دۆلەتنىڭ مائالىيە كۈچى ئاجىز، ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش شەكلىدە ئاساسى مائارىپنىڭ كۆلىمى نىسبەتەن كېڭەيتىلگەن ئىدى. ئەمما بۇ 10يىل ئىچىدە GDP يىلىغا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن%10.7تىزلىكتە ئېشىپ بېرىپ،مالىيە كۈچى تەدرىجى كۈچەيدى،ھازىر ھۈكۈمەت ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارنى چىكىندۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەسلىنى بىر تەرەپ قىلسا مۇۋاپىق بولمايدىغان يىرى يوق.ئەمما سىياسەت ئىجرا قىلىنىش جەريانىدا ھۈكۈمەت بۇ ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارغا يەنە بىر قېتىم يېڭىدىن قەرزدار بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق؟
     ئەمىلىيەتتە ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارغا يېڭىدىن قەرزدار بۇلۇپ قالغىنى پەقەت يۈننەن بۇ رايۇنلا ئەمەس.  2010-يىلى گەنسۇنىڭ ۋېييۈەن ناھىيىسى ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارنى چىكىندۇرگەندە خىزمەت سىتاژى 15 يىلدىن يۇقۇرى بولغان ئۇقۇتقۇچىلارغا 800يۈەن، 10 -15يىلغىچە بولغان ئۇقۇتقۇچىلارغا 600يۈەن،10-5يىلغىچە بولغان ئۇقۇتقۇچىلارغا 500يۈەن،5يىلدىن تۈۋەن بولغان ئۇقۇتقۇچىلارغا 300يۈەندىن تۇلۇقلىما بەرگەن. لېكىن ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلار بۇنىڭ ئۈچۈن 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلغان ئىدى.
     ناۋادا ۋاقىتنى 30يىل كەينىگە قايتۇرغىلى بولسا ئىدى،ئۇلار يېزىلاردىكى «ئىلغار توپ»بۇلۇپ،ھەممە ئىتتىراپ قىلىدىغان زىيالىلاردىن ھىساپلىناتتى.ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشى ىىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئادەملەر ئەزەلدىن چەتكە قېقىلمىغان تەغدىرىدىن چىرايلىقچە خوشلاشتى.يالغۇزلۇق ،نامراتلىق ھازىرقى نۇرغۇنلىغان ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدىكى تۇرمۇشىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بۇلۇپ قالدى.بۇ ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلارغا قارىتىلغان سىياسەتنى ئەمىلىلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارغا كۆپرەك ئىللىقلىق ۋە ھۆرمىتىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

مەنبە:فېليەتۇنلار ئايلىق ژورنىلى2013-يىللىق ئالدىنقى ئايلىق 11-سان
يۈسۇپجان مەخمۇت تەرجىمىسى.

0

تېما

0

دوست

1109

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15891
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 21:36:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ  بۇنداق  ئازغىنە  مائاشقا  ئىشلىسە  ئارمانغا   چۇشلۇق   دەرمان  يوق  بۇلۇپ  قالىدۇ .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

3

دوست

4444

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9254
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 695
تۆھپە : 901
توردىكى ۋاقتى: 393
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 21:41:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن كەچ ھەممىسى يېڭى يىل قىلىۋېتىپتىدە. بىرمۇ ئىنكاس يوققۇ.

5

تېما

4

دوست

3178

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   39.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16924
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 984
توردىكى ۋاقتى: 168
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 00:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان چېنشىڭگۇي دىگەن كىشىنىڭ ئورنىدا بىزدىن بىرەر ئادەم مۇشۇنداق قىلغان بولسا ھەرخىل قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ بولاتتى....

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 01:09:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uqkun0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-1 00:08
ئاۋۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان چېنشىڭگۇي دىگەن كىشىنىڭ ئور ...
ئاۋۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان چېنشىڭگۇي دىگەن كىشىنىڭ ئورنىدا بىزدىن بىرەر ئادەم مۇشۇنداق قىلغان بولسا ھەرخىل قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ بولاتتى....

ئەڭ ئالدى بىلەن ھىچبىر خەۋەر قىلىنماي،پىتنە ئىغۋا تارقاتماسلىق،پىتنە ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك دەپ يىغىن ئىچىپ ژىدە بۇسىنى چىقارماي ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئۆتۈپ كىتەرمىكى دەيمەن بۇ تەرەپتە

9

تېما

4

دوست

4558

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9938
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 726
تۆھپە : 898
توردىكى ۋاقتى: 252
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 11:39:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2006-يىلى بىزنىڭ يېزىدا ئىككى ئاساسەن خىزمىتى ئۈچۈن كېسەللىك تەكشۈرتۈشكە رۇخسەت بېرىلمەي ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ ، يۈرەك كېسىلىنىڭ جىددى قوزغىلىشى بىلەن تۈگىمەس خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرغان بىر ئوقۇتقۇچىمىزمۇ پەقەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېغىزىدىلا شەرەپكە ئېرىشكەن ئىدى.
ئىككى ئاساسەندىن كېيىن بۇلتۇر چىققان «ئۆلچەملەشتۈرۈش» قۇرقۇشىمۇ قانچە ئادەمنىڭ بېشىغا چىقىپ ئاخىرلىشار.

1

تېما

1

دوست

1041

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23124
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 21:14:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    1985 -يىلدىن باشلاپ،نەچچە يۈزمىڭلىگەن ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئۇقۇتقۇچىلار مائارىپ سىېپىگە قۇشۇلدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن «ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرى» دىگەن دىگەن ئۇلۇغ ئوبرازى بىلەن  بالىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىپ ئۇقۇتقۇچىلار سېپىدا مەۋجۇت بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن «قانۇنغا خىلاپ، بەلگۈلىمىگە خىلاپ،ئىسمى يوق،ئۈلۈشى يوق»دىگەن شەكىلدە مەكتەپتە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇپ،ئازغىنە مائاش بىلەن ھاردىم-تالدىم دىمەي ئۈن-تىنسىز تۆھپە قۇشۇپ كەلدى.ھۈكۈمەت ئۇلارغا قەرزدار،مەيلى ئۇلارنىڭ نامرات تۇرمۇشىغا بولسۇن،ياكى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمايدىغان ياشلىق باھارىغا بولسۇن.

1

تېما

1

دوست

1041

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23124
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 21:22:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )