ئۇزۇندىن بېرى ۋاقىت ئۇقۇمىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ئەج ئېلىپ كەتتى .ھازىر ھەممە ئادەمگە ‹‹شىنجاڭ ۋاقتى›› دىگەن ئۇقۇم ئوموملىشىپ كەتكەندەك بىر ھالەت داۋاملاشماقتا. ئۇنى قانداق ئىشلىتىش قانداقتۇر چوڭ بىرەر مىللەت ،دۆلەت مەسىلىسىگە بىۋاستە چېتىشلىق مەسىلە بولمىغىنى بىلەن ،ئۆز مەۋجۇتلىقىمىزغا،مەدەنىيىتىمىزگە ،مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكىمىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدۇر .بۇ ئاممىباب ماقالە مۇشۇ كىچىك بىر نۇقتا ئۈچۈن بېغىشلانغان .ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىنىڭ يېڭى تەپەككۇرلار ئىچىدە باشلىنىشنى تىلەيمەن !
بېيجىڭ ۋاقتى ،شىنجاڭ ۋاقتى ۋە ئۈرۈمچى ۋاقتى
بىز دائىم ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ئېغىزىدىن‹‹ئۈرۈمچى ۋاقتى››،‹‹شىنجاڭ ۋاقتى››،‹‹بېيجىڭ ۋاقتى ››دىگەنلەرنى ئاڭلاپتۇرىمىز،ھەتتا بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئادەم ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل ئاتالغۇلۇق ۋاقىتنى ئىشلىتىپ يۈرىۋاتقانلىقى ھەم كۆزگە چېلىقىدۇ. مۇشۇ ئاتالغۇلار سەۋەپلىك مۇنازىرىلەر بولۇپ خاپا بولۇشۇپ قالغان دوست-بۇرادەرلەرمۇ يوق ئەمەس. ئەلۋەتتە ،بۇ قارىماققا كىچىككىنە ئىشلاردەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە ئىنتايىن تىزلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈنلۈكتە دەۋردە بۇنداق ئەڭ ئادەتتىكى ئاتالغۇلارنىڭ ھەرخىلتۈستە داۋاملىق تالاش-تارتىش قىلىنىپ تۇرۇشى بۇ توغرىسىدا ئاممىبابلاشتۇرۇلغان بىر تونۇشتۇرۇشنىڭ بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ئاتالغۇ-ئۇقۇملار ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ بارلىققاكىلىشتارىخى ۋە بىر قىسىم جۇغراپىيىلىك ساۋاتلارنى چۈشىنىشكە توغرا كىلىدۇ. ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەت ئويغىنىشىدىن كىيىن ياۋروپالىقلارنىڭ ئىدىيىسى يېڭىلىنىپ،نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئۆزى ۋە ئۆزگىلەر ھەققىدىكى بىلىشلىرى چوڭقۇرلاشتى ،شۇنىڭ بىلەن تەبىئىيلا ماركوپولو، كولومبۇ قاتارلىق تەۋەككۈلچىلەرنىڭ دېڭىز سەپىرى،شۇنداقلا يېڭى قۇرۇقلۇق ۋە زېمىنلارنىڭ تېپىلىشى دۇنيانى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭايتىۋەتكەندەك بولدى،ئارقىدىنلا سانائەت ئىنقىلاۋى دۇنيانىڭ ئىجتىمائىي رېتىمىنى تېخىمۇ تىزلەشتۈرۈپ، دۇنيانى يىل، ئاي دەۋرىدىن سائەت،مىنۇت دەۋرىگە سۆرەپ كىرىشكە باشلىدى، بولۇپمۇ 17-ئەسىردىن باشلانغان دېڭىزچىلىق ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، دېڭىزدا ھەركەت قىلغان دۆلەتلەر پاراخوتنىڭ دېڭىزدىكى ئورنىنى ئېنىق بەلگىلەش ئۈچۈن بەس-بەستە رەسەتخانىلارنىياسىدى. 1675-يىلى ئەنگىليە پادىشاھى چارلىز لوندوننىڭ سىرتىدىكى گىرنېۋىچ باغچىسىغا خان جەمەتى رەسەتخانىسى -گىرنېۋىچ رەسەتخانىسنى ياساشنى قارار قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ رەسەتخانىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنى توغرا ئۆلچەش ئىدى. 30يىلدىنكېيىن، ئۇلار ‹‹ئەنگىليەنىڭئاسترونومىيەگېزىتى›› ناملىق بىر يۇلتۇز جەدۋىلىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئاسمان ھادىسلىرنىڭ ماتېرىيالى تەپسىلىي خاتىرلەنگەنىدى. 1767-يىلى يەنە ‹‹ئەنگىليەنىڭ دېڭىزچىلىق ئىشلىرى كالىندارى›› نى نەشىر قىلىندى ،رەسەتخانىلار ئاستىرونومىيە ۋە دېڭىزچىلىق ئىشلىرىنى ناھايىتى قىممەتلىك بولغان ئىلمىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى. بەلباغلىق ۋاقىت رايونى بارلىققا كىلىشتىن ئىلگىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋاقىت قالايمىقان ئىدى . 1880-يىلىغا كەلگەندە ئەنگىليە پارلامېنتى ئاندىن گىرنېۋىچ ۋاقتىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك ۋاقىت قىلىشنى قارارقىلدى.
(دۇنيا ۋاقىت رايونلىرى خەرىتىسى)
خەلقئارالىق ۋاقىتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1884-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇزۇنلۇق يىغىنى چاقىرىلدى. تالاش-تارتىشلاردىن كىيىن پۈتۈن يەرشارىنى ئۇزۇنلۇق بويىچە 24 ۋاقىت رايونىغا ئايرىش،ھەر بىر ۋاقىت رايونى 15 گرادۇس،ۋاقىت پەرقى بىر سائەت بولۇش،ئەنگىلىيىنىڭ لوندۇن شەھىرىدىكى گىرنېۋىچ رەسەتخانىسىدىن ئۆتىدىغان مىردىئاننى نۆل گرادۇسلۇق مىردىئان دەپ ئاتاش ،ھەمدە ئۇنى خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ۋاقىت قىلىپ ‹‹دۇنيا ۋاقتى ›› دەپ ئاتاش، بۇ ۋاقىتنى ھەرقايسى يەرلىك ۋاقىت رايونلىرىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىش قارار قىلىندى. بۇنداقتا ئەنگىلىيىنىڭ لوندۇن شەھىرىدىكى گىرنېۋىچ رەسەتخانىسىدىن ئۆتىدىغان نۆل گرادۇسلۇق مىردىئان سىزىقى تۇرۇشلۇق ۋاقىت رايونى نۆل ۋاقىت رايونى بولۇپ ، ئۇنىڭ دائىرىسى غەربىي ئوزۇنلۇق7.5 گرادۇستىن شەرقىي ئوزۇنلۇق 7.5 گرادۇسقىچە بولىدۇ. نۆل ۋاقىت رايونىدىن شەرققە قاراپ ھەر 15 گرادۇس بىر سائەت يەنى بىر ۋاقىت رايونى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ خەرىتىدىكى جايلىشىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ۋاقىت رايونى پەرقلىق بولىدۇ، مەسىلەن ، فرانسىيىنىڭ پارىژ، ئىسپانىيىنىڭ مادرىد، گېرمانىيىنىڭ بىرلىن، ئىتالىيىنىڭ رىم شەھەرلىرى شەرقىي 1-ۋاقىت رايونىغا تەۋە ،بۇ شەھەرلەرنىڭ ۋاقتى نۆل گرادۇسلۇق مىردىئان تەۋە بولغان نۆلىنچى ۋاقىت رايونىدىكى لوندۇن ۋاقتىدىن بىر سائەت بۇرۇن بولىدۇ،(چۈنكى قۇياش شەرقتىن چىققانلىقى ئۈچۈن ،ۋاقىت شەرقىي 1-ۋاقىت رايونىدىن باشلاپ غەرپكە قاراپ ھېساپلىنىدۇ.) چۈنكى بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش مىردىئان ئۈستىدە. ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە، شەرققە سۈرۈلگەندە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كاپېتوۋىن ،گېرىتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنا ، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەرقىي 2-ۋاقىت رايونىغا، موسكۋا، ئەنقەرەلەر شەرقىي3 -ۋاقىت رايونىغا، تېھران شەرقىي-4ۋاقىترايونىغا، ئىسلامئاباد، كاراچى، تاشكەنتلەر شەرقىي 5-ۋاقىت رايونىغا، ئۈرۈمچى شەرقىي 6 - ۋاقىت رايونىغا، تايلاندنىڭ بانكوك ۋە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى خېلى كۆپ شەھەرلەر شەرقىي 7-ۋاقىت رايونىغا، بېيجىڭ شەرقىي 8 -ۋاقىت رايونىغا، توكيو شەرقىي9 - ۋاقىت رايونىغا جايلاشقان. جۇڭگۇنىڭ تىررېتورىيىسى كەڭ بولۇپ شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان نەچچە مىڭ كېلومىتىرلىق ئارلىقتا بەش ۋاقىت رايونىنى بېسىپ ئۆتىدۇ، ئەڭ شەرقى بىلەن ئەڭ غەربىنىڭ ۋاقىت پەرقى ھەتتا بەش سائەتكەيېقىنلىشىدۇ ، جۇڭگۇدا تاكى 1912-يىلىغا قەدەر بىرلىككە كەلگەن ۋاقىت يوق بولۇپ ،1918- يىلى مەركىزى رەسەتخانا تۇنجى بولۇپ يۇقارقى ئەھۋاللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ پۈتۈن دۆلەتنى چاڭبەيۋاقىترايونى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋاقىترايونى، گەنسۇ-سىچۈەنۋاقىترايونى، شىنجاڭ -شىزاڭۋاقىترايونى، كوئىنلۇن ۋاقىت رايونى دەپ بەش ۋاقىت رايونىغا بۆلۈپ ،شۇ ۋاقىت رايونىنىڭ ۋاقتىنى،خەلقئارالىق قائىدە بۇيىچە شۇ ۋاقىت رايونىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ سېلىشتۇرما ۋاقىت جەدۋىلىنى نەشىر قىلىپ تارقاتقان، بۇ تاكى يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغىچە ئىشلىتىلگەن.
(1918-يىلىدىكى جۇڭگۇنىڭ ۋاقىت رايونلىرى)
1950- يىلى پۈتۈن جۇڭگۇدا ۋاقىت مەسىلىسى ناھايىتى قالايمىقان بولغانلىقى ئۈچۈن، 1952- يىلى جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ زىجىنشەن رەسەتخانىسى ‹‹دۇنيا يىلنامىسى ›› ژورنىلىنى نەشرقىلىپ يىل ئاخىرىغىچە چىقاردى، بۇ جەرياندا ئاستا-ئاستا ‹‹بېيجىڭ ۋاقتى›› ئوتتۇرىغا چىقتى. 1950-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىكى قىسقىغىنە نەچچە ئايدا شىنجاڭ ،شىزاڭدىن باشقا ھەممە يەردە‹‹بېيجىڭ ۋاقتى›› بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك ۋاقىتنى ئىشلەتتى، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ‹‹بېيجىڭ ۋاقتى››بولسا ھازىر بىز چۈشەنگەن بېيجىڭ ۋاقتى ئەمەس ،ئۆلچەملىك ۋاقىتمۇ ئەمەس، ھەتتا بېيجىڭنىڭ يەرلىك ۋاقتىمۇ ئەمەس، بەلكى بېيجىڭدا قۇياشنىڭ كۆرۈنۈش ۋاقتىدۇر. بۇ ئاتالغۇ گەرچە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولسىمۇ لېكىن مۇھىم ۋاقىت ھىساپلاش ئوقۇمى بولۇش سۈپىتىد ەئىلىم ساھەسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىزچىل ئېرىشەلمەي كەلدى. خەلق ئىشلىتىۋاتقان ئۆلچەملىك بېيجىڭ ۋاقتىمۇ دۆلەت تەرىپىدىن رەسمىي تۈردە بىكىتىلىپ چىققانمۇ ئەمەس، جۇڭگۇ ‹‹ئاسترونومىيە كالىندارى›› ژورنىلىمۇ ھازىرغىچە‹‹بېيجىڭ ۋاقتى›› دىگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىپ باقمىدى. پەقەت 1954- يىلى تۇنجى قېتىم ‹‹بېيجىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى›› دىگەن ئاتالغۇنىلا تىلغا ئالدى ھەمدە ‹‹دۆلىتىمىز ئىلگىرى چاڭبەي ۋاقىت رايونى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋاقىت رايونى،گەنسۇ-سىچۈەن ۋاقىت رايونى، شىنجاڭ -شىزاڭ ۋاقىت رايونى،كوئىنلۇن ۋاقىت رايونى دەپبەش ۋاقىت رايونىغا ئايرىلغان ئىدى،ئازادلىقتىن كىيىن شىنجاڭ ،شىزاڭدىن باشقا جايلاردا شەرقىي ئوزۇنلۇق 120گرادۇس، ياكى شەرقىي8-ئۆلچەملىك ۋاقىترايونىنىڭ ۋاقتى ۋاقتىنچە ئىشلىتىلىدى›› دەپ قۇشۇمچە قىلدى. بۇسۆزنىڭ ئوتتۇرىغاچىقىشى ‹‹بېيجىڭ ۋاقتى ›› ئۇقۇمىنىڭ ئاللىقاچان بېيجىڭنىڭ يەرلىك قۇياش كۆرۈنۈش ۋاقتىنى بىلدۈرىدىغان مەنىدىن ھالقىپ ‹‹بېيجىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى››نى ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بېيجىڭ ۋاقتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى دەسلەپتە رادىئو،گېزىت قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ ئېھتىياجىدىن بولغان بولۇپ، كەڭ خەلقنىڭ چۈشىنىشىىدە پەقەت بىر خىل ئاتالغۇلا ئىدى . مەنىسىمۇ تۇتۇق بولۇپ، كىيىنچە سىستېمىلىق ھالدا،سىمسىز رادىئو تېلىۋېزىيە قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن كىشىلەر پەيدىپەي بېيجىڭ ۋاقتى دىگەن بۇ ئوقۇمنى ئوچۇق قوبۇل قىلدى. شياڭگاڭ،ئاۋمېنلار 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپئەنگىلىيە، پورتۇگالىيىلەرنىڭ مۇستەملىكىسىدە تۇرغاچقا ئۆز ئالدىغا ۋاقىت قوللانغان، ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىنمۇ ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككىخىلتۈزۈم››نىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ۋاقىت رايونىنىڭ ۋاقتىنى داۋاملىق قوللىنىپ كەلمەكتە. ‹‹شىنجاڭ ۋاقتى›› ئاتالغۇسىغا كەلسەك، ئىلمىي نۇقتىدىن قارىغاندا ‹‹شىنجاڭ ۋاقتى›› دىگەن ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ھەتتا شەرقىي ئۆلچەملىك6 -ۋاقىت رايونىنىڭ شىنجاڭ قىسمىنىمۇ كۆرسىتەلمەيدۇ، چۈنكى ‹‹شىنجاڭ››سۆزى م ەلۇم بىر ۋاقىت رايونىنىڭ ئىچىدىكى بىر كونكرېت ئورۇن ئەمەس. شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونۇم رايونىنىڭ پۈتكۈل زېمىنى ئۈچ ۋاقىت رايونىغا سوزۇلغان بولۇپ‹‹شىنجاڭ›› ئاتالمىشبۇئۈچ ۋاقىت رايونىنىڭ ھېچقايسىسىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ، يەنە كېلىپ شىنجاڭنىڭ ناھايىتى كەڭ زىمىنىدا كۈننىڭ چىقىش ۋە پېتىش ۋاقىتلىرىدىمۇ پەرق بار، قومۇلنىڭ ئارايۇلتۇزدا قۇياش كۆتۈرلىۋاتقاندا قەشقەرنىڭ پامىر تاغلىرى تېخىچە تۈن كېچىنىڭ جىمجىتلىقىدا تۇرغان بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ غەربى بىلەن ئەڭ شەرقىنىڭ ۋاقىت پەرقى نەزەرىيىۋى جەھەتتىن ئۈچ سائەت،ئەمەلىيەتتە ئىككى سائەتكەيېقىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ بۇ ئىككىلا جاينىڭ ۋاقتى شىنجاڭدىكى ۋاقىت رايونلىرىنىڭ ئىچىدە بولۇپ ، قارىماققا شىنجاڭ ۋاقتى بولسا بولىدۇ ، ۋاقىت رايونلىرىنى ئايرىش ،ۋاقىت رايون ئۆلچىمى تۇرغۇزۇش جەھەتلەردىن پۈتۈنلەي خاتا .
ۋاقىت رايونى مەلۇم بىر مېردىئان ئۈستىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان نۇقتىلار ئاساسىدا بەلگىلىنىدۇ. مەلۇم ۋاقىت رايونى دېگەندە خەرىتىدىن ئۇنىڭغاۋەكىللىك قىلدىغان بىر نۇقتىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ، يەنى شۇ ۋاقىت رايونىغا توغرا كېلىدىغان بىر مېردىئان ئۈستىدىكى نۇقتىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ۋاقىت رايونى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەمما مەلۇم بىر ئۇنىڭدىن سىرت خەلقئارا ۋاقىت ئاتالغۇلىرىنى بىكىتىشنىڭ ئۆزىگە خاس ئىلمىيلىكى بولۇپ ۋاقىت رايونىنى ئاتىغاندا شۇ ئۆلچەملىك ۋاقىت رايونىدىكى چوڭ شەھەر، سىياسىي ئىقتىساد، مەدەنىي مەركەز بولغان، كۆپىنچە ھەممىگە تونۇشلۇق شەھەرلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىدۇ. خەلقئارا ۋاقىت ئاتالغۇ قائىدىسىدە بىرەر كەڭ رايون ئىسمى بىلەن ۋاقىت ئاتالمايدۇ ،مەسىلەن : جۇڭگۇ ۋاقتى دىيىلمەستىن، جۇڭگۇنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك ۋاقتىنى شەرقىي 8ۋاقىت رايونىغا جايلاشقان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نامى بىلەن قوشۇلۇپ ‹‹بېيجىڭ ۋاقتى››دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ جۇڭگۇدىكى بارلىق جايلارنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى سۈپىتىدە تونۇلىدۇ. روسىيە ۋاقتى دىيىلمەي، ‹‹موسكۋا ۋاقتى ››، ئەنگىلىيە ۋاقتى دىيىلمەي ‹‹لوندۇن ۋاقتى›› ،ياپونىيە ۋاقتى دىيىلمەي ‹‹توكيو ۋاقتى›› دىيىلىدۇ،(تېرىتورىيىسى چوڭراق دۆلەتلەردە بىر نەچچە ۋاقىت رايونى ئىشلىتىلىدۇ.) شۇ دۆلەت ياكى رايوننىڭ ھەرخىل ئىشلىرىدىكى قولايلىقلىق كۆزدە تۇتۇلۇپ كۆپىنچە بىر خىل ۋاقىت ئىشلىتىلگەندىن تاشقىرى (ئۇ ۋاقىت كۆپىنچە شۇ دۆلەت ياكى رايوننىڭ پايتەختى ياكى مەركىزى شەھىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ.)يەنە كەڭرەك جۇغراپىيلىك كەڭلىككە جايلاشقان دۆلەت، رايونلاردا ۋاقىت رايونى ۋە مەمۇرىيبىرلىكبويىچە باشقا ۋاقىتمۇ ئاتىلىدۇ،مەسىلەن ؛ئامېرىكىدا تۆت ۋاقىت رايونىئومۇملاشقان، جۇڭگۇدا كۆپىنچە بېيجىڭ ۋاقتى ۋە ئۈرۈمچى ۋاقتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ۋاقىت كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، يەنە نۇرغۇن جايلاردا بۇنداق ئەھۋالنى ئۇچراتقىلىبولىدۇ، ‹‹شىنجاڭ ۋاقتى›› ئاتالغۇسى ئۇچرىمايدۇ. ‹‹ئۈرۈمچى ۋاقتى›› ئۇقۇمى بولسا ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى جۇڭگۇنىڭ غەربىگە جايلىششىش ھەمدە بېيجىڭ ۋاقتى بىلەن ۋاقىت پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشى سەۋەبىدىن، يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلۇپ ‹‹بېيجىڭ ۋاقتى ››ئۇقۇمى بىلەن بىللە ئوتتۇرىغا چىققان ئۆلچەملىك ۋاقىت ئۇقۇمىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قورۇلتىيى مۇزاكىرە قىلىپ ئۈرۈمچى ۋاقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى دائىرىسىدىكى بارلىق ئورگان ،ئوقۇ- ئوقۇتۇش، تاراتقۇ ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۈرۈمچى ۋاقتىنى ئىشلىتىشنى بىكىتكەن. ئۈرۈمچىۋاقتى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 90گرادۇستىن (پىچاندىكى ياقا كەنتىدىن) ئۆتىدىغان مىردىئاننىڭ ۋاقتى بولۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى بىلەنئىككى سائەتپەرقلىنىدۇ،ئەمەلىيەتتەئۈرۈمچىشەھىرى شەرقىيئۇزۇنلۇق 87 گرادۇس 36 مىنۇتقا جايلاشقان بولۇپ 120 گرادۇس بىلەنئۈرۈمچىنىڭ ئەمەلىيۋاقىتپەرقى129 مىنۇت 36 سىكۇنت، لېكىن ئالاقە ۋە ۋاقىتقا بولغان قولايلىقلىق ئېھتىياجىدىن بېيجىڭ ۋاقتىدىن ئىككى سائەت كىيىن بولغان 90گرادۇسنىڭ (پىچاندىكى ياقا كەنتىنىڭ) ۋاقتى‹‹ئۈرۈمچىۋاقتى››ئاتالغۇسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تەۋەسىگە ئۆلچەملىك ۋاقىت ئۇقۇمى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا يەنە ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ۋاقتى بار بولسىمۇ، ئەمما پۇتكۈل رايوندا ئۈرۈمچىۋاقتى رەسمىي ئۆلچەملىكۋاقىت ھېساپلىنىپ ئورتاق قوللىنىلىدۇ.(باشقا شەھەر ۋاقىت رايونلىرى بەزى ئىنچىكە ھىساپلاشلاردا قوشۇمچە ئىشلىتىلىدۇ،مەسىلەن رامىزان،ناماز ۋاقىتلىرى دىگەندەك ) دىمەك بېيجىڭۋاقتى - جۇڭگۇنىڭ ئومۇملاشقان ۋاقتى. ئۈرۈمچىۋاقتى بولسا بېيجىڭ ۋاقتىدىن ئىككى سائەت كىيىن بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ئىشلىتىلىدىغان، ھەمدە ‹‹شىنجاڭ ۋاقتى›› دىگەن ئىلمىي بولمىغان ئاتالمىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىقبولغان ئۆلچەملىك ۋاقىت ئۇقۇمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .
پايدىلانمىلار:
1. 夏坚白,《应用天文学》,上海商务印书馆,1933年,第61页. 2. 2. 陈展云,《中国近代天文事迹》,昆明:中国科学院云南天文台,1985年
3.3. 国民政府内政部,《全国各地标准时间推行办法》,中国第二历史档案馆,12~18188
4. 4. 郭庆生,《建国初期的北京时间》,《中国科技史料》,2003年第1期.
|