قانات يايدۇرۇش ۋە رودمېنتلاشتۇرۇش
قانات ـــ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇشلار ۋە بىر قىسىم ھاشارەتلەرگە ئاتا قىلىنغان ئۇچۇش قورالى بولۇپ، ئۇلار موشۇ قورالى ئارقىلىق جاھاندارچىلىق قىلىپ كەلگەنىكەن. قۇشلار ۋە ھاشارەتلەر قانىتىنى كەڭ يېيىپ ھەرىكەت قىلىپ، ئىنسانلار ئەزەلدىن ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، لېكىن مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغان كۆكتە بىۋاستە ئەركىن پەرۋاز قىلىشتىن ئىبارەت ئۇچۇش ھەرىكىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىنسانلارنى قىزىقتۇرىدىغان مەڭگۈلۈك تېمىغا ئايلانغاچقا دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە، ھەرقايسى دىن، ئېرق، مىللەتلەردە ئۇچۇشقا ئائىت نۇرغۇن گۈزەل ۋە تەسىرلىك ئەپسانە –رىۋايەتلەر پەيدا بولغان؛ جاھاننىڭ ھەممىلا يېرىگە خالىغىنىچە ئۇچۇپ بارالايدىغان نۇرغۇن ئىلاھ، پەرىشتىلەر، ئەۋلىيا، مۇئەككەللەر ئىنسانلارنىڭ ئېڭىدا چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئۇچۇشقا ئائىت ئەپسانە–رىۋايەتلەر ۋە ئۇچالايدىغان ئىلاھ، پەرىشتە، ئەۋلىيا، مۇئەككەللەرگە چوقۇنۇش ۋە ئۇلار ھەققىدىكى ھېكايىلەر ئېلىمىزدە دۇنيانىڭ ھەرقاندا جايىدىكىدىن كەم بولمىسا كېرەك. شۇڭا ئېلىمىزدە «گۆشى بولمىسىمۇ شورپىسى» دېگەندەك، ئۇچۇشقا، ئۇچۇش قورالى بولغان قاناتقا بولغان چەكسىز ھېرىسمەنلىك ۋە ھۆرمەت تۈپەيلىدىن بىر ئىشنى ئەۋج ئالدۇرماق، راۋاجلاندۇرماق، تەرەققىي قىلدۇرماقنى بىلدۈرىدىغان «قانات يايدۇرۇش» (开展) دېگەن ئاتالغۇ پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئاتالغۇ پەيدا بولغان كۈنىدىن تارتىپ ئۆز رولىنى ھەقىقىي جارىي قىلدۇرۇپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى كەسپ ۋە ساھەلەردە نۇرغۇن ئىشلار راۋاجلىنىپ، تەرەققىي قىلىپ كەتكەن، ھېلىمۇ شۇنداق بولىۋاتىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى ھازىر بۇ خىل «قانات يايدۇرۇش» نىڭ ۋەزىپىسى پەقەت قانات يېيىشتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالغاچقا، نۇرغۇن ئىشلار «قانات يېيىش» ھالىتىدىن «ئۇچۇش» قا تەرەققىي قىلالماي بىر ئىزىدا توختاپ قېلىپ، قاناتنىڭ رودمېنتلىشىشىدەك يامان ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىۋاتقانلىقى ئادەمنىڭ زەردىسىنى قاينىتىدۇ ۋە ئېچىندۇرىدۇ. ھەر يىلى مەملىكەت ، ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلەر بويىچە ئايلارغا، ھەپتىلەرگە كۈنلەرگە تەقسىم قىلىنىپ ئات قويۇلغان «×× ئېيى»، «×× ھەپتىلىكى»، «×× كۈنى»، «×× ئۆلكىسى (ئاپتونۇم رايونى، شەھىرى) نىڭ ×× ھەرىكىتى»، «×× كۈنلۈك ×× پائالىيىتى»،«×× كۈنلۈك زەربە بېرىش، ×× تۈزەش ھەرىكىتى» قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلار بەلگىلەنگەن كۆلەم، ۋاقىت، دائىرە ئىچىدە چوقۇم قانات يايدۇرۇلۇشنى تەقەززا قىلىپ تۇرىدۇ (بۇ تەقەززالىق تەبئىي ھالدا مەلۇم مىقداردىكى ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى ۋە ماددىي كۈچ تەقەززالىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە) . بۇ ئىشلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى، چوڭدىن كىچىككە قاتلاممۇ- قالام قانات يايدۇرىلىدىغان بولغاچقا، بىر ئىش «قانات يېيىپ»، ئەمدىلا «ئۇچاي» دېگەندە (نەتىجىسى ۋە ئۈنۈمى كۆرۈلۈش باسقۇچىدا) يەنە يېڭى بىر زۆرۈر ئىشنى ئالدىنقىسىدىنمۇ كەڭ كۆلەمدە، داغدۇغىلىق «قانات يايدۇرۇش» قا توغرا كېلىدۇ (ئېلىمىز زېمىنى كەڭ، نوپۇسى كۆپ چوڭ دۆلەت بولغاچقا ئۇچۇشقا توغرا كەلسە خۇددى چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايرۇپىلانىدەك ئۇزۇن ئۇچۇش يولى ۋە ۋاقىت كېتىدۇكى ھەرگىزمۇ كىچىك تىك ئۇچار ئايرۇپىلاندەك قىسقا ۋاقىتتا تىكلا ئۇچالمايدۇ) . شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى ئىشقا «يېيىلغان» «قانات» دەرھال يېپىلىپ، يېڭىسىغا «كەڭ» «يېيىلىدۇ». شەھەر- بازار، يېزا-كەنتلەردە ئۇزاقراقى بىرەر ئايدا، قىسقىراقى ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر مەزمۇنى، شەكلى، رەڭگى يەڭگۈشلىنىپ تۇرىدىغان، يول بويىدىكى ستولبا ۋە تام تورۇسلارنى قاپلىغان شوئار-پلاكات، تام گېزىتلىرى بۇنىڭ پولاتتەك پاكىتى (كوچا پاراڭلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ھەتتا مەلۇم بىر ناھىيە ھەر يىلى ناھىيە بازىرىدىكى «قانات يايدۇرۇش» قا تېگىشلىك ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك شوئار-پلاكات، تام-تاختاي گېزىتلىرىنى ۋاقتىدا ئېسىش-چاپلاش ۋە يىغىۋېلىش ئىشلىرىنى قىلىدىغان مەخسۇس بىر ئىدارە ياكى شىركەت قۇرماقچى بولىۋېتىپتىمىش). شۇنداق قىلىپ «قانات يايدۇر» ىلىدىغان ئىشلار بىر- بىرىدىن زۆرۈر؛ تەشكىللەيدىغان، نازارەت قىلىدىغان ۋە خۇلاسىلايدىغان ئادەم ۋە ئورۇنلار ئوخشىمىغىنى بىلەن قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىنىدىغان ئامما ئوخشاش بولغاچقا، سەپەرۋەر قىلىنغۇچىلار ھەر يىلى ئوخشاش مەزگلدە تەكرارلىنىدىغان، بىرىنىڭ كەينىدىن بىر كېلىدىغان بۇنداق ئۇچمايدىغان «قانات يايدۇرۇش» قا نىسبەتەن كۆنۈكۈش، بىپەرۋا قاراش، شەكىلۋازلىق قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولسا، شۇ قانات يايدۇرىلىدىغان خىزمەتكە مەسئۇل تارماقلارمۇ ھەر يىلى ھېيت-بايراملاردەك ئوخشاش ۋاقىتتا كېلىدىغان ئۆزىگە تەۋە «قانات يايدۇرۇش» كۈنى (ھەپتىسى، ئېيى...) ئۈچۈن ئالدىنقى يىلى ئالدىراش يىغۇشتۇرۇپ ئامبارلاشتۇرىۋەتكەن كونا دەسمايىسىنى ئەپچىقىپ، توپىلىرىنى قېقىپ، ئازراق ئوسما قويۇپ، يەنە دەرھال «قانات يايدۇرۇش» قا ئاتلىنىدۇ، يۇقۇرىدىن «قانات يايدۇرۇش» راسخوتى بېرىلىدىغان ئورۇنلار شۇ راسخوتنى، راسخوت بېرىلمەيدىغانلار يەرلىك مالىيەدىن چىقىم قىلىپ «خىزمەت ھاردۇقى» چىقىرىپ، ھېسابنى «قانات يايدۇرۇش» خىزمىتى دەپتىرىگە تىكىپ ، ئاتچوت قىلدۇرىدۇ. بىر قىسىم ئىدارە، كەسپىي تارماقلار ئىدارە باشلىقى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق رەھبەر ئالمىشىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئويلىمىغان ئەھۋالدا ئەستايىدىلراق قىلىنغان بىر قېتىملىق «قانات يايدۇرۇش» خىزمىتى ماتېرىيالى (سەپەرۋەرلىك دوكىلاتى، پىلانى، خىزمەت خۇلاسىسى، تەشۋىقات دوسكىسى، پلاكات قاتارلىقلار) ۋە تەييارلىقى بىلەن 6-7 يىل بەخىرامان جاھاندارچىلىق قىلالايدۇ. مانا موشۇنداق خورازنىڭ قانىتىنى دانلاپ قورسىقى تويغاندىن كېيىن ياكى بىرەر مىكيانغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن پالاقلاتقىنىدەك، ھەر يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى ئۇچۇرماستىن قۇرۇق پالاقلىتىلىدىغان «قانات يايدۇرۇش ــ شۇ خىزمەتنىڭ ھەقىقىي «ئۇچۇش» (ئۈنۈم يارىتىش) قا تېگىشلىك قانىتىنى رودمېنتلاشتۇرۇپ، قانىتى بار تۇرۇپ ئۇچالمايدىغان توخۇ، ئۆدەك، غازلارغا ئوخشىتىپ قويماقتا. ھەر قېتىملىق «قانات يايدۇرۇش» تىن كېيىنكى خۇلاسە يىغىنى ۋە ھاردۇق چىقىرىش زىياپەتلىرىدە قۇربانلىق قىلىنىپ تۇرىدىغان، قانىتىنى يايالايدىغان، ئەمما ئۇچالمايدىغان ئەشۇ قۇشلارنىڭ قەلبىدە قانچىلىك پۇشايمىنى، ھەسرىتى ۋە ئارمىنى باردۇر-ھە؟!
مەنبە: قەلىمىم |