ئۈرۈمچىنىڭ نۆۋەتتىكى تاۋار ئۆي ئوتتۇرىچە باھاسى
9-دېكابىر، سوخۇ قىزىق نۇقتا تور بىتى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاۋار تاۋار ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كۋادراتى 7481 يۈەنگە يەتكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاۋار ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كۋادراتى 7481 يۈەنگە يېتىپ، ھالقىما نىسبەتتە %1.49 ئاشقان، ئوخشاش نىسبەتتە %14.9 ئاشقان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەرلەر ئىچىدە ئۆي باھاسى جەھەتتە 40-ئورۇندا تۇرغان، غەربى شىمال رايوندىكى ئۆلكە شەھەر ئىچىدە 2-ئورۇندا تۇرغان، 1-ئورۇندا تۇرىدىغىنى لەنجۇ بولۇپ، بۇ يەردىكى ئۆينىڭ ھەر كۋادراتى 8479 يۈەنگە يەتكەن، شىئەندىكى ئۆي باھاسى ھەر كۋادراتى 7244 يۈەنگە يەتكەن. كەسپى خادىمنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھالقىما خاراكتېردىكى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلار ئاستا ئاستا شىنجاڭغا كېلىپ تۈرنى كېڭەيتكەن.
تاۋار ئۆي تۈرى بولسا كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ، شەھەرنىڭ قىياپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، يول ياساشقا مۇۋاپىق تۇر قۇرۇلۇشى، كىشىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش تۇرمۇش تەلىپى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، شەھەر مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى «خەلقئارالاشقان چوڭ مەركىزى شەھەر» ئورنىغا قاراپ ماڭغان، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆي باھاسىنى ئۆرلەتكەن ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولغان. ئۈرۈمچىدىكى ئالتە چوڭ رايون ئىچىدە، 11-ئايدا ئۆي باھاسى ئوخشاش نىسبەتتە ئۆرلەش دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغىنى شىمىگو رايونى بولۇپ، ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كۋادراتى 7852 يۈەنگە يېتىپ، ھالقىما نىسبەتتە %6.12 ئاشقان، ئوخشاش نىسبەتتە %19.64 ئاشقان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاۋار ئۆينىڭ باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، 6-ئايدا، ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كۋادراتى 6985 يۈەنگە، 7-ئايدا، 7108يۈەنگە، 8-ئايدا، 7126 يۈەنگە، 9-ئايدا، 7237يۈەنگە، 10-ئايدا، 7371 يۈەنگە، 11-ئايدا ئۆي باھاسى 7418 يۈەنگە يەتكەن. ئۆتكەن 11-ئايدا، ئۈرۈمچىدىكى ئۆينىڭ باھاسى ھەر كۋادراتى 6511 يۈەن بولغان. |