قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2276|ئىنكاس: 8

كېلىپ كۆرۈڭ كارامەتلەرنى....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

34

تېما

0

دوست

4293

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  214
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1037
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 20:25:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلەر كۈندە كوچا –كويلاردىن ،كىتاپ كىنولاردىن كۈرمىڭلىغان كىشىلەرنى،كۆز كۆرمىگەن كارامەتلەرنى كۆرىۋاتىدۇ.كەمىنىمۇ كۆرگەنلىرىمنى ،كۆڭلۈمگە كەلگەنلىرىنى كىرىشتۈرۈپ كۆپچىلىكنى كولدۇرلاتتىم .كۆرۈپ كۈلەسىلەر ،كۈلمەسسىلەر .... كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدىكىنى كەلتۈرەلمىسەم كەمىنىگە كايىپ  كۆپىنمەسسىلەر .

      كۈندە كەچتە كىنولاردىن ، كوچا –كويلاردىن  كۆرۈۋاتقانسىلەر ؟  كورىيە ،كانادا ،كۇبا ، كۇۋەيت ،كامبودژا ،كېنىيە ،كاۋكاز، كەشمىر ،كاراچىلاردىن كىرگۈزۈلگەن كارامەت كىيىم – كېچەك( كۆينەك ،كوپتا، كۇسار ، كۆتبەل كۇزا ،كېپىش ،كالاچ)لەرنى كىيىشىپ ، كادىلاك، كاتېر، كوڭكىلاردا (ماشىنا دېمەكچى ) كىنوخانا ،كارخانىلارغا كېتىۋاتقان كۇنمىڭلىق ،كورلىلىق ،كۇچالىق ،كەلپىنلىك ،كېرىيىلىك ،كۈنەسلىك ،كۈيتۈڭلىق كارامەت  كان – كارخانىچى ، كادىر ، كىراكەش – كاسىىپلارنى ، كەلگۈندى (ئاققۇنلارنى دېمەكچى )لەرنىڭ كۆمۈر كانلىرىنى كۈندە كۆپلەپ كولاۋاتقانلىقىنى، كېلىن –كۈيوغۇللارنى،كىيىمى كىر كەمبەغەللەرنى ،كوچىلاردا كىيىم- كېچەك ،كىگىز ،كۆرە ،كۈرەك،كاناي ،كۆچە،كۆچەت ،كاۋا ،كاۋاۋىچىن،كۈدە،كۆكتات، كارۋات ،كۆرپە ، كانىۋاي،كوپتا، كۆينەك ،كۆزەينەك كۆرۈۋاتقانلارنى،كۆرسىتىۋاتقانلارنى ،كىنوخانىغا كىنو،كونسېرت،كومىدىيە، كۈلدۈرگە كۆرۈشكە كېتىۋاتقانلارنى، كىتاپخانىغا كىتاپ كۆرۈشكە كېتىۋاتقانلارنى ،"كۆك كەپتەر كاۋاپخانىسى"دىكى كەپتەر ،كەكلىك كاۋاپلىرىنى ،كاۋاسنى كۆتىرىشىپ كۈلىشىۋاتقانلارنى، كۈتكۈچىلەرنىڭ كىملەرنىدۇ كۈتىۋاتقان كۆرىنىشلىرىنى ...كارۋىتىدىكى كۆرپىسىدە كۆتىرىلىپ – كۆتىرىلىپ كىملەرگىدۇ كايىۋاتقانلارنى ......كۈندە كۈزەتسىڭىزلا كوچىدىكى كۈرمىڭلىغان كىشىلەردىن كۆز كۆرمىگەن كارامەتلەرنى كۆرىدىكەنسىز. كۈزەتسەكلا كۈرمىڭلىغان كاتتا  كىشىلىرىمىز كۆڭلىمىزگە كىنو كۆرىنىشلىرىدەك كېلىدىكەن .  كۆرىۋاتامسىلەركى ،كارامەتلەر كۆپ . كۆرمىگەن كارامەتلەرنى كۆرسىڭىز كۈلگىڭىز كېلىدىكەن . كىم كىمگە كۈلىۋاتىدۇ ؟ كېپىشلارنىڭ كېرىلىپ كېتىشىنى كارخانىلاردىن كۆرىۋاتىمىز ،؟كۆكسىنى كۆتەرگۈزۈپ، كۇسارنى كىيىپلا كوچىدا كېتىۋاتقان "كايفاڭ "لىشىپ كەتكەن كېلىنچەكلەرنى ، كەڭ كوچىدا   كىملەرنىڭدۇ كەينىدىن كۆينەكلىرىنى كۆتىرىشىپ كالتا كوپتىلارنى كىيىشىپ كېتىۋاتقان "كۆڭۈلچەك"لەرنى كىمدىم كۆرىمىز ؟!كېلىۋاتقانلارنى،كېتىىۋاتقانلارنى كۆڭۈل كۆزىڭىزدە كۆرىۋاتامسىز؟كۈزىتىۋاتامسىز؟! كەمبەغەلنىڭ كۈلبىسىدىن كەلگەن كېرەم ،كامىل ،كامالىدىن ،كەرىمە ...لەر كادىرلىق "كۈلبىسى"گە كىرەلمەي، كۈلپەتلەردىن ،كەلگۈلىكلىرىدىن،كەلگۈسىدىن كۆپىنىشىپ،كۆتەكتەك كۆرىنىپ،كىكرىدەك كىكىرىپ، كېرىلىپ كىبىر  كۆرسىتىۋاتقان "كاتتا"لارغا كايىشىپ كۈلبىسىگە كېتىۋاتماقتا . كاللەك كاللەك كويچەنلەرنى كاتتىباشقا كىرگۈزگەنلەر  كادىرلىق كىروسلوسىدا كۈلۈشۈپ ،كولدۇرلىشىپ كېرىلمەكتە . كادىرنىڭ ،كارخانىچىنىڭ كېلىن ،كۈيوغۇللىرى كانكىلىرىدا  كېرىلىشىپ كىنوخانىغا ،ك ت ۋ گە كېتىۋاتماقتا.كورلا،كۇچا،كۇيتۇڭ،كۈنەس،كەلپىن ،كېرىيىلىك كېرىماخۇن،كەرىمىخانلار كىرلىشىپ كەتكەن كۆينەكلىرىنى كىيىشىپ،كۆرۈمسىز كۈنلۈكلىرىنى كۆتىرىشىپ، كۈدە ،كۆچىلىرىنى كوچا كويلاردا كىملەرگىدۇ كۆرسىتىۋاتماقتا . كېرىماخۇن،كەرىمىخانلارنىڭ كۆرۈمسىز كۆرىنىشىنى كۆرگەن "كاتتا"لىرىمىز كۇسۇرلىشىپ كۈلۈشۈپ كىتىۋاتماقتا ، كوچىنىڭ كۈنچىقىشىدىن كاتتا كانۋاي كۆينەكنى كىيىپ كېرىماخۇنلارنىڭ كەنتىدىكى كەنت كادىرى كېرەم كوتكوتمۇ كېرىلگىنىچە  كەلدى .كېرىماخۇن،كەرىمىخانلارنى كۆردىيۇ كارى بولماي  كۆرمىگەندەك كېتىۋەردى.كېرىماخۇن،كەرىمىخانلارنىڭ كۆڭلىگە كەلدى.  كوچا –كوي ،كان –كارخانىدىكى كاندىداتلىرىمىز، كەمبەغەللەرنى كۈزەتمەيدىغان ، كۆرسىمۇ كۆرمىگەندەك كېتىۋېرىدىغان  كاتتىباش كادىر ، كاتتىلىرىمىز كېرىلىپ كەتمەيلى! كەمبەغەلگە كىبىر كۆرسەتمەيلى! كەمبەغەلنىڭ كۈلپىتىنى كۆرۈپ كۈلىۋەرمەيلى!  كالتا –كۇتاڭ كۆزقاراشلىرىمىزدا كايىپ  كېكەچتەك  كولدۇرلاپ كۆپۈپ – كۆپچۈپ كوتۇلداۋەرمەيلى ! كۆزىمىزدە كۆرگەنلىرىمىزگىلا كېرىلىپ كۈلىۋەرمەيلى ! كۈلىۋەرسەك،كېرىلىپ كەتسەك كۆزىمىزگە كۆرسەتمىسۇن !!! كۈندىن كۈنگە كەمبەغەللىشىپ كېتىۋاتقانلارنى كۆڭۈل كۆزىمىزدىن كۆرۈپ كۈزىتەيلى،كۆڭلىمىزدىن كۆيىنەيلى ! كەمبەغەللەر كۆپىيىۋەرمىسۇن!كۆپچىلىكتىن،كەمبەغەلدىن  كاتتا كادىر ، كاسىپ،كارخانىچى،كىرىمى كۆپ كىشىلىرىمىز  كۆپەيسۇن!كۆڭۈلچەك كەمبەغەللەرمۇ كۆتىرىلىپ كالىلىرى ، كىرىمى  كۆپەيسۇن!!! كۆپچىلىك :كەمبەغەللەرگە  كۆپرەك كۆيىنەيلى!!!كادىرلىرىمىزمۇ كۆڭلى كۆكسىمىزنى كەڭەيتىپ، كەمبەغەللەرگە كەلسە كەلمەس كىبىر كۆرسەتمەيلى ! كاتتا ،كۆڭلى – كۆكسى كەڭ،كۆيۈمچان كوڭ فەنسېڭدەك كادىرلىرىمىزنى كەمبەغەللەر كاللىسىدا كۆتىرىدىغانلىقى،كاتتا كادىرلىرىمىزنىڭ كەمبەغەللەرگە كەلتۈرگەن كارامەتلىرىنى،كۆيىنىشلىرىنى كۆككە كۆتىرىپ كۈيلەيدىغانلىقى كۆڭلىمىزدىن كۆتىرىلىپ كەتمىسۇن!كەمبەغەلمۇ كاتتا كۈن كۆرۈپ ،كۆڭلى كۆتىرىلسۇن! كەمبەغەلنىڭ كۈلبىسىدىن كۈندە كۈلكە كۆتىرىلسۇن!!!

      مەنبە: قەلىمىم
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت!

1

تېما

0

دوست

2164

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1771
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 523
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 21:32:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارامـﻪت كۆرۈۋەتتىم ، كاتتا كـﻪپتۇ، كـﻪسىمۇ كـﻪپتۇ ـ كـﻪمىگىنىمۇ كـﻪپتۇ ....  
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2042
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2011-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 23:45:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمىنى كەمبەغەل كارامەتلەرنى كۆزۈمنى كېرىپ كۆرۈۋەتتىم....

0

تېما

0

دوست

25

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2053
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 15
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2011-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 23:53:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارامەتكەن،ھارمىغايسىز !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

0

تېما

0

دوست

1925

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  850
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 459
تۆھپە : 275
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 01:54:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرمىگەننى كېرىلىپ كۆرۈۋېتىپ كۈلۈپ، كالاچ كەبى كۆرۈندۈم.

1

تېما

0

دوست

1917

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1842
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 464
تۆھپە : 277
توردىكى ۋاقتى: 204
سائەت
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-3 06:59:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكىنى كـﻪلتۈرسـﻪم ك نى كـﻪلتۈرگىچـﻪ كۆپ كايىدىم،كـﻪلمـﻪيلا كـﻪتتى ،كېيىن كـﻪلدى.كـﻪپتىمۇ؟كۈلگۈڭلار كـﻪلدىمۇ؟كـﻪلمـﻪپتىمۇ؟كالىنىڭ كۆتتى..

0

تېما

0

دوست

1650

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  232
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 367
تۆھپە : 263
توردىكى ۋاقتى: 178
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-3 09:32:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوپچىلىك كارامەتلەرنى كورۇپ بولغۇچە كۇزلىرى كېرىلىپ كەتتى.كاساپەت كېرەم كارخانىدا كوپچىلىكنى كۇلدۇرۇپ كۇسارغا كېكىرىۋەتتى...
نىمە يىگەنتىڭ زىمىن، مۇنچە ئۇسساپ كەتكۈدەك؟

34

تېما

0

دوست

4293

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  214
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1037
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 22:00:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ .....
yahxi.jpg
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )