- تىزىملاتقان
- 2013-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5434
- نادىر
- 1
- يازما
- 369
ئۆسۈش
8.68%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا makit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-7 17:43
[alignسىز يەنىلا مەمۇر بولۇشنى تاللامسىز؟
تور ئارلاۋېتىپ بۇ تېمىنى ئۇچىرتىپ قالدىم ھەمدە سىلەرنىمۇ كۆرۈپ باقسۇن دەپ مۇنبىرىمىزگە يۆتكەپ ئېلىپ كەلدىم. سىز موشۇ ئەھۋالدا مەمۇر بۇلۇشنى تاللامسىز ياكى كارخانا ئورۇنلاردا ئىشلەمسىز،ئۆز ئالدىڭىزغا ئىگىلىك تىكلەمسىز بۇ ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشى؟ ئىشقىلىپ ئويلىشىپ بىر ئىش قىلىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
«قورغان ئىچىدىكىلەرنىڭ سىرىتقا چىققۇسى كېلىدۇ،قورغان سىرتىدىكىلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈسى كېلىدۇ»،بۇ بىر جۈملە سۆز توي -نىكاھنى ئەكىس ئەتتۈردىغان سۆز ئىدى،ھالا بۈگۈنكى كۈنلەردە ،مەمۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەدبىقلىساقمۇ ناھايىتى ماس كېلىدۇ.
نۆۋەتتە دۆلەتGDP سىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋاتماقتا،لېكىن ھۆكۈمەت مالىيە كىرىمى 1991-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىرخانىلىق ئېشىش سۈرئىتىگە چۈشۈپ قالدى،كۆپچىلىك شۇنى ھېس قىلدىكى ،كۆزئالدىدا تېخىمۇ قىيىن كۈنلەر كېلىۋاتقاندەك بىر ئېنىقسىز مەنزىرە نامايەن بولدى.ئالدىقى يېرىم يىلدا ھۆكۈمەت مالىيىسى ناھايىتى قىيىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزدى،ئېرىدوس (ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىنىڭ بىر شەھرى)قاتارلىق رايونلاردا ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تەۋەلىكتىكى شىركەتتىن قەرىز ئېلىپ تارقىتىشتەك «ئەپسانىسمان تىياتىر»ئوينالدى.زوڭلىمۇ مۇنداق دېدى:«خەلىقنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلش ئۈچۈن،ھۆكۈمەت چىقىمنى قىسقارتىش كېرەك».
مەركەز دەرىجىلك خەلق ئورگىنىدا ئىشلىگىلى 3يىل بولغان بىر جاڭ فەمىلىلىك كادىر يىل ئاخىرىدا ئۇھ تارتىپ تۇرۇپ «ھازىر ئادەتتىكى شىركەتنىڭ «ئاق ياقىلىق»لىرىغا يىل ئاخىرىدا 30مىڭدىن -50مىڭغىچە مۇكاپات پۇلى تارقىتىلىدۇ،ئادەتتىكى مائاشىمۇ مەمۇرلارنىڭكىدىن يۇقىرى،مەمۇرلارنىڭ پاراۋانلىق دەپ تارقىتىلىۋاتقان ئىككى-تۆت تال پۇل ھېچقانچە پۇل ئەمەس،بۇنچىلىك پۇلغا مۈشۈك ئاتتاپقا چىقمايدۇ ،مەمۇرلارغا يىل ئاخىرىدا تارقاتقان13-ئايلىق مائاشى بىلەن قوشۇمچە تارقاتقان 1000يۇەنچە پۇلدىن باشقا ھېچنىمە يوق»دېدى.
مەركىزى ھۆكۈمەت «تۆت ئىستىل»،«سەككىز تۈرلۈك بەلگلىمە»قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ ،يىل ئاخىرىدىكى تەبرىك كارتىسى،سوۋغات بويۇم ،مال سېتىۋىلىش كارتىسى قاتارلىقلارنى تارقىتىشنى چەكلەپ تەرتىپكە سېلىۋىدى ،مەمۇرلار بۇندىن بۇرۇن تارقىتىلغان پاراۋانلىقلارنى ئەسلەپ ئۇھ سۇنۇپ ئولتۇردى.خىزمەت قىلغىلى بەش-ئالتەيىل بولغان ھەتتاكى خىزمەت قىلىۋاتقىنى 10يىلچە بولغان مەمۇردىن سوراڭ،ئۇلار ئۆزىگە تەۋە ئۆي ئالالىدىمۇ ؟كۆپ قىسمى ئالالمىدى،يەنىلا ئاپتوبۇسقا قىستىلىشىپ چىقىپ ئىشقايۈگىرەيدۇ،كېچىكسە پۇل تۇتۇۋاتقان،تەنقىد ئاڭلاۋاتقان،خىزمەتتە ،تۇرمۇشتا ئۆزگىچىلىك يوق، تېتېقسز كۈنلەر،زېرىكىشلىك خىزمەت...
بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ،ھەر يىل ئېلىنىۋاتقان مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدابىر ئورۇنغا 100نەچچە ئادەم قىستىلىشىپ تالىشىۋاتقان،ئۇلارمۇ بۇ «قورغان»نىڭ بىر ئەزاسى بولۇشقا جان -جەھلى بىلەن تىرىشماقتا.
سەۋەبى ،ئىلگىرى كىشىلەر دۆلەت مەمۇرلىرىنى ھەر خىل تەمىناتتىن تولۇق بەھرىمان بولۇدىغان ئاق ياقىلىق دۆلەت كادىرلىرى دەپ قارايتتى،مەمۇر بولالىغان ياشلار داڭلىق ھېسابلىناتتى.يىمەك-ئىچمەكتىن غېمى يوق،دۆلەت -خەلقنىڭ چوڭ -چوڭ ئىشلىرىنى قىلىدىغاندەك ھېسابلايتى.لېكىن بۈگۈنكى كۈندىچۇ؟يىگىرمە نەچچە ياش تۇرۇپ ئىشخانىدا كۈن ساناپ ئولتۇرىدىغان،ئاپتۇبۇسقا قىستىلىشىپ-تالىشىپ چىقىپ خىزمەتكە چاپىدىغان،سىقپ -قىسپ سەي -كۆكتاپ ئېلپ ئۆيدە تاماق ئېتىپ كۈنىنى سېرىقتال ئۆتكۈزىدىغان مەمۇرلار كۇرمىڭ.
مەمۇرلارنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشپ مالىيەنىڭ قوللىشىمۇ پەيدىنپەي ئازلىدى،ئىدارە-ئورگانلارئىزچىل ئىقتىسادچىل بولۇپ ،تېجەشلىك ئورگان قۇرۇش شوئارىنى توۋلىماقتا،دۆلەت مالىيەسىنىڭ بۇرۇنقى ئالتۇن دەۋرى كەلمەسكە كەتكەندەك تۇرىدۇ،ئورگان ناھايىتى زور،قوشۇن كۆپ ،جوڭگو ئىقتىسادى بۇنداق زور گەۋدىنى بېقىپ بولالمايۋاتىدۇ.2008-يىلى جوڭگونىڭ ھۆكۈمەت مەمۇرى ئىشلىرى چىقىمى پۈتۈن چىقىمنىڭ 36پىرسەنتىدىن 37پىرسەنتكىچە ئىگەللىگەن.بۇ دۇنيا سەۋىيسىدن 25پىرسەنت ئېشىپ كەتكەن،يەنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ھۆكۈمەت بولۇپ قالغان.
نۇرغۇنلىغان مەمۇرلار مائاش يەنە ئۆسىدىكەن دېگەن تامادا يۈرۈيدۇ،لېكىن زوڭلى لى كېچىياڭ سەمىمىيلىك بىلەن «كەلگۈسىدەئىقتىسادنىڭ موقىم ئېشش سۈرئىتىنى ساقلاش مومكىن ئەمەستەك تۇرۇدۇ،لېكىن خەلقنى قىيىن كۈندە قويۇشقا بولمايدۇ،شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ چقىمىنى قىسارتىش كېرەك»دېدى،شۇڭا مەمۇرلار مائاش ئۆسىدۇ دېگەن چۈشتىن بالدۇرراق ئويغىنىشى كېرەك.ئەقىللىق كىشىلەر ۋەزىيەتنى چۈشىنىدۇ،يىراقنى كۆرىدۇ،يۈزلىنىشكە ماسلىشالايدۇ.مەمۇردىن ئىبارەت بۇ قورغاننىڭ ئىچىدىن «قېچىپ»چىقۋاتقانلارمۇ ئاز ساندا بار،لېكىن بۇ تېخى رەسمى يۈزلىنىش ئەمەس،كۈز كەلسە يەنىلا مەمۇر ئىمتىھانى قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلىدۇ،قاچانغىچە بۇنداق بولىدۇ ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەيدۇ،لېكىن ھامان بىر كۈنى بۇ ئىمتىھان قىزغنلىقى سۇسلىشىپ يوقايدۇ.ئامېرىكا ،ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردە مەمۇر بولۇش ئانچە خالاپ كېتىلمەيدىكەن،ئۇلارنىڭ ئىدارە-ئورگانلىرىنىڭ ئادەم قوبۇل قىلىشىمۇ تەسكەن،لېكىن بۇ جوڭگودائەكسىچە،ئارقا ئىشىك،ئىمتىھان قىزغىنلقى ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
ياشانغاندا كۈتۈنۈش تۈزۈلمسىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە باشقا بەلگىلىمىلەرنىڭ چىقشىغا ئەگىشىپ بۇ قىزغىنلىق بارا-بارا تۆۋەنلىشى مومكىن.
|
|