ياپونىيە بىلەن جۇڭگۇ ئۇرۇش قىلىپ قالسا ...
ئوغلانى تەرجىمىسى
مەركىزى خەلىق تىلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئايال مۇخبىرى دىھقان ئىشلەمچىنى زىيارەت قىلىپ مۇنداق سورايدۇ :
__ ئەگەر جۇڭگۇ بىلەن ياپۇنىيە ئۇرۇش قىلىپ قالسا سىز ئالدىنقى سەپكە چىقىشنى خالامسىز ؟
ئىشلەمچى جاۋابەن :
__ ئالدىنقى سەپكە چىقسا نوپوس چەكلىمىسى بارمۇ ؟ ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى لازىممۇ ؟خىزمەتكە چىقىش كىنىشكىسى لازىممۇ ؟ ساغلاملىق كىنىشكىسى لازىممۇ ؟ بىر يىلدىن يۇقرى باجنى تۈگىتىش كىنىشكىسى لازىممۇ ؟ مىنىڭ ھېچنىمەم يوق ،پارتىيە ئەزاسىمۇ ئەمەس ، پەقەت ئادەتتىكى بىر دىھقان ئىشلەمچى ، ئالدىنقى سەپكە چىقالامدىمەن ؟ يەنە تېخى ،قۇربان بولۇپ كىتىپ زىيىنىنى تۆلەشكە توغرا كەلسە كۆپچىلىك ئوخشاش چىقىرامدۇ ؟ راستىنلا ئۇرۇشۇپ قالسا تاق ،قوش دەپ نۇمۇرغا ئايرىمدۇ ؟ شەھەر باشقۇرۇش ۋە ئۆي چېقىش ئەتىرتىنىڭ كەينىدە تۇرساق بولامدۇ ؟ __ دەپ سورايدۇ .
|