قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1479|ئىنكاس: 20

ئەركىم: دەيمىزمۇ؟ دېمەيمىزمۇ؟!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

146

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   47.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1276
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 6508
تۆھپە : 4547
توردىكى ۋاقتى: 1239
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
دەيمىزمۇ؟ دېمەيمىزمۇ؟!

-ئەركىم

   تۆنۈگۈن بىر يىغىنغا قاتناشتىم، تەكلىپ بىلەنگەن كەلگەن بىر داڭلىق مۇئەللىم 18-قۇرۇلتاي ھەققىدە 2 سائەت لىكسىيە سۆزلىدى. چۈشتىن كېيىن بولغاچقا مەن ۋە نۇرغۇن يىغىن قاتناشقۇچىلارنى مۈگدەك باستى. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئېلان قىلغان مۇھىم خەۋەرلەر يىغىن كۆرۈنۈشلىرىدىمۇ قىسمەن ئەمەلدارلارنىڭ مۈگدەپ قالىدىغانلىقىنى كۆرۈمىز. مېنىڭچە بىر قېلىپقا چۈشۈك كەتكەن مەزمونلار قايتا-قايتا تەكرالىنىدىغان يىغىننىڭ ئۇخلىتىش كۈچى ھەرقانداق ئۇيقۇ دورىسىدىنمۇ ئۈنۈملىك رول ئوينايدۇ. خۇددى قايسى بىر يۇمۇردا دېيىلگەندەك، دوختۇر ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى دارىپ قالغان بىر بىمارغا، ئەپەندىم سىز ئۆيىڭىزگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىر پارچە قىزىل باشلىق ھۆجەتنى ئوقۇڭ، بەش مىنۇتقىچە ئۇخلاپ قالىسىز، بۇ ھالەتنى بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرىسڭىز، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، دەپتىكەن. دېمەك، بىزگە ئۇچىراۋاتقان ھۆججەت ۋە ئېچىلىۋاتقان نۇرغۇن يىغىنلاردا خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە بىۋاستە پايدىلىق مەزمونلار تولىمۇ مۇجىمەل، چۈشۈنىكسىز شۇنداقلا ئادەتتىكى خەلق تۇرمۇشىدىن يىراق تېمىلار، مەزمونلار كۆپتۈرۈلۈپ كەتكەن بولغاچقا يىغىن ۋە ھۆججەتلەرنىڭ ئۇيقۇ دورىسىدەك ئاجايىپ ئىسىل رولى بولىدىكەن. خەلق ھەقىقى كۆڭۈل بۆلىدىغان، قىزىقىدىغان مەسىلىلەر ئامالنىڭ بېرىچە چەتكە قېقىلىپ قالىدىكەن. دېمىسىمۇ ھازىر خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۆي باھاسى مەسىلىسى، بۇلغىلنىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسى، يىمەكلىك بىخەتەرلىكى، كونتىرولسىز قالغان مال باھاسى، سەھىيە-ساقلىق ئىشلىرى، يىلسېرى قىممەتلىشىۋاتقان دوختۇر خانىلار...مائارىپ، مەكتەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئەرزىيەت ئىشلىرى...ۋاھاكازالار دەل خەلق كۆڭۈل ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردۇر.
   بىلىمىز ، ھەرقانداق بىر يىغىندا مەيلى بۇ يىغىن ھەرقانچە تېتىقسىز بولسىمۇ مۈگدەپ ئولتۇرۇش ئەدەپسىزلىك. شۇ كۈنى بىردەم مۈگدىگەندىن كېيىن ئۇيقۇ دورىسى كۈچتىن قالدى. يىغىن قاتناشقۇچىلار ھەممىسىنىڭ قۇلاقلىرى دىڭلىنىڭ، كۆزلىرى كېرىلىپ سەھنىدىكى مۇئەللىمنىڭ ئاغزىغا باقتى. چۈنكى مۇئەللىم 18-قۇرۇلتايدا تەكىتلەنگەن خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقى پايدىلىق مەزمونلار ئۈستىدە توختىلىۋاتاتتى. مۇئەللىم قومۇل ۋىلايىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىيات تېمىسىدا سۆزلەپ كېلىپ، قومۇلنىڭ ھەقىقى بىر سانائەت شەھىرى، ئەبەدىيلىك مۇقىم شەھەر بولۇپ مۇساپىسىدىكى تەرەققىياتلار ۋە توسالغۇلار ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ يۇرتىمىزنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى، كىشىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراتمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۈگۈنكىدەك شەھىرىمىزنىڭ مال باھاسىنىڭ كونتىرولسىز قېلىشىدىن مۇستەسنا پەيتلەردە( مۇئەللىم قومۇل كىشىلىرىنىڭ ئىستىمال سەۋىيسى ئېلىۋاتقان مائاش بىلەن تەتۈر تاناسىپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، شەھىرىمىزنىڭ مال باھاسى مۇشۇ سۈرئەتتە ئۆرلىسە كېلەر يىلى بىز قوي گۆشىنىڭ بىر كىلوگىراممىسنىڭ 100 يۈەنلىك ئۆتكەنلدىن ئۆتكەنلىكىگە گۇۋاھچى بولىمىز، دېدى.) ئاندىن كۆزلىگەن بۈيۈك مەقسەتلەرگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن تەكىتلەپ ئۆتتى. ئەلۋەتتە، خەلق تۇرمۇشىغا زىيانلىق، مۇھىتقا پايدىسىز ھەرقانداق بىر قۇرۇلۇشنىڭ بارلىققا كېلىشىنى، ئۇنىڭ يۈرۈشىشىنى ھاكىمىيەتلا ئەمەس ھاكىمىيەتنىڭ تۈۋرۈكى بولغان خەلق ئاممىسى قەتئىي خالىمايدۇ. بۇنداق قوش زىيان بەدىلىدە يارىتىلغان ئىقتىسادنىڭ بىزگە ھېچ بىر پايدىسى تەگمەيدۇ. خەلق ساغلاملىقتىن ئايرىلسا، تەبىئىي مۇھىت بۇلغانسا دۆلەتنى قانداقمۇ قۇدىرەت تاپقۇزۇش مۇمكىن؟!
  مۇئەللىم قومۇلنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈستىدە توختۇلۇپ باركۆل ناھىيسىدىكى ئۈچكۆل (سەنتاڭخۇ)، ئاراتۈرك ناھىيسىنىڭ نوم كۆمۈر كان، شامال ئېلىكتېر كارخانىىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىككى رايونغا سېلىنىۋاتقان مەبلەغ، تۈر جۇڭگودىمۇ ئاز ئۇچىرايدىكەن. كۆلىمى، كۆمۈر زاپىسى دېگەندەك نۇرغۇن جەھەتلەردە جۇڭگو ھەتتا دۇنيادىمۇ ئاز ئۇچىرايدىكەن. قومۇلدا ئاشۇ كانلارنى ئېچىش ۋە توشۇش ئۈچۈن 4 پويىز يولى ياسالدى ۋە ياسالماقچى، ئاسفالىت يول ھە مقياسالدى ياسىلىۋاتىدۇ، كىچىككىنە بىر شەھەردە 4 پويىز ئىستانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ جۇڭگودا كەم ئۇچىرايدىغان ھالەتكەن. مۇئەللىمنىڭ سۆزىچە، يۇرتىمىزنى ھەقىقى بىر ئېغىر سانائەت شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يۇرتىمىز دۆلەت ئىچى،سىرتىدىكى ئىقتىساسلىق خادىملارنىڭ ،شېركەت، كان-كارخانىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدىكەن، بۇنچە غايەت زور قۇرۇلۇشلارنى يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە كۆپ بەدەل تۆلىنىدىكەن، بىراق، قومۇلنىڭ ، قومۇل خەلقىنىڭ مۇھىتىنى، ساقلىقىنى قۇربانلىق قىلىش ئەخمىقانىلىك بولىدىكەن. ئەمما، بۇ تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، بىز دۆلەتنى قۇدىرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن چوقۇم ئىلمىي بولغان تەرەققىيەت يولىنى تېپىشىمىز كېرەكمىش.
  شۇنداق قىلىپ ئىككى سائەتلىك لىكسىيە غەلبىلىك تاماملاندى، يىغىن زالىدىكى چىقىۋېتىپ مۇئەللىمگە ياندىشىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن:- مۇئەللىم دەرسنى ياخشى سۆزلىدىڭىز، بولۇپمۇ مېنى بۇلغىلنىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسى ۋە خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى بەكرەك قىزىقتۇردى...
مۇئەللىم:- ھە ، شۇنداقمۇ؟ رەھمەت!...دەپ قويدۇم شۇ....دېگىنىچە تېز-تېز قەدەملەر ئېلىپ كېتىپ قالدى. مەنمۇ باش ئايىغى يوق خىياللار بىلەن يولۇمغا راۋان بولدۇم، ئەجەبا بىز كۆز ئالدىمىزدىكى رېئال مەسىلىلەرنى شۇنداقلا، پەرۋاسىزلارچە دەپلا قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشىمىز كېرەكمۇ؟! نىمىشقا ئۇنى ھەل قىلىدىغاننىڭ چارىسىنى تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇنمايمىز؟! كۈنلەرنىڭ بىرى بارلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئورنىغا ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بىمارلار ئولتۇرامدىغاندۇ؟! خەلق ھەقىقى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلەرنى دەيمىزمۇ؟ دېمەيمىزمۇ؟! يا بارلىقىمىز مەسئولىيەتتىن قېچىپ بىخوتلۇق ئىلكىدە ياشايمىزمۇ؟ ئاقىۋەت كىم ئەڭ ئېغىز زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى بولار؟!

2

تېما

0

دوست

2212

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22599
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 654
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاۋام پۇقراغۇ،قارلىق تاغنىڭ بىقىنىدىن بىر بايلىق چىقتى دەپ كولاپ يۈرۈپ قارلىق تاغدىكى مۇزلۇقلار يوقالغىلى تۇردى،ئەگەر ئەشۇ مۇزلۇقلار تۈگىسە قۇمۇل سۇسىز ماكانغا ئايلىنىپ قۇرغاقچىلىق باشلانسا قانداق قىلارمىز
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

0

دوست

562

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   12.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12003
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 158
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچكىرىدىكى بەزى شەھەرلەردە مۇھىتنى بايلىققا يەنى پۇلغا ئالمىشىپ  ماسكا تاقاپ ماڭمىسا سېسىقچىلىققا چىدىغىلى بولمايمدىغان ھالەتكە يېتىپتۇ.ھەرنىمە دەيلى بۇ ئۇلۇغ جۇڭخۇا ئەۋلادلىرىغا پۇل بولسىلا باشقا ھەر قانداق نەرسىدىن ۋاز كېچىشكە رازى.
ئېكولوگىيىلىك مۇھىت،تەبىئەتنى قوغداش پىسخىكىسى ئەزەلدىنلا نۆل ھالەتتە.

ئالتۇن

29

تېما

1

دوست

3264

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8830
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 449
تۆھپە : 712
توردىكى ۋاقتى: 309
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە مەخسۇس قۇمۇلغا قارتىلغان دەپ قاراشقا بولمايدۇ، ئومۇمەن ئۇيغۇر دىيارىغا باغلساق تامامەن.توغرا بولىدۇ، ھەمىسى ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك ياردىرولۇق مەسلە مۇشۇنداق تىز سۇرەتتە نۇرغۇنلغان بايلىق كولاپ تۈگىسە ئۇيغۇر دىيارنىڭ كەلگۈسى قانداق بولۇپ قالا دەپ-گايىدا ئوز ئوزۇمگە تۈگىمەس سوئالارنى سوراپ قالىمەن.

8

تېما

0

دوست

1020

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17344
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 298
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقايسى شەھەرلەدە يۇقارقى ئەھۋال ساقلانماقتا، تەرەققىيات ئۈچۈن مۇھىتنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش. مۇھىت ئاسراش جەھەتتە شۇئار كۆپ ئەمىلى ئۈنۈم ئاز، جەرىمانە تۆلەش ئارقىلىق بۇلغىمىلارنى كۆپلەپ قوپۇپ بېرىش. يىغىنچاقلىغاندا ئېرىشكىنىمىزدىن مەھرۇم بولغىنىمىز كۆپرەك.

146

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   47.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1276
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 6508
تۆھپە : 4547
توردىكى ۋاقتى: 1239
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار بىر قانچە يەرلەردە ئىملا خاتالىقى بارئىكەن. تەھرىرلىۋېتەي دېسەم : تەھرىرلىگەندىن كېيىن قايتا تەستىقلىنىدۇ، دە پ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى كېلىپ چىقىشىدىن قورۇقتۇم. خاپا بولماي تۈزىتىپ قويسىڭىزلار بوپتىكەن. مەنمۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ بولۇپ يوللايمەن.

3

تېما

0

دوست

4753

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10920
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 492
تۆھپە : 1119
توردىكى ۋاقتى: 319
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق يىغىندىكى مۇئەللىمملەر شۇنداقلا سۆز    لەپلا  قويىدۇ ،خالاس.
ئۇ پەقەت سۆزلەيدۇ، لېكىن پىلان تۈزۈشكە،سىياسەت بەلگىلەش قاتنىشالمايدۇ. شۇڭا بەكمۇ ھاياجانلىنىش ياكى ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

6

تېما

3

دوست

2895

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12464
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 427
تۆھپە : 596
توردىكى ۋاقتى: 314
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇش››دىگەن ئىقى قەغەز،قارىسى سىياھ تەشۋىقات خاراكتىرلىك گەپلا خالاس.يىغىنلاردا دىيىلگەن گەپلەر بىلەن قىلغان ئىشلىرى بىر بىرىگە پەقەت ماس كەلمەيدۇ.ھەرقانچە مۇھىم قۇرۇلۇش بولسىمۇ شۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەتىراپىدىكى خەلققە،ئىكىلۇگىيلىك مۇھىتقا ،نەچچە ئون يىللىق تەرەققىياتقا زىيانلىقمۇ ،ئەمەسمۇ ؟ئەتىراپلىق ئويلىنىشى كىرەكتە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )