- تىزىملاتقان
- 2011-3-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3963
- نادىر
- 10
- يازما
- 112
ئۆسۈش
65.43%
|
ئىنتىرنىت تورىنىڭ تېز سۈرئەتتە كەڭ كۆلەملىك كېڭىشى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى . . كىشىلەر تور ئارقىلىق خالىغان ۋاقىتتا ئەڭ يېڭى خەۋەر ۋە ئەسەرلەرنى كۆرەلەيدىغان ، ئۆيدە ئولتۇرۇپلا توردىن مال سېتىۋالالايدىغان بولدى ، ئەڭ ئالقىشلاشقا تېگىشلىكى مۇشۇ 1-2 يىلدىن بۇيان ئۆيدە ئولتۇرۇپلا پارىخور -چىرىك ئەمەلدارلارنى پاش قىلالايدىغان بولدى .
يولداش شىجىن پىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن خەلقنىڭ ئەڭ كۈتكەن يېرىدىن چقتى ، ئالدى بولۇپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى . تورداشلارمۇ ئالدىنقى بىر يىلدىن باشلاپ مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش چاقىرىقىغا شى جىنپىڭنىڭ خەلق ساداسىغا قۇلاق سېلىش شۇئارىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ تور ئارقىلىق چىرىك ئەمەلدارلارنى پاش قىلىشنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتتى . بۇ دولقۇن بىلەن نۇرغۇن چىرىك ئەمەلدارلار ھېچنىمۇ ئۇقمايلا ئۆزلىرى ئەزەلدىن دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان ، كۆزىنىڭ قىرىغا ئېلىپمۇ قويمايدىغان تور ئابونتلىرى تەرىپىدىن موللاق ئېتىپ بارار جايىنى تاپتى .
ئۇيغۇر تورلىرىدا تېخى بۇ ئەھۋالغا قارىتا پۈتكۈل تورداشلار تولۇق چۈشەنچىگە ئېرىشىپ بولالمىغان بولسىمۇ يەنە بىر قىسىم تورداشلار تور ئارقىلىق يوقىرىغا خەلق ساداسىنى ئاڭلاتتى. تۇنجى بولۇپ باشلانغان < بەشكېرەمدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ -زارى > ، <لەنجۇدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاھۇ زارى > ، <قەشقەر ئۇيغۇر تىبابەت >توغرىسىدىكى تېما ، <ئەمىن قۇرۇلىشىنىڭ پۇلى نەگە كەتتى > قاتارلىق تېمىلار ، شۇنداقلا ، يوپۇرغا ، يېڭىشەھەر ، چەرچەن قاتارلىق ناھىيەلەردىكى ھاكىملارغا تورداشلارنىڭ باغداشتا ئوچۇق خەت يېزىشى ، ھەمدە بۇ ھاكىملارنىڭ ناھىيىتى دادىللىق ۋە خەلقپەرۋەرلىك بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇشى بىزگە تورنىڭ يېڭى بىر رولىنى تېخىمۇ تونۇتتى .
تېخى نەچچە كۈن بۇرۇنلا مەركىزى ئىمتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتى تور بېكىتىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە بۇ يىل ئىنتىرىت تور دۇنياسىدا يەنە بىر خىل كەيپىيات شەكىللىندىغانلىقىن تېخىمۇ ئېنىق قىلىۋەتتى .
ماقالە مەزمونى تۆۋەندىكىدەك :
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 4- يانۋار ئىنتېرنېت تور دەۋرىدىكى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش سۇپىسىنى بىرلىكتە قۇرايلى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى سىزنى پىكىر بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، ئەرزىيەت پاش قىلىش ۋە دەۋا تەلىپىنى بايان قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قىسمەن تورداشلار تەكلىپ پىكىر بېرىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، توردا چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە بەش مىڭدىن كۆپرەك يازما قالدۇردى.
بىر تورداش مۇنداق دېدى :چېرىكلىكنى جازالاش كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ، يولۋاسنى دۇمبالاش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، بىرسى كۆرۈلسە شۇنى دۇمبالاپ ، ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا چېرىكلىكنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى چەكلەپلا قالماستىن يەنە بىرنى جازالاپ مىڭنى ئاگاھلاندۇرغىلى بولىدۇ.
قىسمەن تورداشلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ قانچىلىق چوڭ، ئورنىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، يولۋاسنى دۇمبالاش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چېرىكلىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
يەنە بىر قىسىم تورداشلار چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش تۈزۈم قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلسە دەپ تەكلىپ بەردى. تورداشلار مۇنداق دېدى: قانداق قىلغاندا چىۋىن، يولۋاسلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا تۈزۈم ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىشكە؛ تەدبىر، تەرتىپنى ئاشكارىلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھوقۇقتا چېرىكلىشىشنى چەكلەشكە توغرا كېلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،تاراتقۇلار قىسمەن دۆلەت كارخانىلىرى ۋە يەرلىكنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنىڭ چىرىكلىشىش دېلولىرىنى پات پات ئاشكارىلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
تورداشلارنىڭ توردىكى يازمىسىدا مۇنداق دېيىلدى: قىسمەن جايلار ۋە تارماقلارنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىنمايۋاتىدۇ؛ كادىرلارنى ئىشقا قويۇش، تەڭشەش، خېرىدار چاقىرىشقا ئارىلىشىش قاتارلىقلاردا خالىغانچە ئىش قىلىنىۋاتقانلىقتىن ئاسانلا ئېغىر ئاقىۋەتلەر پەيدا بولماقتا.
2013-يىلى 2-نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى ئاياغلىشىش پەيتىدە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رەھبەرلىرى ئىزدىنىشتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزۈپ قويماي، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى بولۇپمۇ بىرىنچى قول رەھبەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى.
بىر تورداش مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى مۇۋاپىق ئالماشتۇرۇلسا؛ ئايرىم كادىرلارنىڭ بىر ئورۇندا ئۇزاق مەزگىل ئەمەلدار بولۇپ ، گۇرۇھ شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئالدى ئېلىنسا.
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ كۈننىڭ 30 مىليون 790 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پارا ئالغانلىقى، گۇاڭجۇدىكى ئۈچ كەنت كادىرىنىڭ ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا يەر ئېلىش تولۇقلىما پۇلىدىن 127 مىليون يۈەننى يۈتۈۋالغانلىقى، جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىش دېلوسىغا قارىتا تورداشلار مۇنداق دەپ قارىدى: پۇل مۇئامىلە، يەر ، كان مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يادرولۇق بايلىقلار دۆلەت پىلانى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك شۇڭا چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىش لازىم.
بەزى تورداشلار تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلىدە چىرىكلىشىشنىڭ كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، ئاساسەن ئاشكارىلانمايدۇ. كەسىپ ئىچىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئاساس، يەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قوشۇمچە قىلغاندا چىرىكلىشىش تەننەرخى بىر ئاز تۆۋەنلەيدۇ.
بەلگىلىمىگە خىلاپ يەر ئېلىش، زوراۋانلىق بىلەن چېقىش كۆچۈرۈش، ئاز تەستىقلاپ كۆپ سېلىش، ئىجارىگە بېرىش يولى بىلەن ۋاكالىتەن ئېلىش، يەر ئېلىش تولۇقلىما پۇلىنى مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرى ھەققىدە تورداشلار مۇنداق دەپ قارىدى: يەر زېمىندا چىرىكلىشىش دېلولىرى كۆپلىگەن ئۆيدار تاغا، ئۆيدار بوۋىلارنى پەيدا قىلدى. ئەگەر ۋاقتىدا تىزگىنلەنمىسە ئاممىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يېتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئېناق تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
بىر تورداش مۇنداق دېدى: جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىگە ئوخشايدىغان بۇنداق چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باشقۇرۇش تىك لىنىيىلىك بولۇپ، ھوقۇق مەركەزلىشىپ قالغان؛ تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىدە زۆرۈر بولغان چەكلەش كەمچىل. ئاسانلا بىرلا كىشىنىڭ گېپى گەپ بولۇپ قالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل كارخانىلار ئىقتىساد مۇناسىۋەت تومۇرىنى بانا قىلىپ، نازارەت قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ سىستېمىلىق خېيىم خەتىرىدىن ئاگاھ بولۇش كېرەك. تورداشلار مۇنداق دەپ قارىدى: پۇل مۇئامىلە ۋە بايلىق ساھەسىدىكى چېرىكلىك ھادىسىلىرىنى تۈزەشتە ئاشكارا بولۇش كېرەك. ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىش سىستېمىسى، پۇل مۇئامىلىدە ھەقىقى نام تۈزۈمى، ئۆي مۈلۈك مەلۇماتىنى تورلاشتۇرۇش قاتارلىق يېڭى تېخنىكا ۋاستىسىنى كىرگۈزۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ھەمدە ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش لازىم.
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ پاكلىق يازمىسى ئىستونىدا تورداشلار مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: ئالاقىدار تارماقلار يولۋاسنى دۇمبالاش، چىۋىننى شاپىلاقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي قاتلاملاردىكى مەمۇرلارنىڭ خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، يەپ ئېچىش، ئېلىۋېلىش، تۇتۇۋېلىش قاتارلىق چېرىكلىك قىلمىشىلىرىنى جازالاش سالمىقىنى زورايتىش لازىم.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، تولۇقلىما بېرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، لېكىن ئاساسىي قاتلامدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سودىگەرلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ تولۇقلىما پۇلنى تۇتۇپ قىلىۋاتىدۇ. ئالايلۇق: چۇڭچىڭ شەھىرى يوڭچۈەن رايونلۇق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ سابىق باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى مەلۇم بىر شەخسىي ئوراش قاچىلاش زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مايسا كۆچۈرۈش ماشىنىسى ئۈسكۈنىسىدىن بىر مىليون 880 مىڭنى يالغان ئاتچوت قىلىپ،460 مىليون يۈەندىن كۆپرەك تولۇقلىما پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
تورداشلار مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ھەر بىر خىزمىتى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بۇنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك
ئۆزتۈرۈك ماقالىغا ئاساسەن تەييارلىدى ، باغداشقا خاس
|
|