تېرورلۇقنىڭ كاپىتال مەنبەسى خوتەن قاشتېشى سودىسى
ۋاڭ داخاۋ
ئۇيغۇرلار بولسا روھى ئۇزۇقنى ماددى ئۇزۇقتىن ئارتۇق بىلىدىغان بىر خەلىق، مۇزىكا -ئۇسۇل ساھەسىدە ئۇيغۇرلاردا ئاجايىپ تالانت بار. گەرچە ئۇيغۇرلاردا ماددى بايلىقلارنى جۇغلاش ئەنئەنىسى بولسىمۇ، بىراق مۇزىكا - ئۇسۇل جەھەتتە ناھايتى باي بولغان ئىجادچانلىق ۋە ئەنئەنىچانلىققا ئىگە .ئۇيغۇرلار مەنىۋى جەھەتتە ھۇزۇرلىنىشقا باھەيتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇڭلاشقاكۆپ سانلىقلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا كۈندە پەقەت يېيىشكە نان بولسىلا، دائىم توپلىشىپ يىغىلىپ، بىرلىكتە ناخشا ئېيىتپ ئۇسۇل ئويناپلا تۇرمۇشتىن قانائەت تاپىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت نامراتچىلقتىن قۇتۇلالماسلىقىنىڭ سەۋەبى بولسا ئۇيغۇرلار مەنىۋى ئىنتىلىشكە ناھايتى ئەھمىيەت بېرىشى، ماددى ئىنتىلىشچانلىقىنىڭ ناھايتى سۇسلىقى، ھەمدە ماددى باياشادلىقنى قوغلىشىشتەك ئىچكى ھەركەتلەندۈرگەۈپ كۈچنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن ناھايتى زىچ مۇناسىۋەتلىك.بۇ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا دىنى ئېتقادقا مەھكەم يېپىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئامىل.
ئەمما ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ماددى تۇرمۇشىغا قارايدىغان بولساق، ئىچكىرىدىكى خەنزۇلار ۋە رايۇنلار بىلەن روشەن پەرق بار، بەزىلەر بۇ پەرىقتىن ئىچكى تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ، تۇرمۇشىدىن قانائەت قىلمىدى.ئاساسلىقى « ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش،خەنزۇلارنى چەتكە قېقىش،خەنزۇلاردىن ئۆچ ئېلىشتەك ئازدۇرۇشى ئاستىدا، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مىللەتتە ساقلانغان بىر قىسىم مەسلىلەرنى خەنزۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قاراپ، ئەگەر شىنجاڭدا خەنزۇ بولمىسا ئۆزلىرىنى جەننەتتە ياشايدىغاندەك ھېس قىلىشتى.ئۇلارنىڭ خەنزۇلاردىن رازى بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىقتىسادى پەرقنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ماھىيەتتە ئادالەتسىزلىك دەپ قاراپ، قانائەت ھاسىل قىلمىغىنىدا ، بۇخىل قانائەتسىزلىك ماھىيەتتە يەنىلا بىر خىل روھى ئىنتىلىش ( ئېھتىياج ) دۇر. بىر تۈركۈم كىشلەرنىڭ قارىشىچە بايلىق نامراتلىق ھەممىسى ئوخشاش بۇلۇشىلا ئاتالمىش « ئادىللىق» .
ئۆتمۈشتە، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىدە ئوخشاشلا روشەن پەرق ساقلانغان، بۇ پەرقلەرنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر، ھۆكۈمەت تۈرلۈك ئېتبار سىياسەتلىرىنى ۋە بريىتىش سىياسەتلىرىنى قوللىنىپ بۇ سىياسەتلەرنى بارغانچە كىچىكلىتىپ، ئۇيغۇر پۇرالارنىڭ تۇرمۇشىنى يىلدىن يىلغا يۇقىرى كۆتۈردى.
يېقىندا مەن جەنۇبى شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقىنىمدا بىر نەپەر ئۇيغۇر كادىر :-ھازىر دۆلەتنىڭ دىخانلارغا قاراتقان سىياسىتى بەك ياخشى، پەقەت ھۇرۇنلۇق قىلماي، ئھزراقلا جاپا تارتساق ، كىمنىڭلا بولمىسۇن يەيدىغان تامىقى بولىدۇ، ئېغىر كېسەل ۋە مېيىپلارنى چىقىرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ھەممەيلەن دۆلەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ دېدى.
جەنۇپتىكى مەلۇم بىر نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ خەنزۇ خىزمەتچىسىنىڭ ئەپسۇسلانغان ھالدا:-ھازىر دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان سىياسىتى بەك ياخشى، مېنىڭمۇ خەنزۇ بولغۇم كەلمەيدۇ دېگىنىنى ئاڭلىدىم.
شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئازاتلىقتىن ئىلگىرى ئومومەن نامرات ھالەتتە ئىدى، تىنچ ئازات بولغاندىن كېيىن، 60 نەچچە يىللىق قۇرلۇش،تەرەققىيات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئومومەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىيىمى پۈتۈن قورسىقى توق بۇلۇشتەك غايەت زور ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى،بىر بۈلۈك ئائىلىلەر ئاللىقاچان ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى، بۇ بىر بۈلۈك توپ ئۆزلۈكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ، بۇ خىل ئىقتىسادى تۇرمۇش سۈپىتى، ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، بۇ ئازاتلىقتىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تەلىيىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چوڭ قۇچاق ئېچىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىيىنىڭ بىر يېڭى تارىخى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى. شىنجاڭ كەلگۈسى 30 يىلى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تەلىيى، ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ يۈزلىنىشنى كۈتۈۋېلىپ، ئىقتىسادى تۇرمۇش سۈپىتىنى كىيىمى پۈتۈن قورسىقى توق ھالەتتىن، ئوموميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەتكە يېتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
شىنجەڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى شىنجاڭنى بۇرۇنراق ئىقتىسادى يۈكسەك تەرەققى قىلغان رايۇن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى بىردەك ئۈمىد قىلىدۇ.ئىچكىرىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەت قوللىشى ئاستىدا، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ نىشاننى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئەسلەيمىز. لېكىن شىنجاڭدا مۇكەممەل بىر پايدىلىق ئەندىزە شەكىللەنمىسە « باي شىنجاڭ » دا يېڭى بىر شىنجاڭ مەسلىسى پەيدا بۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىق ھالىتى ئۇزۇن داۋام قىلىشى ، تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى مەنپەئەت ئەندىزىسى تۈپتىن ياخشىلانمايدىكەن، شىنجاڭنىڭ ئۇلۇغ قۇرلۇش ۋە تەرەققىياتى گەرچە شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە پايدىلىق بولسىمۇ، ئوخشاشلا « ئۈچ خىل كۈچ» لەر مەنپەئەتلەنگۈچى بۇلۇپ قالىدۇ.
(مەنپەئەت ئەندىزىسى مەسلىسى ۋاڭ داخاۋنىڭ ئاتالمىش « مەنپەئەت نەزىرىيىسى » كۆرۈلسۇن دەپتۇ، مەنمۇ شۇ بويىچە ئالدىم .)
شىنجاڭ مەسلىسى ھەرگىزمۇ يەككە ئىقتىسادى مەسلە ئەمەس،شۇنداقلا يەككە دىنى مەسلىمۇ، ۋە باشقا ئىجتىمائى مەسلىمۇ ئەمەس، ئەكسىچە ھەرخىل مەسلىلەرنىڭ يىغىنچاقلىنىش مەسلىسى، تۈپكى رول ئوينايدىغىنى يەنىلا ئىقتىسات مەسلىسى. بەزىلەر شۇنچە باي تۇرۇپمۇ « ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ ئېزىقتۇرۇشىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ، ناۋادا مەنپەئەت ئەندىزىسى مەسلىسى ياخشى ھەل قىلىنمىسا، شىنجاڭدىكى بايلار نۇپۇسى كۆپەيسە « ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ ئېرىشىدىغان ئىقتىسادى ياردەم مەنبەسى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، بۇزغۇنچىلىق كۈچى تېخىمۇ زورىيىدۇ.
2007-يىلى شىنجاڭ ساقچى تەرەپ، خوتەندە بىر « ھېزبوت »تەشكىلاتىنىڭ غوللۇق ئائىلىسىدىن 70 تۈمەن پائالىيەت خىراجىتىنى قولغا چۈشۈردى، ئاختۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، شۇ جايدىكى ئالدىن بېيىغان قاشتاش سودىگەرلىرى ئاساسلىق ئىقتىسات ياردەمچىلىرىكەن.
شىنجاڭ خوتەن قاشتېشىنىڭ داڭقى ئالەمشۇمۇل، ئاساسلىق سېتىۋالغۇچىلار خەنزۇلار، قاشتاش باھاسى 30 يىلنىڭياقى مىڭ ھەسسىدىن ئېشىپ كەتتى، يەنە ھەسسىلەپ ئۆسۈش ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تاش سودىگرلىرى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەڭ باي توپ ھېساپلىندۇ، ئۇلار ئاللىقاچان بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسلىيەتچىلەر ۋە تېرورچىلارنىڭ كاپىتال يىغىدىغان ۋە مەجبۇرلايدىغان ئوبىكتىغا ئايلىنىپ بولدى .
بايلىق ئوخشىمىغان كىشلەرنىڭ قولىدا ئوخشىمىغان روللارنى ئوينايدۇ ۋە ئوخشىمىغان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، يىتىپ ئاشقۇدەك كاپىتالغا ئىگە بولغان ئادەم، تۇرمۇشى نامرات ئادەمدىن ئىقتىمائى تەسىر كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ.
بەزىلەر نامراتلىقىنى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىز،ھۇرۇنلىقىدىن كۆرمەي ھۆكۈمەتتىن ئاغرىندىكەن، بەزىلەر دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ باي بولسا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ياخشى دېمەيدىكەن، ئەكسىچە ئۆزىنى بەك ئىقتىدارلىق دەپ قارايدىكەن .جەنۇپتا بىر كەنت كادىرى ۋايساپ :-ئەڭ بەك باشقۇرۇش تەس بولىدىغىنى كەنىت تەۋەسىدىكى پۇلدارلار، ئۇلار بىر قىسىم نامراتلارغا ئۇن، گۆشلەرنى تارقىتىپ، بىر قىسىم ئاجىز، مېيىپلارغا ئىقتىسادى ياردەم قىلغاچقا ناھايتى كۈچلۈك ئاممىۋى چاقىرىق كۈچى بار دېگەن ئىدى. ئەگەر ئۇلار كەنىت كادىرلىرىنىڭ كۈزىگە كىرىۋالىدىغان بولسا نۇرغۇن ئىشلارنى ھەل قىلىش بەسى مۈشكۈل.
شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمېكى بىر قانچە يىللار بۇرۇن شىمالدا تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىۋاتقاندا، بىر كەنىت ياچېيكا سېكرىتارى تۇنۇشتۇرۇپ:- كەنىتتە كاپىتالى تىقىلىپ كەتكەن بىر سودىگەر بار، ئۇلارنىڭ چاقىرىق كۈچى بىزدىن نەچچە يۈز ھەسسە كۈچلۈك، 50 ياشقا كىردى، ئىلگىرى قارىم ئىدى، ئۇ گەپ قىلسا بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭ پۇلى بولغاچقا، ھېيىت- بايراملاردا، نامرات-ئاجىزلارغا گۆش قاتارلىق ماددى بۇيۇملار ئارقىلىق ياردەم بېرىدۇ، يۇقىرىغا ئەرز قىلغىلى ئامراق، دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان ئىكەن.
ئىقتىسادى تەرەققىيات نۇرغۇن مۇقىمسىزلىقلارنى تۈگەتكەن بولسىمۇ، يېڭى ئاساس ئۈستىگە يېڭى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى توختىماي بارلىققا كېلىۋاتىدۇ . ئىقتىسادى تەرەققىيات پەقەت كونا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىلا تۈگەتتى، ئەمما يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى توسۇپ قالالمىدى، مۇقىمسىزلىق ئۆزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ ،دۇنيادا مۇتلەق تىنىچ جەمىيەت يوق .ناھايتى ئىلغار جەمىيەت تۈزۈلمىسىدىمۇ مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى ساقلانغان بولىدۇ، جەمىيەتنىڭ مۇقىملىقى نىسبىي بولىدۇ، مۇقىمسىزلىق مۇتلەق بولىدۇ. مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى جەمىيەتنى ئالغا سىلجىتىدىغان غىدىقلىغۇچى كۈچ. مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى بولغاندىلا ئاندىن جەمىيەت تەرەققى قىلىدۇ. جەمىيەتنىڭ مۇقىم بۇلىشى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى چىقىرىپ تاشلاش جەريانىدا ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر .( ۋاڭ داخاۋ: « مەنپەئەت نەزىرىيىسى » )
ماددى تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىش تەقدىرنى ئۆزگەرتىشتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ماددى تۇرمۇشىنىڭ ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ماددى ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ ماڭىدۇ، شۇنداقلا مەنىۋى ئىنتىلىشىمۇ يۇقىرىلاپ ماڭىدۇ . كىيىمى پۈتۈن قورسىقى تۇق بۇلۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ئاساسى مەسلىسى بولمىغان ھالەتتە، ئىجتىمائى ئادىللىققا بولغان ئېھتىياج ئادەتتىن تاشقىرى كۈچىيىدۇ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ھوقوق ئېڭى، دېمگۇراتىيە ئېڭى ئومومى جەھەتتىن ئۆسىدۇ. بۇ مۇقەررەر ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدە يېڭى، زور بولغان تارىخى ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ شۈبھىسىز ئىجتىمائى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت جەھەتتىكى غايەت زور جەڭگە يۈزلىنىشتۇر .
مەنبە :