بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەمىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-15 19:25
«تەرجىمە گۈلزارى» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجىسانى تارقىتىلدى
2013-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتى(تەرجىمە ئىدارىسى) «كەسىپنى سۆيۈپ تۆھپە قۇشۇش، ئىناق تىل مۇھىتى بەرپا قىلىش، ئېتتىپاقلىشىپ ئورتاق مەنىۋىي ماكان قۇرۇش» تېمىسنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرغان بىر قاتار خىزمەتلەر قاتارىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتى(تەرجىمە ئىدارىسى) نىڭ ئورگان ژۇرنىلى«تەرجىمە گۈلزارى» نى تەسسىس قىلىپ، 2013-يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرى « تەرجىمە گۈلزارى»ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانىنى نەشر قىلىپ تارقاتتى . «تەرجىمە گۈلزارى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتى(تەرجىمە ئىدارىسى) باشقۇرغان ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرجىمانلار جەمئىيىتى مەسئوللىقىدا چىقىدىغان ئازسانلىق مىللەتلەر تىلى ۋە خەنزۇ تىلى بىرلەشتۈرۈلگەن ئىچكى ژۇرنال بولۇپ « تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت تەرجىمانلىرى ۋەتەرجىمە ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن نەشر قىلىنغان كەسپىي ئۆگىنىش ژۇرنىلى. بۇ ژۇرنال ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەرجىمە ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈش، تەرجىمە تەجرىبسى ئالماشتۇرۇش، تەرجىمە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئازسانلىق مىللەتلەرتىل-يېزىق تەرجىمە ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ژۇرنالنىڭ تۈپ مەقستى قىلغان بولۇپ، كەڭ تەرجىمانلار ۋە تەرجىمە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش گۈلزارىغا ئايلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەرجىمانلىرىنىڭ مەنىۋىي ماكانىغا ئايلانغۇسى.
«تەرجىمە گۈلزارى» ژۇرنىلى تۇنجى سانىنىڭ مۇندەرىجىسى
يۈرەك سۆزى
مېنىڭ ئارزۇيۇم ..................................................................... توختى باقى ئارتىشى. 1 بېغىشلىمىلار ئەھمەد پاسار، نۇرمۇھەممەد دۆلەتى، سابىرئەلى، ئابدۇماناپ ئەبۇ، ئابلەش قاسىمبەك،كاكەش قاتارلىقلار.................7
تەتقىقات مۇنبىرى
تەرجىمە ماھارىتى..............................................................................سابىر ئەلى 11 تېلېۋىزىيە پروگىراممىلىرىنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدا مۇلاھىزە..........................ئابدۇزاھىر تاھىر مۇراد 19 پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى توغرىسىدا قاراشلىرىم.........ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر 26 تىل ئالاقىسى ۋە ئەدەبىي تەرجىمە................... ئوسمانجان مۇھەممەد 31 تەرجىمەشۇناسلىق ۋە تەرجىمان......................................... ئابدۇماناپ ئەبۇ 36
تەرجىمە ۋە تەنقىد
يېڭى «تەرجىمىلەر»دىن تۇغۇلغان يېڭى ئازابلىق ئويلار ....................مۇھەممەد پولات 44
تەرجىمە لۇغىتى
بىر قىسىم سىياسىي –ئىدىيەۋى ئوقۇملارنىڭ خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرمىسى......................... 51
بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرمىسى................................... 61
يېڭى تەرجىمىلەر ئۇچۇرى
مو يەننىڭ بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى.......................... 62
« ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ماقال تەمسىللەر ئىزاھلىق لۇغىتى» نەشردىن چىقتى.............62
« قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشردىن چىقىتى...................... 62
قىسقا خەۋەرلەر
23-قېتىملىق خەلقئارا تەرجىمانلار كۈنى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى....................60
تۇرپان ۋىلايىتىدە تەرجىمانلار جەمئىيىتى قۇرۇلدى.......................................64
شىنجاڭ رادىيو-تېلۋېزىيە تىياتىر تەرجىمە مەركىزى-ئۈن سىن فىلىملىرى تەرجىمە مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى......69
« بوز تاغ ئەدەبىي تەرجىمە شىركىتى قۇرۇلدى ...........................................65
تەرجىمە ۋە يۇمۇر
مەشھۇر كىشلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەرجىمانلار توغرىسدا ئېيىتقانلىرى .................رەھىم يۈسۈپ66
مۇسىبەت خەۋىرى
شائىر . ئەدەبىي تەرجىمان ئوسمانجان ساۋۇت ۋاپات بولدى.............................70
ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئابلا ۋاپات بولدى....................................................71
ماقالە قۇبۇل قىلىش ئېلانى.........................................................................72
|