قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1388|ئىنكاس: 2

بەختنى مانا مۇنداق ھېس قىلىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

18

دوست

4500

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 1800
توردىكى ۋاقتى: 226
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 07:38:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     

  بىر تۇيغۇ


ئاپتور: [Gustáv Murín [1

ئىنگلىزچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمىسى


                                                                                          


       تۇيغۇ - ئۇ ھېچقانداق بىر پاكىتنى ئاساس قىلمايدىغان، كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئىچكى دۇنياسىدىكى بىلىشىدۇر. بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا كىشىلەر ئۆز خاھىشىغا يارىشا ھايات يوللىرىنى بەرپا قىلىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ھالىدىن كەتكۈچە تېپىرلايدۇ يەنى [2]eldorado نىڭ ئىنسان قەدىمى ئاياق باسمىغان يېڭى بىر قىتئەنى ياكى بىر جەننەتنى بايقىغانلىقىغا ئوخشاش.

       گەرچە ھەر بىرىمىزنىڭ جەننەت توغرىسىدا ئۆزىمىزگە خاس قارىشىمىز بولسىمۇ (مېنىڭ چۈشەنچەمدە جەننەت دېمەك – ئۇ ناھايىتى كوپ مىقداردا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال قىلىش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ ) بىراق ھەممىمىزنىڭ بىر – بىرىمىزنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ياكى ئوخشاشلىققا ئىگە بولغان بولغان تۇيغۇلىرىمىز بار ئەلۋەتتە. ئەمما بىز شۇنداق قىلىپ كۆنگەن يەنى ھاياتىمىز ھەمىشە ھاياتنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجى بولغان بىر تۈرلۈك مەئىشەتلىرى ئىچىدە بىزنى دائىم ھالسىرىتىدۇ ئەمما بىز ئۆزىمىزگە ئادەت قىلىپ كۆندۈرۈۋالغان ئاچچىقجان، ئىشخۇمار خۇسۇسىيەتلىرىمىزنى ئاسانلىققىچە چۆرۈۋېتەلمەيمىز ۋە بىز ئوزىمىز بىلمەيدىغان قانداقتۇر بىرخىل مۇرەككەپ تەسەۋۋۇرلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ دۇنياسىنى ئىزدەيمىز ئەمما بەزەنلەرگە ئوخشاش ھەمىشە بۇ دۇنيالىقتىكى ئۆز بەختىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىغا قاترايدىغان جاھانكەزدى پۇرسەت پەرەزلەردىن بىز دەسلىپىدە ئەنسىرىسەكمۇ لېكىن ئاخىرىغا كەلگەندە بۇ خىل ئەندىشىلىرىمىز تىزلا ئۆزىمىزدىن غايىب بولۇپ كېتىدۇ.

         مۇھەببەت ئۈچۈن سۆيۈلۈشتە ئاۋۋال سەمىمىيەتلىك بىلەن كۆزىتىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ساياھەتچىلەر ياكى تىجارەتچىلەرئۈچۈن ئېيتقاندا بىز ھەر جايغا بارمايلى تۇنجى سەپىرىمىزدە كۆرگەن ھەرقانداق بىر يېڭى نەرسىلەرگە دىققەت بىلەن قارىغان بولساق كېيىنكى سەپەرلىرىمىزدە بىز بۇ نەرسىلەرگە داڭ قېتىپ، ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالمايمىز بەلكى كۆزلىرىمىزنىڭ چاناقلىرىدا بۇ دۇنيانىڭ قايتا – قايتا روشەن ئەكس ئېتىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. ئەمما بۇ خىل تۇيغۇلار جەننەتتە ياشاۋاتقانلاردىمۇ ئوخشاش يەنى ئىنسان تەبىئىتىدە بولغان چاتاقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلاردىمۇ بار. ئۇلارمۇ سىزگە ئوخشاشلا ھاياتتىن زارلايدۇ. يەنە كېلىپ ئادەمنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى بۇ دۇنيالىق ھاياتتىن قاقشاۋاتقانلار شۇ جەننەتنى ئارزۇلايدۇ ياكى باشقا بىر غايىبانە دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىشىدۇ.

       ھاياتىمىز رىتىمى بولغان لوندوننىڭ جاز مۇزىكىلىق قاۋاقخانىلىرىدا ئاچچىق ھاراقنى بولۇشىغىچە ئىچىپ ياكى بولمىسا بۇ دۇنيايىمىزدىكى مۆجىزىلەرنىڭ سەرخىلى بولغان ماكىدونالىس [McDonald's) [3) نىڭ ئالدىدا قورساق تويدۇرۇش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرۇش ۋاھاكازالار. بۇ خىل شەكىلدىكى ھايات قېلىپلىرى پارىژدىمۇ ئوخشاش، ئەمما بىز ھېچ كىمدىن زارلىيالمايدىغان دەرىجىدە كۈتۈلمىگەن بىر چۈشەنچىلەر ئىچىدە ئۆزىمىزنى- ئۆزىمىز بىلىپ بولالمايدىغان بىر تۇيغۇلارغا مەست بولۇپ ياشايمىز. بىراق بۇ بىز ياشايدىغان يەرلەر – بىز ئىنسانلارنىڭ ئويىدۇر. بۇ تەرىپىنى، مەن ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيمەن ۋە چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن.

       مەن بۇ يەرگە كەلگەن بىر زىيارەتچى خالاس شۇڭا بۇ يەرمۇ مېنىڭ ئويۇم، مېنىڭ ياشايدىغان يېرىم بىراق مەن ئوز ئويۇم دەپ ئاتاۋاتقان بۇ يەردە مەن بىر مېھمان قاتارىدىمەن. بەلكىم مەن ھەم مېھمان ھەم بۇ ئوينىڭ ئىگىسى - ھەر ئىككى خىلغا تەۋە بىر ئادەم بولۇشۇممۇ مۇمكىن. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىز بۇ يەردە ئۆزىمىزگە ئۆزمىز تەسەللى بېرىپ، ئۆيىمىزگە قايتىپ بېرىشتىن ئىبارەت بۇ تەسەۋۋۇرلىرىمىزنى سىلىقلاشتۇرۇۋاتقان بۆلىشىمىزمۇ مۇمكىن. بۇ بەلكىم ئانتونومىيە دەرسىدە مەجبۇرى جەسەتلەرنى سوغۇق تەرگە چۆمۈلۈپ تۇرۇپ تەكشۈرگەندەك ئېھتىمال ئۆزىمىزنىڭ تەلۋىلەرچە يۇقىرى پەللىگە چىققان تۇيغۇلىرىمىزنى سوۋۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندىمىز ئەمما ھايات مۇساپىمىزدە بەشىمىزدىن ئوتكەن كۈنلەر بىزگە يېتەرلىك شۇڭا ئەمدى ئۆيگە قايتىشنىڭ قەرەلى بولۇپ قالدى دەپ ئويلايمەن!

      ئەلۋەتتە بىز ئوز ئۆيلىرىمىزگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن قىزغىنلىققا تولغان بىر كەيپىياتلاردا ئۆزىمىزنىڭ ھېكايىلىرىنى ئېيتىشنى باشلايمىز. راست گەپنى قىلساق، بىز ئۆزىمىزنىڭ دېگەنلىرىنى خۇددى ئويىمىزنىڭ تاختايلىرى ئۈستىدە سۇ ئاققاندەك ئاقتۇرۇپ قۇلاقلاردىن غايىب قىلىمىز ئەمما بىز ساياھەتچىلەر گەپ قىلغاندا گېپىمىزنى باشقىلارنىڭ قۇلاق سېلىپ ئاڭلىمىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى ئاسانلا ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويمىز. بۇ ئەينەن بىر سۆزنىڭ بىر قۇلاقتىن كىرىپ يەنە بىر قۇلاقتىن چىقىپ كەتكىنىدەكلا بىر ئىش.

     شۈبھىسىزكى پاكىتنىڭ ياكى يۈز بەرگەن ۋاقىتنىڭ قانداق بۆلىشىدىن كۆرە ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس دەرد – ئەلەملىرى بار شۇڭغا ئۇلار ناھايىتى تىزلا بۇرۇنقى ئەسلىگە قايتىپ كېتەلەيدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ سۆزنى ئاڭلىتىپ بولغۇچە بۇ يەرلەردە كۈندە بولۇپ تۇرىدىغان مەسىلىلەر تەبىئىي ھالدا ئۆزىمىزنىڭ باش ئاغرىقىغا يالىنىپ بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنى كاللىمىزدىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەككى بىز ھەممىمىز قىستاڭچىلىقتىكى پويىزلاردا ياكى ترامۋايلاردا ياكى مېترولاردا (يەر ئاستى پويىز) يەرلىك گېزىت خەۋەرلىرىنى ئوقۇش بىلەن ياكى دۇنياۋى تېلېۋىزور قاناللىرىنى كۆرۈش بىلەن كىملەرنىڭدۇر كىملەر بىلەن بىر ئىشلار ئۈستىدە تالاش – تارتىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشتىن، قىسقىسى مىجەزىمىزنى ئىختىيارسىز چىرمىۋالىدىغان شەھەر جىددىيچىلىكىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ ھايات قېلىپلىرى بولغان بۇ قەپەسلەر ئىچىدە ياشاپ ئۆتۈشكە ھېچ بىر زامان تەن بەرگىنىمىز يوق….

      ئەگەردە بىزنىڭ ئېسىمىزدە ساقلىنىۋاتقان خاتىرىلىرىمىز بۈگۈن بىزگە ئەسقاتقان بولسىدى، بىز ناھايىتى تىزلا ھاياتىمىزدىكى ئۇنتۇلغان ئىشلارنى ئۆز – ئارا سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلەيتۇق. ئۇ چاغدا سۇدەك سۈزۈك بولغان، تېخى ئەمدىلا بىخلىنىشقا باشلىغان ئەبجەش تۇيغۇلىرىمىز ئۈزلۈكسىز ئەقىل كاللىمىزدا قايتىدىن نامايان بولغان بولاتتى. ئەگەردە بىز قابىل ۋە ئىرادىلىك بولالىساق، ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانلىقتىن ئىبارەت بولغان بۇ ئارتۇقچىلىقىمىزنى تولۇق ھېس قىلالىساق، بەلكىم بىز ۋاقىت – سائىتى كەلگەندە يەنە بىر نۆۋەت يەنە ئوز ئەسلى – نەسلىمىزگە قايتالىشىمىز مۇمكىن ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى تۇيغۇلىرىمىز ئىككى قۇتۇپنىڭ باراۋەر كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئارىسىدا خۇددى قوڭغۇراققا ئېسىلغان تاشتەك ھەر تەرەپكە ئىرغاڭلىشى شۈبھىسىز بىر رېئاللىق.

     ئەڭ ئاخىردا بىز ناھايىتىمۇ مەمنۇنلۇق بىلەن يەر يۈزىدىن 10 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئايروپىلاندا ئۇچۇۋاتىمىز. ئايروپىلان بەلكىمبىزنى ئۇدۇل بىزنىڭ خىيالىي دۇنيايىمىزدىكى يېڭى بىر جەننەتكە ئېلىپ ماڭغاندۇ ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتساق بەلكىم بىز ئۆزىمىز قايتىدىن ئىجاد قىلىپ بارلىققا كەلتۈرگەن ئۆيىمىزگە قاراپ كېتىۋاتقاندىمىز ئەمما ھەقىقەت شۇكى دەلىل – پاكىتلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بىزنى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلان ئەڭ ئاخىردا بېرى – بىر يەرگە قونىدۇ. نەتىجە شۇ بۆلىدىكى قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانى يولۇچىلار بىلەن بىللە ساندۇق – ساندۇقلاپ ماللارنىلا ئەمەس ھەتتا نەچچە توننىلاپ تىزىملاتمىغان ۋە تاموژنىغا مەلۇم قىلمىغان ئارزۇ – ئارمانلارنىمۇ ئۆزى بىلەن بىلە ئېلىپ ئۇچىدۇ. ھەر ئېھتىماللىق، ئىشنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قارىساق شۈبھىسىزكى بۇ ئايروپىلاننىڭ بەزىدە ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ ھالاك بولىدىغانلىقىنىمۇ تۇيغۇلىرىمىزدىن ساقىت قىلالمايمىز.




ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ئىزاھاتلار:

[ 1]. ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالى: http://www.blogger.com/profile/16104720374838208382

[2]. El dorado ئىسپانچە “تۇنجى ئالتۇن” دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەل دورادو توغرىسىدا بۈگۈنكى كۈنگىچە يېتىپ كەلگەن رىۋايەت ۋە ئەپسانىلەرنىڭ تۇرلىرى خېلى كوپ. بەزى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە El dorado نى كىشىلەر بايلىقنىڭ، ئالتۇننىڭ ۋە تەۋەككۈلچىلىكنىڭ سىموۋۇللىرىغا ئوخشىتىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ئەل دورادو ئىسپانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ 1541- يىللىرى جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئامازۇن ئويمانلىقىدا ئېلىپ بارغان ئېكىسپېدىيەسىدكى “تەۋەككۈلچى” گېنېراللار دەپ قارىلىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە ئەل دورادو ئامازۇن ئويمانلىقىدا “غايىب بولغان ئالتۇن شەھەر” نىڭ ئىسمى دەپمۇ بايان قىلىنىدۇ. ئەمما تارىختا بۈگۈنكى كولومبىيە دۆلىتىنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى ئېگىزلىكتە ياشايدىغان مۇىسچا قەبىلىسىنىڭ ئەپسانىلىرىدە ئېيتىلىشىچە ئەل دورادو مۇىسچا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇستى-بەشىنى ئالتۇن بىلەن ئورىۋېلىپ گۇاتاۋىا كۆلىگە چۈشۈپ چۆكۈپ كەتكەن دەپ قارىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپالىقلارنىڭ قارىشىدا ئەل دورادو 15- ئەسىردىن تاكى 17- ئەسىرگىچە داۋام قىلغان ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقاپ بويسۇندۇرغان ئېكىسپەدىيەچىلەرگە تەقلىد قىلىنىدۇ. http://en.wikipedia.org/wiki/El_Dorado – تەرجىماندىن

[3]. McDonald’s بۇ تىز تاماق ساتىدىغان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئومۇملاشقان بىر رېستوراننىڭ ئىسمى. -تەرجىماندىن





7

تېما

3

دوست

6648

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   32.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 1330
توردىكى ۋاقتى: 431
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 22:32:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           ھۆرمەتلىك دوستۇم، باغداش مۇنبىرىگە يېڭى تېمىدىن بىرنى يوللاپ، ئېنگىلىزچىدىن بىۋاستە ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىن بەھرىمان بولۇش شەرىپىگە نائىل قىلغانلىقىڭدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم.
           ئەجىر دەرىخىڭدىن گۈل ئۈنسۇن!!! داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4857
توردىكى ۋاقتى: 1410
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 11:00:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئوقۇپ ئىنھاننىڭ ھاياتىنى ئىمكان بار مەنىلىك ئىشلارغا سەرىپ قىلىشىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )