- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 29633
- نادىر
- 14
- يازما
- 1316
ئۆسۈش
49.08%
|
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا جۇڭگونىڭ داڭلىق كۈلدۈرگە پىشىۋاسى جاۋ بىنشەن ئامىرىكىغا بېرىپ تۇمشۇقىنى قانىتىۋالدى. ئۇنىڭ تىپىك جۇڭگوچە ئۇسلۇپتىكى مېيىپلارنى، دېھقانلارنى، ئاجىز-ئورۇق، بىتۇغۇشلارنى مەسخىرە قىلىش بەدىلىگە 1مىليارت 300 مىليون جۇڭگولۇقنى ئون-يىگىرمە يىل مابەينىدە ھاماقەتلەرچە كۈلدۈرۈپ كەلگەن ھۈنەرلىرى كىشلىك ھوقۇقنى جېنىدىن ئەۋزەل كۆرۈدىغان ئامرىكا جامائىتى تەرپىدىن چەتكە قېقىلدى. بۇ بىچارە كۈلدۈرگە ئۇستازى باشلىرىنى سالپايتقىنىچە قايتىپ كېلىپ يەنە بۇرۇنقى سەنەمگە دەسسەپ نادان جۇڭگولۇقلارنى ئەخمەق قىلىشنى باشلىۋەتتى. 5000 يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيتى ئەنە ئاشۇنداق بىر مەسخىرىۋاز كىشىنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاممىۋى ئاساسى كۈچلۈك، چۈنكى جۇڭگو پۇخرالىرى خەقنى مەسخىرە قىلىپ ئۆز كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشقا خۇشتار، جۇڭگودا بۇنداق ئىنسانى ئەخلاققا يات قىلمىشلارغا ھازىرلانغان مۇنبەت تۇپراق بار، شۇڭا جاۋ بىنشەندەك مەسخىرىۋازلار يەتكۈچە ئالقىشلىنىدۇ.
جاۋبىنشەن ئامرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تور ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىدە قاتتىق بەس-مۇنازىرىلەر پەيدا بولدى، بەزىلەر ئامرىكىلىقلارنى تىللىسا، بەزىلەر جاۋ ئاقساقالنى تىللىدى. دېمەك، ھەرقانداق بىر ئەسكى، يارىماس كىشىنىڭمۇ تەرەپدارلىرى بولىدۇ. بىلمىدىم، بۇ يىللىق چاغانلىق كېچىلىككە جاۋ ئاقساقال چىقالامدىكىن ۋە ياكى ئۇنىڭ نايناق، غىلجىڭ شاگىرتى شاۋ دۇڭبېي چىقامدۇ؟ بۇھەقتە خەۋەر يوق. ئىشىنىمەن، بۇ ئىككى كۈلدۈرگە چولپىنى چاغان كېچىلىكىدە پەيدا بولىدىكەن 1 مىليارتتىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ھوزۇرلۇنۇپ خۇشال كۈلىدۇ...ئۇلار مېيىپ، چولاق، قىڭغىر-مايماق، ساراڭ-سۇرۇڭ، گاراڭ-گۇرۇڭ بىچارە قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۆيۈملۈك چولپانلىرى تەرپىدىن ھەممە جۇڭگولۇق خوشال بولىدىغان، بەخىت پەيزىنى سۈرىدىغان دەقىقىلەردە ( چاغان ئۆتكۈزىدىغان)مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، چەكسىز ھاقارەتلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. بىلمىدىم ياشانغانلارنى، مېيىپ، ئاجىز، يىتىم-يىسىرلارنى ئاسرايدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان 5000 يىللىق بۈيۈك جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، مۇشۇ كىچىككىنە ئىنسانىي، ئەقەلىي ساۋاتتىن قاچانلاردا مەھرۇم قالغاندۇ؟! بىر مىللەتنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنى ئەنە ئاشۇنداق كىچىككىنە نۇقتىدىنمۇ باھالىغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئەمىسە بىزنىڭ ئۇيغۇر ئىتوتچىلىرىمىز نىمىلەر قىلىۋاتقاندۇ؟! ئىچى پۇشۇپ قالسا ئىتوت يېزىپ قويىدىغان بىر ئاغام ماڭا ۋايساپ، ھازىر ھۆكۈمەت تىل-يېزىق ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇۋالغاچقا، بەزى ئىتوتچىلار ئۆزلىرى ئىتوت يازماي، سىياسى خاتالىقتىن خالىي بولغان خەنزۇچە ئىتوتلارنى تەرجىمە قىلىش يولىنى تاللاۋاتىدۇ. ئىتوت دېگەنگىمۇ بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتى،خاسلىقى، كۈلكە ۋە يىغىسى ، دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى سىڭگەن بولىدۇ، بەزى ئىتوتلارنى بىۋاستە تەرجىمە قىلغاننىڭ بىزگە قىلچىلىك پايدىسى يوق، دېگەن ئىدى. ئۇ راست دەيدۇ، ئارىمىزدىكى بەزى سۆيۈملۈك چولپانلىرىمىزمۇ جاۋ ئاقساقالدەك كېكەش، تۆتۆ، كىلگىي، شۆشۆ، پۆشۈلۆ، بىتۇغۇش، مېيىپ، چولاق، گاگو، ساخولارنى دورايدىغان، ئاشۇنداق بىتەلەي ئاجىز-ئورۇق كىشىلەرنىڭ ئازابى بىلەن ھېسابلاشماي نادان كۆرۈرمەنلەرگە خوشاللىق ئاتا قىلىدىغان ھالەت شەكىللەندى. بۇرۇندا ھەقىقەتەنمۇ دېققەت قىلمىغان ئىكەنمەن، بىراق، بىر قىسىم ئىتوتچىلىرىمىزنىڭ دېھقانلىرىمىزنى نادان، تومپاي ئوبرازدا ئويناپ چىقىشىغا ئەزەلدىن نارازى ئىدىم. ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر سەنئىتىدە مەسخىرىۋازلىق تېما قىلىنغان خاس تۈرلەرمۇ يوق ئەمەس، بار. مەسلەن: نازىركوم ئۇسۇلى مانا بۇنىڭ تىپىك نامايەندىسى، لېكىن، نازىركوم ئۇسۇلىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشىنى بىلمىگەنلەر چۈشەنمەيدۇ. نازىركوم ئۇسۇلى بىر جەڭگىۋار ئۇسۇل، ئۇ ئەيىش-ئىشرەت، كەيىپ-ساپاغا بېرىلىپ كەتكەن، جازانىخور بايلارنىڭ ئەركە-نايناق، مايغاق-سۇيغاق، نادان بالىلىرىنى مەسخىرە ئوبىكتى قىلغان. ھەرگىزمۇ ئىزىلگەن ئاۋامنى مەسخىرە قىلغان ئەمەس. دېمىسىۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن يازما، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مەنبەلىرىدىمۇ زالىم پادىشاھ، باي ۋە ئۇلارنىڭ قول چوماقچىلىرىنىڭ مەسخىرە ئوبىيكتى قىلىنغانلىقى كەمسىندۈرۈلگەنلىكى ھەممىزگە ئايان. ئەپسۇس، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە باي غوجام، تۆرىلەرنىڭ ھەيۋىسى ئېشىپ كەتتىمۇ ۋە ياكى خەلقىمىزنىڭ پىسخىك ساپاسى تۆۋەنلەپ كەتتىمۇ ئاجىزلار توپىنى مەسخىرە قىلىش بەدىلىگە كۈلۈشكە مەجبورلىنىۋاتىمىز. بۇ يەردە پالانچى، پۇستانچى دەپ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ يۈرمىسەممۇ، كىم، كىم ۋە كىم قاتارلىق ئىسىل ئەخلاقلىق، دەھشەت سالاپەتلىك ئاھ، پاھ ! قەتئىي ھۆرمەتلىك سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئاجىزلار توپىنى ھاقارەتلەپ ئىتوت، قىسقا كۈلدۈرگە فىلىملىرىنى ئىشلەۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايدىڭ.
ئاخىرىدا ئاشۇ بىر قاتار سەنئەتكارلىرىمىزغا دەيدىغان يۈرەك سۆزۈم:- مەيلى سىز كىم بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر سىزنىڭ مېيىپ، ئاجىز-ئورۇقلارنى مەڭگۈ مەسخىرە قىلىش ھوقۇقىڭىز يوق! ئۇلارمۇ سىزگەئوخشاشلا ئادەم، گەرچە بېجىرىم، ساغلام تەنگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئىشىنەمسىز ،ئۇلارنىڭ قەلبى نۇرغۇن ساغلام ئادەملەرنىڭكىدىن جىق گۈزەل! جاھاندا ئەڭ يامىنى قەلىبنىڭ مېيىپلىقىدۇر، قەلبىڭىز مېيىپ بولمىسۇن! |
|