بۇ يازمىنى ئاخىرىدا moma تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-3 22:50
azharbag يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 22:29
ئۇبدان..بۇلدى ..تەۋپىق ئەپەندىگە ئۇخشايلا دەپ قۇيسا ...
ئۆتكەندە باغداشقا سىڭگەن نان توغرىلىق ماقالە يوللانغان ئىدى تورداش.
سىڭگەن نان دىگەن سىڭىپ بولغان ھەزىم قىلىنىپ ئوبۇرنىغا چىقىرىپ بولۇنغان نان دىگەن گەپ.
بۇنداق سىڭىپ بولغان ›› نان ‹‹ نى جىق يەۋەرسىڭىز مۇشۇنداق ئىنكاس يازىدىغان بولاپ قالىسىز.
ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىز سىزنى سىڭىپ بولغان ›› نان ‹‹ يىيىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى
پىدا ئەتتى.
بۇ شۇ ماقالە ، سەۋىر قىلىپ بىر ئوقاپ بېقىڭ!
سىڭگەن نېنىڭنى يە ( نەسر) بوۋا،دادامنىڭ ئاغزىدىمۇ شۇ گەپ،ئانامنىڭ ئاغزىدىمۇ شۇ گەپ،مەكتەپكە بارساممۇ شۇ گەپ،مەسچىتكە بارساممۇ شۇ گەپ.تويغا بارساممۇ شۇ گەپ،نەزىرگە بارساممۇ شۇگەپ.بازارغا بارساممۇ شۇ گەپ،مەھەللىگە كەلسەممۇ شۇ گەپ. مۇئەللىمنىڭ ئاغزىدىمۇ شۇ گەپ،موللامنىڭ ئاغزىدىمۇ شۇ گەپ،شاڭجاڭنىڭ ئاغزىدىمۇ شۇ گەپ،شوجاڭنىڭ ئاغزىدىمۇ شۇ گەپ: — سىڭگەن نېنىڭىزنى يەڭ! — سىڭگەن نېنىڭنى يە! — سىڭگەن نېنىڭلارنى يەڭلار! — …… بۈگۈن بۇ سۆزنى توققۇز يەردە توققۇز قېتىم ئاڭلاپتىمەن. بوۋا،مەن سىلەرگە دوستۇم ھېيت مۇسانىڭ ئوننەچە يىل ئىلىگىرى يازغان بىر ماقالىسىنىڭ مەزمونىنى ئېيتىپ بېرەي: «سىڭگەن»دېگەن بۇ سۆز پېئىلنىڭ ئۆتكەن زامان بولۇشلۇق شەكىلى بولۇپ،ئۇ ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئاللىقاچان بولۇپ،تاماملىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.يەنى ئۇ يىمەكلىكنىڭ ئاللىقاچان يىيىلىپ،ھەزىم بولۇپ بولغانلىقىنى،ھەتتا گەندىگە ئايلىنىپ ھاجەتخانىغا بېرىپ ماكانلىشىپ بولغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. مەن ھەر قېتىم«سىڭگەن نېنىڭنى يە!»دېگەن بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندا سىلەرنىڭ،چوڭلارنىڭ بۇ سۆزىڭلار ماڭا خۇددى«پوقىڭىزنى يەڭ»،«پوقىڭلارنى يەڭلار!»دەپ چىرايلىق نەسىھەت قىلىۋاتقاندەك ئاڭلىنىدۇ. شۇنداق نەسىھەت—ئۆگۈتلەر بىلەن تەربىيلىگەن تۇرۇپ سىلەر چوڭلار تېخى ياشلارنى «نان قېپى»،«يارىماس»دەپ ئاغىرىنسىلەر. بوۋا،سىلەر چوڭلارنېمىشقا ئەۋلادلارغا«سىڭگەن نېنىڭنى يە!»دېيىشنىڭ ئورنىغا«ئۆزۈڭنىڭ غېمىنى يە!»،«ئەلنىڭ غېمىنى يە!»،«ۋەتەننىڭ غېمىنى يە!»دەپ نەسىھەت قىلمايدىغانسىلەر!؟نېمىشقا شۇنداق نەسىھەت قىلماي،ئەۋلادلارنى سېسىق پوقنى يىيىشكە،تەقدىرگە،قۇللۇققا ۋە مەھكۇملۇققا تىز پۈكۈپ،قانائەت قىلىپ بىچارلەرچە ياشاشقا دەۋەت قىلىدىغانسىلەر!ئەۋلادلىرىغا سىلەرگە ئوخشاش نەسىھەت قىلىدىغان ئەجدادللاردىن دۇنيادا ئىككىنچى بىرسى بارمىدۇ!؟
ئەسلى ماقالە ئادرىسى:
./thread-21669-1-1.html
|