قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1209|ئىنكاس: 4

سەركە، قەلەم ۋە ھىدايەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

70

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   23.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2153
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 80
تۆھپە : 35
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 14:06:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، باشقا قەۋملەرگىمۇ نىسبەتەن تونۇلۇپ قالغان بىر يازغۇچىنىڭ تاماكىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان سۈرىتى مەلۇم ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلغان ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتتى. ئۇنتۇلىدىغان ئىشلار ئۇنتۇلۇپ، ئۇنتۇلماي قالغانلىرى قاتارىدا ئەنە شۇ سۈرەت كۆز ئالدىمدا ھازىرمۇ ئەكسىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەينى چاغدا  بۇ يازغۇچى سۈرەتكە چۈشۈشتە نېمىنى كۆزدە تۇتقاندۇ؟ ئۆزىنى سالماق، سالاپەتلىك كۆرسەتمەكچىمۇ؟ ئەركەكلىكىنى ئىسپاتلىماقچىمۇ؟ بەلكىم، ئۇ ھېچنېمىنى مەقسەت قىلمىغان بولۇشىمۇ مۈمكىن. ۋاھالەنكى، ئۇ ئاشۇ بىر پارچە سۈرىتى ئارقىلىق قاملاشمىغان تۇرمۇش ئادىتىنى ئوقۇرمەنلىرىگە جاكارلىغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ،  بىر يازغۇچىنىڭ تاماكا تۇتۇپ تۇرغان ئوبرازى يىللارنىڭ چاڭ - توزانلىرىدا زور كۆپچىلىك كىشىنىڭ كۆڭۈل ئېكرانىدىن كۆتۈرۈلدى.
        ئىنسان تەبىئىتىدە ئەگىشىش، تەقلىد قىلىشتەك ئالاھىدلىك مەۋجۇت بولۇپ، ھەر بىر ئىشتا ئۆزى چوڭ كۆرگەن كىشىلەرنى سەزمىگەن ھالدا دوراشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىر پارچە ئاق قەغەزدىكى بىر تال قارا چېكىت كۆپ كىشىلەرنىڭ دېققەت نەزىرىدە بولىدۇكى، بۇ قەغەزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئاق رەڭدە ئىكەنلىكىنى ئەسلەشمەيدۇ. «شۇ يازغۇچىنىڭ شۇ سۈرىتىنىڭ تەسىرىدە قانچىلىغان ھەۋەسكار بەڭگە بولۇپ كەتكەندۇ؟ » دېگەنلەرنى ئويلايمەن گاھىدا.   
          بىر قەۋمدە كۆلىمى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەن ،ئاقىل سانىلىدىغان كىشىلەر توپى مەۋجۇت بولىدۇ. كىشىلەر ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ھۈرمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قىزىقىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن يول، چارىلىرىنى مۇھىم بىلىدۇ. ئۇلارنى تەقلىد قىلىدۇ. خەلقنىڭ دېققەت نەزىرىدىكى بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق بولۇشى مەلۇم جەھەتتىن زور كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە، ھاياتلىق يولىغا، تۇرمۇشىغا ئويلىمىغان چوڭ تەسىرلەرنى ئېپكېلىشى مۈمكىن. بىر قەۋمنىڭ سەركىسى مەپكۇرىسىنىڭ تايىنى يوق، قەلبى غەلدە- غەشلەرگە تولغان ، ئازغۇن كىشى بولسا شۇ كىشى سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشى ۋاستىلىك ھالدا ئازغۇن پىكىرلەر قورشاۋىدا قېلىشى ئېھتىمالغا يېقىن.

        ئۇيغۇرلار ئۆز قەۋمىدىكى يولباشچىلارغا قاتتىق ھۈرمەت بىلدۈرۈپ كەلگەن خەلق. ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمكى يازما يادىكارلىقلاردىن سانىلىدىغان مەڭگۈ تاشلاردا شۇ دەۋردىكى ئاقىل سەركەردە، يولباشچىلارغا بولغان كۈچلۈك ھۈرمەت ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. تالاي ئەسىرلەرنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم باستى. بۇ قەۋممۇ ئۆزى ئىشەنگەن سەركىلەرنىڭ گاھ خاتا، گاھ توغرا يېتەكلىشىدە تاپانلىرى قاپارغۇدەك تارىخىي مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتى. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ  ئىسلام ئادالىتىگە كىرگەن زامانلاردا سائادەتتىن كۈلگەن بولسا،  ئافاق خوجىنىڭ كەينىدىن ئەگەشكەن زامانلاردا قېنىدا تۈگمەن چۆگىلىدى. خىلمۇ- خىل مەپكۈرىلەر بۇ دىيار كىشىلىرىنىڭ ئەسلىرىنى كونتىرول قىلىپ، مۇھتاجلىق كوچىلىرىدا زار يىغلاتتى. قەۋمدىكى سەركىلەر قەۋمنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا مەسئۇلىيەتلەرنى زىممىسىگە ئېلىپ ياكى تارىخنىڭ جەلبكار سەھىپىلىرىگە ۋە ياكى ئاھانەتلىك قۇرلىرىغا ساھىب بولۇپ قېلىۋەردى. مەھمۇت قەشقەرى ھەق بىلەن نۇرلانغان ۋۇجۇدىنى ئىلىم كوچىلىرىدا خوراتقان بولسا، ئۆلىمالىق دەۋاسى قىلغان يەنە بىرى ئۆمرىنى خوتۇن يەڭگۈشلەش بىلەن خوراتتى.  
         ياراتقۇچى ھەر بىر دەۋرلەردە بىر قېتىملىق ئىدىيە يېڭىلىغۇچى، كىشىلەرنىڭ روھىيىتىنى پارلاقلىققا باشلىغۇچى ئەھلى ئىلىملەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق، ھالاك بولۇش ئالدىدىكى قەۋملەرگە روھىيەتنى يېڭىلاش، ھەقىقەتنى تونۇش پۇرسىتى بەردى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، نوھ ئەلەيھىسسالام  ئۆز قەۋمىنى 950 يىل تەۋھىدكە دەۋەت قىلغان، ئاخىرىدا ئاران 80 ئەتراپىدا ئادەم ئەگەشكەن ئىكەن.  بەزى پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتكە چاقىرغانلىقى ئۈچۈن تەنلىرى ھەرىدەلگەن، بەزىلىرى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، يەنە بەزىلىرى ئېغىر جىسمانىي ئازابلارغا ئۇچرىغان. بۇخارىدەك ئالىملار يۇرتىدىن ھەيدەلگەن، ئابدۇقادىر داموللا ئۆز دىنداشلىرى تەرىپىدىن شېھىد قىلىنغان. تارىخنىڭ تەسۋى ئۇرۇقىدەك تىزىلغان يىلنامىلىرىگە قارىساق، باتىل ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغاندا قەۋمدىكى سانى ئىنتايىن ئاز بولغان ئۆلىمالارنىڭ ئەكسىچە ئۆزى غېمىنى يېگەن كىشىلەر تەرىپىدىن يوقىتىلغانلىقىنى بايقايمىز. كېيىنكى دەۋرلەرگە نەزەر سالساق، ياڭزىڭشىن ۋە ياكى شىڭشىسەي قاتارلىق جاللاتلارنىڭ ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆز قەۋمىگە چىراغ بولۇپ تۇرۇپ ئۆلىما، زىيالىي، بايلارنى يوقىتىشتىن باشلىغانلىقىنى، بۇ خىلدىكى يوقىتىشنىڭ بەزىدە كۆلەملىك يۇسۇندا ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. دېمەك، زۇلۇم ئەھلىلىرى ئاجىز، ھالسىز، غېرىب كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان زۇلۇم ئوبيېكىتلىرىغا مۇھتاج بولغان. ئۆزىنىڭ يولباشلىرىدىن ئايرىلغان قەۋم تالاي يىللارغىچە زۇلۇم ماشىنىسىنىڭ چىشلىق چاقلىرىنى مايلاپ بېرىدىغان خالىس مۇلازىملارغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرەتلەپ بېرىدىغان ئەقلى ئويغاق سەركىلىرىدىن ئايرىلغان بولغاچقا، پۈتكۈل مەپكۈرىسى قورساق بېقىشتىن نېرىغا ئۆتمىگەن، جاھالەتكە پاتقان بىر توپ ئىنسان سۈپىتىدە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خۇراپات، بىدئەت گۈللەپ ياشنايدۇكى، ھەقىقەت ھالسىز ھالەتكە چۈشىدۇ. زۇلۇم ئەھلىلىرى بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆز ئىدىيىسىگە مۇۋاپىق كىشىلەرنى تاللاپ ئۆلىمالىق، ئۇلۇغلۇق تونىنى ھەدىيە قىلىدۇ. ئۇلاردىن ئۆز مەپكۈرىسىگە لايىق پەتىۋالارنى ئالىدۇ. خەلق ھەم شۇ پەتىۋالارغا كۆنگەن بولىدۇ. مانا بۇ تارىخنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ سەھىپىلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان، ھەقىقەت نامىدىكى ھەقىقەتسىزلىك. ناۋادا بۇ ھەقسىزلىكنى بايقىغان بىر ئەھلى ئىلىم ئوتتۇرىغا چۈشسە، ئۇ مۇقەررەركى «خەلقنىڭ دۈشمىنى »دېگەن مۇبارەك تون بىلەن تارتۇقلىنىدۇ. 

        بەندىگە قۇلچىلىق قىلىشتىن، يىگانە ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغان ھەق ئىسلام كەلگەندىن كېيىنكى تارىخ سەھىپىلىرىگە نەزىرىمىزنى بەرسەك، يۇقىرىدا قەيت قىلغىنىمىزدەك، تەۋھىد ئەقىدىسى مۇستەھكەم، ئەقلى ئويغاق ئالىم، ئۆلىمالارنىڭ خەلقنى توغرا ئەقىدە ئاساسىدا يېتەكلىگەنلىكىنى بايقايمىز. ئۇلارنىڭ ئاقىلانە پىكىرلىرى، مەسلىھەتلىرىدىن ئاقىل پادىشاھلار ھەم ئوزۇقلىنىپ، ئاۋامنىڭ دەردۇ- ھالىنى بىلىپ تۇرغان. زۇلۇمدىن ساقلانغان. ئىشىكلەرگە قۇلۇپ سېلىنمىغان، ھەق ئىگىلىرىنىڭ ھەققى ئادا قىلىنغان سائادەتلىك كۈنلەر ئەنە شۇ زامانلاردا بەرپا بولغان. ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سانالغان قەلەمكەش، يازغۇچىلارمۇ توغرا ئەقىدە ئاساسىدا يېزىلغان ئەسەرلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە ھىدايەت يوللىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار يازغانلىرىغا ئەمەل قىلىدىغان، نېمىنى يېزىشنى بىلىدىغان ، توغرا پىكىرلىك كىشىلەر ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشچە، ناۋائىي ھەزرەتلىرى شېئىرنى تاھارەت ئېلىپ ئاندىن يازار ئىكەن. ئەھمەد يۈكنەكى، سەككاكى، يۈسۈف خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى قاتارلىق ئەھلى قەلەملەرنىڭ يازمىلىرىغا نەزىرىمىزنى بەرسەك، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئەسىرىنى ياراتقۇچىغا مەدھىيە بىلەن باشلىغانلىقىنى بايقايمىز. ئۇلار شۇ دەۋرنىڭ زىيالىيلىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېتىقاد بىلەن قەلەمنى بىرلەشتۈرەلىگەن، قەلبىنى پاكلىيالىغان  كىشىلەردىن ئىدى. ماتېرىيال مەنبەسىنىڭ كەملىكى سەۋەبلىك قولۇمدا يېتەرلىك مەلۇمات يوق، لېكىن، بۇ خىلدىكى يېزىش ئۇسلۇبىنىڭ موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامى (مىلادى 1836-يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۇنى ئاقسۇنىڭ باي ناھىسىگە تەۋە سايرام رايونىنىڭ ئانقىز يېزىسى توغايلا مەلىسىدە تۇغۇلغان .) دا ئۈزۈلگەنلىكى، ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ ئابدۇقادىر داموللا ۋە  ئىنتايىن ئاز ساندىكى تەقۋادار ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تولۇق خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. )مۇللا مۇسا سايرامى «تارىخىي ئەمىنىيە» ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. 
سان- ساناقسىز ماختاشلار ئۆز- ئۆزىدىن بار بولغان ئۇلۇغ ئاللاھقا خاس.ئۇ كىشىلەر چۈشىنەلمەيدىغان بارلىق شەيئىلەرنى ئۆز ھېكمىتى بىلەن يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈردى.پۈتۈن ئالەمنىڭ پادىشاھى بولغان ئاللاھقا چەكسىز ئالقىشلار ياغدۇرىمەن.ئۇ ئۆز قۇدرىتى بىلەن پادىشاھلىقنىڭ تاجىنى خالىسا بىراۋدىن ئالدى. خالىسا بىراۋغا بەردى.....

          پەيغەمبىرىمىزگە ھەممىدىن بۇرۇن دوست بولغان ھەزىرتى ئابابەكرىگە، ئادالەتنىڭ ئاپتىپى ھەزىرتى ئۆمەرگە: سېخىيلىق ، مۇلايىملىق، ھايا، نومۇسنىڭ كانى،<قۇرئان>نى توپلاپ كىتاب قىلىپ چىققۇچى ھەزىرتى ئوسمانغا، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان، ھەمىشە غەلىبە قىلىدىغان ھەزىرتى ئەلىگە، بارلىق مۆئمىن مۇسۇلمانلارغا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىلىرى ھەمزە ۋە ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا، ساھابىلەرگە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرىغا ۋە ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈ ۋە كۆپتىن – كۆپ سالام ۋە رەھمەتلەر  ئېيتىمەن.»   
         ئۇيقۇدىن بىدار كۆزلىرىمىزنى بۈگۈنكى ھەم يېقىنقى رىئاللىقىمىزغا تىكسەك، ئىنسان ئەقلىنى مەسخىرە قىلغۇدەك بىمەنە سىياسى قۇيۇنلاردا ئەھلى قەلەملەردە ئېغىر روھىي ئاينىشلار كۆرۈلگەنلىكىنى بايقاش تەس ئەمەس. مەدەنىيەت قارا قۇيۇنلىرى ۋە كېيىنكى بىر مەزگىلدە ياشاپ ئۆتكەن يازغۇچىلار، ئىلغار دەپ قارالغان قەلەمكەشلەر ماۋجۇشى ئۈزۈندىلىرىنى ئەسەرلىرىگە مۇقەددىمە قىلغان. ئىنساننى ئىلاھ ئورنىغا چىقىرىپ مەدھىيلەيدىغان ئەسەبىي ئازغۇنلۇق شاماللىرى كۆتۈرۈلگەن. تەسەۋۋۇر، ئەركىن تەپەككۇرنىڭ تومۇرى بوغۇلۇپ، تۆھمەت ۋە زىيانكەشلىكنىڭ تۈگمىنىگە سۇ قۇيۇلغان. شۇ سەركىلەرگە، ئەھلى قەلەملەرگە ئەگىشىپ ئاۋام خەلقمۇ شۇئارچى ۋە تۆھمەتخور بولۇپ كەتكەن. بۈگۈن مەدھىيلەنگەن كىشى ئەتىسى تەنقىد قىلىنغان. ئۇزۇندىن ئۇزۇن بۆكلەر، چوڭ خەتلىك شۇئارلار، «يوقالسۇن»  دېگەن ۋەھىمىلىك سادالار ئىچىدە ياراتقۇچى بىلەن تەلتۆكۈس ئالاقىسىنى ئۈزگەن ئازغۇن كىشىلەر توپى بارلىققا كەلگەن. ھېلىھەم 60 ياشتىن كىشىلەر ئارىسىدا قەبرە ئازابى، قىيامەتنى ئىنكار قىلىدىغان كىشىلەر بار.بۈگۈنكى قەلەمكەشلەرنىڭ كىتابلىرىغا يەھۇدىي ۋە ئاتىئىزىمچىلارنىڭ نەزەرىيەلىرىدىن نەقىل ئېلىش ئېقىمغا ئايلىنىۋاتىدۇ. چوڭقۇر ھېكمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەدىسلەردىن نەقىل ئېلىش يوق دېيەرلىك بولماقتا. خاتا ئىدىيىلەرنى كۆتۈرۈپ چىققان ئاشۇ كىشىلەر ئۆز پىكرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە مەسئۇل  بولۇشى كېرەك. ئېتىقادلىق بىر ئىنسان تىلىدىن تۆكۈلگەن ھەر بىر سۆزىگە ئىگە بولۇشنى بىلىدۇ.  ئىنسان گۈزەل قامىتى ،بايلىقى بىلەن ئەمەس، ئاللاھ ئالدىدىكى تەقۋادارلىقى بىلەن قەدىرلىكتۇر. ئاللاھنى تونۇمىغان كىشى قىيامەت كۈنى خاردۇر.   
       رەڭدار ئالامانلارغا تولغان دۇنيادا ئازغانلار ئېزىپ كېتىۋەردۇق. بولۇپمۇ بىر قەۋمگە چىراغ بولىۋاتقان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ، زىيالىي ئاتالغانلارنىڭ قورساق باقتىلىققا قاراپ مېڭىشى ھەقىقىي پاجىئەنىڭ باشلىنىشىدۇر.  ئەھلى قەلەملەرنىڭ مەپكۈرىسىنىڭ تايىنى قالماسلىقى، دېگىنىگە ئەمەل قىلماسلىقى، يازمىلىرىدا كۇفرى سۆزلەرنى ئىككىلەنمەي قىلىشى، بۇنى سەنئەت، چەكلىمىسىز تۇيغۇ دەپ ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشى ئېچىنارلىق ھالەتكە يەتتى. مانچە توم رومان يازغان بىر قەلەم ساھىبى يۇرتىدا بەچچىۋازلىقنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى، بىر قېتىم بىر قاملاشقان بەچچىنىڭ ھاجىتىدىن چىققانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەندە قۇلىقىم تۈۋىدە شەيتاننىڭ ھاڭرىغان ئاۋازى ياڭرىغاندەك تۇيۇلغان ئىدى.

        يەنە بىر شائىر «ئىلھامنى شەيتاندىن ئالىمەن» دەپ بېلجىرلىدى. شەيتاننى خۇش قىلىپ، ياراتقۇچىنى غەزەپلەندۈرىدىغان بۇ قارام ئازغۇنلۇق خەلقنىڭ مۇقەددەس ئەقىدىلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىش بىلەن قالماي، تالاي ھەۋەسكارنى، ئاۋامنى زەھەرلىدى.
         بىر قېتىم ئەدەبىيات- سەنئەت ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ئەدەبىيات  سەركىلىرى ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﻤﯘ ﻳﻮﻻﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﻦ ﺑﯩﺮ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﺪﺍ ﺳﯩﭽﯘﻩﻧﻠﯩﻚ ﯰﺳﺘﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﺯﺯﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﻰ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ «ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻫﺎﻻﻝ- ﻫﺎﺭﺍﻡ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻤﯘ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ» ﺩﻩﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﻜﯩﺖ ﯰﺭﺩﯗﻡ.«ﯪﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﯪﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﯪﺗﯩﻼﺭ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﯩﻦ ﭘﯜﺗﺘﯜﻡ. ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﺎﺗﻤﺎﻧﻼﭖ ﯬﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮ ، ﺷﺎﺋﯩﺮﻩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯬﺳﻬﺎﺑﯘﻟﻜﻪﻫﻒ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻪﻙ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﻳﯩﻐﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻫﯩﺪﺍﻳﯩﺘﯘﻟﻼ ﯪﻓﺎﻕ ﻏﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ﯬﺭﯞﺍﻫﻠﯩﺮﻯ ﻣﯧﻨﻰ ﯬﮔﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. گاھىدا: ئەي، ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ ئەھلى قەلەملىرى، ھېلىمۇ يىلتىزدىن بەك يىراقلاپ كەتتىڭلار، ئۆزۈڭلارنى تېپىۋېلىڭلار، شەيتان ھەۋەسنى ئۆلتۈرۈپ، كىمنىڭ يىغىسىنى يىغلاشنى بىلىۋېلىڭلار. يازساڭلارمۇ ، سۆزلىسەڭلەرمۇ خەلقنىڭ ئەقىدە، ئېتىقادىغا چاقچاق قىلماڭلار.... دەپ ۋارقىرىغۇم كېلىدۇ.         
         شۇنداق، نۇرمۇھەممەت ئۇچقۇن، ئادىل تۇنىياز ۋە باشقا بىر قىسىم زىيالىي قەلەمكەشلەرنىڭ سۈزۈك قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئەسەرلىرى خەلقنىڭ ھۈرمىتىگە ئېرىشىۋاتىدۇ. «ئۆزۈڭنى تاپ، كۆزۈڭنى ئاچ ئەركەكلەر»، «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» قاتارلىق كىتابلار ئەتىۋارلىق كىتابلار تىزىملىكىدە. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھەقىقىي ئىلىم ئەھلى ئىكەن.ئۇ 58 يېشىدا «ھىدايەتنامە» دەك نادىر ئەسەرنى يېزىپ، ياراتقۇچىغا ھەمدۇسانا ئوقۇدى.               
        بۇنىڭغا سېلىشتۇرما ھالدا، چۈشىنىكسىز نەزەرىيە سېستىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر ئالجىغان كىشى بولسا  بىر پارچە ماقالىسىدا «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ «قۇرئان كەرىم» دىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى. فىروئىدنىڭ جىنسىيەت تەلىماتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قىسمەن يازغۇچىلار كارۋات ئۈستى پائالىيەتلىرىنى تەسۋىرلەيدىغان بىر تۈركۈم كىتابلارنى تۆكمە قىلدى. ئاشنىدارچىلىقنىڭ شىرىنلىكىنى تەشۋىق قىلغان بۇ ئەسەرلەر يازغۇچىنىڭ بۇزۇق قەلبىدىن تۆكۈلگەن بولغاچقا، ئېغىزغا ئېلىشقا ئۇيۇلىدىغان سۆزلەر كىتاب بەتلىرىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇلار ئاشۇ سۆزلىرىنىڭ، ئاشۇ كىتابلىرىنىڭ، تۇتقان قەلەملىرىنىڭ، بارماقلىرىنىڭ ئۆز زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدىغىنىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشمىدى. سۆز ۋادىلىرىدا تىنەپ يۈرگەن بۇ قەلەمكەشلەرنىڭ پاساھەتلىك تىللىرى، تەسىرلىك ئىبارىلىرى سىزنى ھاياجانغا سالمىسۇن. بۇلار قىممەتسىز كىشىلەردۇر. 70 كىرگۈچە ھاراقتىن ئۆزىنى تارتمىغان ئاۋۇ ساقالسىز بوۋاي زىيالىينىڭ ئادىمىيلىك ھەققىدىكى ۋەزلىرى ئىناۋەتسىزدۇر. *  
         ئۆزبېكىستانلىق ئەدىب ئىمىن ئوسماننىڭ« پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ؟» ناملىق يازمىسىدىكى مۇنۇ قۇرلارغا دېققەت – نەزىرىمىزنى بېرىش ئارتۇقچە بولماس:«ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﻣﻪھمۇﺩ كاشغەرىي، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ھاﺟﯩﭗ، ﺑﺮﻭﻧﯩﻲ، ﺋﯩﺒﯩﻦ ﺳﯩﻨﺎ، ﺋﻪل خارەزمى، ﻧﻪﯞﺍﺋﯩﻲ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺭ ﺋﯩﻤﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻟﻤﻪﺱ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻟﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﯞﺍﺭﯨﺲ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯘﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻣﯘ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﻧﯧﺮﻯ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.»

        ئېيتىلىشىچە، قىيامەت كۈن ئەڭ قاتتىق ئازابقا قالىدىغان كىشىنىڭ بىرى ئۆزى باشقىلارنى بۇيرۇغان ، لېكىن ئەمەل قىلمىغان ئالىم ئىكەن. ئۆزىنى ئىدىيە يېڭىلاشتا ئاۋانگارت ساناپ يۈرگەن يولباشچىلارنىڭ بۈگۈنكى ھالىغا نەزەر سالساق دىلىمىز ئۆرتىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەزەرىيەلىرىنى تەستىقلاپ، ئەگىشىشكە تەييار بولۇپ تۇرغان قانچىلىغان كىشىنى خاتا ئىدىيە بىلەن زەھەرلەۋاتقانلىقىنى سېزىشمەيدۇ. 
           پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالغان ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى قايىل بولماي ۋە قوبۇل بولماي تۇرالمايتتى. شۇنداقتىمۇ بىر قىسىم كىشىلەر كەبى ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا «رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ» دېگەن ئەڭ شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن بىر ئەقىل ئىگىسى ناھايىتى كېچىكىپ ئىمان ئېيتتى. ئۇ «ئاللاھنىڭ قىلىچى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ 20 يىل ئەتراپىدا كېچىكىپ ئىمان ئېيتتى. ئۇ مۇسۇلمان بولغىنىدا باشقىلار ئۇنىڭغا: «ئى خالىد! سېنىڭ ئەقلىڭ نەگە كەتتى. پەيغەمبەرنىڭ نۇرى 20 يىل ئەتراپىڭدا تۇرسىمۇ كۆرەلمىدىڭمۇ؟» دېگىنىدە، خالىد :«بىزنىڭ ئالدىمىزدا بەزى كىشىلەر بار ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ ئەقىللىرىنى خۇددى تاغقا ئوخشاش كۆرەتتۇق(يەنى ئۇلارنىڭ پىكرىنى چوڭ بىلەتتۇق)» دېگەن ئىدى. مانا خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كېچىكىپ ئىمان ئېيتىشىغا ئۇنىڭ ئۆزى قايىل بولىدىغان كىشىلەرنى تەقلىد قىلغانلىقى سەۋەب بولغان ئىدى.

          سەركىنىڭ رولى يۇقىرىقى بايانلاردا ئۆزىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. سەركىلىرى ئاينىغان، يىلتىزىنى تاپالمىغان، جان بېقىش ھەلەكچىلىكىگە چۈشكەن قەۋم بەختسىز قەۋمدۇر. ئىسلامنى ئېتىقادى قىلىپ تاللىغان بىر قەۋمنىڭ سەركىلىرىنىڭ بىپەرۋا، ئېتىقادسىز ، خامۇش بولۇشى قەۋم خاراكتىرلىق ئومۇمىي كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۇنياۋىي ئالىم، ئەدىبلەرنىڭ ئىچىدە ئىسلام كەلتۈرمىگەن بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرى ئالدىدا ئەقلى لال بولۇپ، كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىنى ئېتىراپ قىلغان ئالىملار بار.   
        گىيۇتى - گىرمانىيەلىك شائىر بولۇپ ،مۇنداق دەيدۇ:« تەبىئي پەن ئالىمى < قۇرئان - كەرىم  > نى قانچە ئوقۇسا زېرىكمەيدۇ .ھەرقېتىم ئوقۇغاندا دەسلەپتىكىدەك ناھايىتى يېڭى تۇيۇلىدۇ ، ئاندىن كېيىن كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ، قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ ، ئاخىرىدا كىشىدە ئالىي ئېھتىرام پەيدا قىلىدۇ ، بۇ كىتاپ مەڭگۈ ئەڭ چەكسىز بولغان بىر خىل كۈچكە ئىگە .»

         باكون- ئەنگىلىيلىك پەيلاسوپ بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«مەن ئىنجىل.تەۋرات،قۇرئاندىكى بارلىق خەۋەررلەرگە ئىشىنىمەن.ئالەم قۇرۇلمىسىنىڭ بىر ياراتقۇچى كۇچنىڭ ئىرادىسىدىن تاشقىرى مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشىەنمەيمەن. اللە مۆجىزە كەلتۇرۇپ دىنسىزلىقىنى مات قىلمىدى. چۇنكى اللە ياراتقان بارلىق شەيئىلەر دىنسىزلىقىنى مات قىلىپ تۇرىدۇ،»   
     گاللىي -ئىتالىيلىك فىزىكا ئالىمى ، ئاسترونوم . ئۇ مۇنداق دەيدۇ :«ماتىماتكا اللەنىڭ دۇنيانى يېزىشتىكى يېزىقى.»  
        ئادىل ئابدۇقادىر« مەنزىلىڭ قايان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى» ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ:« ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن چانغان، ئۆزى تەۋە مىللىي توپنىڭ ئەخلاق، ئېتقاد، ئەنئەنە سىستېمىسىدىن ياتلاشقان زىيالىي مەيلى قانچىلىك نەتىجە ياراتسۇن، مىللىتىنى سۆيىدىغانلىقىنى ھەر نېمە بىلەن دەۋا قىلسۇن، ئۆزى تەۋە مىللىي توپنىڭ ھەقىقىي ۋەكىلى ۋە باياناتچىسى بولالمايدۇ، خەلقنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.» "zYlddh  
ئاخىرىدا ئىمىن ئوسماننىڭ «پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ» ناملىق ماقالىسىدىكى مۇنۇ قۇرلار بىلەن يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

           «ﺋﺎﻟﯩﻤﺒﺎﻱ! ﻳﻪﺗﻤﯩﺶ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ-ﻳﺎﯞﯨﺪﺍﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ ﻳﺎﺷﯩﺪﯗﻕ. ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺧﯘﺩﺍﻻﺭﻏﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﭖ، ﺭﻩﺯﯨﻞ، ﮔﯘﻧﺎھﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﭘﺎﺗﺘﯘﻕ. ﻛﯧﻠﯩﯔ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻖ، ﺗﻪﯕﻠﯩﻚ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ كۆتۈرۈلگەن ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ «ھەقىقەتنى ﻏﺎﭘﯩﻞ، ناھەق ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﻳﻮﺷﯘﺭﻣﺎﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻧﻰ خەلقتىن پىنھان ﺗﯘﺗﻤﺎﯕﻼﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﺍﻧﺎ ھېكمەتكە ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ تىرىشايلى. ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﺭ-نوﻣﯘﺳﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻠﻰ.»  
12- ماي


مەنبە: http://www.bbs.merifet.net/

نىكاھنىڭ قىيىنل

35

تېما

0

دوست

7820

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1318
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1707
تۆھپە : 1255
توردىكى ۋاقتى: 1395
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 14:49:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بۇ ئەسەرگە تون پىچىشقا سەۋىيەم يەتمەيدۇ.ئەمما مەن بۇ ئەسەردىن خېلى ياخشى ھەقىقەتلەرنى ھىس قىلدىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

71

تېما

0

دوست

6187

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1558
تۆھپە : 832
توردىكى ۋاقتى: 541
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 23:44:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەردىكى يۇكسەك مەسئوليەتلىك قەلىپ ئىگىسى مەڭگۈ تاش (ئوسمان زاھىر )ئەپەندىنىڭ ئەسىرىغۇ دەيمەن.

8

تېما

0

دوست

250

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  183
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 250
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2012-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 01:07:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر ئەسەر كىمنىڭ ئەسىرى بولمىسۇن، ئادەمنى قاتتىق بىر سىلكىپ تاشلايدىغان، ۋىجدانغا ، تۇتۇپ ماڭغان يولىمىزغا نەزەر سېلىشقا ئۈندەيدىغان ئەسەركەن. مۇشۇنداق يازمىلىرىمىز ئۆزى دەيدىغان، ئەمەل يوق كىشىلىرىمىزنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلسا قانداق ياخشى بولاتتى- ھە؟ ئادەمنى دوزاخقا تىك تاشلاشقا يېتەرلىك بولغان بىر ئىللىتىمىز، ھاكاۋۇرلۇق. شەيتاننىڭمۇ باشقا جىنايىتى يوقتى. ھاكاۋۇرلۇق ئۇنى ئەڭ لەنەتگەردىگە ئايلاندۇرغان. ئەدىبلىرىمىزدىكى مەشھۇرلۇق كېسىلى ئۇلارنى بەك ھاكاۋۇرلاشتۇرۇپ كېتىپ بارىدۇ. يۇقارقى يازمىدا نەقىل ئالغان ئۆتكۈر قەلەم ئېگىلىرىنىڭ سەركەشلىشىشىنى ھاكاۋۇرلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ قارايمەن. يەنە بىرسى بىچارىلەرنىڭ ئىتىقادى بەك پۈچەك، بەك پۈچەك. مەسىلەن، مەلۇم بىر سورۇندا ئادىل تۇنىياز كەلگۈدەك ئىچمەيلى، دېگەن سۆز بولۇندى. رەھمەت ئادىل تۇنىياز. ئەمما ئويلىنىپ باقايلى، ئاشۇنى دېگەن مەشھۇردا ياراتقۇچىدىن قورقۇدىغان، تارتىنىدىغان، قورقۇشقا تېگىشلىكى بىزنى ياراتقان زات دەيدىغان ئۇقۇم بارمۇ؟

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 19:45:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ كاللام سەگەكلىشىپ قالغاندەكلا بولۇپ قالدىميا  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )