قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3807|ئىنكاس: 17

قەيسەر مىجىت :كەپتەرلەر (چاتما ئەسەر- بىرىنجى بۆلۈكى)- نۇري تېيىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 915
تۆھپە : 4453
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 13:34:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                      
                                      كەپتەرلەر
                                                      (چاتمائەسەر)



قەيسەر مىجىت ئېلاۋىسى:

      بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئىنىم زۇلپىقار بارات ئۆزباش مىنى باغداش تورىغا تەكلىپ قىلغان ئىدى. شۇندىن بۇيان، مىنىڭ يۈرۈگۈم  باغداش ئەھلى بىلەن تەڭ سوقتى. سىلەر شاتلانساڭلار، مەنمۇ شاتلاندىم، سىلەر زەخم يىگەندە مەنمۇ ئازاپلاندىم، چۈنكى مەن باغداشنى ياخشى كۆرىمەن. مەندىكى بۇ خىل ھىسسىيات- ئاغزىمنىڭ ئۇچىدا ئەمەس، ۋە ياكى بىر دەملىك ھىسسىياتلىرىمنىڭ چاچراپ چىققانلىغىدىن ئەمەس. بىر ياخشى كۆردۈممۇ بولدى، ياخشىلىقىڭغا ئىشەندىممۇ بولدى، مەن ساڭا كۆڭۈل بۆلىمەن، سىنىڭ گۈللۈنۈشىڭنى، پورەكلەپ ئىچىلىشىڭنى ئۈمىت قىلىمەن. چۈنكى، ياخشى كۆرۈش -مەن ئۈچۈن ئاددى گەپ ئەمەس، ئۇ مۇقەددەستۇر! شۇنداق ئىكەن، ئەمىلىيىتىم - قەلبىمنىڭ تىگىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان سۆزلەرنى دەللىللىيەلەيدىغان بولۇشى كىرەك!
     شۇ ۋەجىدىن مەن بىر تەرەپتىن كۈچۈمنىڭ بارىچە، ئىمكانىيىتىمنىڭ يىتىشىچە باغداش ئەھلىنى پارچە-پۇرات، كالتا-پۇلتا يازمىلىرىم بىلەن مالال قىلىپ كەلدىم، قەلبىمنى چۈشۈنىدىغانلىغىڭلارغا ئىشىنىمەن. مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن غايىپ بوپ كىتىشىم -ئۇنتۇپ قالغانلىغىم ۋە ياكى ئۇنتۇشقا ئۇرۇنغانلىغىمدىن ئەمەس، بەلكى "باغداش" نىڭ "خاتىرجەملىگىنى" ئويلىغىنىمدىندۇر. مەن ئۆزىگە خوشاللىق ئەكەلگەنلەرنى ئاسان ئۇنتۇيدىغانلاردىن ئەمەس.
      يەنە بىر تەرەپتىن، مەن باغداشنىڭ مەزمۇنلىرىنى مول قىلىشقا، بولۇپمۇ ئۇنىڭدا ئىلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ خىل بولۇشىغا، مۇئەللىپلەرنىڭ ساز بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن.
     بىز ھازىر تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن دۇنيانىڭ ھەممە يىرىگە دىگۈدەك تاراپ كەتتۇق. ھەممەيلەننىڭ يۈرىگى ۋەتەن دەپ سوقسىمۇ ئەمما يات ئەلدە ھەر بىر كۈننى ۋەتەنسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈش ئوڭاي ئەمەس. ئەل-يۇرت ۋە دوست-بۇرادەرلەرنى  چوڭقۇر سىغىنىش، ئۆتكەن تاتلىق كۈنلەرنى ئەسلەش - ئاللىقاچان قەلبى ئويغاق مۇھاجىر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. مەن تورداشلارنىڭ- بىزدىكى بۇ خىل ساپ ھىسسىياتنى، مۇقەددەس تۇيغۇنى ھىس قىلالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن!  شۇنداقتىمۇ مەنچە ھىس قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. مەن يەنە كۆپچىلىكنى چوقۇم چەتئەلدىكى سانىمىزنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بىخ ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان "مۇھاجىرلار ئەدەبىياتى" نىڭ مىۋىلىرىدىن سىستىمىلىق بەھرىمەن بولۇش ئارقىلىق بىزنىڭ نىمە ئويلاپ، نىمە كۈنلەرنى كۆرۈپ، قانداق ياشاۋاتقانلىغىمىزنى بىلگۈسى كىلىدۇ دەپ قارايمەن.
    مەن چەتئەلدىكى ئىجىماى ئالاقە تور بىتىگە  ئەزا بولۇپ كىرگىلى كۆپ بولمىدى. ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ بار ئىكەن، كونا دوستلار بىلەن تىپىشقىلى بولىدىكەن، يىڭى دوستلار بىلەن تونۇشقىلى بولىدىكەن. ئېسىل بەدئىى سۈرەتلەردىن ئېستىتىك زوق ۋە ياخشى يىزىلغان ئەسەرلەردىن ھوزۇرلانغىلى ھەم بولىدىكەن. (ئەلۋەتتە، بىر ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولغىنىدەك، بۇ تور بەتلەردە قاتراپ يۈرۈش -  مەن ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت ۋە زېھن يەيدىكەن. مۇنداقچە ئىيتقاندا خۇمار قىلىپ قويىدىكەن.  تەسىر ۋە ھىسلارغا ئىممۇنىنىتىم كۈچلۈك دەپ قارايدىغان پىقىرمۇ خۇمارلىقنىڭ تار كوچىسغا كىرىپ كىتىۋاتىمەن دىسە،  مۇنداقچە ئىيتقاندا قار ياققانسىرى تىيىلىپ كىتىشنىڭ ئىھتىمالى چوڭ بولىدىكەن)  مەن ئەلۋەتتە ھەمىشە ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلايدىغان، كۆرىدىغان ئادەم. شۇڭا مەنچە يەنىلا نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن ئىجتىماى تور بەتلىرىنىڭ زىيىنىدىن پايدىسى كۆپ.  لىكىن مەن ۋاقتىمنى باشقا ئەھمىيەتلىك ئىشقا ئىشلەتسەم بولىدىكەن دىگەن نىيەتتە  بۇ ئىجتىماى ئالاقە بىتىدىن چىكىنىپ چىقىشنى بۈگۈن راۋا كۆردۈم. لىكىن مەن ئۇنداق قۇرۇق قول چىكىنىپ "تەسلىم" بولىدىغانلاردىن ئەمەس.  مەن بۇ تور بىتىدىكى يازمىلاردىن يىزىقچىلىققا ماھىر بىر قىرىندىشىمىزنى بايقاپ قالدىم. ئۇنىڭدا ئەل ئۈچۈن كۆيىدىغان ئوتتەك يۈرەك بار، دوستلىرى ئۈچۈن ئاتايدىغان سەمىمى قەلبى بار. ياشلارغا تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار ئەسەرلەرنى يازالايدىغان ئىقتىدار بار. مەن بۇ قىرىندىشمىزنىڭ باغداش سەھىپىمىزگە قىتىلىپ ئۆزىنىڭ ئىسىل يازمىلىرىنى كۆپچىلىككە تەقدىم قىلىش ئارقىلىق چەتئەلدىكى قىرىنداشلىرىمىز بىلەن ۋەتەندىكى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ مىھرىنى باغلىيالايدىغانلىغىغا ئىشەنچىم كامىل. تۆۋەندە مەن سىلەرگە مۇئەللىپ ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىرىش ئارقىلىق تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزىنىڭ بىر تۇتاش ئىكەنلىگىنى يازمىلىرىدا كۈچلۈك مۇھەببەت بىلەن ئىپادىلەۋاتقان  بۇ پەخرلىك ئوغلانىمىزىغا قۇچاق ئىچىشىڭلارنى ئۇنى قىزغىن قوللاپ، ئۇنىڭغا ئىلھام بىرىشڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن!
*********************************************

        ئۆتكەن ئەسرىنىڭ ئاتمىش ئالتىسىدە، باھار قىزى تەبئىەتكە جىلۋە قىلىشقا باشلىغاندا، مەرگەن ئوۋ مىلتىغىنى بەتلىگەندە، توشقان ئۇۋىسىدىن ، جۇۋانلار كۆك چۆچۈرىسى ئۈچۈن زىمىندىن كۆك تەرگىلى ئۆيىدىن چىققاندا، ئۇيغۇرلار نورۇز ئۈچۈن كۆڭلىدە تەرەددۈت قىلىۋاتقاندا، سادىر پالۋان تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، لۇتۇن ئىلھاملىنىپ شىئر يازغان، زوردۇن سابىر كەزگەن بۇ ئۇلۇغ ئانا ماكاندا، تېيىپكام ئىسىملىك بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە بىر ئوغۇل بوۋاق  ئوتلۇق ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قۇچاقلاپ ئۇ ئۆيگە نۇر ۋە مۇھەببەت ئىلىپ كەلدىلەر. بوۋاق ئاتا-ئانا مىھرىدە بىر چىرايلق چوڭ بولدىلەر ئەقىل -پاراسەتكە تولدىلەر، شۇڭقارلىق مەزگىلىگە كەلگەندە ئالى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئۈمىت بىلەن كىردىلەر.
       شۇ يىلى 1983- يىلى ئىدى. يىگىت ئۇنىۋىرسىتىت ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا كەلگۈسىدىكى ئۇشبۇ يازمىلارغا كىرەكلىك ماھارەتلەرگە ئاساس سالدىلەر. بىر تەرەپتىن ۋالىبول ئويناپ ئۆسۈۋاتقان بويىنى تىخىمۇ ئىگىز قىلدىلەر. 5 يىللىق قىزغىن مۇھەببەتلىك ئالى مەكتەپ ھاياتىنى ئاخىرلشتۇرۇپ، مەركىزى مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىغا خىزمەتكە چۈشتىلەر. (قارىغاندا خەنزۇچىسى "ئاتۇشى شى"  دەپ شۇ يىلى سىنتەبىردە مەكتەپ سەيناسىدا   جۆيلۈپ يۈرگەن پىقىردىن كۆپ ياخشى دىگەن گەپ.)  ئۇ يىلى -1988 يىلى ئىدى. ئىلىمگە ئىنتىلىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغانلىقتىن،ىئىككى يىل خىزمەت قىلىپ  ئۆز خىراجىتى بىلەن ياپۇن مەملىكىتىگە ئوقۇشقا چىقتىلەر. ئۆز يازمىسىدا تەسۋىرلىگىنىدەك ھاياتنىڭ ئىسسىق-سوغىقىنى، ئاچچىق-چۈچۈكىنى تىتىدىلەر.  كىيىن ئامىرىكىغا كۆچۈپ كەلدىلەر. شۇ تاپتا بىر دىھقانچىلىق مەيدانىنى سىتىۋىلىپ، شۇ يەردە ئىگىلىك تىكلىگەچ، كەپتەرلىرىگە دان بەرگەچ ئۇلاردىن ئىلھام ئىلىپ  ئىشچانلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇلەر. قىلىۋاتقان ئىشىغا ماس ھالدا
پىقىردىن "پومىچىك" دەپ لەقەمنى ئالدىلەر!
      پېقىر مەن بۇ "پومىچىك" مۇئەللىپنىڭ ئۆزىنى يۈز-تۇرانە كۆرۈپ باققىنىم يوق، ئەمما خەت ئالاقە قىلىپ باققىنىم بار. ئۇنىڭ  يازغانلىرىدا تارخ بار،چىنلىق ۋې  مۇھەببەت بار، ئازاپ بار، يىغا بار، شۇنداقلا ئۈمىت ۋە ئىشەنچ بار!
قىنى دوستلار نام-شەرىپى نۇري تېيىپ بولغان بۇ ھۆرمەتلىك يازغۇچى قىرىندىشىمىزنى  - باغداش تورىمىزغا قىزغىن تەكلىپ قىلايلى!تۆۋەندە ئۇنىڭ مەزكۈر بەتكە يوللانغان تۇنجى ئەسىرىدىن ھوزۇرلانغايسىلەر!
*********************



- بىرىنجى بۆلۈكى نۇري تېيىپ

     ھاياتنى قەدىرلەپ ، ئۇنىڭ قىيىن – قىستاڭ يوللىرىدا ، تۇرمۇش ھارۋىسىنى كۇچەپ تارتىپ ، بۇ ياشقىمۇ كەلدىم. چەتئەل ھايات دەرياسىدا ، ئىقىپ يۇرگىلى مانا 24 يىلمۇ بوپ قاپتۇ . بۇ جەرياندا ھارۋامنىڭ چاقلىرى قانچە ئقىتىملاپ ئىتىلدى؟ قانچە قىتىملاپ تىكىموللاق ئۆرۇلدى ؟ شۇ دەريا سۇيى قانچە قىتىملاپ بۇرنۇمغا كىردى؟ ئۆزۈممۇ ئىيتىپ بىرەلمەيمەن.

      يەنىلا ئاللاغا شۇكرى ، خورلۇق ، كەمسىتىلىش ، دەپسەندە قىلىنىشلاردىن خىلى خالى ياشاپ كەلدىم. ۋەتەن ، مىللەت ئۇچۇن غايەت زور ئۇتۇقلارنى ئىلىپ كىلەلمىگەن بولساممۇ ، لىكىن شۇلارنىڭ ئىشقىدا " ۋىل - ۋىل -ۋىل " قىلىپ يىنىپ تۇرغان چىراقتەك ، ئازدۇر - كۆپتۇر ئىشلارنى قىلىپ ، شۇ ئىشلاردىن ئازراق بولسىمۇ " مىللەت ئۇچۇن بىرەر ئىش قىلىۋاتىمەن جۇمۇ ..." دەپ راھەتلىنىپ قويىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ يوق ئەمەس .     تۇرمۇشنىڭ قاتتىق قوللىرى ، گىلىمدىن، بىشىمدىن ، ئىش قىلىپ ھەر تەرەپتىن سىقىپ كەلگەندىمۇ ، بەرداشلىق بىرىپ ئۆتكۇزىۋەتتىم. تۇن قانچە قاراڭغۇ بولسا ، يۇلتۇزمۇ شۇنچە پاقىرىغاندەك، تۇرمۇش قانچە قىيىنچىلىقتا بولسا،  ئادەممۇ شۇنچە ، غەيرەتلىك بولۇپ كىتىدىغانمۇ ئوخشايدۇ . ئەركەككە 72 خىل ھۇنەر ئازلىق قىلۇر ، دىگەن ماقال - تەمسىلمۇ ھاياتىمغا كۆرسەتكۇچ بوپ كەلدى.

     لىكىن ، يۇۋاشلىق بىلەن شۇنى ئىنىق  دىيىشنى  توغرا كۆردۇمكى ، ئۆز كىندىك قىنىڭىز تۆكۇلگەن ، ئانا يۇرتۇڭىزنى  سىغىنىش ئوتى ،  ئادەتتىكى ئوتلاردىن تولىمۇ پەرقلىق ئىكەن. ياشلىغىم ئۇرغۇپ تۇرغان چاغلاردا ، ئەلۋەتتە ئۆزەممۇ ھىس قىلالمىغان. مانا ھازىر بۇ " خۇمار"تۇتۇدىكى ...ئەيھانناس ، باشقا گەپنى بولدى باس ....
     تۇرمۇشنىڭ ۋاڭ- چۇڭىدىن ئازراق بولسىمۇ خالىراق ياشاشتەك ، باشقىلار ئانچە چۇشۇنۇپ،تىگى- تەكتىگە يەتەلمىگۇدەك تۇرمۇش يولىنى تاللىغىنىمغا 10 يىللارچە بوپمۇ قاپتۇ . كەڭ دالىدا ، ئاۋازىمنىڭ بارىچە  ، كۆك ئاسمانغا قاراپ ، بەزى - بىر ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ناھەقچىلىكلەرگە چىدىماي ، ۋاقىراپ كەتكىنىم ، يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى " مەرتلىك" بىلەن،  ياق ياق... ئامالسىزلىقتىن تۆلەپ ، يامان نىيەتلىك بەزى بىر ئىنسانلارنىڭ،  قىلتىغىغا چۇشۇپ ئازار يەپ ، بۇقۇلداپ يىغلاپ ، تۆككەن ئاچچىق ياشلارمۇ ئىنىق ئىسىمدە...
     مانا بۇ كۆپ مەزمۇنلۇق ھايات مۇساپىسىدە:
     توختا ! !! مۇشۇ ھايۋاناتلار دۇنياسىنىڭ ئىشىكىنى بىر چىكىپ باقمايمۇ؟ دىگەن ئويغا كەلدىم. غاز- ئۆدەك، توخو - توشقان، قوي - ئۆچكە، ئىت- تۇلكە، شۇنىڭدەك ھازىر ئارزۇلاپ  بىقىپ كىلىۋاتقان كەپتەرگىچە بىقىپ باقتىم.
     خوش . گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە ، يۇقارقى ھايۋان - قۇشلار ئىچىدىن ، ئۆزەم ئەڭ ياخشى  كۇزەتكەن ، ماڭا ئۇيغۇرلار دۇنياسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن مودىلى  ، دىگەن چۇشەنچىنى بەرگەن ئوماق، يىقىملىق  كەپتەرلىرىمنىڭ ، تولىمۇ  مۇرەككەپ ، قىزىقارلىق ۋە جاپالىق تۇرمۇشى ، ھەققىدە سۆزۇمنى داۋام قىلغۇم كىلىۋاتىدۇ.
      كەپتەر‏-تېنچلىقنىڭ سىمۋولى .
بۇ ھەقتە ئارتۇقچە چۇشەنچە بىرىپ ، قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.
      سەھەر . ئۇزۇن يىللىق ئادىتىم بويىچە ، قىنىق دەملەنگەن قەھۋە بىلەن تەڭكەش قىلىپ ، تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ ، كەڭ ، ئازادە ھويلامغا چىقىمەن. ئىگىز قارىغاي ئۇستىدە تىنماي لەپىلدەپ تۇرغان بايرىقىمغا بىرىلىدىغان سالام بىلەن ، بىر كۇنلۇك ھاياتىم باشلىنىدۇ. چىن يۇرەكتىن بىرىلگەن سالام ، دىگەن يىرىگە باردىمۇ قانداق؟ بايرىقىم كۆك ئاسماندا ، پۇتۇن گۇزەللىكىنى ماڭا كۆرسۇتۇپ روھلانغاندەك ، شۇنچە چىرايلىق لەپىلدەپ كەتىدۇكى ...   ھەۋىسىڭىز كىلىدۇ . لەپىلدەۋاتقان بايرىقىمنى پەقەت مىنىڭ بۇ سەھرادىكى قورارىمدىلا ئەمەس ،بەلكى   سويۈملۈك يەرلەردىمۇ ، مانا مۇشۇنداق لەپىلدەپلا تۇرسىكەن ،دىگەنلەرنى ھەر ۋاقىت ئويلاپمۇ  قالىمەن.
      كەپتەر كاتىگىنىڭ  ئىشىكى ئىچىلىدۇ. قاس - قاس- قاس قانات قاققان كەپتەرلىرىم ، خۇددى  ئۇزۇن زامانلار بۇرۇختۇرۇم ھاياتتىن ، ئازاتلىققا چىققاندەك،  ئالدىراش- تىنەش ، كۆككە كۆتۇرىلىدۇ. ئەلۋەتتە ، ئۇيقۇسىنىڭ مەرىدىن كىچەلمىگەن ئاز قىسمى :
      ئازراق ئۇخلىۋالايچۇ !! دەپ دوستلىرىنى كۆرمەسكە سىلىپ ، ئۇيقۇسىنىڭ پەيزىنى سۇرۇدۇ.
قانات قىقىپ چىققانلىرى ، ئىگىسىگە ئوخشاشلا  ، بايرىقىغا سالام بەرگىنىمۇ قانداق؟ بىر مەھەل بايراقنى چۆرۇدەپ ئۇچۇپ ،
    " خوش .  بايرىقىم، ھەلى كۆرۇشەيلى " دىگەندەك قىلىدۇدە كۆككە سىڭىدۇ...بىر بايراققا ، بىر لەرزان ئۇچۇۋاتقان كەپتەرلىرىمگە قاراپ، بەزىدە بىشىمدىكى شەپكەمنىڭ چۇشۇپ كەتكىنىنىمۇ ئۇقماي قالىمەن. شىرىن خىياللار ئاچچىق ئەسلىمىلەر ، پارلاق كەلگۇسى ھەققىدىكى خىياللار  ....
     قانغىچە ئۇچۇۋالغان كەپتەرلىرىم قايتىپ چۇشۇپ ، ئادەتكە ئايلانغان تۇرمۇش رىتىمى بويىچە ، يىڭى بىر كۇنلۇك ھاياتىنى باشلىۋىتىدۇ.
     ئولتۇرسام ،ئانچە - مۇنچە غىچىرلاپ قويىدىغان كىچىك ئورۇندۇغۇمدا ئولتۇرۇپ، ئاشقان قەھۋەنى ئىچكەچ ، مەنمۇ ئىختىيارسىز ،  ئۇلارنىڭ دۇنياسىغا كىرىپلا كەتىمەن. بايا ئۇيقۇسىنى تازا دىگەندەك ئاچالمىغانلىرىمۇ ئويغۇنۇپتۇ. "ياتاق"لىرىدىن چۇشۇپ ، تۇنۇگۇنكى دانلارنىڭ قالدۇغىنى ، " يۇزلىرى"نى يۇمايلا يىيىش بىلەن ئالدىراش.
ھاياتتا ھەر خىل مىجەزلىك ئادەملەر بولغىنىدەك، كەپتەرلەر دۇنياسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. ئەتتىگەندىلا ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا " چارىباغ" قا كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ پائالىيىتىدىن باشلاي.
      ئوز " سۆيگۇسى" ئالدىدا ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە تىخىمۇ ئىرىشىش ۋە مەڭگۇ ئايرىلالماس قىلىپ قويۇش مەخسىتىدە، ئۆزى ئەڭ ئىشەنچ قىلىدىغان ، ھەركەت، پوزىلىرى بىلەن "جانانى" ئەتراپىدا پەرۋانە بولىدىغانلىرى قالتىس.ئۇلار ھەممىنى ئۇنتىغان، ئۇنىڭ يۇرەك كۆزىدە ئەشۇ گۇزەل " جانانى" لا ھوكۇمران. چىرايلىق تۇمشۇقلىرى بىلەن "جانانى" نىڭ چاچ ، يۇزلىرىنى مۇھەببەتلىك سىلاشلىرىنى ، ئۇنىڭدىن مۇڭلىنىپ كۆزلىرى يىرىم يۇمۇلغان " قىزلار" نىڭ ، ئۇ مۇھەببەت ئاسمىنىدا راھەتلىنىۋاتقانلىقلىرىنى كۆرسىڭىز ئىچىڭىز ئادايدۇ  .  ھەم مەسلىگىڭىز كىلىدۇ. ئۇلار تولىمۇ ئىناق ، تولىمۇ بەختلىك بىر جۇپلەر. ئۇلار ھەر كۇنى نەچچە نەچچە قىتىملاپ ، بىر - بىرىنىڭ قۇلاقلىرىغا :
      بىز مەڭگۇ مۇشۇنداق ئۆتىمىز جۇمۇ ؟!! ھەرگىز ئايرىلمايمىز . دەپ پىچىرلىشىۋاتقاندەك ...
     ئەلۋەتتە ، بۇلارلا ئەمەس ، كۆيۇك ئوتىدا پۇچۇلىنىپ ، يۇرەك سۆزلىرىنى كاتەك ئىچىدىكى بارلىق " سەتەڭ" لەرگە ئىزھار قىلىپ ، ئىشىق ئوتىدا تخخىمۇ  جىددىي ئۆتىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس. ئۇلار تىخى باشقىلارنىڭ جۇپتىگە "چاخچاق" قىلىپ ئاندا- ساندا بۇرۇنلىرىغا  يەپمۇ  تۇرىدۇ. ئىنسان تۇرمۇشى بىلەن ماس قەدەمدە ، ئۆزى بىلەن قانداقتۇ تولىمۇ يىراق سورت ، " مىللەت" لەر بىلەن جۇپلىشىپ ، "پەرزەنتلىك " بولۇپ ئوتىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.
     ھاۋانىڭ ئوچۇق كۇنلىرى ، خۇددى دىڭىز بويىدا يىرىم يالىڭاچ ، ئاپتاپقا ئۆزىنى سالىدىغانلارغا ئوخشاش  ، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۇرۇشلىرىنى دىمەمسىز . .. يىڭىدىن ئالماشتۇرۇپ قويۇلغان سۇ كۆلچەكلىرىگە ، ناھايىتى ئەدەپلىك ، ئۆچۇرەت بىلەن چۇشۇشلىرى، بايىقى ئاسمان ئورۇلسىمۇ " ئايرىلمايمىز " دەپ ۋەدىلەر بىرىشكەن جۇپلەرنىڭ ، بىللە سۇدىن ھوزۇرلىنىشلىرى ... ئاللا بۇ جانىۋارلارغا ئۆزىنى پاكىز تۇتۇش ئالاھىدىلىكىنى ئاتا قىلغانىكەن . شۇڭا ئۇلار سوغاقنى سوغاق دىمەي ، يۇيۇنۇشنى ئادەت قىلغانىكەن . ئىشىنىڭكى ، ئۇلار يۇيۇنىدىغان سۇيىنىڭ پاكىزە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ . سۇ ئالماشتۇرۇلغان كۇنى ، ئۇلار ھەممىسى دىگۇدەك ، پاكىزە سۇدا يۇيۇپ - تارىنىۋىلىشنى ئۇنتىمايدۇ . ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن ياققان سىم - سىم يامغۇردا قاناتلىرىنى كىرىپ ، يامغۇر سۇيىنىڭ قولتۇقغىچە تەگىشىنى كۇتۇشۇپ ، يىرىم يامپاشلاپ يىتىپ ، بىر قانىتىنى كۆتۇرۇپ ، قاتار - قاتار تىزىلىشىپ ئىەتىشىپ كىتىدۇ . مەسلىگىڭىز كىلىدۇ .
     مۇھەببەتتە غەلبىلىك جۇپ تاپقانلىرى ، كۇننىڭ ئىللىشى بىلەن تولىمۇ ئالدىراش. ئۇلار كەلگۇسى پەرزەنتلىرىنىڭ ساغلام دۇنياغا كىلىشى ئۇچۇن ، ياخشىراق تۇرالغۇ سىلىش بىلەن ئالدىراش. نە نە لەردىن تىپىپ كەلگەن " ماتىرىيال" بىلەن ئوزلىرى   بىكىتكەن " مەھەللىگە " ئۆي سىلىشنى باشلىۋىتىدۇ . بۇ كۆرۇنۇشنى كۆرسە ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەيران قىلىشى تۇرغانلا گەپ. ئەركەك " ماتىرىيال" ئىلىپ كىلىشكە ، " رەنا" ئۇنى ئەپلىك قىلىپ تىزىشقا مەسئۇل. بۇلار ئەتىگەندىن تاكى گۇگۇم چۇشكىچە ، توختىماي ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ . بوپتۇ ، بۇلار ئۆيىنى سىلىپ تۇرسۇن ، بىز باشقا " ھەقەمسايى" لارنىڭ ھەركەتلىرىگە نەزەر سەپ باقايلى.
     ئۇرە ... سالە ... مەن ، مەن. نىمە دەيسە؟!! ئۇرۇش - جەدەل . بۇ ماڭا تونۇش بولغان ، ھەر يىلى بولىدىغان " قانلىق سايلام" . ھايات - ماماتلىق ھوقۇق ، مەنسەپ ، ماكان كۇرىشى...
بۇلارنىڭ سايلىمى بىزنىڭكىدىن خىلىلا قىسقا ، ھەر يىلى باھار مەزگىلىدە ئىلىپ بىرىلىدۇ،لەكىن مەزمۇن جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشۇشۇپمۇ كىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇمۇت - ئارزۇسى ، پەقەت شۇ كاتەك ئىچىدىكى ئەڭ ئەگىز ، ئەڭ ئەپلىك ئورۇننى تالىشىش كۇرىشى. ئۇلار بۇنىڭ ئۇچۇن بارلىقىنى ئاتايدۇ. ھەتتا ، قاناتلىرى سۇنۇپ كەتكىچە،  تىز پۇكمەي ئىلىشىدۇ. ئۇلارمۇ بىز ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا  ، ئۇيغۇر ئۇيغۇردىن قورقمىغاندەك ، جانغا - جان، قانغا - قان...
     بىر نەچچە كۇن داۋاملاشقان كەسكىن كۇرەش،  بىرسىنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ - دە . قايتا تەگەشمەيدۇ ." جەمىيەت  ۋەزىيىتى " تىنىچلىنىدۇ . ھەممە ئۆز تۇرمۇشى بىلەن ھەلەك ... بايىقى ئاشىق- مەشۇقلار ، ئۆزلىرىنىڭ شىرىن تۇرمۇشىنىڭ پەيزىنى سۇرۇش بىلەن مۇڭ - مۇڭ ....  ھايات نىمە دىگەن لەززەتلىك ھە !!! لىكىن " قىز" دىن تەلىيى قاچقانلار ، يەنىلا شۇ يولدا ، ئۆزىنىڭ مۇڭ - زارىنى ئىپادىلەپ ، " تۇگىمەس ناخشىى "سىنى كوچىلار ئارا ئەيتىپ ئاۋارە...
بايىقى ئۇيقۇسىنى ئاران ئاچقان ، ھورۇنراقلىرى يەنىلا ئۇ يەر ، بۇ يەرنى ئارىلاپ دان ئىزلەپلا يۇرگىنى يۇرگەن... بۇلار ئۇچۇن ھايات - قوساق بىقىش. ئۇخلاش ... خالاس .
    تولۇق 21 كۇن نۆۋەتلىشىپ بىسىلغان تۇخۇملاردىن ، شۇ قايناق ھاياتقا تەلمۇرگەن ، ياق !!! ئۆز تەغدىرى بىلەن كۆز ئاچقان باچكىلار ( بوۋاق)  كەينى - كەينىدىن دۇنياغا كىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شىرىن تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۇرۇپ ، كۆزلىرى خۇمالىشىپ كەتكەن ئاتا- ئانىلارنىڭ ئالدىراش ھاياتى باشلىنىپ كىتىدۇ. " بالا " بىقىش، " ئۆي" نىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى تۇزەشتۇرۇش ... ئىش قىلىپ ئىنسانىيەتتىكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىكى ھەممە ئىشلار بۇلاردىمۇ ئوخشاش . قىزىقارلىغى شۇكى ، ئەشۇ ئالدىراش ھاياتتا،  ئۆي خىزمىتى بىلەن ئالدىراش كىتىپ بىرىپ ، باشقا " قىز" لارغا چاخچاق قىلىپ قويۇشنىمۇ ئۇنتىمايدىغانلار ... . ھاھاھا قىزىق . ھاياتلىقلا بولىدىكەن " خوشنامنىڭ  قوش كورۇنەر، ؟؟؟؟لىرى بەش " دىگەندەك ، ئەركەكلەر يەنىلا " قىزچاق" لارغا قاراپ ، كۆزىنىڭ پىتىنى ئۆلتۇرىدىغان ئىش ، ھەممىگە ئورتاق...
ئانىنىڭ ئاغىزىدىن يىيىش ، باچكىلار ( بوۋاق) لار ئۇچۇن تولىمۇ لەززەتلىك بىر ئىش. ئۇلار ئۇچۇم  بولغىچە، ھەتتا ئۆزلىرى بىمالال دان يىگۇدەك بولغۇچە ، ئانىسىنىڭ ئاغزىدىن يىيىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مىھرىبان ئانا ، يەنىلا بالىسى ئۇچۇن ، ئاللابۇرۇن يۇتۇپ ، ئوزىنىڭ قىلغان يىمەكلىكلەرنى قايتا چىقىرىپ ، قوش- كىزەك باللىرىغا تەڭ مىقداردا بىرىشكە ئادەتلەنگەن. بۇ روھنى ئاللا ، ئانىلارغا ئورتاق ئاتا قىلغان بولسا كەرەك. شۇڭا ئانا ، ھەممىدىن مىھرىبان ، ھەممىدىن ئۇلۇغ ...

      بۇلاردا پىلانلىق تۇغۇش ، چەكلىمىسىنىڭ بارلىقىنى ھازىرچە سەزمىدىم. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، ئەگەر شارائىتى ھەممە تەرەپتىن يار بەرسە ، بىر جۇپ ئاشىق - مەشۇق ، بىر يازدا 6 دىن 10 غىچە  پەرزەنت كورەمىش. ۋاھ !!! بىچارە ئانىنىڭ جىنىغا ۋاي....لىكىن ، بالىلار ئۆز رىزقى بىلەن دۇنياغا كىلىدۇ. ئۇ يەنىلا ھەر خىل بوران - چاپقۇنلار ئىچىدە تاۋلىنىپ، يىتىشىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۇچۇن  ، يەنىلا شۇ ئائىلىنىڭ، ئائىلە تەربىيىسى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىغى مۇھىم.
      خوش ... بايىقى يىل بويى " قىزلار" غا بولۇشىچە تەلەپ قويۇپ ، " دەشنام " يەپ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ كۆزىگە " سەت " كۆرۇنۇپ ، ئەتىدىن - كەچكىچە ، مۇھەببەت بىغىنى ، قۇرۇق قول ئايلىنىپ يۇرگەنلەرگە ، يەنە بىر تۇركۇم ياشلار پەيدا بولدى. ، تەخى ئۇمۇتنىڭ بار يوقلۇغى ئىنىق بولمىسىمۇ ئىش قىلىپ ، قانداقلا بولمىسۇن يىڭى ھايات باشلاندى. كۇننىڭ ئىسسىشى بىلەن تەڭلا ، ئۆي تۇرالغۇسى تىخى مۇقىم بولماي تۇرۇپلا، بىرىنچى مۇھەببەتنىڭ مىۋىسى بولغان " قىز" ، يىگىت" لەر خىلىلاا كۆزگە كۆرۇنۇپمۇ قالدى. كۆرۇنۇشتە خىلىلا  بەستلىك كۆرۇنسىمۇ ، بۇلۇڭ - پۇشقاقلاردا ئانىسىنىڭ ئاغزىدىن يىيىشتىن ، تىخىچە مىھرىنى ئۇزەلمەيۋاتقان بالىلار ، ئۇياقتىن بۇياققا " تايتاڭشىپ " ئۇچۇشۇپ يۇرۇپ، كاتەك كەيپىياتىنى ئاۋاتلاشتۇرىۋەتكەن... قانات- قۇيرۇقلىرى تىخى تولۇق يىتىلىپ بولالمىغانلىرى بولسا تىخى " بوشۇك" نىڭ پەيزىنى سۇرىۋاتقان ، باشقىلاردەك ئۇچۇپ بىقىشقا تەلمۇرۇپ ، بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ " ۋاقىراش" لىرى... ئامراقلىقىڭىزنى كەلتۈرىدۇ.
     " بۇرۇت" لىرىنى مايلاپ ، ئۆزىنى تەڭداشسىز چاغلاپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ ، " بالىلار" توپىدىن بىرەرنىڭ پەيىگە چۇشۇپ باقمايمۇ؟ دەپ " ئوۋچى" ، تەييارلىقتا...
     ھايات مانا مۇشۇنداق ، ئاچچىق - تاتلىق ، چۇچۇمەل - قىرتاق ، شىرىن ۋە ئازاپلىق مەزمۇنلىرى بىلەن ئىنسانلارنى ھەمدە ھايۋانات- قۇشلارنى ئالغا ئىنتىلدۇرىدىكەن. ھەممە ياخشىراق تۇرمۇش لەززىتىدىن ، بەھرىمان بولۇش ئىستىكى بىلەن تىرىشىدىغان گەپكەن. چەتئەل ھاياتىدىكى تىنىمسىز مىدىرلاپ ، جاپالىق تۇرمۇش كوچىلىرىدا گاھى يىقىلىپ ، گاھى ئاسماندا ئۇچۇپ يۇرۇشلىرىمىزمۇ تەغدىرنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان تاپشۇرۇقلىرى بولسا كەرەك. ئەلۋەتتە، بۇنى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئورۇنلاۋاتقانلارمۇ كوپ. لىكىن ، قانداق قىلسام بولار ؟ دىگەن سوئال بىلەن يول تاپالماي گاڭگىراپ يۇرگەنلەرمۇ كۆپ. ئىشىم پۇتتى ، نىمە قىلساڭ قىلمامسە !! مىنىڭ نىمە ئىشىم. دەپ ، يازلىرى دىڭىز بويىدا ئاپتاپقا قاخلىنىپ،  ھاياتنىڭ مىغىزىنى چىقىۋاتقانلار ،راھەت ئۆيلىرىدە ، قولىنى ئارقىغا قىلىپ ، تەمكىن ئۇ ياق- بۇياققا مىڭىپ تىنچ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۇرۇپ ، ئۆز ھاياتىغا مەمنۇن ھالدا ، كۆزلىرىنى خۇمالاشتۇرۇپ  ، " چەتئەل مەدەنىيىتى " نى ۋايىغا يەتكۇزۇپ قوبۇل ئەتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مىللەت، ۋەتەن،  ئۇ باش قاتۇرىدىغان ئىشلار كاتىگوريىسىدىن ئاللابۇرۇن چىقىپ كەتكەن. ھەتتا ، ئوز ئانا تىلىنى راۋان سوزلىيەمەسلىكتىن پەخىرلىنىدۇ . ئاتا - ئانىسى نۇرغۇن ئارزۇ- ئۇمۇتلەر بىلەن ، خولۇم - خوشنىلىرىنى چاقىرىپ ئەزان ئەيتىپ قويغان ، مۇبارەك ئىسىملىرىدىن نومۇس قىلىشلىرىچۇ تەخى. ...
توۋۋا!!! توۋۋا دەپ ياقاڭنى  ، ئوڭدا يىتىپ ؟؟؟؟ نى تۇت.
      چەتئەل ھاياتىدىكى ھەر خىل ئۆزگۇرۇشلەر ، ھەر خىل مىجەزلىك ئادەملەر، ھەر خىل مىجەزلىك ئاغىنىلەر ... ھايات نىمىدىگەن مۇرەككەپ ، نىمىدىگەن تۇگىمىگەن زىدىيەتلەر...نىمىدىگەن مەن مەنچىلىك، نىمىدىگەن بىرلىككە كەلەلمىگەنلىك ، نىمە دىگەن ككپ ، تۇگىمەيدىغان تالاش- تارتىشلار ... ئىچىم سىقىلىدۇ ...
      چىچىلما دوستۇم يەنە كەپتەرلەر دۇنياسىدا ئازراق گەپلىشەيلى . شۇنداق قىلىپ پەرزەنتلىك بولغانلىرى قايناق ھاياتتا ئالدىراش ، ھەر خىل سەۋەپلەر  بىلەن جۇپتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ تۇرمۇش رىتىمى تىخىمۇ تىزلىشىپ كەتكەن. بالا بولسا ئۇۋىسىدا ئاغىزىنى ئىچىپلا ياتقان، تاشلىۋەتكىلى بولمىغان. بىچارە " تۇل" قالغان ئانىنىڭ ،قوش - كەزەك باللىرىنى " قاتارغا" قوشۇش ئۇچۇن ، چۇۋۇلغان چاچلىرىنى ئوڭشاشقىمۇ ۋاختى يوق . ئالدىراش . ئالدىراش ئالدىراش. ...
     جاھان رەپتارىغا كىرىۋالغان ھىلىقى ، ئۇيقۇسىنى دەرھال ئاچالمايدىغانلىرىنىڭ ئىشى بەش. دان چىچىلسا ، ئارلاشتۇرۇلىۋەتىلگەن  5-6 تۇرلۇك داننىڭ ئىچىدىن ، كەپتەر ئۇچۇن ئەڭ ئالى يىمەكلىك بولۇپ ھىساپلىنىدىغان ، زاراڭزىنىلا تاللاپ يەيدۇ. زاراڭزىنىڭ ماي تەركىۋى يۇقۇرى بولغاچ ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى بولسا كىرەك. بۇلارنىڭ تەققى - تۇرقى ، يىگەن ئىچكەندەك ، پەيلىرى پاقىراپ تۇرىدۇ. بىر قارىماققا ، سىزنى ، ئۇلار يۇقۇرى قاتلام " ئاق سوڭەك" لەر ئەۋلادىمىكىن دىگەن چۇشەنچىگە كەلتۇرۇپ قويىدۇ. " كۆل" گە چۇشكىلى ماڭغان چاغدىكى ،  ئۇنىڭ مىڭىشلىرى ، خۇددى تاغنى تالقان قىلىۋەتكەن پالۋاننىڭ ئۆزى. ئۇ بەكلا مەغرۇر ، ئەدەپ بىلەن ئۆچۇرەت بويىچە كۆلگە چۇشۇش قائىدىسىغىمۇ رىئايە قىلماي ، كۆل ئىچىدە يۇيۇنۇپ - تارىنىۋاتقان خىنىم - قىزلارنى،  سۇرۇم - توقاي قىلىپ ، ئوزى بىر كۆلچەكتىن ھوزۇرلىنىدۇ. زامان زورنىڭ ، تاماشا كورنىڭ... ئۇنىڭدا بىرەرسىدىن تەپ تارتىش ، قورقۇشتىن ئەسەر يوق. ئۇنىڭغا چىقىلمىسىڭىزلا  بولدى . قارايسەنغۇ ؟ دەپ جەدەل چىقىرىدىغىنىدىنمۇ ئەمەس. داننى تويغىچە يەپ ، سۇدىن قانغىچە ھوزۇرلىنىپ ، ئاپتاپ ئەڭ ياخشى چۇشىدىغان يەرنى تاللاپ ، قاناتلىرىنى كۇچىنىڭ بارىچە كىرىپ ، ئاپتاپنىڭ پەيزىنى سۇرۇدۇ. يىنىغا بارسىڭىز ، شۇ ياتقان يىرىدىن ، قوزغۇلۇشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلىدۇ. گۇگۇم چۇشە - چۇشمەي ئاران ئۇچۇپ ، ئۇگىسىنى تاپىدۇ دە ، بىر كۇنلۇك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
     بەزى كۇنلىرى كاتەكنىڭ يورۇق چىراقلىرىنى ياندۇرۇپ ، كەچىلىك پائالىيەتلىرىنى كۇزەتكۇم كەپمۇ قالىدۇ. چىراق يىنىشى بىلەنلا ، ياشلىرى ، مۇھەببەت ئىشقىدا كاۋاپ بولۇپ ، بىر كۇن كۇندۇزلۇك ۋاقىتنى يەتكۇزەلمىگەنلىرى ، ئورنىلىرىدىن چاچراپ تۇرۇپ ، مۇھەببەت ناخشىسىنى قايتا ئىيتىشقا باشلايدۇ. ھىلىقى پۇتۇن مەھەلىدىكىلەرگە تەلەپ قويۇپ، نەتىجىسىز كەچ قىلىۋەتكەنلەر بولسا ، كۇندۇزدىكىدىنمۇ بەتتەر ۋەھشى. ئەس - ھوشۇنى يوقاتقان ھالدا ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش... بايىقى قوسىغى چىڭدالغان ، سۇدىن ھوزۇر ئالغان " پالۋان" ھا ھاھا ... كۆزىنى ئىچىشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلىپ ، كۆزى يۇمۇق ھالدا : " ھەي گۇيلار !! ئۇخلاشمامسە  !!؟ دىگەندەك قىلىپ بىر خىل ئۇيقۇدا ... " سايلام" دا غەلبە قازانغىنى بولسا ، كىچىدىلا بىر " سىياسى ئوزگۇرۇش" بولمىسۇن جۇما !! دىگەندەك ئەنسىرەشلەر ئىچىدە ، مۇسكۇللىرىنى ، باشقىلار ئۇنىڭغا قارىمىسىمۇ ، چىڭقىلىپ چىقىرىپ ، پوپوزا قىلىش بىلەن ئاۋارە... ئوماق بوۋاقلار بولسا ، قوسۇغىنىڭ ئازراق كەم قالغان يەرلىرىنى ، ئاپام كىلىپ تولۇقلاپ قويارمۇ ؟ دىگەن ئۇمۇتتە ئەتراپقا قاراپ " چوڭ " لارنى ئىزدىمەكتە... بىر كۇن ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ، ھالىدىن كەتكەن ئانىلار ،
     ۋاييەي !! بىر دەمدىلا تاڭ ئىتىپ كەتتىمۇ ؟ ھۇي !!! دىگەندەك ئۇيقۇلۇق ، ھارغىن كۆزلىرىنى يىرىم ئەچىپ ، "ئاپاڭلار ھىرىپ كەتتى ، باللىرىم " دەپ تۆۋەن ئاۋازدا پىچىرلاۋاتقاندەك... ئىش قىلىپ بەزىلىرىنىڭ قىلىقلىرىنى كۆرسىڭىز زوقۇڭىز كەلسە ، چارچىغان ئانىلارنىڭ ھارغىن ھالىتىنى كۆرسىڭىز  ، " كەچۇرۇڭ ، ئۇيقۇڭىزنى بۇزۇپ قويدۇم" دىگۇڭىز كىلىدۇ دە ، چىراقنى ئۆچۇرۇشكە مەجبۇرى بولىسىز .
كاتەكتىن قايتىپ چىقىپ مەنمۇ تۇگىمەس خىياللارغا پاتىمەن .
       1988- يىلى كۇز. قاچانمۇ پۇتەر بۇ مەكتەپ ، گۆدەك بالىلاردەك بىزار بولغان  ئالى مەكتەپ ئوقۇشىمۇ تاماملاندى. ئەمدى خىزمەتكە چىقىپ مۇئاش ئالىدىغان بولدۇم . بۇ خوشاللىققا ھىچنىمە تەڭ كەلمەيدۇ. لىكىن ، شۇ مەكتىۋىمدىن ئايرىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى  كۇن ھازىرغىچە ئىسىمدىن چىقمايدۇ. ساۋاقداشلار تەخسىم قىلىنغان ئورۇنلىرىغا ۋە يۇرتلىرىغا بىر - بىردىن ، يۇك-تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ مىڭىشقا باشلىدى. ياتاققا كىرسەم ، راستىنلا يالغۇزلا قاپتىمەن. 5 يىل ياتقان ، بۇ ئاۋات ياتىغىمىزدا نىمە ئىشلار بولمىغان دەيسىز !!! تولىمۇ ئىللىق ياتاق ، باشقىچە تۇس ئاپتۇ. ئىگىلىرىدىن ئايرىلغان كارۋاتلار ، ساۋاقداشلارنىڭ " بولدى ئالمايمەن " دەپ قالدۇرۇپ قويغان ، نەرسە - كىرەكلىرى بىلەن ياتاق ئەخلەتخانىغا ئايلانغان . ياتاق خۇددى قۇيۇنتاز ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك ، رەتسىز ھەم سوغاق. راستتىنلا مەكتەپ پۇتتۇرۇپتىمىز . ساۋاقداشلىرىم راستىنلا مەندىن ھەم مەكتىۋىمىزدىن ئايرىلىپتۇ. ھەممىدىن ئايرىلىش يامان دەپ ، كۆزلۇرۇمگە ئازغىنە ياشنىڭمۇ كەلگىنىنى سەزمەي قالدىم. ئىرەڭسىز ھالدا مەنمۇ ئورۇن - كۆرپۇلۇرۇمنى مەجبۇرى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدىم. قاچان مەكتەپ پۇتتۇرەرمىز دىگەن ئارزۇ - ئۇمۇتلىرىم خاتا بەسىلغان قەدەم ئخشايدۇ . ئايرىلىشنىڭ بۇنداق يامانلىغىنىنى بىلگەن بولسام ، " مەكتەپ پۇتمىسىكەن " دەپلا يۇرەر ئىدىم. خەير  ! بۇ ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمايدىغان رىياللىق. جەمىيەتكە باسقان تۇنجى قەدىمىم مانا مۇشۇنداق پەرىشان ھالدا باشلاندى. ئىنسان يەنىلا ھەممىگە چىدايدىكەن . شۇ ۋاقىت ، شۇ مىنۇتتا خۇددى يىڭەلمىگىدەك ئازاپلار ئىچىدە قالسىمۇ، كۇنلەرنىڭ ئوتىشى ۋە ھەر خىل مۇھىتلارنىڭ تەسىرى بىلەن يەنىلا باشقا يەرلەردىن ،  ئۆزىگە چۇشلۇق خوشاللىقلارنى تىپىپ ، ياشىيالايدىغان گەپكەن ... مانا بۇ ئىنسان ھاياتى بولسا كېرەك.
       مانا شۇ پەرىشان ھالدا باسقان  قەدەمنىڭ   ئاخىرى تىخىچە  داۋام ئەتىۋاتىدۇ. ئىنسان ھاياتىدىكى 20 يىل ، پاھ ، پاھ ، ئالامەت ئۇزۇن بىر جەريان . لەكىن ، ئوتۇپ كەتكەن ۋاقىتلارنى  ، قەھۋە  ئىچكەچ، شەپكىڭىزنى  تىزىڭىزغا  ئىلىپ قويۇپ ئەسلىسىڭىز ، خۇددى  تۇنۇگۇنكى ئىشلاردەك بىلىنىدۇ. ياق !! ! ئاخماق  بولماڭ  ، ئۇ چاغلار ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى. ئۇ چاغلارغا قايتىپ بىرىپ ، بەزى بىر ئىنسانچىلىقتا ياشچىلىقتا  شۇنىڭدەك  ئىككى رومكىنى قەھرىمانلىق  بىلەن " خوشەئەئەئە !!! دەپ گۇپپىدە قىپ  قىقىۋەتكەن ۋاقىتلاردا  ،ئۆتكۇزۇپ قويغان  سەۋەنلىكلەرنى بىشىڭىزنى  تاشقا  راۋرۇس ئۇرسىڭىزمۇ  تۇزىتەلمەيسىز . ئۇنىڭ ئەكسىچە يەنە " ئاۋۇ گۇي ، شۇ ۋاقىتتا ھەجەپ دەپ كەتكەن ھا... مەن مانداق دەپ تويغۇزۇپ قويسامچۇ ؟!!! " دەپ ، ئەمدىلەردىن ھۇجۇمغا ئۆتەي دىسىڭىزمۇ  ، كىچىكتىڭىز  . پەۋقۇللادە رەسۋا بولغان ئىشلار بولسا ، ئىسىڭىزگە كەلگەن ھامان ، ھەر ۋاقىت  يۇزۇڭىڭىز  ، " ۋىللىدە " قىزىرىدۇ ...  . " ھەييي!!! " دەپ ئۇنىمۇ ، كۆپ قىسمىنى ،  ئامال بار باشقىلارغا ئارتىپ ئۆتكۇزىۋەتىسىز ....

      بىر ئاماللار بىلەن چەتئەلگىمۇ  چىقتۇق . ئەشۇ مەكتەپ پۇتتۇرگەن چاغلاردىكى ئارزۇ - ئۇمىتلىرىمىزگىمۇ قەدىراۋال يەتتۇق . ئەينى ۋاقىتتىكى جەمىيەتتىكى  تەڭسىزلىكلەر ، خورلىنىش ، كەمسىتىلىشلەر ، ناباپ گۇيلارنىڭ قاراپ تۇرۇپلا يالغان سۆزلەپ ،ئادەمنى دەپسەندە قىلىشلىرى ، يىڭى كەلگەنلەرنىڭ تىلا خىزمەتلەرگە ئورۇنلىشىشى ، ياشلىرىمىزنىڭ يەنىلا خىزمەت تىپىشىدا ، " مىھمانلار" دىن كىيىن قىلىشلىرى ، تەبىى  موھىتنىڭ ئىغىر بۇلغىنىشى .... سۆزلەپ سۆزلەپ تۇگەتكۇسىز ناھەقچىلىكلەر .... بىزگە  چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئىلىپ ، شۇ ناھەقچىلىكلەرگە  قارشى بىرەر ئىش قىلماي بولمايدىغان يەرگە يىتىپ قالغانلىقىدىن بىشارەت بىرىپ تۇراتتى .
        ئۇ ۋاقىتتا  قويۇلىدىغان چەتئەل  كىنولىرىدىن ، چەتئەل  تۇرمۇشىغا بولغان ھەۋىسىمىز ، كۇندىن - كۇنگە ئىشىپلا باراتتى. كىنولاردىكى چەتئەل تۇرمۇشىنىڭ ئەركىن ، ئازادە ، چىرايلىق مەنزىرىلىك ، ھەشەمەتلىك شەھەر قۇرۇلۇشلىرى  ، ئۆزلىرىنىڭ شەخسى ماشىنىلىرىدا غۇيۇلداپ مەڭىشلىرى، بەزى بىر كىنولاردىكى ، بىر ئوبدانلا ماشىنىلارنى ، ئەخلەت دەپ،  پىرىسلاپ مىجىۋىتىشلىرى....  ۋوي ، ۋوي !!! ؟؟ بىر ئوبدانلا ماشىنىغۇ ھوي!!! ھەي ماڭا بەرسىچۇ ؟؟!!!!
   دىمەك ، شۇ ۋاقىتلاردىكى چەتئەلگە بولغان ئىنتىلىشنى مانا مۇشۇلارلا كەلتۇرۇپ چىقارغاندىمۇ ؟ 90- يىللاردا باشلانغان ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئاماللار بىلەن ، ھەتتا ئىسسىق جانلىرىنى قوللىرىغا ئىلىپ ، قۇچاقتىكى  يىشىغا توشمىغان بوۋاقلارنىڭ" ئىڭڭە، ... ئىڭڭە " دەپ ئىڭراشلىرىنى ئاڭلىغان ئانىنىڭ ، يۇرەكلىرى لەختە - لەختە بولغان ھالدا ، " بالام ، كەچۇرگىن ، يىغلىما جىنىم بالام ، بىز سىنى ئەركىن ، ئازادە ، سەن چوڭ بولغاندا ، ئويلىغىنىڭنى قورقماي  سۆزلىيەلەيدىغان " جەننەت"كە  ئاپىرىمىز بالام "دەپ  چەتكە يۇزلىنىشى ... كىچىگىدىن بىللە ئۆسۇپ ، يىتىلىپ ، مۇھەببەت بىغىغا ئەمدىلا قەدەم باسقان  ياشلارنىڭ ، بىر - بىرىدىن ئايرىلىشقا  كۆزى قىيماي  ، " بوپتۇ ئەمسە ، خۇداغا ئامانەت ، شۇ ئەركىن دۇنيادا سىنى كۇتىمەن " دەپ جانانلىرىدىن تەستە ئايرىلىشلىرى... قايسى  ئانىنىڭ ،  ئۆز  يۇرەك -پارىسى  بولغان ئوغۇل - قىزلىرىدىن
     "ۋاي !  بوپتۇلا ۋەيەي !!!" دەپلا ئايرىلغىسى كىلىدۇ..دەيسىز ... ئويلاپ كۆرۇڭ  ، ئۇ ئانىنىڭ يۇرىكىنىڭ بىر پارچىسى ، تەۋەككۇل قولۋىقىغا بارلىق ئارزۇ - ئۇمىتلىرىنى نىقتاپ بىسىپ ، سەپەرگە تەييارلىق  قىلىۋاتىدۇ ....مىھرىبان ئانا  ، شۇ ئازاپلىق  ئايرىلىشقىمۇ چىدىماقچى ... يۇرەك پارىسى بىلەن ، قان - زار يىغلاپ خوشلاشماقچى   ... ياق  !!! ئانا يەنىلا قەيسەر ، ئانا كوز ياشلىرىنى ، يۇرەك پارىسىگە كۆرسۇتۇشنى خالىمىدى  . ئانا غەيرەتكە كەلدى . ئانا ھەر قانداق  ئازاپقا  بەرداشلىق بىرىشكە ، قەسەم  بىرىۋاتقاندەك ...
    " خوش ،  يۇرەك - پارەم ، كەلگۇسى يولۇڭغا ئۇتۇقلار  تىلەيمەن ... ۋىجدانىڭ بىلەن ياشا... " ئانا قەلبىدىكى  بارلىق سۆزلىرىنى ، مانا مۇشۇ ، " ۋىجدانىڭ بىلەن ياشا" غا يىغدى.

       خوش  . مانا مۇشۇنداق  " دۇنيادا ھەممىدىن ، ئايرىلىش يامان " نىڭ تەمىنى ، چەتئەلدىكى  ھەممىمىز تىتىپ كۆردۇق . ئانا ، بىزنى قانداق  ئارزۇ - ئۇمىتلەر بىلەن يولغا سالغاندۇ ؟!! " ۋىجدانىڭ بىلەن ياشا " دەپ ھەجەپ تەكرارلاپ كەتتىيا ... ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن  ، بۇ سوئالغا ھازىرچە مىنىڭ تازا جاۋاپ بەرگۇم  يوق. لىكىن يازمامنىڭ ئاخىرىدا  ، جاۋاپ ئۆزلىگىدىن چىقىپمۇ  قالار . ياكى ، جاۋاپنى ئوقۇرمەنلەردىن  تەلەپ قىلىپ قىلىشىممۇ ئېھتىمالغا ئىنتايىن يىقىن   . قىنى ؟    ئاخىرىدا باشقا كەلگەندە بىراقلا كۆرمەيمىزمۇ ....

(داۋامى بار)

  

0

تېما

0

دوست

277

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   92.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25331
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 16:07:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا ئىنتىزار بىز ئاللاھ قەلەمىڭىزنى تېخىمۇ قۇۋەتلىك قىلسۇن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1274

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8197
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 363
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 18:53:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقلايمىز!! . رەخمەت سىزگە قەيسەر ئاكا بىزگە قەلىمى ئۆتكۈر  بۇ ئاكىمىزنى تونۇشتۇر غانلىقىڭىزغا .  

0

تېما

0

دوست

1932

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   93.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22971
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 604
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 20:13:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەيسەر مىجىت ،سىزگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن! ئەجرىڭىزگە

تەشەككۇر  !


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نۇري تېيىپ ئاكا، تاتلىق يازمىلىرىڭىزغا تەشنامىز!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1885
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 21:44:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەس-يادىمىز ئۇشبۇ يازمىڭىزدا قالدى.

4

تېما

3

دوست

6804

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   36.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2633
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1225
تۆھپە : 1277
توردىكى ۋاقتى: 1050
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 03:10:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xatmen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-5 03:36  

ئاپلا توك ئۆچكەندەكلا توختاپ قالدىغۇ مەن كۆرۈۋاتقان كىنونىڭ ئاخىرى .
ماۋۇ كەچۈرمىشنى ئوقۇپ كەپتەر گەبولغان قىزغىنلىقىم 80 گىرادوسقا چىقتى جۇما .تېما ئىگىسىنىڭ پارىڭىنىڭ داۋامىنى قاچانراق ئاڭلايمىز ؟  بۇئاكىمىزنى باغداش مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلغىنىڭىز ناھايتى ياخشى بوپتۇ .مۇشۇنداق راس بولغان ئىشلارنى ياستۇقنى ئىگىز قويۇپ يانپاشلاپ يېتىپ تىلىفۇندا كۆرسەم ئالامەت  خوش ياقىدۇ .ي

2

تېما

0

دوست

1863

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   86.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25440
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 566
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 05:44:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرىكامنىڭ كەپتەرلىرى سەرخىل بولسا كىرەك

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2766
توردىكى ۋاقتى: 647
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 11:27:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەپتەرنىڭ ئىگىسى قىرىق تۆت بەش ياشلاردا بولسا كېرەك ...ھەۋەس قىلدىم ئىختىيارسىز ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )