- تىزىملاتقان
- 2014-1-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1334
- نادىر
- 0
- يازما
- 149
ئۆسۈش
33.4%
|
ئىككى ھېكايە
ئالتۇن بىلەن تۆمۈرنىڭ سۆھبىتى
بىركۈنى ئالتۇن بىلەن تۆمۈر پاراڭلىشىپ قاپتۇ .ئالتۇ تۆمۈرگە :
-مەن سېنىڭ بىر ئىشىڭغا ھەيرانمەن .-دەپتۇ .تۆمۈر:
-قايسى ئىشىمغا ؟_دەپ سوراپتۇ .ئالتۇن:
-ئىنسانلار سېنى باتۇرلۇقنىڭ سىموۋۇلى قىلىشىدۇ . لېكىن سەن سوقۇلغان چاغدا تاڭ -تاڭ ئاۋاز چىقىرىپ ،ئاغرىققا چىدىمايۋاتقىنىڭنى بىلدۈرۈپ تۇرىدىكەنسەن . مەن ئاجىز بولساممۇ مېنى سوققاندا چىداپ ئاۋاز چىقارمايمەن . -دەپتۇ. تۆمۈر:
-ھەي ئالتۇن سەن بۇ يەردىكى سىرنى بىلمەيسەن . ساڭا دېسەم سېنى سوقسا ئالتۇن بىلەن ئەمەس باشقا نەرسە بىلەن سوقىدۇ .ئەمما مېنى سوققاندا بولسا ئۆز خىلىم بىلەن يەنى تۆمۈر بازغان بىلەن سوقىدۇ .مەن ئاغرىققا چىدىماي ئەمەس ،بەلكى ئۆز قېرىندىشىم تەرەپتىن كەلگەن ئەرزىيەتكە چىدىماي ئاۋاز چىقىرىمەن . سەن ئۆز قېرىنداشلىرى تەرەپتىن ئازار يېگەننىڭ ئازابىنى مەڭگۈ ھېس قىلالمايسەن .-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .
سەۋەبى
بىر كۈنى بىر نەچچە دەرەخ ئورمان پادىشاھىغا ئەرىز ئېيتىپ كەپتۇ . پادىشاھ ئۇلارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ چوڭى سۆز باشلاپتۇ :
-ھۆرمەتلىك بادىشاھى ئالەم بىر نەچچە كۈن بولدى بىزگە ئاراملىق يوق . ھەر كۈنى نەچچە قېرىندىشىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز . بۇنداق كېتىۋەرسە ھەممىمىز يوقۇلۇپ تۈگەيمىز .-دەپتۇ. پادىشاھ:
-نېمە ئىش بولدى؟-دەپ سوراپتۇ .
- بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئورمانلىقىمىزغا پالتا ئىسىملىك بىر مەخلۇق پەيدا بولۇپ قالدى . ئۇ ھەر كۈنى نەچچە قېرىندىشىمىزنىڭ جېنىغا زامىن بولىۋاتىدۇ .-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يەنە بىرەيلەن .
-قانداق مەخلۇقكەن؟ قۇرۇلمىسى قانداقكەن؟-يەنە سوراپتۇ پادىشاھ .
-بېشى تۆمۈردىن ياسالغان ، سېپى بولسا ياغاچتىن ياسالغان بىر مەخلۇقكەن .-دەپتۇ بىرنەچچەيلەن تەڭلا .پادىشاھ :
- ئۇنىڭ بۇنچە ھەددىدىن ئېشىشىنىڭ سەۋەبى ئەسلى بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ئۇنىڭغا ياردەم بېرىۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟ -دەپتۇ . بۇ گەپنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قاپتۇ .
بۇ مەن بىرسىدىن ئاڭلىغان ھېكايە ئىدى .ئۆزۈم ياقتۇرۇپ قالغاچقا تورداشلار بىلەن تەڭ بەھىرلەنگۈم كەپ قالدى . ئاپتورىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمەن . بۇ سەۋەپ ئاپتوردىن ئەپۇ سورايمەن . بۇرۇن بىر مۇنبەرگە رۇقىيە دېگەن ئىسىم بىلەن يوللىغان ئىدىم .ئاڭلىغان مەزمۇنغا ئاساسەن يازغاچقا بەزى يەرلىرى لوگىكىغا چۈشمىگەن بولىشى مۇمكىن . تورداشلارنىڭ تۈزتىش بېرىشىنى سورايمەن .يەنە تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا دېققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمەن . |
|